www.4tadu.com
  • كۆزنىڭ تەشرىھى توغرىسىدا - [بەش ئەزا كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/134977503.html

    كۆزنىڭ تەشرىھى توغرىسىدا

    بىز دەيمىزكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە كۆرۈش روھىنىڭ ماددىسى كۆز تەشرىھىدە تۇنۇشتۇرۇلغان ئىچى كاۋاك ئىككى نېرۋا يولىدىن ئۆتىدۇ. ئەگەر نېرۋا ۋە ئۇ نېرۋىغا قاش سۆڭىكىگىچە قوشۇلۇپ كېلىدىغان پەردىلەر تۆۋەنلىسە ، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر تەرىپى كېڭىيىدۇ، ماددىغا توشۇپ قالىدۇ ۋە ئوتتۇرىسىدا قىروسىمان ھۆللۈك بولغان ئىنچىكە ئورۇندىكى ھۆللۈكلەرنى قورشاپ تۇرىدىغان ھالەتتە كېڭىيىدۇ، بۇ قىروسىمان ھۆللۈك مۇز ۋە مۆلدۈرگە ئوخشاش سۈزۈك ھۆللۈك بولۇپ ، شەكلى يۇمىلاقتۇر.  ئۇنىڭ كەڭلىكى ئالدى تەرىپىدىن ئۇنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئازايتىدۇ، يىغىلغان نۇرنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە كۆرۈنگەن كىچىك نەرسىلەرگە يىغىلىدىغان يېتەرلىك ئورۇننىڭ بولۇشى ئۈچۈن كەڭرى يارىتىلغان. قىروسىمان ھۆللۈككە كىرگەن ئىنچىكىلىكتىن كەڭرىلىكنى تەلەپ قىلىۋاتقان جىسىملارغا ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن بۇ ھۆللۈكنىڭ ئارقا تەرىپى ئازراق ئىنچىكە يارىتىلغان . بۇ ھۆللۈكنى قوغداشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئۇرۇن ئوتتۇرىغا جايلاشقان، بۇ ھۆللۈكنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن مېڭىدىن ئۇنىڭغا كېلىدىغان يەنە بىر ھۆللۈك يارىتىلغان . چۈنكى ، بۇ ھۆللۈك بىلەن ساپ قان ئارىسىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش بار.

     

