www.4tadu.com
  • يەل توغرىسىدا 

    ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسى مەسئۇل ۋىراچى ئالىمجان ئىسمايىل

     ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ‹‹يەل ›› دېگەن ئاتالغۇ دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئاددى بىر ئېغىز سۆزدەك قىلسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەشكەن.

     ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن  ئەسىرلەردىن بۇيان ئادەم بەدىنىدىكى بەزى غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىشقا ئەپلىك، مەنىسى كەڭ بولغان بۇ ئاددى ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ خەلق ئاممىسى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن بۇ ئاتالغۇنى قۇبۇل قىلىپ(مەنچە خەلق ئاممىسىغا تېۋىپلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن) نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرى

  • مەسارىدۇس

    بۇ مەجۈنگە مەسارىدۇس دەپ نام بېرىشنىڭ سەۋەبى : بۇ دورىنىڭ بارلىق ئاغرىقلارغا بولغان مەنپەئەتىنىڭ سىرتىدازەھەر قايتۇرۇش تەسىرىمۇ بولغاچقا ، تەرياق بىلەن باراۋەر. بەزى جەھەتلەردە تەرياقى پارۇقتىن مەنپەئەتى كۆپرەكتۇر. خۇسۇسەن جىنسىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن مەسارىدۇس دەپ ئاتالغان.

    تەركىبى: زەپەر، غارىقۇن، زەنجىۋىل ، دارچىن، كەتىرا ھەر بىرى ئالتە گرامدىن؛ سۇمبۇل،كۇندۇر، ئاق قىچا، ئىزخىر، ئۇدبىلسان، ئۈستىقۇددۇس، سىيسالىيۇس، كەرەپشە ئۇرۇقى، مەستىكى، قارىمۇچ، تىكە ساقىلىنىڭ سۈيى ، قۇندۇز قەھىر، سازەج ھىندى، مىئەسائىلە،جاۋشىر 24گرامدىن؛ سەلىخە، ئاقمۇچ، پىلپىل، سۆرۈنجان، پىرسىياۋشان، ئۈستىقۇددۇس(؟)، دۇقۇ، ئىكلىلمىلىك، جىنتىيانا، رەۋغىنى بىلسان، ھەببى بىلسان، پەرپىيۇن، مۇقەل 21گرامدىن؛ سۇزاپ ئالتە گرام، ئۇشەق،

  • سۇئۇلقۇنىيە كېسەللىكى توغرىسىدا

     ئەگەر جىگەر ئەھۋالى بۇزۇلۇپ، جىگەردە ئاجىزلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، ئالدى بىلەن ئىستىسقانىڭ مۇقەددىمىسى بولغان بىر ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال سۇئۇلقۇنىيە دەپ ئاتىلىدۇ.  بۇ مىزاج بۇزۇلۇشقا قارىتىلغان خاس ئىسىمدۇر. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۇمۇمىي بەدەن ۋە  چىراينىڭ رەڭگى ئاق سېرىققا ئۆزگىرىدۇ، قاپاق، يۈز ، تۆت مۈچىسىدە كۆپجۈش يۈش بولىدۇ. بەزىدە ئۇمۇمىي بەدەن خېمىردەك بوليپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەزىم بۇزۇلىدۇ، بەزىدە ئىشتىھا كۈچىيىپ كېتىدۇ. چوڭ تەرەتنىڭ توختاپ قېلىشى ۋە كېلىشى تەرتىپسىز بولىدۇ،شۇنداقلا ئۇيقۇ ئەھۋالىمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ. بەزىدە ھوشسىزلىنىدۇ. سۈيدۈك ۋە تەر ئاز ، يەل كۆپ بولىدۇ. قورساق پەردىلىرى قاتتىق كۆپىدۇ. بەزىدە ئۇرۇقدانمۇ كۆپىدۇ. ئەگەر بۇلاردا يارا يۈز بەرسە ، مىزاج بۇزۇلغانلىقتىن يارىنىڭ پۈتۈشى تەس بولىدۇ ۋە چىش مىلىكىدە ئۆرلىگەن بۇزۇق بۇخارات سەۋەبىدىن ھارارەت ۋە قىچىشىش بولىدۇ. ئۇمۇمىي بەدەن

