www.4tadu.com
  • ئەغرازى تېببىيە مۇقەددىمەسى - [كىلاسسىك تېببىي ئەسەرلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/132298459.html

    ئەغرازى تېببىيە

    مۇقەددىمەسى

    سەۋدا ئۇرغان مەن بىچارە سەرگەردانمەنكى،

    خۇدانىڭ سۈپەت- تەرىپىنى قانداق ئېيتارمەن.

    ئىلاھىم تەۋھىدىڭدىندۇر لەرزىدە تېنىم،

    گەر بولسىمۇ زەبۇن ھالىم ھەمدۇ ئېيتارمەن.

     

      قابى قەۋسەيىن تەختىنىڭ شاھىنشاھى، پەيغەمبەرلەر پېشىۋاسى، ئىككى جاھان سۇلتانى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالام بولسۇنكى ، ئۇ زات ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇر ، بىرى تېببى ئىلىم ، يەنە بىرى دىنىي ئىلىمدۇر دەپ تېببىي ئىلىمنىڭ دىنىي ئىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. بۇ ، تەن ساغلاملىقىنىڭ مۇھىمىقىغا قارىتىلغان ئىشارەتتۇر. ئەگەر كىشىنىڭ تېنى ساق بولسا، تائەت-ئىبادەت، پەرز-سۈننەتلەرنى بەجا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ، بولمىسا ئاللاھنىڭ بۇيرۇق – توسۇقلىرىدىن قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۆئمىن ئۈچۈن ھېچنەرسە ئىبادەتتىن ياخشى ئەمەس، شۇنداق بولغاچقا مۆئمىن بۇرادەرلەرنىڭ ئەزىز جانلىرى ۋە نازۇك تەنلىرىگە بىرەر ئاپەت يەتسە ، يۇقىرىقى پەيغەمبەر ھەدىسىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئۆزىگە ئىلاج قىلىپ شىپا تاپقاي دەپ، ئەغرازى تېببىيە(مەقسەتكە يەتكۈزگۈچى تېبابەت)، قارابادىن(مۇرەككەپ دورىلار توپلىمى)، دەستۇرۇلئىلاج( داۋالاش دەستۇرى)، تۆھپەخانىگە ئوخشاش كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ، بۇ كىتابنى ئىلمى ۋە ئەمەلىي ھالەتدە تۈركىي قىلىپ ، بىزدىن كېيىنكى مۆئمىنلەرگە يادىكار قىلدىم. بۇ قەشقەر زېمىنى بولغاچقا ، مۈشكۈل لۇغەتلەر ۋە دورا ناملىرىنى ‹‹سۇراھ››(ئىزاھلىق لۇغەت)، ‹‹فەرەنگى›› (لۇغەتلەر)، ‹‹ ئىختىيارات›› قاتارلىق كىتابلاردىن پايدىلىنىپ ئاسان قىلدىم.

     

     بۇ كىتابنى ھىجرىيە 1150-يىلى (مىلادىيە 1737-يىلى) يىلان يىلى قەشقەردە ئەيىبلىك بەندە ئەلى بەگ ئوغلى مۇراتبەگ ئۆز قولۇم بىلەن يېزىپ يادىكار قىلدىم.

     

     ئەي بۇرادەرلەر ، سىلەر ھەققىمدە دۇئا قىلساڭلار ، كىتابنىڭ ھەققى زايە بولماس. بۇ ئىلىمنى ئۆگىنىشكە تىرىشچانلىق قىلغانلارغا نەسىھىتىم شۇكى، برىنچىدىن بىمارنى ھەرخىل گۇناھى مەسىيەت ۋە يامان قىلمىشلاردىن توۋا قىلدۇرۇپ ، خۇدايى تەبارەك ۋەتائالاغا ياندۇرغاي. كەمبەغەل ، مىسكىنلەرگە سەدىقە بەرگەي. ئىككىنچىدىن ، تېۋىپ بىمار ھەققىدە ياخشى دۇئا قىلغاي، شىپاھ تاپسا ھەقتائالادىن دەپ بىلگەي. ئەمما بىمار پەرھىز قىلمىسا ھەرگىز ياخشى بولماس، تېۋىپمۇ ب ىمارنى پەرھى تۇتۇشقا بۇيرۇغاي. دورا بەرگەندە ئىككى ۋاقلىق تائامنى ئازراق يېگەي، بىمار رىيازەت بىلەن مەشغۇل بولماي ئارام ئالغاي.

     

    ئەغرازى تېببىيە مۇقەددىمەسى.


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!