www.4tadu.com
  • ۋەز-نەسىھەتلەر

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/137735485.html

    رىۋايەتتە :  بارلىق گۇناھلارنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبى يۇمشاق بولىدۇ. ھارام يېمەكلىكلەرنى تەرك قىلىپ، ھالال يىمەكلىكلەرنى يېگەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ھاپ بولىدۇ. ئاللاھ بىر پەيغەمبىرىگە :‹‹نازىل قىلىنغانغا سەن بويسۇنغىن. مەن چەكلىگەنگە سەن خىلاپلىق قىلما››-دېگەن.

    بىر ھەكىم ئېيتىدۇ: غەم-قايغۇنى كۆتۈرىۋېتىدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئىش بار. ئاللاھنى زىكرى قىلىش، دوستىنى يوقلاش، دانالار سۆھبىتىگە داخىل بولۇش.

    ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۈچ خىل ئقىش ئادەمنىڭ ئەستە تۇتىۋېلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ ۋە ئېغىز كېسەللىكلىرىدىن خالىي قىلىدۇ.مىسۋاك بىلەن چىش چوتكىلاش، روزا تۇتۇش، تەجۋىد بىلەن قۇرئان ئوقۇش.››

    بىر ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ئېتىقادنىڭ بەلگىسى تۆت خىل. قورقۇش، ھايا قىلىش، مېھرىبان بولۇش، چىدامچان بولۇش.

    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:‹‹ دۇنيادا تۆت ئانا بار؛ دورىلارنىڭ ئانىسى ، ئەخلاق ئانىسى، ياخشى ئەمەللەر ئانىسى ۋە ئۈمىد ئانىسىدىن ئىبارەت.

    ئاز يېيىش، ئاز-ئىچىش –بارلىق دورا-دەرمەكلەرنىڭ ئانىسى؛

    ئاز سۆزلەش- تۈرلۈك ئەخلاقنىڭ ئانىسى؛

    ئاز خاتالىشىش – تۈرلۈك ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئانىسى؛

    قەتئى چىدامچان بولۇش – ھەر قانداق ئۈمىدنىڭ ئانىسى››

    ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دەيدۇ:

    بىر دانىشمەن نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يىغىپتۇ. ئاندىن ئۇنىڭ ئىچىدىن 40مىڭ جۈملە تاللاپتۇ، يەنە 40مىڭ جۈملىدىن 4مىڭ جۈملىنى تاللاپتۇ، يەنە 4مىڭ جۈملىدىن 4يۈز جۈملىنى تاللاپتۇ، يەنە 4يۈز جۈملىدىن 40جۈملە تاللاپتۇ. ئەڭ ئاخىرىدا 40 جۈملىدىن مۇنداق تۆت جۈملە تاللىۋاپتۇ.

    بىرىنچى جۈملە: ھەر قانداق ئەھۋالدا ، ئايال زاتىغا بەك ئىشەنمەسلىك.

    ئىككىنچى جۈملە: ھەر قانداق ئەھۋالدا، پۇل-مالغا ئالدانماسلىق.

    ئۈچىنچى جۈملە: ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماسلىق.

    تۆتىنچى جۈملە: ئۆزىگە پايدىسىز بىلىمنى توپلىماسلىق.

    بىر ھەكىم مۇنداق دەيدۇ:

    ئارزۇ-ھەۋەسكە ئالدىرىغۇچى، ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ.

    پۇل يىغىشقا ئالدىرىغۇچى، ھارام يول بىلەن پۇل تېپىشتىن ساقلىنالمايدۇ.

    مۇسۇلمانلارنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئالدىرىغۇچى ، چۇقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ ، ئۇمۇمىي ۋەزىيەتكە زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك.

    ئىبادەت قىلغۇچى بىلىمى كەمچىل بولماسلىقى كېرەك.

    پەيغەمبرىمىز مۇنداق دېگەن:

    مېنىڭ ئۈممىتىم مۇنداق بىر دەۋرگە يولۇقۇپ بەش نەرسىنى ياقتۇرۇپ، بەش نەرسىنى ئۇنتۇيدۇ.

    ئۇلار دۇنيالىقنى ياخشى كۆرۈپ، ئاخىرەتنى ئۇنتۇيدۇ.

    ئۇلار ئېگىز ئىمارەتلەرنى ياخشى كۆرۈپ، قەبرىنى ئۇنتۇيدۇ.

    ئۇلار پۇل-مالنى ياقتۇرۇپ، توغرا ھېساباتنى ئۇنتۇيدۇ.

    ئۇلار ئاياللىرىنىڭ بولۇشىنى ياقتۇرۇپ، ھۆرلەرنى ئۇنتۇيدۇ.

    ئۇلار ئۆزىنى ياخشى كۆرۈپ ئاللاھنى ئۇنتۇيدۇ.

    مانا بۇنداق كىشىلەر بىلەن مېنىڭ ھېچقانداق ئالاقەم بولمايدۇ، بۇلارنىڭمۇ مەن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

    پەيغەمبرىمىز مۇنداق دېگەن: يەتتە خىل كىشىگە قىيامەت كۈنى ئاللاھ رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلايدۇ:

    بىرىنچى: ئوخشاش جىنسىلىقلار مۇھەببىتى؛

    ئىككىنچى: قولى بىلەن لەززەتلەنگۈچى؛

    ئۈچىنچى: ھايۋانغا يېقىنچىلىق قىلغۇچى؛

    تۆرتىنچى: ئايالىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگۈچى؛

    بەشىنچى: قىزى بىلەن ئانىسىنى بېراقلا نىكاھىغا ئالغۇچى؛

    ئالتىنچى: قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغۇچى؛

    يەتتىنچى: قوشنىسىغا ئازار ۋە لەنەت قىلغۇچى››

    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ:

