-
بىر نەچچە خىل گۈلنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىدىن قىسقىچە خاتىرە
بۈگۈن 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 26 – كۈنى ھاۋا ئۇچۇق.
بىر نەچچە خىل گۈلنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ بېقىش ئىسىتىكىدە ، دۇكان ئالدىدىكى باغچىنىڭ نەمخۇش توپىسىدىن ئەكىلىپ، يۇمشاق ئۇۋىتىپ ، كىچىك تەشتەكلەرگە تەكشى قاچىلىدىم.
رەيھانگۈل، نامازشامگۈلى، ئاق لەيلى گۈلى، گۈلچاي، كاسىنە قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ دانلىق ، ياخشى پىشقانلىرىنى ئىلغاپ، ئايرىدىم.
ئۈچ تەشتەككە رەيھان ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن بىر سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا سالدىم. ئۈستىنى يەڭگىل چىڭداپ سىڭىشكۈدەك سۇ قۇيۇپ قويدۇم. رەيھان ئۇرۇقىنى ئەسلى توپىدىن 3-4 سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا تېرىسا بولىدىغان بولۇپ، مەن گۈل تېرىلىدىغان تەشتەكلەرنىڭ كىچىكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بەك چوڭقۇر سېلىشتىن ساقلاندىم.
ئىككى تەشتەككە ئاق لەيلى
-
2011-04-28
كۆزگە گۆش ئۆسۈپ قېلىش - [بەش ئەزا كېسەللىكلىرى]
كۆزگە گۆش ئۆسۈپ قېلىش (شىرناق)
زۇكام نەزلە سەۋەبچى بولىدۇ ، كۆزنى ئېچىش قىيىن بولۇپ ، قاپاق ئاستىنى قول بىلەن قايرىپ كۆرگەندە كىرگىتكە ئوخشاش نەرسە ئۆسۈپ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ. كۆز ئىچى دائىم ھۆللىنىپ تۇرغان بولۇپ ، يۇرۇقلۇقتىن قاچىدۇ، كۈنگە قارىيالمايدۇ.
داۋاسى:
كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قان ئېلىنىدۇ.
ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىدۇ. مۇنچىغا كىرىپ تەرلىنىش، ياشاڭغۇراتقۇچى دورىلارنى تارتقۇزۇش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ؛ سەبرە ، ئاقاقىيا، ھۇزۇز(رۇسۇت) مامىشا شىيافى، زەپەرلەرنى