www.4tadu.com
  • مەسارىدۇس - [دورا تەييارلاش ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/140721688.html

    مەسارىدۇس

    بۇ مەجۈنگە مەسارىدۇس دەپ نام بېرىشنىڭ سەۋەبى : بۇ دورىنىڭ بارلىق ئاغرىقلارغا بولغان مەنپەئەتىنىڭ سىرتىدازەھەر قايتۇرۇش تەسىرىمۇ بولغاچقا ، تەرياق بىلەن باراۋەر. بەزى جەھەتلەردە تەرياقى پارۇقتىن مەنپەئەتى كۆپرەكتۇر. خۇسۇسەن جىنسىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتا ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن مەسارىدۇس دەپ ئاتالغان.

    تەركىبى: زەپەر، غارىقۇن، زەنجىۋىل ، دارچىن، كەتىرا ھەر بىرى ئالتە گرامدىن؛ سۇمبۇل،كۇندۇر، ئاق قىچا، ئىزخىر، ئۇدبىلسان، ئۈستىقۇددۇس، سىيسالىيۇس، كەرەپشە ئۇرۇقى، مەستىكى، قارىمۇچ، تىكە ساقىلىنىڭ سۈيى ، قۇندۇز قەھىر، سازەج ھىندى، مىئەسائىلە،جاۋشىر 24گرامدىن؛ سەلىخە، ئاقمۇچ، پىلپىل، سۆرۈنجان، پىرسىياۋشان، ئۈستىقۇددۇس(؟)، دۇقۇ، ئىكلىلمىلىك، جىنتىيانا، رەۋغىنى بىلسان، ھەببى بىلسان، پەرپىيۇن، مۇقەل 21گرامدىن؛ سۇزاپ ئالتە گرام، ئۇشەق، سەمغى ئەرەبى، پەتىرئاسالىيۇن، قەردانە، ئارپا بەدىيان 15گرامدىن، رۇمبەدىيا. ئىگىر، سەكبىنەج، ئاسارۇن 10گرامدىن، ئەپيۇن، قىزىلگۈل 15گرامدىن، ئوردان،ھۇپارىقۇن،ئاقاقىيا، سەقەنقۇر 12گرامدىن؛ گۈلى رەيھان شەربىتى، بۇ تۆت دورا ۋەزنى بىلەن تەڭ، ھەسەل ئىككى ھەسسە. دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇپ، ھەسەل بىلەن شەربەتنى قىيام قىلىپ، سوقۇلغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ  تەييارلاپ، ئالتە ئايدىن كېيىن 1.5گرامدىن بەش گرامغىچە ئىستىمال قىلىدۇ.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    جەمئى ئىلاجدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!