مىزاج ئىرسىيەت يولى بىلەن ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغاندا مەلۇم بىر خىل مىزاج ۋە شۇ مىزاج پەيدا قىلغان بەلگە، ئالامەت ۋە مىجەزنىڭ روشەن ئىپادىلىنىپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىغا ئاساسەن، ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى مۆئدىتىل مىزاج ۋە مۆئدىتىل بولمىغان مىزاج دەپ ئىككى چوڭ تۈرئايرىلىدۇ.
مۆئدىتىل مىزاج بولسا ئىنسانلار مىزاجىنىڭ شەكىللىنىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان تۆت خىلىتنىڭ بىر – بىرىگە قارىمۇ-قارشى بولغان كەيپىياتلىرىنىڭ بىر – بىرىنى چەكلەش ، تىزگىنلىشىدىن خالىي بولغان ئورتاق ھالىتى بولۇپ ، مىزاج جەھەتتىن تۈپتىن قارىمۇ – قارشى بولغان بىر جۈپ ئاتا-ئانىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ مەلۇم بىرىدە بۇ خىل مىزاجنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. بۇ خىل مىزاج ئىنسانلار تەبىئىي مىزاجى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مىزاج بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىرسىيەت يولى بىلەن ئەۋلادلاردا ئىپادىلىنىپ چىقىش پۇرسىتى ناھايىتى