www.4tadu.com
  • ئىنسانلاردىكى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈرلىرى - [ئاساسىي نەزەرىيە قىسمى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/124831021.html

    ئىنسانلاردىكى تەبىئىي مىزاجنىڭ تۈرلىرى

     

    مىزاج ئىرسىيەت يولى بىلەن ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغاندا مەلۇم بىر خىل مىزاج ۋە شۇ مىزاج پەيدا قىلغان بەلگە، ئالامەت ۋە مىجەزنىڭ روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىغا  ئاساسەن،  ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆئدىتىل مىزاج ۋە مۆئدىتىل بولمىغان مىزاج دەپ ئىككى چوڭ تۈرئايرىلىدۇ.

     مۆئدىتىل مىزاج بولسا ئىنسانلار مىزاجىنىڭ شەكىللىنىپ  چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۆت خىلىتنىڭ بىر – بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولغان كەيپىياتلىرىنىڭ بىر – بىرىنى چەكلەش ، تىزگىنلىشىدىن خالىي بولغان ئورتاق ھالىتى بولۇپ ، مىزاج جەھەتتىن تۈپتىن قارىمۇ – قارشى بولغان بىر جۈپ ئاتا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مەلۇم بىرىدە بۇ خىل مىزاجنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ.  بۇ خىل مىزاج ئىنسانلار تەبىئىي  مىزاجى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مىزاج بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىرسىيەت يولى بىلەن ئەۋلادلاردا ئىپادىلىنىپ چىقىش پۇرسىتى ناھايىتى ئاز بولىدۇ .

    مۆئدىتىل بولمىغان مىزاج ئاساسلىقى ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئاساسى بولغان تۆت ماددا (تۆت خىلىت ) نىڭ ئۆز ئارا تەسىرلىشىشى نەتىجىسىدە ، مەلۇم بىر خىلت كەيپىياتىنىڭ ياكى بىر خىلدىن ئارتۇق خىلىتلارنىڭ گىرەلەشمە كەيپىياتىنىڭ تىپىكرەك ئىپادىلىنىپ چىقىشىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مۆئدىتىل بولمىغان يالغۇز مىزاج ۋە مۆئدىتىل بولمىغان مۇرەككەپ مىزاج دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

    مۆئدىتىل بولمىغان يالغۇز مىزاج بولسا قان (ھۆل ئىسسىق ) مىزاج، سەپرا(قۇرۇق ئىسسىق) مىزاج، بەلغەم ( ھۆل سۇغۇق) مىزاج، سەۋدا ( قۇرۇق سۇغۇق ) مىزاج قاتارلىقلاردىن ئىبارەت  تۆت تۈرگە ؛ مۆئدىتىل بولمىغان مۇرەككەپ مىزاج بولسا  خۇنى سەپرا( ھۆللۈك دەرىجىسى ئاجىز، قۇرۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھۆل ئىسسىق ) مىزاج ، خۇنى بەلغەن(ئىسسىقلىق دەرىجىسى ئاجىز، ھۆللۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھۆل ئىسسىق ) مىزاج ، خۇنى سەۋدا ( ھۆللۈك ۋە ئىسسىقلىق دەرىجىسى ئاجىز ھۆل ئىسسىق) مىزاج،  سەپرائى خۇن ( قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، ئىسسىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قۇرۇق ئىسسىق) مىزاج ، سەپرائى بەلغەم ( ئىسسىقلىق ۋە قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز بولغان قۇرۇق ئىسسىق ) مىزاج ،  سەپرائى سەۋدا ( ئىسسىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن ، قۇرۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قۇرۇق ئىسسىق ) مىزاج ،  بەلغىمى خۇن ( سۇغۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، ھۆللۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھۆل سۇغۇق ) مىزاج ، بەلغىمى سەپرا ( ھۆللۈك ۋە سۇغۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز بولغان ھۆل سۇغۇق ) مىزاج ،  بەلغىمى سەۋدا ( ھۆللۈك دەرىجىسى ئاجىز ، سۇغۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ھۆل سۇغۇق) مىزاج ، سەۋدائى خۇن ( قۇرۇقلۇق ۋە سۇغۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز بولغان قۇرۇق سۇغۇق ) مىزاج ، سەۋدائى سەپرا ( سۇغۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، قۇرۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان قۇرۇق سۇغۇق ) مىزاج ، سەۋدائى بەلغەم ( قۇرۇقلۇق دەرىجىسى ئاجىز، سۇغۇقلۇق دەرىجىسى   يۇقىرى بولغان قۇرۇق سۇغۇق ) مىزاجدىن ئىبارەت 12  تۈرگە ئايرىلىدۇ .

    مىزاجنىڭ يۇقىرىقى تۈرلىرىنىڭ مەلۇم بىر خىلىنىڭ مەلۇم بىر يەككە تەن ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ، شۇ تەننىڭ ئەجدادلىرىدىكى ئېرسىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ شۇ تەننىڭ ھەر قايسى ھاياتلىق باسقۇچلىرىغا مايىللىشىپ ئۆزگىرىشىدىن باشقا ، تەبىئىي تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاپ تۇرالىشى ساغلاملىقنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ . ئەكسىچە ، ئۇ ئۆزگىرىپ تەبىئىي تۇراقلىق ھالەتنى يوقاتسا ، تەندە شۇ ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بەلگە ، ئالامەتلەر ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى يۈز بېرىدۇ .

    دېمەك ، تەبىئىي مىزاج – بەدەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان  ھەمدە تاشقى بەش ئەزادا ئۆز ئىپادىسىنى بىۋاسىتە گەۋدىلەندۈرىدىغان مەۋھۇم كۆرسەتكۈچ .

    بىز كىلىنلىكىق داۋالاش ئىشلىرى ۋە ھاياتلىق مۇساپىمىزدە مىزاجنىڭ  ماھىيىتى ۋە تۈرلىرى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتنى  پۇختا ئىگەللەپ ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا  ئۇنىڭ تەبىئىيلىكىنى ساقلاپ ،  نورمالسىز ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىنى ئالساقلا ، مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە  ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، تەبىئىي ھاياتلىقنىڭ ساغلام داۋام قىلىشىغا مۇئەييەن تۆھپىلەرنى قوشالايمىز .

    ئۇيغۇر تېبابىتىدە مىزاج تەڭشەش ئۇسۇللىرى ناملىق كىتابتىن .

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت دۇكىنى .

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!