www.4tadu.com
  • يەل تارقتىىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مېۋە-چىۋىلەر - [ئوزۇقلۇق بىلەن كېسەل داۋالاش]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/131468694.html

    يەل تارقتىىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە مېۋە-چىۋىلەر

     

    بىھى

    تەبىئىتى: تاتلىقى مۆئدىتىلگە مايىل، بەزىلەر ھۆل ئىسسىق دەيدۇ. ئاچچىق-چۈچۈكى قۇرۇق سۇغۇق. بىھى ئۇرۇقى ھۆل سوغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: خۇشلۇق كەلتۈرۈش، يۈرەك، مېڭە، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى كۈچەيتىش ، يەل ھەيدەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    ئامۇت

    تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق

    خۇسۇسىيىتى: ئاشقازاننى، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئىشتىھانى ئېچىش، يەل ھەيدەش، سەپرانىڭ تىزلىكىنى، قاننىڭ قىزىقلىقىنى پەسەيتىش، سېسىق گازلارنىڭ مېڭىگە ئۆرلىشىنى توسۇش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    ياڭاق

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، بەلغەم بوشىتىش، مېڭىنى،باھنى قۇۋۋەتلەش،يەل تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچنى ئۆستۈرۈش ۋە قارايتىش قاتارلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    جىغان

    تەبىئىتى: مۆئدىتىل

    خۇسۇسىيىتى: يۆتەل توختىتىش، نەملىك پەيدا قىلىش، قىزىتما قايتۇرۇش، ئاشقازاننى ياخشىلاش،ئىشتىھانى ئېچىش، قاننى جانلاندۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل ھەيدەش، ئىششىق قايتۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    زىرىق

    تەبىئىتى : قۇرۇق سۇغۇق

    خۇسۇسىيىتى: جىگەر ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، سەپرانى پەسەيتىش، قان تازىلاش، ئىششىق قايتۇرۇش، ھەزىمگە ياردەم بېرىش، تاماق سىڭدۈرۈش، يەل ھەيدەش قاتارلىق تەسىرلەرگە ئىگە.

     

    ئاپتاپپەرەس

    گۈلى مۆئدىتىل،ئۇرۇقى قۇرۇق سۇغۇق، بۇ كىتابتا قۇرۇق ئىسسىق دېيىلىپتۇ.

    خۇسۇسىيىتى: مېڭە جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ماددىلارنى تازىلاش، ئىششىق تارقىتىش، چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، قۇلىنجىنى يوقىتىش، باھنى قوزغاش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، بۇۋەسىر، ئۆپكە جاراھىتى، ئىسسىقنى يوقىتىش، قورساقتىكى ھامىلىنى چۈشۈرۈش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، يەل تارقىتپ، ھەزىمگە ياردەم بېىش قاتارلىقلار.

     

    ئۈجمە

    تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق

    خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ساپ قان پەيدا قىلىش، جىگەر- تال خىزمىتىنى ياخشىلاش،  چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، باھ ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە.

     

    ئاق تىكەن مېۋىسى

    تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قىزىتما قايتۇرۇش، غەيرى تەبىئىي بەلغەم ۋە سەۋدانى سۈرۈش، سۈيدۈك ۋە ھەزينى راۋانلاشتۇرۇش، يەل تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    ئەنجۈر

    تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق

    خۇسۇسىيىتى: بەدەننى سەمرىتىش، تەرەتنى يۇمشىتىش، يەل تارقىتىىش، بەلغەم بوشىتىش، چىراينى پارقىرىتىش ، سۈيدۈك ھەيداش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    چوڭ قاقىلە

    تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق

    خۇسۇسىيىتى: ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش ، يەل ھەيدەش تەسىرىگە ئىگە.

     

    چىلغوزا

    تەبىئىتى: ھۆل ئىسسىق

    خۇسۇسىيىتى: باھنى قۇۋۋەتلەپ ، بەدەننى قىزىتىش، سەمرىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىپ يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

     

    دولانا

    تەبىئىتى: قۇرۇق سۇغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: تاماق سىڭدۈرۈش، يەل ھەيدەش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش، قۇرت چۈشۈرۈش، تولغاقنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

     

    ئاچچىق بادام

    تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق

    خۇسۇسىيىتى: توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق قايتۇرۇش، چىرايغا جۇلا بېرىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

     

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    يەلدىن بولغان كېسەللىكلەرنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش ناملىق كىتابتىن.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!