www.4tadu.com
  • 62 نەپەر كىچك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاشتىن دوكىلات - [بالىلار كېسەللىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/124571512.html

    62 نەپەر كىچك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاشتىن دوكىلات

    قىسقىچە مەزمۇنى :كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى مەخسۇس تەييارلانغان مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋلاپ ئۇنۇمىنى كۇزىتىش . ئۇسۇل : ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاچ تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش چارىسى بويچە مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاش ؛ نەتىجە : 62 نەپەر بىمار ئىچىدە كىسەللىكى ساقايغانلار 40  نەپەر بولوپ % 64 نى ، ئۇنۇمى كورونەرلىك بولغانلار10 نەپەر بولوپ %16 نى ، ئۇنۇمى كورولگەنلەر 10 نەپەر بولوپ % 16  بولوپ ، ئۇنۇمى كورولمىگەنلەر  2  نەپەر بولوپ % 4 بولوپ داۋالاشنىڭ ئۇنۇم بىرىش نىسپىتى%  96 ؛يەكۇن : كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى داۋالاشتا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاج تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش ، قۇۋىتى ماسىكەنى (تۇتۇش قۇۋىتى )نىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ، تەدبىرى بويچە مەخسۇس تەييارلانغان مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاش ئىلىپ بارغاندا داۋالاش ئۇنۇمىنىڭ تىز ھەم كورونەرلىك  ، ئىختىساد ئاز ، بىمار ۋە ئاتا – ئانىلارغا بولغان روھى بىسىمنى ئىنتايىن تىز يوق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق .

    ئاچقۇچلۇق سوزلەر : كىچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكى ،مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاش  ، ئۇنۇم .

    كىچىك باللاردىكى يەنىي 5 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان باللاردىكى سىيىپ يىتىش كىسەللىكى ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۇندىن –كۇنگە يۇقۇر كوتورلىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە ھەرخىل سوغوق ئىچىملىك ۋە يىمەكلىكلەرنىڭ كوپلەپ بازارغا سىلىنىشى ھەمدە ئائىلە – ئائىلىلەرگىچە ئوموملىشىپ تەرتىپسىز ئىستىمال قىلىنىشى بىلەن بەدەندە ئارتۇقچە ھوللوكنىڭ كوپويىشىنى پەيدا قىلىپ ، ئومومى بەدەننىڭ نورمالنى خىزمىتىدە تەڭپۇڭسىزلىق كورولوپ مەركىزى نىرۋا ۋە سۇيدۇك ئاجىرتىپ چىقىرىش ئەزالىرنىڭ خىزمىتىدە قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقىپ سىيىپ يىتىش كىسەللىكىنى پەيدا قىلغان . ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەدەندە ئارتۇقچە ھوللوكنىڭ ئىشىپ كىتىشى ۋە پەي مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىپ كىتىشى سەۋەبىدىن بۇخىل كىسەللىكنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ . داۋالاشتا كىسەللىك ئالامىتىنىڭ ئىغىر يەڭگىللىكى ، كىسەللىككە گىرىپدار بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن –قىسقىلىغىغا ئاساسەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ . دوختۇرخانىمىز سوڭەك – بوغۇم كىسەللىكلىرى بۆلۇمى 2005- يىلى 1- ئايدىن 2007 – يىلى 7- ئايغىچە بولغان ئىككى  يىرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە بولومىمىزدە داۋالىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ بالىلىرىدىن ئىلگىرى – ئاخىرى بولوپ سىيىپ يىتىش كىسەللىكىگە گىرىپدار بولغان 62 نەپەر كىچىك بالىنى مەجۇنى شاتىرەنجى بىلەن داۋالاپ كورونەرلىك ئۇنۇمگە ئىرىشتۇق . توۋەندە تەپسىلى داۋالاش جەريانىنى دوكىلات قىلىمىز .

    1.  ماتىريال ۋە ئۇسۇل :

    1.1. ئادەتتكى ماتىريال :

    62 نەپەر بىمار ئىچىدە جىنسى ئايرىمىسى جەھەتتە قىزلار 30 نەپەر بولوپ %48 نى ، ئوغوللار 32  نەپەر بولوپ %52 نى ئىگەللەيدۇ ؛ ياش پەرقى جەھەتتە يىشى ئەڭ كىچىكى 5 ياش ، ئەڭ چوڭى 15ياش ، ئوتتىرچە يىشى 10 ياش ؛ تىل ئىغىرلىق ، كىكەچلىك قوشولوپ كەلگەنلەر 23 نەپەر بولوپ %37نى . كىسەللىك تارىخى جەھەتتە ئەڭ قىسقىسى  10 كۇن ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئۇچ ئاي ،ئوتتىرچە كىسەللىك تارىخى 50 كۇن ؛

    1.2. دىئاگىنۇز قويوش : دىئاگىنۇز قويوشتا  بىمارنىڭ كىسەللىك تارىخى ، بىماردا كورولگەن تىپىك كىلنىك ئالامەتلەر ۋە بەدەن ئالامەتلىرى ئاساس قىلىندى .

