www.4tadu.com
  • بىر نەچچە خىل گۈلنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىدىن قىسقىچە خاتىرە - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/124326792.html

    بىر نەچچە خىل گۈلنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىدىن قىسقىچە خاتىرە

    بۈگۈن 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 26 – كۈنى ھاۋا ئۇچۇق.

    بىر نەچچە خىل گۈلنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ بېقىش ئىسىتىكىدە ، دۇكان ئالدىدىكى باغچىنىڭ نەمخۇش توپىسىدىن ئەكىلىپ، يۇمشاق ئۇۋىتىپ ، كىچىك تەشتەكلەرگە  تەكشى قاچىلىدىم.

    رەيھانگۈل، نامازشامگۈلى، ئاق لەيلى گۈلى، گۈلچاي،  كاسىنە قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ دانلىق ، ياخشى پىشقانلىرىنى ئىلغاپ، ئايرىدىم.

    ئۈچ تەشتەككە رەيھان  ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن بىر سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا سالدىم. ئۈستىنى يەڭگىل چىڭداپ سىڭىشكۈدەك سۇ قۇيۇپ قويدۇم. رەيھان ئۇرۇقىنى ئەسلى توپىدىن 3-4 سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا تېرىسا بولىدىغان بولۇپ، مەن گۈل تېرىلىدىغان تەشتەكلەرنىڭ  كىچىكلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بەك چوڭقۇر سېلىشتىن ساقلاندىم.

    ئىككى تەشتەككە ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا سېلىپ ئۈستىنى رەيھان ئۇرۇقىغا قارىغاندا بەكرەك چىڭداپ سىڭىشكۈدەك سۇ قۇيۇپ قويدۇم. ئاق لەيلى ئۇرۇقىنى ئادەتتە توپا يۈزىدىن 3-4 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا تېرىسا بولىۋېرىدۇ.ئادەتتە ئاق لەيلىنى ئالاھىدە پەرۋىش قىلىش كەتمەيدۇ.

    ئىككى تەشتەككە نامازشامگۈلى ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن ئىككى سانتىمېتىر قېلىنلىقتا سېلىپ ، توپىسىنى ئاق لەيلى ئۇرۇقىدىن بەكرەك چىڭداپ سىڭىشكۈدەك سۇ قۇيۇپ قويدۇم.

    بىر تەشتەككە گۈل چاي ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن 0.7-1.5 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا قۇيۇقراق تېرىپ توپىسىنى تەڭگىل دەرىجىدە چىڭداپ سۇنى باشقا تەشتەكلەرگە قارىغاندا سەل ئازرۇق قۇيۇپ قويدۇم . گۈل چاي ئۇرۇقىنىڭ دانىسى كىچىك، ۋە ئاجىز كۆرۈنگەچكە ئۇنى تېرىشتا تولا ئېھتىيات قىلدىم ھەم مەن بۇ گۈلچاينىڭ گۈلىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈكىنىڭ شەكلى، رەڭگى، ئۆسۈش ئەھۋالى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمىگەنلىكىممۇ بىر سەۋەب بولغان ئىدى.

    بىر تەشتەككە كاسىنە ئۇرۇقىنى توپا يۈزىدىن تەخمىنەن 1-2 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتا سېلىپ نورمال چىڭداپ ، سۇنىمۇ ئاق لەيلى گۈلىنىڭ تەشتىكىگە قۇيغان مىقداردا قۇيۇپ قويدۇم.

    بۈگۈن 27-چىسلا، كۈنگە چارشەنبە.ھاۋا ئۇچۇق. تەشتەكلەرنىڭ توپىسى نەملىكىنى يوقاتماپتۇ. چۈشتىن كېيىن  ئانچە-مۇنچە چاك ئېلىپ يېرىلىشقا باشلىدى.

