www.4tadu.com
  • كۆزگە گۆش ئۆسۈپ قېلىش - [بەش ئەزا كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/123751714.html

    كۆزگە گۆش ئۆسۈپ قېلىش (شىرناق)

    زۇكام نەزلە سەۋەبچى بولىدۇ ، كۆزنى ئېچىش قىيىن بولۇپ ، قاپاق ئاستىنى قول بىلەن قايرىپ كۆرگەندە كىرگىتكە ئوخشاش نەرسە ئۆسۈپ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ. كۆز ئىچى دائىم ھۆللىنىپ تۇرغان بولۇپ ، يۇرۇقلۇقتىن قاچىدۇ، كۈنگە قارىيالمايدۇ.

     

    داۋاسى:

    كېسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قان ئېلىنىدۇ.

    ھەزىم قىلىش قىيىن بولغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىدۇ. مۇنچىغا كىرىپ تەرلىنىش، ياشاڭغۇراتقۇچى دورىلارنى تارتقۇزۇش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ؛ سەبرە ، ئاقاقىيا، ھۇزۇز(رۇسۇت) مامىشا شىيافى، زەپەرلەرنى تېگىشلىك مىقداردا ئېلىپ ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى سۈيى بىلەن يۇغۇرۇپ، شامچە تەييارلاپ قۇرۇتۇپ ساقلاپ، كېرەك بولغاندا بىر ئاز نەم قىلىپ ، كۆزگە سۈرمە تارتقاندەك تارتىش كېرەك.

     

           قاپاقتىكى ئۈجمىسىمان ئۆسمە

     

    قاپاقنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ئۈجمە شەكلىدە بەزگە ئوخشاش گۆش پەيدا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خۇددى ساڭگىلاپ تۇرغان ئۈجمىنى ئەسلىتىدۇ. بۇزۇلغان قاندىن كېلىپ چىقىدۇ.

    داۋاسى:

    ئالدى بىلەن قان ئېلىش ، ئاندىن كېيىن سۈرگە بېرىش، يۇمغاقسۈتنى سوقۇپ قاپاق ئۈستىگە قويۇش لازىم.  بۇلار نەتىجە بەرمىسە كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك.

     

     

       كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىگە  قاناتسىمان گۆش ئۆسۈپ قېلىش

     

     

    بۇ بىرىكتۈرگۈچى پەردىنىڭ يۈزىدە قاناتسىمان گۆش ئۈنۈش(زۇفرە،بۇ نام ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسىدا زەفەر ياكى ناخۇنە دەپ ئېلىنغان) دىن ئىبارەت بولغان بىر خىل كېسەللىك ؛ قاناتسىمان گۆش كۆپرەك كۆزنىڭ بۇرۇن تەرىپىدىن باشلىنىدۇ، بەزىدە كىچىك تەرەپتىن ياكى ھەر ئىككىلا تەرەپتىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە بىر ئاز ئۆسۈپ توختاپ قالىدۇ، بەزىدە داۋاملىق ئۆسۈپ بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما قەۋەتتىن ئۆتۈپ ، مۈڭگۈزسىمان قەۋەتكىچە يىتىپ بېرىپ، كۆزنىڭ قارىچۇقىنىمۇ يېپىپ قويىدۇ.

     

    ئالامىتى:

     بۇ كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ تۆت خىل بولىدۇ.

    بىرىنچى خىلى:

    پەردىگە ئوخشاش نېپىز بولۇپ ، ئوڭ تەرەپتىن ياكى سول تەرەپتىن ،ئۈستۈنكى تەرەپتىن ياكى تۇتاشتۇرغۇچى قەۋەتنىڭ ئاستى تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ.  بۇ كۆزنىڭ بىر تەرىپىگە خاس بولمىغاچقا ، كۆز قان تۇمۇرلىرىنىڭ كۆيۈپ قىزىرىپ قېلىشىغا ئوخشاپ كەتسىمۇ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرقى بار . مەسىلەن: سەبەل كۆزنىڭ ھەممە ئەتراپلىرىدا بولۇپ ، يۇمىلاق ھالقا شەكلىدە مۈڭگۈزسىمان قەۋەتنىڭ ئەتراپىنى ئورايدۇ. زۇفرە بولسا بىر تەرەپتە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ يۇمىلاق بولمايدۇ.  زۇفرەنىڭ   پەيدا بولغان تەرىپى يىلتىزغا ئوخشاش توم بولۇپ ، ئىككىنچى تەرىپى كەڭ،يېيىلاڭغۇ شاخلارغا ئوخشاش بولىدۇ.  سەبەلنىڭ كۆتىكى ۋە شاخلىرىدا بۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىك بولمايدۇ.