    ئاللاھ يولىدا جان بېرىپ شېھىد بولغاندىن باشقا يەنە يەتتە تۈرلۈك ئادەم شېھىد ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار:

    قورساق ئاغرىقى بىلەن ئۆلگەن ئادەم؛

    سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئادەم؛

    كۆكرەك پەردە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن ئادەم؛

    يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئۆلگەن ئادەم؛

    ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ئادەم؛

    تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەن ئادەم؛

    تۇغۇتىدا ئۆلگەن ئايال؛

    ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ:

    ئەقىل ئىگىلىرى يەتتە نەرسىدىن كىچىپ ، يەتتە نەرسىنى قولغا كەلتۈرسۇن:

    بايلىقتىن كىچىپ، نامراتلىقنى قولغا كەلتۈرسۈن؛

    ھاكاۋۇرلۇقتىن كىچىپ، كەمتەرلىكنى قولغا كەلتۈرسۇن؛

    ساختىپەزلىكتىن كىچىپ، سەمىمىيلىكنى قولغا كەلتۈرسۇن؛

    توقچىلىقتىن كىچىپ ، يوقسۇزلۇقنى قولغا كەلتۈرسۇن.

    خۇشاللىقتىن كىچىپ، غەم-قايغۇنى قولغا كەلتۈرسۇن.

    يۇقىرى مەرتىۋىدىن كىچىپ، تۆۋەن دەرىجىنى قولغا كەلتۈرسۇن.

    ھاياتتىن كىچىپ، ئۆلۈمنى قولغا كەلتۈرسۇن.

    پەيغەمبرىمزى مۇنداق دېگەن: ئاللاھتائالا ئىمراننىڭ ئوغلى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتتا ۋەھىي قىلىپ شۇنداق دېدى:

    بارلىق خاتالارنىڭ مەنبەسى ئۈچ خىل؛

    كىبرى، ھەسەتخورلۇق ۋە دۇنياغا بەك ھېرىسمەن بولۇش.

    ئۇلاردىن ئالتىسى كۆپىيىپ توققۇز بولدى، كۆپەيگەن ئالتىسى:

    توقلۇق، ئۇيقۇ، ئارام ئېلىش، پۇل-مالنى ياخشى كۆرۈش، مەدھىيە-ماختاشنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئەمەلدارلىقنى ياخشى كۆرۈشتىن ئىبارەت.

    ئوسمان ئىبنى ئەفغان مۇنداق دەيدۇ:

    كىمىكى بەش ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا  ئۇنى ئاللاھ توققۇز خىل كارامەت بىلەن تارتۇقلايدۇ:

    ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ئۇنىڭ بەدىنى ساغلام بولىدۇ.

    ئۇنى پەرىشتىلەر قوغدايدۇ.

    ئائىلىسىگە بەرىكەت ياغىدۇ.

    يۈزىدە سالىھلارنىڭ سىيماسى زاھىر بولىدۇ.

    ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى يۇمشاق قىلىدۇ.

    سىرات كۆۋرۈكىدىن چاقماق چاققاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.

    ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن ساقلايدۇ.

    قىيامەتتە قورقۇنچ يوق ۋە غەمسىز كىشىلەر بىلەن بىرگە تۇرىدۇ.

    پەيغەمبرىمىز مۇنداق دېگەن: سىلەر چىش چوتكىلاشتا چىڭ تۇرۇڭلار. چۈنكى ، چىش چوتكىلاشتا ئون تۈرلۈك خاسىيەت بار.

    بىرىنچى: ئېغىزنى پاك قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: ئاللاھنى رازى قىلىدۇ.

    ئۈچىنچى: شەيتاننى غەزەپلەندۈرىدۇ.

    تۆرتىنچى: مېھرىبان ئاللاھنىڭ مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ.

    بەشىنچى: چىشنى چىڭىتىدۇ.

    ئالتىنچى: ئېغىز بوشلۇقىدىكى خەپرۈكنى تازىلايدۇ.

    يەتتىنچى: ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ.

    سەككىزىنچى: ئېغىز بوشلۇقىنىڭ نەملىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    توققۇزىنچى: كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

    ئونىنچى: ئېغىز پۇراشنى يوقىتىدۇ.

    پەيغەمبىرىمىز يەنە مۇنداق دېگەن: چىش چوتكىلىماي ئوقۇغان نامازدىن ، چوتكىلپ ئوقۇغان ناماز 70 ھەسسە ئەۋزەل بولىدۇ.

    پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئۈممىتىم ئىچىدە ھەقىقىي توۋا قىلغاندىن باشقا ئون تۈرلۈك ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ.

    ئۇلار:

     ئەمەلدار ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرگۈچى؛

     كېپەن ئوغرىسى؛

     ھەق-ناھەقنى تۇقۇپ چىقارغۇچى سۇخەنچى؛

    قىزلارنى تېپىپ ئۆيىدە بەزمىخانا ئېچىپ بەرگۈچى؛

     ئايالىنى، قىزلىرىنى كۈنلىمەيدىغان كىشى؛

     چاڭ چالغۇچى؛

     تۆت تارىلىق چالغۇ ئەسۋاپنى تەڭكەش قىلغۇچى تەمبۇرچى؛

     باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى كەچۈرمەيدىغان ، كەچۈرۈم سورىشىنى قۇبۇل قىلمايدىغان ئادەم؛

    تەربىيەسىز قالغان ھارامدىن بولغان بالا؛

     ئاتا- ئانىنىڭ قارغىشىغا كەتكەن بالا.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
    ئەي بالام نەملىق كىتابتىن


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!