       بۇ ئارقا تەرەپتىكى ھۆللۈك ئېرىگەن شېشىگە ئوخشايدۇ، ئېرىگەن شېشىنىڭ ئازراق قىزىلغا مايىل سۈزۈك بولۇشى ھۆللۈكنىڭ سۈزۈك نەرسىدىن ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈندۇر.ئازراق قىزىل بولۇشى بۇ ئۇزۇقلىنىدىغان نەرسىگە تۇلۇق ئۆزگەرمىگەن قان جەۋھىرىدىن ئۇزۇقلانغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ھۆللۈك قىروسىمان ھۆللۈككە تورسىمان پەردىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مېڭىدىن ئەۋەتىلىپ ، مېڭە تەرەپتە بولۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن قىروسىمان ھۆللۈكنىڭ كەينىگە ئورۇنلاشقان . بۇ ھۆللۈك قىروسىمان ھۆللۈكنىڭ ئارقا قىسمىنىڭ كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ ھۆللۈكنىڭ ئالدىدا تۇىۇمنىڭ ئېقىغا ئوخشايدىغان يەنە بىر ھۆللۈك بار بولۇپ، بۇ تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك قىروسىمان ھۆللۈك جەۋھىرىنىڭ ئارتۇقىغا ئوخشايدۇ. سۈزۈك نەرسىنىڭ ئارتۇق قىسمى سۈزۈك بولىدۇ، تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك ئىلگىرى سۆزلەنگەن سەۋەبتىن ۋە تۇلۇقلىغۇچىغا ئوخشاش بولغان سەۋەبتىن ئالدىغا جايلاشقان. ئىلگىرىكى سەۋەب ئارتۇق تەرەپنىڭ ئۇزۇقلۇق تەرىپىگە ئۇدۇل تۇرۇشىدۇر. تۇلۇقلىغۇچى سەۋەب نۇرنىڭ قىروسىمان ھۆللۈككە تەدرىجى ئۆتۈشى ۋە تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈكنىڭ قىروسىمان ھۆللۈككە قالقانغا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئاندىن نېرۋىنىڭ بىر تەرىپى شېشىسىمان ھۆللۈك بىلەن قىروسىمان ھۆللۈكنى قىروسىمان ھۆللۈك بىلەن تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك ئارىلىقىدىكى پاسىلغا قەدەر ۋە تاجىسىمان سۆڭەكتىكى شېشىسىمان ھۆللۈك توختايدىغان پاسىلغا قەدەر تور ئوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەردە تورسىمان پەردە دەپ ئاتىلىدۇ. تورسىمان پەردىنىڭ بىر تەرىپىدىن ئۆمۈچۈك تورىسىمان بىر پەردە ئۈنۈپ، بۇ پەردىدىن قېلىن، يۇمشاق بىر قەۋەت پەردە ھاسىل بولۇپ ، بۇ پەردە بىلەن بىز يېقىندا سۆزلەيدىغان جۈزئى مۇسەممادىن قىل قان تۇمۇرلار ئۆتىدۇ. بۇ پەردە قۇيۇق بىلەن سۇيۇق ئارىلىقىنى ئايرىپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋە بۇ پەردىگە ئالدى تەرەپتىن تورسىمان پەردە ۋە بالا ھەمراھىسىمان پەردىدىن ئۆتۈپ ، ئۇزۇقلۇق كېلىش ئۈچۈن قىروسىمان ھۆللۈك بىلەن تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈكنىڭ ئارىلىقىنى توسۇپ تۇرىدۇ. بۇ پەردە ئۆمۈچۈك تورىدەك نېپىزدۇر، ئەگەر بۇ پەردە قىروسىمان ھۆللۈكنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان قېلىن پەردە بولسا ، قىروسىمان ھۆللۈككە تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك  يولىدىن كېلىدىغان نۇرنى توسۇپ قويغان بولاتتى. ئەمما نېپىز شىللىق پەردىنىڭ بىر تەرىپى بالا ھەمراھىغا ئوخشاش تۇمۇرلارغا تۇشۇپ كەتكەن ۋە ۋە تومۇرلاردىن توقۇلغان بولىدۇ.  چۈنكى بۇ پەردىنىڭ بىر تەرىپى ئەمەلىيەتتە ئوزۇقلۇق ئۆتىدىغان ئورۇندۇر. بۇ پەردىنىڭ بارلىق بۆلەكلىرى ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولماي، بەلكى بالا ھەمراھىسىمان پەردە دەپ ئاتىلىدىغان ئاخىرقى بۆلىكى ئېھتىياجلىقتۇر. ئەمما بۇ پاسىلدىن ئالدى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكىنى ئازراق قېلىنلاپ ئاسمان رەڭلىك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى  كۆزىمىز يۇرۇقلۇقتىن چارچاپ ، قاراڭغۇلۇقنى تەلەپ قىلىپ  ياكى قاراڭغۇلۇق بىلەن يۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ ، كۆزنى يۇمغاندا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى بىر يەرگە يىغىش ، نۇرنى تەڭشەش ۋە ھۆللۈكلەر بىلەن ئىنتايىن قاتتىق  بولغان مۈڭگۈز پەردىسىنى ئايرىپ ، ئادىل ۋاستىچىدەك تۇرۇش ۋە مۈڭگۈز پەردىسىنى بالا ھەمراھىسىمان پەردىدىن كەلگەن ئوزۇقلۇق بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ قېلىن پەردە نېپىز پەردىنى ئالدى تەرەپتىن شەيئىلەرنىڭ سىيماسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى چەكلەپ قويماسلىق ئۈچۈن تامامەن ئوراپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئالدى تەرەپتە ئۈزۈمنىڭ ساپىقىنى تارتىۋەتكەندە قېلىپ قالىدىغان تۆشۈكتەك تۆشكۈ قېلىپ قالىدۇ. مەزكۇر تۆشۈك ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ سىيماسى كۆرۈش ئورنىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ تۆشۈكلەر توسۇلۇپ قالسا كۆرۈشنى چەكلەيدۇ. بۇ ئۈزۈمسىمان پەردىنىڭ قىروسىمان ھۆللۈككە ئۇچرىشىدىغان ئىچكى قىسمىدا تىۋىتچىلەر بولىدۇ . بۇنداق بولۇش پەردىنىڭ يۇمشاق ، لىغىلداپ تۇرۇشى ۋە بۇنىڭغا تېگىپ تۇرىدىغان ئەزالارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈندۇر.

