www.4tadu.com
  • تىلنىڭ تەشرىھى توغرىسىدا - [بەش ئەزا كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/134980972.html

    تىلنىڭ تەشرىھى  توغرىسىدا

     

     ئېغىز غىزانى تۆۋەنكى بوشلۇققا يەتكۈزۈشتە زۈرۈر بولغان ، ھاۋانى يۇقىرىقى بوشلۇققا يەتكۈزۈشتە شېرىكلىشىدىغان  ۋە ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا يىغىلىۋالغان ئېشىندىلارنى تۆۋەنگە ئىتتىرىش دىشۋار ياكى قىيىن بولغاندا چىقىرىپ تاشلاشتا  پايدىلىق بولغان بىر ئەزادۇر.

     ئېغىز ئىنساندا سۆزلەش ئەزالىرىنى ، پۈۋلەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ھايۋانلاردا ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بوشلۇقتۇر. تىل ئېغىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇ چاينالغان يېمەكلىكلەرنى ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈش، ئاۋازلارنى ئۈزۈش، تاۋۇشلارنى چىقىرىش ئەزالىرىدىندۇر.  تىلدا تەم پەرقلەندۈرۈلىدۇ.تىلنىڭ ئاستى يۈزىنىڭ تېرىسى قىزىلئۆڭگەچ تېرىسىگە ۋە ئاشقازاننىڭ ئىچىگە تۇتاشتۇر. ئېغىز ئۈستۈنكى غارىنىڭ سىرتقى بۆلىكىنىڭ تېرىسى ئوقسىمان چاكنىڭ ئۇدۇلىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇ ئىككى بۆلەك ئارىلىقىدىكى تارىمۇشلاردا ۋە تۇتىشىشتا شېرىكچىلىك باردۇر. ھەرىكەتلەندۈرگۈچى ۋە توختاتقۇچى مۇسكۇل يۇقىرىدا تۇنۇشتۇرۇلدى.تىللارنىڭ سۆزنى ياخشى قىلىشقا  ئەڭ ئىقتىدارلىقراقى ئۇزۇن ۋە كەڭلىكىدە نورمال بولغان ،ئۇچى ئىنچىكە بولغىنىدۇر. ئەگەر تىل چوڭ، بەك كەڭ بولسا ياكى تەشەننۇچ بولغان تىلغا ئوخشاش كىچىك بولسا ، بۇنداق تىللىق كىشى سۆزلەشكە قادىر بولالمايدۇ . تىلنىڭ جەۋھىرى يۇمشاق، ئاق گۆش بولۇپ ، ئۇنى گىرەلىشىپ كەتكەن ئۇششاق قان تۇمۇرلار ئورىۋالغان بولىدۇ ھەم تىل رەڭگى شۇ تۇمۇرلار بىلەن قىزىرىدۇ. بۇ تۇمۇرلارنىڭ بەزىسى كۆك قان تۇمۇر، بەزىسى قىزىل قان تومۇردۇر. تىلدا بىز نېرۋىلارنىڭ تەشرىھىدە سۆزلىگەن ئۆسۈپ چىققان تۆت نېرۋىدىن شاخچ  ىلاپ چىققان نۇرغۇن نېرۋىلار باردۇر ھەمدە ئۇنىڭدا كۆزىتىپ بولغىلى بولمايدىغان تۇمۇر باردۇر.  تىلنىڭ ئاستىدا، ئۇنىڭدىن باشقا تىلنىڭ ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى يۈزىدە ھەر خىل قان تومۇر ۋە نېرۋىلار بولىدۇ. پەلكۈچ كىرگۈزگىلى بولىدىغان ئىككى تۆشۈكچە  بولۇپ، ئۇ ئىككىسى شۆلگەي مەنبەسىدۇر. ئۇ ئىككى تۆشۈك شۆلگەي پەيدا قىلغۇچى دەپ ئاتىلىدىغان تىل تۈۋىدىكى بەزلىك گۆشكە شۆلگەي قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ئىككى مەنبە ئىككى شۆلگەي قۇيۇپ بەرگۈچى دەپ ئاتىلىپ ، تىلنىڭ ھۆللۈكىنى ساقلايدۇ . تىل ئۈستىنى ئوراپ تۇرغۇچى شىللىق پەردە ئېغىزنىڭ شىللىق پەردىسىگە ۋە قىزىلئۆڭگەچ بىلەن ئاشقازانغا تۇتىشىدۇ . تىلنىڭ ئاستىدا ئىككى چوڭ كۆك تۇمۇر بولۇپ ، بۇ ئىككى تومۇردىن نۇرغۇن تومۇرلار تارقايدۇ. بۇ ئىككى تومۇر تىل ئاستى تومۇرى دەپ ئاتىلىدۇ.  

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    تېبابەت قانۇنىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!