www.4tadu.com
  • مەجۈنى نانىخانىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/125675837.html

    مەجۈنى نانىخانىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى

    بىرىنچى خىل نۇسخىسى:

     

    نانىخا سەئتەر، زۇپا، پىننە، سىيادان، زىرە قاتارلىقلار 20گرامدىن، ئىگىر ، بەسباسە، ئارپىبەدىيان، زەنجىۋىل ،جۇيۇز، كەرەپشە ئۇرۇقى توققۇز گرامدىن، تاغ يالپۇزى 40 گرام، ھەسەل 642 گرام.

     

    ئىككىنچى خىل نۇسخىسى:

    نانىخا، زەدەك ئۇرۇقى، زەنجىۋىل 40 گرامدىن، زەپەر، بىستىپايەج ئۈچ گرامدىن، كەرەپشە يىلتىزى 15گرام، مەستىكى رۇمى 7.5 گرام، ئۇدخام ئالتە گرام، ئاقىرقەرھا 4.5گرام، ھەسەل 477 گرام.

     

    يۇقىرىقى ئىككى خىل نۇسخىدىن قايسىنى تەييارلىماقچى بولسا ، شۇ نۇسخىدىكى دورىلارنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ، ھەسەلگە ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

     

    تەبىئىتى : ئىسسىق.

    تەسىرى: ئاشقازان ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى: ئىشتىھاسىزلىق ، جىگەر ئاجىزلىقى قاتارلىقلارنى داۋالاش؛ ئېغىز پۇراشنى يوقىتىش، شالدام ئادەملەرگە، تۇمۇر بوغۇلىشىنى ئېچىشقا، يەل ھەيدەشكە، ئۈچەي قۇرتلىرىنى چۈشۈرۈشكە ، بۆرەك، سۈيدۈك يوللىرىدىكى قۇم، تاشلارنى چۈشۈرۈشكە، جىنسىي ئاجىزلىقنى ياخشىلاش ۋە مەنىي كۆپەيتىشكە ئىشلىتىدۇ.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    ئۇيغۇر تېبابىتى داۋاسازلىق ۋە مۇرەككەپ دورىلار ئىلمى ناملىق كىتابتىن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!