    1.3. داۋلاش :ئالدى بىلەن بىمار ۋە ئاتا – ئانا ، ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا مەزكۇر كىسەللىكنىڭ پەيدا بولوش سەۋەبى ، ئالامىتى ، ئاقىۋىتى ، داۋالاش ئۇسۇلى ھەمدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار تەپسىلى تونوشتۇرلۇپ داۋالاشقا ماسلىشىپ بىرىشىنى قولغا كەلتۇرۇپ روھى جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىندى ، قائىدىلىك ئائىلىدە  باشقۇرۇش ئىلىپ بىرىش يەنىي سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەردىن قەتئىي پەرھىز قىلىش  ئورونلاشتۇرلدى .

    داۋالاشتا : ئىچىدىن  مەخسۇس مەجۇنى شاتىرەنجى تەييارلاپ بىرىلىپ كۇندە 3 قىتىم ، ھەر قىتىمدا 5-10 گىرامغىچە تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىش بۇيرۇلدى . مەجۇنى شاتىرەنجىنىڭ تەركىۋى – شاتىرەنجى ، ئىگىر  50 گىرامدىن ، پىلپىل ، سىيادان ، زىرە 30 گىرامدىن ، ھەسەل 1 كىلوگىرام . سىرتىدىن كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىسسىقلىق دورىلاردىن ، بابۇنە ، ئىكىلمىلىك ، قەنتەريۇن ، سىرىق چىچەك ، كاۋاۋىچىن ، جوز ، بوزوغا  ، ئادراسمان ئۇرۇغى قاتارلىق دورىلاردىن باراۋەر مىقداردا ئىلىپ 10 كىلو سۇدا 40 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ دورا پىسەپلىرىنى پاكىزە سۇزۇۋىتىپ ئىلمانلاشقاندا ئومومى بەدەننى يۇيۇپ بىرىش ، بۇ خىل ئۇسۇلنى 2 كۇندە بىر قىتىم ئىلىپ بىرىش بۇيرۇلدى .

    داۋلاش ئۇنۇمىنى كۇزىتىش ئولچىمى :بىمارنىڭ بالنىسقا قوبول قىلغان ۋاخىتتىكى كىلنىك ۋە بەدەن ئالامىتىنىڭ تولوق يوقولىشى يەنىي كىچىدە سىيىپ ياتماسلىقى ، كىكەچلىكنىڭ يوقولىشى ئولچەم قىلىندى .

    نەتىجە :  62 نەپەر بىمار ئىچىدە كىسەللىكى ساقايغانلار 40 نەپەر بولوپ % 64 نى ، ئۇنۇمى كورونەرلىك بولغانلار10 نەپەر بولوپ %16 نى ، ئۇنۇمى كورولگەنلەر 10 نەپەر بولوپ % 16  بولوپ ، ئۇنۇمى كورولمىگەنلەر  2  نەپەر بولوپ %   4   بولوپ داۋالاشنىڭ ئۇنۇم بىرىش نىسپىتى%  96 

    موھاكىمە :كچىك باللاردىكى سىيىپ يىتىش ، تىل كەمتۇك بولوش ، كىكەچلىك  كىسەللىكىنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مىزاج تەڭشەش ، ھوللوكنى قۇرۇتۇش ، ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ئىچى سىرتىدىن دورا ئىشلىتىش بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى كۇچەيتىش ، قائىدىلىك ئوزوقلاندۇرۇشنى بىرلەشتۇرۇپ داۋالاش ئىلىپ بارغاندا باشقا داۋالاش ئۇسۇلىغا قارىغاندا داۋالاش ئۇنۇمىنىڭ تىز ، ساقىيىش ۋاختى قىسقا ، قايتا قوزغىلىش نىسپىتىنىڭ ئىنتايىن توۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق

    ئاپتۇرلار : ئالىمجان ماخمۇت،ئابدۇسەمەت ئابدۇخىلىل ، ئوسمانجان ئابدۇغىنى

    يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

    خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانا تور بېكىتىدىن ئېلىندى.

    分享到:

    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!