-
تېببىي ئەكبەردىن ئىككى رېتسىپ - [دورا تەييارلاش ھەققىدە]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/kukyal-logs/127273362.html
تېببىي ئەكبەردىن ئىككى رېتسىپ
مەجۈنى لوبوب
تەركىبى: تاتلىق بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى،سىقىچ دەرىخىنىڭ ئۇرۇقى، سەنۇبەر ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، پىستە مېغىزى، يېڭى نارجىل مېغىزى، ھەببى قەلقەل مېغىزى، ئاق خەشخەش ئۇرۇقى، قىزىل تۇدرى، سېرىق تۇدرى، ئاقلانغان كۈنجۈت، زاغۇن ئۇرۇقى، سەۋزە ئۇرۇقى، پىياز ئۇرۇقى، چامغۇر ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، زەنجىۋىل، دارپىلپىل، كاۋاۋىچىن، قېلىن دارچىن، نىپىز دارچىن، شاقاقۇل، ھەليۇن ئۇرۇقى قاتارلىقلار باراۋەر مىقداردائېلىنىدۇ. ھەسەل ھەممە دورىلارغا ئۈچ باراۋەر، ئاق پىيازنىڭ سۈيى ھاجەتكە لايىق ئېلىنىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار قائىدە بويىچە ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ، تاسقىلىدۇ. ھەسەلنى ئاق پىيازنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، پىيازنىڭ سۈيى ھەسەلنى ئۆزىگە تارتىپ بولغاندا قالغان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىنىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: مەنى كۆپەيتىش، باھ ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
ئىشلىتىلىشى: ئەھۋالغا قاراپ ئەتىگەن ئاخشامدا ئىككى قېتىم، 4.5-6 گرامغىچە يەيدۇ.
جاۋارىش زەرئۇنى
تەركىبى: قارىمۇچ، دارپىلپىل، زەنجىۋىل، قېلىن دارچىن، خولىنجانلار بىر ھەسسىدىن، قىزىل تۇدرى، سېرىق تۇدرى، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، بوزىدان ، تاتلىق ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى ، سەئدى كۇاى، سۇمبۇل قاتارلىقلار ئۈچ ھەسسىدىن ئېلىنىپ قائىدە بويىچە سوقۇپ ، تاسقىلىدۇ، ئاندىن كۆپۈكى ئېلىنغان ئۈچ ھەسسە ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىنىدۇ.
خۇسۇسىيىتى:
مەنىينى قىزىتىش، قوزغاش، تېزلەشتۈرۈش، جىنسىي قابىلىيەتنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
ئىشلىتىلىشى: ئەتىگەن كەچتە ئەھۋالغا قاراپ 4.5-9 گرامغىچە يەيدۇ.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
تېببىي ئەكبەردىن ئېلىندى.
收藏到:Del.icio.us