www.4tadu.com
  • دۇكىنىمىزنىڭ بىر تۈركۈم مەھسۇلاتلىرى - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/135337980.html

    مەجۈنى لوبوبى كەبىرئالى

    تەركىبى: رىيگ ماھى، زەپەر، ماھى رۇبيان، خىراتىن، سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى،…….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: مېڭە ،يۈرەك،بۆرەك كېسەللىكلىرى ، جىنسىي ئاجىزلىق، ئورۇقلاپ كېتىش ۋە  ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى لوبوبى سەغىرئەلا

     تەركىبى: ئاقىرقەرھا، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى، ھەببى زەلەم، ھەببى قەلقەل، ھەببە تۇلخوزرا، پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، نارجىل مېغىزى …قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: جىنسىي ئاجىزلىق، رەئىس ئەزالار ئاجىزلىقى ۋە ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى پەلاسىپە( ماددەتۇل ھايات)

    تەركىبى: سۆئلەپ مىسرى، چىلغوزا مېغىزى، نارجىل مېغىزى، بابۇنە، شاترەنجى ….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى:

    مېڭە ئاجىزلىقى ، ئۇنتۇغاقلىق، جىنسىي ئاجىزلىق،مەنىي ئازلىق، سۈيدۈك تېمىپ كېلىش، بەل، پۇت-قول ۋە بۇغۇملارنىڭ سوغۇقتىن ئاغرىشى، چىش ئاغرىقى، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ئاجىزلىقى ، سۈيدۈك يولىدىكى بارلىق ناچار ئىللەتلەر  ئۇمۇمەن سوغۇقتىن بولىدىغان كۆپ خىل كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ، سوغۇقچانلارغا ئىنتايىن مەنپەئەت قىلىدۇ.

    مەجۈنى سۆئلەپ

    تەركىبى: سۆئلەپ مىسرى،شاقاقۇل مىسرى، قۇشقاچ مېڭىسى، پەنىرمايە، ھەببى زەلەم ، ھەببەتۇلخۇزرا، نارجىل، چىلغۇزا ……قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى:

    بەدەن ئۇرۇقلاپ كېتىش، بۆرەك ئورۇقلاشتىن بولغان مەنىي تىز يۈرۈپ كېتىش،مەنىي كەملىك،مېڭە، بۆرەك، باھ  ئاجىزلىقى ۋە شۇ سەۋەبتىن بولغان بەل ئاغرىقى ، پۇت-قوللارنىڭ ماغدۇرسىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ھالۋائى سۆئلەپ

    تەركىبى:

    سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، ئىككى خىل بەھمەن، لاچىندانە، ھەببى زەلەم، چىلغوزا مېغىزى، نارجىل مېغىزى…….. قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: جىنسىي ئاجىزلىق، مېڭە ئاجىزلىقى،ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان تۈرلۈك كېسەللىكلەر ، قان ئازلىق، مەنىي ئازىيىپ ۋە سۇيۇلۇپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ھالۋايى بەيزە

    تەركىبى: تۇخۇم سېرىقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، نىشاستە،  لاچىندانە، جۇيۇز، تاغ زىرىسى …قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقىدىن پەيدا بولغان جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي ئازلاپ ۋە سۇيۇلۇپ كېتىش،  جىنسىي ئالاقىدىن كېيىنكى ماغدۇرسىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى زەرئۇنى

    ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى، سەئدى كۇفى، تاتلىق قۇستە، سۇمبۇل ……قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: بۆرەك ئاجىزلىقى، جىنسىي ئاجىزلىق، مەنىي تىز يۈرۈپ كېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى زەرئۇنى كەبىر

    ئىپار، ئەنبەر، زەپەر، قۇشقاچ مېڭىسى، بۇقا چۈيىسى، سۆئلەپ مىسرى، خورما مېغىزى، شاقاقۇل مىسرى، ھەببى زەلەم، جۇيۇز، بەسباسە …….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: مەنىي كۆپەيتىش،مېڭە، بۆرەك، يۇلۇننى قۇۋۋەتلەش، شەھۋەتنى كۈچلەندۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بەل ۋە بۆرەك ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى مۇسەممىن

    تەركىبى: ياڭاق، بادام، پىندۇق، چىلخۇزا، ئىككى خىل بەھمەن، ئىككى خىل تۇدرى، شاقاقۇل مىسرى ……..قاتارلىقلار

