-
ئاق ئۈجمە - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/124519643.html
ئاق ئۈجمە
بۇ ئاق ئۈجمە دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن ئىبارەت.
خېمىيىلىك تەركىبى: مېۋىسىدە رۇتىن، كاروتىن، ۋېتامىن ئا،ب،س، ئاقسىل، قەنت، ئانتوتيانىدىن، ماي، ئەركىن كىسلاتا، ئالكوھول خىلىدىكىلەر، ئۇچۇچان ماي، تاننىن، سېنتائورىيدىن قاتارلىق تەركىبلەر بار.
دورىلىق تەسىرى: تەبىئەت (ئېمۇنت) كۈچىنى ئاشۇرۇش، لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار.
تەبىئىتى: بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: قۇرۇق سۇغۇق كەيپىياتنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە رەڭ بېرىش؛
ئىشلىتىلىشى:
گالنىڭ يىرىكلىكى، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، گال ئىششىقى، يۇتقۇنچاق ۋە بادامسىمان بەز ياللۇغى، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشى، سۈيدۈكنىڭ ئېچىشىپ كېلىشى، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان كۆكرەك چىڭلىقى، نەپەس سىقىلىش، يۆتەل، ئۇرۇقلۇق، قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
يېڭى ھۆل ئۈجمىنى داۋاملىق يەپ بەرسە سەمرىتىدۇ. يكتەل ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سىقىپ ، سۈيىگە سىركە قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، قىزىتما قايتۇرىدۇ.
ئۈجمىنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ، مېڭىدىكى غەيرى سەپرا، غەيرى سەۋدانى تەڭشەيدۇ. ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: مۇۋاپىق.
زىيانلىق تەسىرى : ئاشقازان كېسەللىرىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: زىرە.
ئورۇنباسارى: قارا ئۈجمە.
پىششىق دورا ياسالمىسى: ئۈجمە شەربىتى، ئۈجمە مۇرابباسى.
پىششىق دورىلار ئىلمىدىن.
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us