-
ئەر – ئاياللار ئۈچۈن ھەرىيرەلەردىن بىر نەچچە رېتسىپ - [رېتسىپ خالتىسى]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/127804164.html
ئەر – ئاياللار ئۈچۈن ھەرىيرەلەردىن بىر نەچچە رېتسىپ
ھەرىيرە مۇقەۋۋى باھ 1
تەسىرى: مەنىي كۆپەيتىدۇ، جىمادىن كېيىن ئىچسە چىقىپ كەتكەن مەنىينىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تەسىرى تېز بولۇپ ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ.
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئاقلانغان بادام مېغىزى،زاراڭزا ئۇرۇقى مېغىزى،كېۋەز ئۇرۇقى مېغىزى 12گرامدىن، خەشخەش ئۇرۇقى 3گرام، ئاق بەھمەن، ئاق تۇدرى، سۆئلەپ مىسرى 6گرامدىن،زەنجىۋىل 2گرام، قىزىلگۈل ئەرقى ، كالا سۈتى 125 مىللىلېتىردىن، ناۋاتتىن 36گرام ئېلىنىدۇ. مېغىزىياتلار بىلەن خەشخەش ئۇرۇقى قىزىلگۈل ئەرقى ۋە سۈتكە قوشۇپ قاينىتىپ شىرىسى چىقىرىپ پىشۇرۇلىدۇ. كېيىن قۇيۇلغاندا قالغان دورىلار بىلەن ناۋات يۇمشاق سوقۇلۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇۋۇغاندا ئىچۈرۈلىدۇ.
ھەرىيرە مۇقەۋۋى باھ2
تەسىرى: مەنىي كۆپەيتىدۇ، جىمادىن كېيىن ئىچسە چىقىپ كەتكەن مەنىينىڭ ئورنىنى تولدۇرىدۇ. مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. تەسىرى تېز بولۇپ ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ.
تەركىبى ۋە تەسىرى: بادام مېغىزى ، پىندۇق مېغىزى20 دانىدىن، نىشاستىدىن 24گرام، سۆئلەپ مىسرى، شاقاقۇل مىسرى، ئاق بەھمەن 2گرامدىن ئېلىنىدۇ. بۇ دورىلار 250 مىللىلېتىر سۇدا قاينىتىلىپ شىرىسى چىقىرىلىدۇ. قايناش ئارىلىقىدا قايماقتىن 24گرام، ناۋاتتىن 36گرام قوشۇلۇپ قۇيۇلغاندا ئاندىن سۇۋۇتۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
ئىستىمال مىقدارى: ھەر كۈنى سەھەردە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ھەرىيرە مۇۋەللىرى شيىر1
تەسىرى : سۈت ئازلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: ئاق زىرە، گۈرۈچ 8گرامدىن، كالا سۈتىدىن 125گرام ئېلىنىپ ، قۇرۇق دورىلار يۇمشاق سوقۇلۇپ ، سۈت بىلەن تەييارلىنىپ ئىچىلىدۇ.
ھەرىيرە مۇۋەللىرى شيىر 2
تەسىرى : سۈت ئازلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: 24گرام نىشاستە 250 گرام سۈتتە ئېرىتىلىپ ، گۈرۈچ ، بادام مېغىزى، چىگىت مېغىزى، ئوغرىتىكەن، چىلغوزا قاتارلىقلاردىن 12گرامدىن ئېلىنىپ، شىرىسى چىقىرىلىدۇ . ئۇنىڭغا تەرەنجىۋىن شىرىسىدىن 6گرام ۋە ناۋاتتىن 36 گرام قوشۇپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن قائىدە بويىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ھەرىيرە نەسىۋان
تەسىرى: تۇغۇتتىن كېيىن ئاياللار ئىستىمال قىلسا ناھايىتى ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
تەركىبى ۋە تەييارلىنىشى: سېرىقياغ، بۇغداي ئۇنى 250گرامدىن، قارا شېكەر 125گرام، پىلپىل، پىلپىل يىلتىزى، زەنجىۋىل، جۇۋىنە 3گرامدىن ئېلىنىدۇ. ئۇن سېرىقياغدا سارغايتىلىدۇ، قارا شېكەر يېتەرلىك مىقداردىكى سۇدا ئېرىتىلىپ ، ئىككىسى قوشۇپ قاينىتىلىپ ، قۇيۇلغاندا ئوتتىن چۈشۈرۈلۈپ ، دورىلارنىڭ سوقۇلغان تالقىنى ئارىلاشتۇرۇلۇپ ، ھەر كۈنى ئاجىز ئاياللارغا 300-125گرام مىقدارىدا ئىستىمال قىلدۇرۇلىدۇ.
توت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
مەخزەنۇل مۇرەككىباتتىن ئېلىندى
收藏到:Del.icio.us