-
يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە كۆكتاتلا - [خام دورىلار ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/128205313.html
يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە كۆكتاتلار
پالەك
تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق؛
خۇسۇسىيىتى: يۈرەك ئاغرىقى ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاغرىقى، ئىسسىقتىن پەيدا بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش،سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، يەل ھەيدەش، ئاشقازان كۆپۈشنى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
تۇرۇپ
تەبىئىتى: ئۇرۇقىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق،كۆكى ھۆل ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ماددىلارنى يۇمشىتىش ۋە تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، ئۆپكىنى تازىلاش ، يەل ھەيدەش، قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
يۇمغاقسۈت
تەبىئىتى: قۇرۇق سۇغۇق.
خۇسۇسىيىتى: ئاغرىق قالدۇرۇش، خۇش قىلىش، ئىشتىھانى ئېچىش، تاماق سىڭدۈرۈش، يەل ھەيدەش، كېكىرىشنى يوقىتىش ، ئۇسسۇزلۇقنى ۋە قەي قىلىشنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
پىننە
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: كۆڭۈلنى ئېچىش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل ھەيدەش، ئاغرىق پەسەيتىش، باھنى، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
سامساق
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: بەدەننى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان تازىلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش، تەم پەيدا قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
كەرەپشە(چىڭسەي)
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، مېڭە-نىرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياخشىلاپ ، يۆتەل پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
قىزىلمۇچ
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
خۇسۇسىيىتى: ئورگانىزىمدىكى قۇيۇق يەللەرنى تارقىتىش، بەلغەم بوشىتىش ۋە چىقىرىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، تەرلىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كىتابتىن.
收藏到:Del.icio.us