    بەدەن ئورۇقلاش، مەنى  ئازىيىپ كېتىش ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان  بۆرەك ۋە مېڭە ئاجىزلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى مۇقەۋۋى باھ

    تەركىبى: ئاقىرقەرھا، قەلەمپۇر، دارچىن، تۇخۇم سېرىقى……..قاتارلىقلار

    باھنى قوزغاش ۋە مەنىي تۇتۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى بۇزۇرى

    تەركىبى: سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، پىياز ئۇرۇقى، ئاق تۇدرى، سېرىق تۇدرى، ئاق بەھمەن، شاقاقۇل مىسرى، بوزىدان، ئاقلانغان كۈنجۈت……قاتارلىقلار

    جىگەر ۋە جىنسىي ئەزانى قۇۋۋەتلەش، ئۇرۇقدان مىزاجى ھۆللۈكتىن بۇزۇلۇشى بىلەن بولغان جىنسىي ئاجىزلىقنى تۈگىتىش، مەنى قۇيۇلدۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

    نۇشىدارۇ

    تەركىبى: ئامىلە، لاچىندانە، زەرنەپ، قاقىلە، زەپەر، مەرۋايىت، سازەنج ھىندى، پەرەنجىمىشكى………قاتارلىقلار

    يۈرەك، مېڭە، تال، جىگەر، بۆرەك ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، رەڭەىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئېغىزدىكى سېسىقلىقنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاشقا، ئىشتىھانى زىيادە قىلىشقا ، جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. داۋاملىق يېسە كىشىنى تېتىكلاشتۇرىدۇ، خۇشلۇق پەيدا قىلىدۇ، نەپەسنى كۇشادىلاشتۇرىدۇ، پات قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ، زېھنىنى ئاچىدۇ، سۇئۇلقۇنىيە كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ دورا ھەققىدە شەيخ ئىبىسىنا ‹‹ بۇ ناھايىتى مەنپەئەتلىك دورا بولۇپ ،بىز بۇ دورىنىڭ ھېچقانداق زىيانلىق تەسىرىنى كۆرمىدۇق ›› دەيدۇ.

    ئىتتىرىفىل ئۈستىقۇددۇس

    تەركىبى: ئۈستىقۇددۇس، بىستىپايەج، ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلە، سانا،مەستىكى، تۇربۇت…..قاتارلىقلار

    تەسىرىۋە ئىشلىتىلىشى: ئاغرىق توختىتىدۇ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ،باش ئاغرىقىنى تۈگىتىدۇ، داۋاملىق يەپ بەرسە چاچنى قارايتىدۇ. مېڭىنى، ئاشقازاننى ئارتۇق نەرسىلەردىن پاك قىلىدۇ. بەلغەم، سەۋدا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئىتتىرىفىل سەغىر

    تەركىبى: ئامىلە، ھېلىلە، بەلىلە ………..قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: مېڭىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە قۇۋۋەتلەش، زېھنىنى ئېچىش تەسىرىگە ئىگە. نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە يەللىك بۇۋاسىر كېسەللىكلىرى ئۈچۈن بولۇپمۇ مېڭە كېسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىتتىرىفىل كەبىر

    تەركىبى: ئامىلە،بەلىلە،ھېلىلە، بەھمەن، بوزىدان، بەسباسە، قارىمۇچ، پىلپىل، زەنجىۋىل، شاقاقۇل، تۇدرى …………..قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ئاغرىق پەسەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، ھەر خىل ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى، خۇسۇسەن كونا ئاشقازان كېسەللىكى،ئاشقازاننى قىزىتىش، پەينى چىڭىتىش،مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئەقىلنى زىيادە قىلىش، نېرۋىنى پەسەيتىش، يەلدىن بولغان بۇۋاسىر كېسەللىكى ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى نۇجاھ

    تەركىبى: ئەپتىمۇن، ئۈستىقۇددۇس، بىستىپايەج، ئامىلە، بەلىلە، ھېلىلە……….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، سەۋدا ماددىسىنى تەڭشەش، نېرۋا ئەسەبىيىكىنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، مالىخۇلىيا، سەۋدادىن بولغان تۇتقاقلىق، نېرۋا، مېڭىنىڭ ئاجىزلىقلىرى، ھېستىرىيە قاتارلىقلاردىن داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى شەيبى