    بۈگۈن 28-چىسلا ، كۈنگە پەيشەنبە . كېچىدىن بېرى يامغۇر ياغدى.شۇڭا دۇكانغا چىقىشقا ئالدىرىماي ئۆيدىكى ئىشلىرىمنى قىلىپ، يامغۇر سەل پەسەيگەندە دۇكانغا ماڭدىم. ئەمما، ئازراق مېڭىشىمغىلا يامغۇر چېلەكتىن سۇ تۆكۈلگەندەك قۇيۇلۇشقا باشلىدى.بىردەمدىلا چىلىق-چىلىق ھكل بولۇپ كەتتىم.  يامغۇرنىڭ تامچىلىرى ھەر يوغان، زەربىسى قاتتىق ئىدى. قۇلاقلىرىمنىڭ  ئاغرىشلىرىدىن يېغىۋاتقىنىنىڭ يامغۇر ئىكەنلىكىدىن  گۇمانمۇ قىلغان بولدۇم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ باقاي دېدىميۇ يەنە يۈز –كۆزۈمنى بىر نېمە قىلىپ قويمىسۇن دەپ دۈگدىيىپ يولۇمنى داۋام ئەتتىم.يامغۇر ياغسىلا يەنئەن يولىدىكى سابىق كۆۋرۈككە چىقىۋېلىپ باشقىلارنىڭ يامغۇردا ئۇياق-بۇياق يۈگۈرۈشلىرىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان مەن بۈگۈنكى يامغۇردا تىزراق دۇكانغا برىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىپ قالغان ئىدىم .ئارىلىق يېراق بولمىغاچ بىردەمدىلا دۇكانغا كېلىپ بولدۇم، يامغۇرمۇ شىپپىدە توختاپ قالدى.

    رەيھان ئۇرۇقى تېرىلغان تەشتەكلەرنىڭ بىرىدىن بىرىنىڭ بىخلانغىنى مەلۇم بولدى. تەشتەكلەرنىڭ توپىسى چاك-چاك يېرىلىپتۇ، توپا يۈزى ئازراق قۇرغاقلاشقان بولسىمۇ بۈگۈنچە سۇ قۇيماسلىقنى ئويلاشتىم.

    بۈگۈن 29-چىسلا ، كۈنگە جۈمە . ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ، بەزىدە بۇلۇتلۇق.

    رەيھان تەشتىكىدىكى ھېلىقى بىخنىڭ ئىككى قۇلاق ئايرىغانلىقىنى بايقىدىم. تەشتەكلەرگە جۈمەدىن بۇرۇن بىر قېتىم، جۈمەدىن كېيىن بىر قېتىم نىپىز سۇ  قۇيۇۋەتتىم.

    بۈگۈن 30-چىسلا، كۈنگە شەنبە  ھاۋا بۇلۇتلۇق ھەم سەل سوغۇق. ئەتىگەندە ئازراق سىم –سم يامغۇر يېشىپ توختاپ قالغان ئىدى. سائەت 10 لار بىلەن يەنە يامغۇر تامچىلاشقا باشلىدى. رەيھان تەشتىكىدە بىخلىغان ھېلىقى گىياھ 0.3 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بوي تارتىپ قاپتۇ ، قۇلىقى يەنىلا ئىككى تۇرۇپتۇ.يەنە  كاسىنە تەشتىكىدىن بىرىنىڭ بىخلانغىنى مەلۇم بولدى.

    يەنە بىر كاسىنە تەشتىكى بىلەن گۈلچاينىڭ تەشتىكىگە ئۈنۈپ قالغان ئۆسۈملۈكلەر بۈگۈن 1.5-2 سانتىمېتىرچە بولاي  دەپ  قاپتۇ. بىرسى يەنىلا ئىككى قۇلاقلىق، يەنە بىرسى خۇددى پىرسىياۋشان غولىغا ئوخشاش سىپسىلىق، ئۇچى خۇددى تىكەندەكلا كۆكلەۋېتىپتۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!