     

    ئىككىنچى خىلى :

    كۆزنىڭ بۇرۇن تەرەپتىكى قۇيرۇقىنىڭ ئارقا شەكلىدىكى پەيدىن باشلىنىپ، مۈڭگۈزسىمان قەۋەت چۆرىسىگە كىلىپ قۇيۇقلىشىدۇ. كۆزنىڭ قارىچۇقىدىن ئۆتمەي شۇ يەردە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆزنىڭ قىرىقىغا ئۆتۈشنىڭ خەۋپى بولمىسا ، ئاغرىش بولسىمۇ كۈچلۈك تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىستىمال قىلماستىن ، تاقەت قىلىپ تۇرۇش لازىم. چۈنكى تارقىتىش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك دورىلارنى ئىستىمال قىلىش كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ خىلدىكىدە كۆزنىڭ كۆرۈشىنى توسىمايدۇ ، لېكىن كۆز قارىچۇقىغا ئۆتكەنلىكى جەزمەن بولسا ، ئۇ ۋاقىتتا يۇقىرىدا ئېيتىلغان شىيافلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇنداق ھالەتتە بۇنى تىزدىن داۋالاپ ئالدىنى ئالمىسا ، كۆزنىڭ قارىچۇقىغا ئۆتۈش ئارقىلىق كۆزنىڭ كۆرۈشىنى توسۇپ قويىدۇ. .

     

    ئۈچىنچى خىلى :

    كۆزنىڭ قارىچۇقىنى يېپىپ كۆرۈشكە دەخلى يەتكۈزىدۇ. بۇ ھالەتتە كۆز كېسەللىكلىرىگە تەجرىبىلىك ئۇستا دوختۇرلار زامانىۋى ئەسۋابلار بىلەن ئوپراتسىيە قىلىش لازىم.

     

    تۆتىنچى خىلى:

    قاناشچان گۆشنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى تەرىپى بولىدۇ. ئۇنىڭ تاشقى تەرىپى تۇتاشتۇرغۇچى توقۇلما قەۋەتنىڭ چۆرىسىدىن پەيدا بولۇپ ، شۇ قەۋەتتە تۇرىدۇ. ئىچكى تەرىپى بولسا كۆزنىڭ قاتتىق قەۋىتىگە باغلانغان ، قاتتىق قەۋەتنىڭ ئەتراپى ئىچكى تەرەپتىن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ ، كېسەل باشلانغان جايدىن كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىلدىكىدە تىغ ئەسۋاب ئىشلىتىشكە قاتتىق دىققەت قىلىش زۈرۈر.  چۈنكى قاتتىق قەۋەتنىڭ كېسىلىپ كېتىش خەۋپى بار. قاتتىق قەۋەتنىڭ كېسىلىشى گەدەننىڭ   قېتىپ قېلىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىلدىكىسى كەم ئۇچرايدۇ.

     

    داۋالاش:

    ئىچىنى سۈرۈش ئۈچۈن ئايارەج بېرىش، بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن ، قاناتسىمان گۆشنى تارقىتىش ئۈچۈن سۈرمە ، دانىكار، شادىنەچ ھەر بىرى بەش گرامدىن، ئىقلىمىيا ئالتە گرام، ئۇشەق، سەكبىنەج، پىلپىل ھەر بىرى ئىككى گرامدىن ئېلىپ، ئۇشەق بىلەن سەكبىنەچنى كونا شارابتا ئىرىتىپ ، قالغان دورىلارنى  يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ، ھەممىنى بىرلەشتۈرۈپ خېمىر قىلىپ شىياف قىلىپ كۆزىگە تارتىش؛

     