    تەركىبى: سىيادان، ئوسما ئۇرۇقى، ھەببۇلئاس، ئامىلە، بەلىلە، ھېلىلە…….. قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى:مېڭىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىپ، تۈك بەزلىرىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش تەسىرى بولۇپ،چاچ ساقاللارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئاقىرىشى، چۈشۈپ كېتىشى ، مېڭە قان تومۇرلىرى قېتىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    جاۋارىش كۇندۇر

    تەركىبى: كۇندۇر، پىلپىل، ئاقمۇچ، جۇيۇز، بابۇنە، مەستىكى ………قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: بەدەندىكى ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، پەي-مۇسكۇللارنى چىڭىتىش تەسىرى بولۇپ، مەنىي ، سۈيدۈك ۋە ئاق خۇننى توختىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    جاۋارىش كۇمۇنى

    تەركىبى: زىرە، سۇزاپ، زەنجىۋىل، توغرىغۇ، قارىمۇچ…….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ،ئىشتىھانى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، بەدەننى قىزىتىش تەسىرى بولۇپ، مەيدە ئاغرىش، قورساق ئېسىلىش، ئاشقازان سۇۋۇپ كېتىش، ئاشقازان تۆۋەنلەش، ئىشتىھاسىزلىق، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ يەل كېسەللىكى، يېڭىدىن بولغان سېرىقئەت يىرتىلىش،سوغۇقتىن بولغان سۈيدۈك تامچىلاش، سېمىزلىك ، بەدەن سۇۋۇپ كېتىشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    مەجۈنى كاكىنەچ

    تەركىبى: كاكىنەچ، چۆبچىن، شۇرە قەلىمى، خۇنسىياۋشان، گىل ئەرمىنى ….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ھەر خىل سەۋەبلەردىن بولغان ياللۇغلارنى قايتۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۆرەك ياللۇغى ، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئۈنۈمى ياخشى.

    ئىتتىرىفىل چۆبچىن

    تەركىبى: چۆبچىن، ئامىلە،ھېلىلە، بەلىلە، بەھمەن، قىزىلگۈل، سۆرۈنجان، جويۇز، شاقاقۇل………قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ بالىياتقۇ كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى چۆبچىن

    تەركىبى: چۆبچىن،ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلە،ئۇد ھىندى، شاقاقۇل، جۇيۇز،سەئدى كۇفى، زەپەر، كۇندۇر ……………قاتارلىقلار

    تەسىرى: ھەرخىل يەل خارەكتىرلىك ئىششىقلارنى ، بالىياتقۇ ، تۇرۇبا ئىششىقلىرىنى ياندۇرۇش، ئاق خۇننى توختىتىش، سۇغۇقتىن بولغان كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

    ئىشلىتىلىشى: بالىياتقۇ ، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ئىششىقلىرى، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى، قاننى تازىلاش ، بەدەندىكى ھۆللۈكنى تارتىش، سۇلۇق ئىششىق خارەكتىرلىك رېماتىزىم ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش، نېرۋىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى ئۆشبە

    تەركىبى: ئۆشبە، تۇربۇت، شاھتەررە، ھېلىلە،م بەلىلە، ئامىلە، سانا………..قاتارلىقلار.

    تەسىرى: مىكروب ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، جاراھەتلەرنى پۈتتۈرۈش.

    ئىشلىتىلىشى: بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە جاراھىتى ۋە راكى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : بىر كۈندە ئىككى ۋاخ ، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن.

    مەجۈنى مارى ئەفئا

    تەركىبى : مۇدەببەر كۇچۇلا ، يىلان گۆشى …قاتارلىقلار

    تەسىرى: ھەر خىل ئۆتكۈر يەللەرنى ھەيدەيدۇ. ھەر خىل ئۆسمىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەيدۇ.

    ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان، قىزىلئۆڭگەچ، بالىياتقۇ راكلىرىنى داۋالاش ۋە تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    مەجۈنى خىياشەنبەر

    خىياشەنبەر ، سەبرى، ئاچچىقتاۋۇز، بىنەپشە، ھېلىلە، بادام مىېغىزى…….. قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى : ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش تەسىرى بار.قەۋزىيەت ۋە ئادەت توختاپ قېلىش ۋە ئاز كېلىشكە قارىتا ئۈنۈمى ياخشى.

    ھەببى زەئفىران

    باھ ئاجىزلىقى ، مەنى تىز كېتىش، ھېسسىيات تۆۋەنلەشكە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.