  • رىۋايەتتە :  بارلىق گۇناھلارنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبى يۇمشاق بولىدۇ. ھارام يېمەكلىكلەرنى تەرك قىلىپ، ھالال يىمەكلىكلەرنى يېگەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ھاپ بولىدۇ. ئاللاھ بىر پەيغەمبىرىگە :‹‹نازىل قىلىنغانغا سەن بويسۇنغىن. مەن چەكلىگەنگە سەن خىلاپلىق قىلما››-دېگەن.

    بىر ھەكىم ئېيتىدۇ: غەم-قايغۇنى كۆتۈرىۋېتىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار. ئاللاھنى زىكرى قىلىش، دوستىنى يوقلاش، دانالار سۆھبىتىگە داخىل بولۇش.

    ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۈچ خىل ئقىش ئادەمنىڭ ئەستە تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرىدىن خالىي قىلىدۇ.مىسۋاك بىلەن چىش چوتكىلاش، روزا تۇتۇش، تەجۋىد بىلەن قۇرئان ئوقۇش.››

    بىر ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ئېتىقادنىڭ بەلگىسى

  • كۆزنىڭ تەشرىھى توغرىسىدا

    بىز دەيمىزكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە كۆرۈش روھىنىڭ ماددىسى كۆز تەشرىھىدە تۇنۇشتۇرۇلغان ئىچى كاۋاك ئىككى نېرۋا يولىدىن ئۆتىدۇ. ئەگەر نېرۋا ۋە ئۇ نېرۋىغا قاش سۆڭىكىگىچە قوشۇلۇپ كېلىدىغان پەردىلەر تۆۋەنلىسە ، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر تەرىپى كېڭىيىدۇ، ماددىغا توشۇپ قالىدۇ ۋە ئوتتۇرىسىدا قىروسىمان ھۆللۈك بولغان ئىنچىكە ئورۇندىكى ھۆللۈكلەرنى قورشاپ تۇرىدىغان ھالەتتە كېڭىيىدۇ، بۇ قىروسىمان ھۆللۈك مۇز ۋە مۆلدۈرگە ئوخشاش سۈزۈك ھۆللۈك بولۇپ ، شەكلى يۇمىلاقتۇر.  ئۇنىڭ كەڭلىكى ئالدى تەرىپىدىن ئۇنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئازايتىدۇ، يىغىلغان نۇرنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە كۆرۈنگەن كىچىك نەرسىلەرگە يىغىلىدىغان يېتەرلىك ئورۇننىڭ بولۇشى ئۈچۈن كەڭرى يارىتىلغان. قىروسىمان ھۆللۈككە كىرگەن ئىنچىكىلىكتىن كەڭرىلىكنى تەلەپ قىلىۋاتقان جىسىملارغا ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن بۇ ھۆللۈكنىڭ ئارقا تەرىپى ئازراق ئىنچىكە يارىتىلغان . بۇ ھۆللۈكنى قوغداشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئۇرۇن

  • تىلنىڭ تەشرىھى  توغرىسىدا

     

     ئېغىز غىزانى تۆۋەنكى بوشلۇققا يەتكۈزۈشتە زۈرۈر بولغان ، ھاۋانى يۇقىرىقى بوشلۇققا يەتكۈزۈشتە شېرىكلىشىدىغان  ۋە ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا يىغىلىۋالغان ئېشىندىلارنى تۆۋەنگە ئىتتىرىش دىشۋار ياكى قىيىن بولغاندا چىقىرىپ تاشلاشتا  پايدىلىق بولغان بىر ئەزادۇر.