     

    كۆز بۆلەكلىرىنىڭ قاتتىقراقى  قاتتىق مۈڭگۈزسىمان پەردىگە تۇتىشىدىغان ۋە تۆشۈك بولىدىغان ئالدىنقى بۆلىكىدۇر. بۇنداق بولۇشى كۆز قارىچۇقىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئەزا قاتتىق بولۇش ئۈچۈندۇر . كۆز قارىچۇقى يۇقىرىدا يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن پايدىلار ئۈچۈن ھۆللۈك ۋە روھ بىلەن توشقۇزۇلغاندۇر. بۇنىڭ ھۆللۈك بىلەن روھقا توشقۇزۇلغانلىقىغا ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا كۆز قارىچۇقى ئۇدۇلىنىڭ كىچىكلىگەنلىكى دالالەت قىلىدۇ.

     

      ئىككىنچى پەردە ئىنتايىن قېلىن بولۇپ ، نەرسىلەرنىڭ يېتىپ كەلگەن تەسۋىرىنى ياخشى ساقلايدۇ.

    بۇنىڭ ئارقا تەرىپى قاتتىق قېلىن پەردە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالدى تەرىپى كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئوراپ تۇرۇپ، كۆرۈشنى چەكلەپ قويماسلىق ئۈچۈن ھۆللۈكنى سۈمۈرىدۇ. بۇ پەردە ئۇيۇپ، قىرىپ نېپىزلىتىلگەن مۈڭگۈزنىڭ رەڭگىدە بولغاچقا ، مۈڭگۈز پەردە دەپ ئاتىلىدۇ.

     كۆز بۆلەكلىرىنىڭ ئەڭ ئاجىزراقى ئالدى تەرەپتىكى بۆلىكىدۇر، بۇ ئەمەلىيەتتە گىرەلىشىپ كەتكەن پوستلاققا ئوخشاش تۆت نېپىز پەردىدىن تۈزۈلگىچىگە ئوخشاش بولۇپ ، ئەگەر بۇ تۆت قەۋەتنىڭ بىرەرسى سويۇلۇپ كەتسە ، ئۇمۇميۈزلۈك ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ.

     بىر بۆلۈك تېۋىپلار مۇنداق دېدى:  كۆزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى پەردىلەر ئۈچ قەۋەت بولۇپ ، ئۇلاردىن كۆز قارىچۇقىغا ئۇدۇل تۇرىدىغانلىرىمۇ بار. چۈنكى بۇ ئۇرۇن يېپىش ۋە ساقلاشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىقتۇر. ئۈچىنچى پەردە كۆز ۋە قاپاقنى يۇمشاق تۇتۇپ تۇرۇش، كۆز ۋە قاپاقلارنىڭ قۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆز قارىچۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان مۇسكۇللار بىلەن ئارىلىشىپ، بۇ مۇسكۇلنىڭ ھەممىسىنى ئاق، مايلىق گۆشكە توشقۇزىدۇ.   بۇ قەۋەتلەرنىڭ ئۇمۇمىيسى كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە(مۇلتەھىمە) دەپ ئاتىلىدۇ. كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مۇسكۇللارنى تەشرىھ قىسمىدا سۆزلىدۇق.

     

     كىرپىك: كۆزگە ئۇچۇپ كەلگەن نەرسىلەرنى ۋە كۆزگە باشتىن چۈشكەن نەرسىلەرنى توسۇش ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ قارىلىقى بىلەن نۇرنى تەڭشەش ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. چۈنكى قارىلىق كۆز نۇرنى يىغىدۇ . كىرىك ئۈنگەن ئورۇن ئاجىز بولۇپ  كىرپىك يېتىۋالمايياخشى تىك تۇرۇش ئۈچۈن ۋە كۆزنى ئاچقۇچى مۇسكۇلغا سۆڭەككە ئوخشاش تايانچ بولۇپ ، ياخشى ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن كىرپىك ئۈنگەن ئۇرۇن كۆمۈرچەككە ئوخشاش پەردە قىلىندى. قاپاقنىڭ بۆلەكلىرى تەرتىپ بويىچە تېرە، شىللىق پەردە ئىككى ئەگمىسىنىڭ بىرى قاپاق يېغى، قاپاق مۇسكۇلى ۋە قاپاق ئۈستى ئەگمىسى قاتارلىقلاردۇر. ئەمما ئاستىنقى ئەگمىسى مۇسكۇلسىمان بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەندۇر. بېرىش خەتەرلىك بولغان ئۇرۇن مۇسكۇل باشلانغان جايدىكى كۆز بۇرجىكىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇر.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    تېبابەت قانۇنىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!