    ھەببى ئىمساك

    مەنى تىز كېتىشكە مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.

    ھەببى كىبرىت

    بەدەندىك ئىسسىق سوغۇق يەللەرنى ھەيدەش، ناسۇر، خانازىر، پۈتۈن ئەزا ۋە تاناسىل ئەزالارغا پەيدا بولغان يەل كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ھەببى ئازاراقى

    پەي ۋە گۆشلەرنى چىڭىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، پالەچ، لەقۋا، پەي زەئىپلىشىش، قۇۋۋەتسىزلىك، مەنىي ۋە سۈيدۈك تۇتالماسلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئاياللار گۆھىرى

    ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، بالىياتقۇ پەي-مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىش، ئاق خۇننى توختىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، بالىياتقۇ نەملىكى ئېشىپ كېتىش، پەي-مۇسكۇللىرى بوشاپ كېتىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە ھېسسىيات تۆۋەنلەپ كېتىشلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    نارپىننە شەربىتى

    ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، ئاشقازان ئاجىزلىق ھەم سوۋۇپ كېتىش، جىگەر ئاغرىقلىرى، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، تەپ، كىچىك بالىلاردىكى قۇسۇش ۋە سېزىكنى قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

    سەندەل شەربىتى

    قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قاندىكى ماينى ئېرىتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، ئىچكى ئەزالاردىكى ئىسسىقنى يوقىتىش، يۈرەكنى كۈچەيتىش، ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك ۋە جىگەر كېسەللىكلىرى، قان قۇيۇقلۇق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    مەتبۇخى ئەپتىمۇن

    غەيرىي تەبىئىي سەپرا، سەۋدا ماددىسىنى سۈرۈش، قان تومۇر توسالغۇلىرىنى ئېچىش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، قان تازىلاش،قان ۋە جىگەردىكى ماينى ئىرىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، قان تۇمۇرلىرى توسۇلۇش، قان قېتىش، قان قۇيۇلۇش، يۇقىرى قان بېسىمى، قان بۇزۇلۇش ۋە ھەر خىل نېرۋا كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

    رەيھان شەربىتى

    قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاپ، ئىشتىھانى ئېچىش، قان تولۇقلاش، يۈرەك مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ئاشقەزان ياللۇغى قاتارلىقلرغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئىسكەنجىۋىل بۇزۇرى

    ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، قاندىكى ماينى ئېرىتىش، ئۆت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھۆنى توختىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۆت ياللۇغى، جىگەر ياللۇغى، جىگەرنى ماي قاپلاش، جىگەر قېتىش، قاندىكى ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش، يۇقرى قان بېسىمى ، يەرقان(سېرىقلىق چۈشۈش) قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۈستىقۇددۇس شەربىتى

    يۈرەك مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، يۈرەككە خۇشلۇق كەلتۈرۈش، مېڭىدىكى بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، يۈرەك، مېڭە، نىرۋا ئاجىزلىقى، مالىخۇلىيا، باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ، كۆپ چۈش كۆرۈش، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك رېتىمسىزلىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى مۇرەككەپ

    تەركىبى: كاكىنەچ، گۈلبىنەپشە، نىلۇپەر، خىيارەيىن ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، بەدىيان، ئۈستىقۇددۇس، تۇخۇمى كىشۇش ….قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: سۈيدۈك ھەيدەپ ، ياللۇغ قايتۇرۇش، سەپرا ۋە سەۋدانى پەسەيتىپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، بۆرەك ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، دوۋساق ياللۇغى، نېرۋا خارەكتىرلىك مەزى بېزى ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى كاسىنە مۇرەككەپ

    تەركىبى: كاسىنە ئۇرۇقى، قىزىلگۈل، نىلۇپەر، بېدىمىشكى ، ئوغرىتىكەن….. قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: جىگەر ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى ، جىگەر مەنبەلىك ئىششىق، سېرىقلىق چۈشۈش، بۆرەك خارەكتىرلىك قان بېسىمى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، مەزى بېزى ياللۇغى، بۆرەك ۋە دوۋساقتا تاش پەيدا بولۇش ۋە ھەر خىل قىزىتمىلىق كېسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى چۆبچىن