     ئېغىز ئىنساندا سۆزلەش ئەزالىرىنى ، پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ھايۋانلاردا ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بوشلۇقتۇر. تىل ئېغىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇ چاينالغان يېمەكلىكلەرنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈش، ئاۋازلارنى ئۈزۈش، تاۋۇشلارنى چىقىرىش ئەزالىرىدىندۇر.  تىلدا تەم پەرقلەندۈرۈلىدۇ.تىلنىڭ ئاستى يۈزىنىڭ تېرىسى قىزىلئۆڭگەچ تېرىسىگە ۋە ئاشقازاننىڭ ئىچىگە تۇتاشتۇر. ئېغىز ئۈستۈنكى غارىنىڭ سىرتقى بۆلىكىنىڭ تېرىسى ئوقسىمان چاكنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇ ئىككى بۆلەك ئارىلىقىدىكى

  • مەجۈنى لوبوبى كەبىرئالى

    تەركىبى: رىيگ ماھى، زەپەر، ماھى رۇبيان، خىراتىن، سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى،…….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: مېڭە ،يۈرەك،بۆرەك كېسەللىكلىرى ، جىنسىي ئاجىزلىق، ئورۇقلاپ كېتىش ۋە  ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى لوبوبى سەغىرئەلا

     تەركىبى: ئاقىرقەرھا، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى، ھەببى زەلەم، ھەببى قەلقەل، ھەببە تۇلخوزرا، پىستە مېغىزى،

  • باش ۋە باش بۆلەكلىرىنى تونۇش توغرىسىدا

    جالىنۇس مۇنداق دېگەن: باشنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەد ، مېڭە، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئەزا ۋە قۇۋۋەتلەر باشسىز جانلىقلاردىمۇ مەۋجۇدتۇر. لېكىن بۇنىڭدىكى مەقسەد ، كۆزنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ، شۇنداقلا كۆزنىڭ باشقا ئورگانىزىملارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۆزىتىشى ۋە باشقا ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ، كۆزنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەرنى كۆزىتىشى ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ۋە ئەڭ ياخشى جايى ئېگىز جايدۇر. مۇتلەق ھەر قانداق كۆز باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولماي ، بەلكى كۆزلىرى بەك قوغداشقا ۋە مۇستەھكەم ساقلايدىغان ئورۇنغا ئېھتىياجلىق بولغان بىر قىسىم يۇمشاق كۆزلۈك ھايۋانلار ئۈچۈن باشنىڭ يارىتىلىش ئېھتىياجى بولغاندۇر . چۈنكى باشسىز ھايۋانلارنىڭ كۆپىنچىسىگە تېنىدىن

  • تېۋىپ – ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ 1888-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻧﺎھىيىسىنىڭ ﻳﯧﯖﯩﺌﺎﯞﺍﺕ ﻳﯧﺰﺍ ،ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﻪﻧﺘﻰ «ﻣﯩﯔ ﺑﯧﺸﻰ» ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯧﯟﯨﭗ ـ ﮬﯚﻛﯩﻤﺎ ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . 10 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ . 1898-ﻳﯩﻠﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﺎﻍ » ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1912-ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ . 1916-ﻳﯩﻠﻰﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﭖ ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ – ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺭﺍﯞﯗﻟﭙﯩﻨﺪﻯ ، ﻛﺎﺭﺍﭼﻰ ، ﺩﯦﮭﻠﻰ ، ﺑﻮﻣﺒﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖﺩﯨﻨﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥﻳﻪﺭﻛﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﻰ ﯞﻩﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﺭﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﺍﺵ ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﯨﺸﻰ ﮬﻪﺳﻪﻥ ﻣﯚﯞﻟﯩﯟﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻣﺒﺎﻳﻨﯩﯔ «ﻻﻛﯩﻨﻮ» ﺩېگەﻥﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ «ﻻﻛﯩﻨﻮ

كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!