www.4tadu.com
  • يەرلىك شوخلا ھەققىدە - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/126929528.html

    يەرلىك شوخلا ھەققىدە

    بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يەرلىك شوخلىنىڭ پىشقان مېۋىسى بولۇپ، يەرلىك شوخلا، مارجان شوخلا، شوخلا، ئەنگۈرى شىفا، ئىتئۈزۈمى، ئىنەبۇسسۆئلەپ دېگەندەك ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    تەبىئىتى:

    ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

    خۇسۇسىيىتى: ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، غەيرىي تەبىئىي قان ۋە سەپرا خىلىتىنى ، قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارارەتنى پەسەيتىش، قان تازىلاش، چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىش قاتارلىقلار؛باشقا كىتابتا ‹ چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش› دېيىلگەن.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

    جىگەر ياللۇغى،ئاشقازان  ياللۇغى، گال ئاغرىقى، ھەر خىل سۇلۇق ئىششىق، سۇزۇلما كاناي ياللۇغى، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، ئۈچەي ئىششىقى، قىچىشقاق، ئۆتكۈر قىزىتما، سەپراۋى تەپ، يۇقىرى قان بېسىم، سۆزنەك ، سىزلام قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. باشقا كىتابتا‹ دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك تېشى، بادامسىمانبەز ياللۇغى، بۇۋاسىر، قۇلاق ياللۇغى › دېيىلگەن.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    ئىتئۈزۈمى، ئىكلىلمىلىك، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، ھەمشىۋا ئۇرۇقىدىن بەش گرامدىن ئېلىپ ، قايناتما تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغ ۋە ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قىزىتما ۋە ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىدۇ.

    كاكىنەچ، ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە ، ئوغرىتىكەن، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، شەربەت تەييارلاپ ئىچسە سۆزنەك ۋە سىزلامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    تەمرى ھىندى 10گرام، ئەينۇلا بىلەن يەرلىك شوخلىدىن 15گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچسە ، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    قىزىلگۈل، ئەپتىمۇن، يەرلىك شوخلىدىن  مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ، ئۈچەي ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى: 5-7گرام

    زىيانلىق تەسىرى: ئاشقازانغا زىيان قىلىدۇ، باشقا كىتابتا ئەزالارنى سۇسلاشتۇرىدۇ دېيىلگەن.

    تۈزەتكۈچىسى: ئاشقازان ئۈچۈن پىننە، بەدىيان دېيىلگەن. ئەزالارنى سۇسلاشتۇرۇپ قويۇشى ئۈچۈن گۈلقەنت دېيىلگەن.

    ئورۇنباسارى: كاكىنەچ.

    پىششىق دورا ياسالمىسى: ئەرقى شوخلا، قۇرسى كاكىنەچ، شەربىتى كاكىنەچ قاتارلىقلار…..

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    خام دورا كىتابلىرىدىن پايدىلىنىلدى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!