    تەركىبى: چۆبىچىن، ئۆشبە، مامىرانچىنى… قاتارلىقلار

     تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى: بەلغەم ،سەۋدادىن بولغان ياللۇغلارنى قايتۇرۇش، قان تازىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش، ماددىلارنى يۇمشىتىش تەسىرى بولۇپ، ھەرخىل جاراھەتلىك كېسەللىكلەر، بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، جىنسى يول ياللۇغى، تۇرۇبا يولى ياللۇغى، رېماتىزىم كېسەللىكلىرى، سوغۇقتىن بولغان ھەر خىل قان تومۇر كېسەللىكلىرى، قان بۇزۇلۇشتىن بولغان تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى شاھتەررە مۇرەككەپ

    تەركىبى: شاھتەررە، ئەمەن……… قاتارلىقلار

    تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى : قان تازىلاش، قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، نورمالسىز سەۋدا ، سەپرا خىلىتلىرىنى تەڭشەش ھەم چىقىرىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، قان بۇزۇلۇشتىن بولغان يەلتاشما، تەمرەتكە، دانىخورەك، تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان قىچىشقاق، جىنسى يول، سۈيدۈك يولى ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. 

    ئەرقى كاسىنە

    تەسىرى: قىزىتما چۈشۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، باكتىرىيەلەرنى تورمۇزلاش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر : ئىسسىقتىن بولغان ھەر خىل قىزىتمىلارغا، بۆرەك ، جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدۇ.

    ئەرقى بەدىيان

    تەسىرى: سۈيدۈك يولىدىكى توسالغۇلارنى ئېچىش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: بۆرەك ، جىگەر ئاغرىقلىرى، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىقلار، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق ۋە سۈتى كەمچىل ئاياللارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى بادىرەنجىبۇيا

    تەسىرى: مېڭە، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، مېڭىنى كۈچەيتىش تەسىرىگە ئىگە.يەنە بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش ۋە  دەم سىقىلىشنى تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھىر خىل نېرۋا ئاجىزلىقلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھۇشىدىن كېتىش، خاپىغان، بۆرەك كېسەللىكلىرىۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى گاۋزىۋان

    تەسىرى: نېرۋىنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش،يۈرەك،جىگەرنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل نېرۋا كېسەللىكلىرى،خاپىغان، تۇتقاقلىق،مېڭە ، يۈرەك، جىگەر كېسەللىكلىرى،ساراڭلىق، ئۆپكى كېسەللىكلىرى، زىققە، گال ئاغرىقى ، ئۆپكە سىلىدە قان تۈكۈرۈش، بۇرۇن قاناشلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى نانىخا

    تەسىرى: بەدەننى قۇرۇتۇش، يەل ماڭدۇرۇش، ئىچىنى يۇمشىتىش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: پالەچ، قول تىترەش،پەي سۇستلۇق،كۆز ۋە قۇلاق ئاغرىقى، قۇلاق ئېغىرلىقى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى شاھتەررە

    تەسىرى: قاننى تازىلاش،ئاشقازان جىگەرنى قۇۋۋەتلەش،ئىسسىق، قۇرۇق سۇغۇق سەۋدالارنى قايتۇرۇش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: جىگەر ، تال كېسەللىكلىرى، ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرىگە ۋە قان تازىلاش مەقسىدىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئەرقى گۇلاپ

    تەسىرى: ئىسسىتما چۈشۈرۈش، نېرۋا پەسەيتىش، تەرەتنى مۇلايىم قىلىش، كېسەللىكلەرنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلاش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل نېرۋا ئاغرىقلىرىغا، ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ قىزىتمىلىرىغا، يۈرەك كېسەللىكلىرىگە، بۆرەك، جىگەر كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.

    ئەرقى كاكىنەچ

    تەسىرى: قاننى تازىلاش،نەپەسنى نورمال قىلىش، سۈيدۈك كۆپەيتىش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: ھەر خىل كونا يارىلارغا، زىققە ، نەپەس كېسەللىكلىرى، ئۈچەيدىكى قىل قۇرتلار، سۈيدۈكى تۇتۇلغان كىشىلەر ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرىگە بېرىلىدۇ.

    .

    مۇرەككەپ كۇچۇلا مېيى، دارچىن مېيى، تۇخۇم مېيى، قۇستە مېيى،چۈمۈلە مېيى، سىيادان مېيى، قەلەمپۇر مېيى، گۈل مېيى، سامساق مېيى قاتارلىق بىر تۈركۈم مايلار بار.





    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!