    شىڭرىپ كۇشتىسى، راتىنەچ(راتىيانەچ؟) ، قىزىل زەرنىخ، ئاق شىكەر ئوشەق ھەر بىرى بەش گرامدىن، مۇرمەككى ، زەفەر، زەنجىۋىل ھەر بىر بىرگرامدىن ئېلىپ  ،دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، ، سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ ، شىياف قىلىپ كۆزگە قارىتىش ياكى شىيافى باسلىق ئەكبەرلەرنى كۆزگە تارتىش؛

    يۇقىرىقى دورىلارنى كۆزگە تارتىشتا ئاۋال مۇنچىغا بېرىپ، ماددىنى يۇمشاتقاندىن كېيىن تارتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندا يۇمشاش ئارقىلىق دورىنىڭ تەسىرىنى ئوبدان قۇبۇل قىلالايدۇ.

     

    كېسەللىك ماددىسىنى تازىلاشتا ، ئاۋال ماددىنى پىشۇرۇپ ، ئاندىن مېڭىنى تازىلاش ئۈچۈن ھەببى ئايارەجلەرنى بېرىش كېرەك.

    ماددىنى تۇسۇش ۋە تارقىتىش ئۈچۈن سەبرە، ھۇزۇز، مۇرمەككى ، ئاقاقىيا، زەپەرلەرنى ەۇلابقا ئارىلاشتۇرۇپ، پېشانىسىگە، قاپىقىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇق چېپىش لازىم. ھۆلبىنى سۈزۈك سۇغا سېلىپ ، ئالتە سائەت تۇرغۇزۇپ ، ئاندىن سۇنى سۈزۈپ تۆكۈۋېتىپ ، ھۆلبىگە باراۋەر سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ لۇئابىنى ياكى زىغىر ئۇرۇقىنىڭ لۇئابىنى كۆزگە تېمىتىش لازىم.

     

    ئاندىن كېيىن 2-3 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىغا قاراپ ئەنزىرۇتتىن (ئەھۋالغا قاراپ) مەلۇم مىقداردا ئېلىپ ئىزىپ، ئىشەك سۈتى ياكى قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن خېمىر قىلىپ ، بۇ خېمىر يۇلغۇننىڭ ياغىچىغا قويۇپ ، سۇۋۇشقا باشلىغان تۇنۇرغا سېلىپ قۇرۇتۇپ ئاندىن ئېلىپ ، ئەنزىرۇتتىن بىر ھەسسە ، نىشاستىدىن تۆتتىن بىر ھەسسە ئېلىپ بىرلەشتۈرۈپ يۇمشاق سالايە قىلىپ، 2-3 كۈندىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ.

     

    كۆز ئىششىقلىرىدا كۈچلۈك تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. لېكىن كېسەللىك ئاياغلىشىشقا باشلىغاندىن كېيىن ئىشلىتىش مۇمكىن.

     

    بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى تۈگىتىلگەندىمۇ 3-4 كۈن ئىچىدە ساقىيىپ كەتمىسە ، ئىچىنى سۈرۈش ئۈچۈن ھېلىلە ،ئەينۇلىلارنى قاينىتىپ سۈيىدە تەرەنجىۋىل ، خىياشەنبەرلەرنى ئىرىتپ ئىچىش لازىم. ئاندىن شىيافى ئەبيەزنى كۆزگە تارتىش كېرەك.

     

    قاپاقلارنىڭ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قېلىش خەۋپى بولغاندا ، بەدەننى تازىلاپ مىزاجنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ، شىيافى ئەبيەز، قوغۇشۇن شىيافى، قىز تۇغقان ئايالنىڭ سۈتىگە چىلاپ قۇرۇتۇلغان ئەنزىرۇت چۈشكەن زورۇرى ئەبيەزلەرنى ئىشلىتىش لازىم.

    دورا كۆزگە سىڭىپ كۆز تازىلانغاندىن كېيىن چاپلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەلكۈچنى گۈل يېغىغا چىلاپ، كۆزگە تارتىپ چاپلاشمىغۇدەك قىلىپ تېڭىپ قويۇش كېرەك. بۇ خىلدىكى كۆز ئاغرىقىدىن باشقا كۆز ئاغرىقىدا ياغ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

    پايدىلىنىلغان ماتىرىياللار:

    ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك قوللانمىسى

    ئىكسىرى ئەزەم

    ئۇيغۇر تېبابىتى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!