www.4tadu.com
  • جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدىغان يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار - [جىگەر -ئۆت كېسەللىكلىرى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/126628375.html

    جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدىغان يەككە ۋە مۇرەككەپ دورىلار

     

    جىگەرنىڭ ئىسسىقتىن بولغان كېسەللىرىگە بۇيرۇلىدىغان دورىلار

    يەككە دورىلاردىن:

    بىخ كاسىنە، تۇخۇمى كاسىنە، قىزىلگۈل، زىيخ، سېمىز ئوت، يەرلىك شوخلا، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئالقات، قارائۆرۈك، ئەينۇلا، تەمرى ھىندى، ئامۇت، بىيە، سەندەل، تاباشىر، كاپۇر، سېرىغ ھېلىلە، قارا ھېلىلە، ئامىلە مۇقەششەر، ئاچچىق ئانار، لىمۇن. تاۋۇز، ئارپا ، ئاق ئۈزۈم، ئۈزۈم سىركىسى قاتارلىق تەبىئىتى قۇرۇق سۇغۇق ۋە ياكى ھۆل سوغۇق بولغان دورىلار بېرىلىدۇ. (ھاياتلىق دەستۇرى ناملىق كىتابتا ۋە باشقا خام دورا كىتابلىرىدا قارا ھېلىلىنى جىگەرگە زىيانلىق دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن.

    مۇرەككەپ دورىلاردىن: سىركەنجىۋىل ساددە، بىھى شەربىتى، ئەينۇلا مۇرابباسى، ئەينۇلا، تۇرۇنجى، ئامۇت شەربەتلىرى، دىنار شەربىتى، قۇرسى زىرىيشك، قۇرسى كاپۇر، جاۋارىش تاباشىر، ئەرقى كاسىنە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى شاھتەررە قاتارلىق مۇرەككەپ دورىلار بېرىلىدۇ.

     

    جىگەرنىڭ سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلىرىگە بۇيرۇلىدىغان دورىلار

     

    يەككە دورىلار:

    زەپەر، سۇمبۇل، ئىزخىر، قوۋزاق دارچىن، زىرە، پىننە، يالپۇز، ئۈزۈم، جۇيۇز، كاۋاۋىچىن، جىنتىيانا، رۇمبەدىيان، ئارپابەدىيان، ئەمەن ، سېرىغ ئوت، كەرەپشە ئۇرۇقى، رەۋەن، شاپەس، سۇزاپ، ياقۇت، ئەنبەر، ئىپار، زەنجىۋىل، بىخ كەبىر قاتارلىق ھۆل ئىسسىق ياكى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلار؛

     

    مۇرەككەپ دورىلار:

    مەجۈنى ئەمرۇسىيا، ئاساناسىيا، ئاسان سىپاكىر، ئامىلە نۇشىدارى، تەرياقى پارۇق، بايادەيتۇس، تەرياقى ئەربەئە، ئايارەج لوغانزىيا، داۋائىل كۈركۈم، داۋائىل كىبىرىت، داۋائى جىنتىيانا، جاۋارىش جالىنۇس، جاۋارىش ئەنبەر، مەجۈنى سوم، جاۋارىش شەھرىياران، جاۋارىش نارمىشكى، مادەتۇلھايات، جاۋارىش نانىخا، جاۋارىش دارچىن، شەربىتى بۇزۇرى ھار، سىركەنجىۋىل بۇزۇرى، سىركەنجىۋىل رەۋەن، سىركەنجىۋىل ئەنسىلى، سىركەنجىۋىل ئەپتىمۇن، شەربىتى ئەپسەنتىن، شەربىتى ئەۋرىشىم، قۇرسى سۇمبۇل، قۇرسى رەۋەن، قۇرسى ئەنىيسۇن، ھەببى غاپەس، ھەببى رەۋەن، ھەببى ئەنبەر، ھەببى سەبرە، ھەببى غارىقۇن، ھەببى لوك، ئەرقى پۇدىنە، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى زەپەر، ئەرقى سۇمبۇل، مۇرەككەپ ئەرقى زەبىب قاتارلىقلار؛

     

    جىگەرنىڭ مۆئدىتىل دورىلىرى:

    مەجۈنى دەبدىلۋەرد، سىركەنجىۋىل بۇزۇرى مۆئدىتىل، شەربىتى پەۋاكى، نارپىننە، قىزىلگۈل، شەربىتى ئوترۇج قاتارلىقلار......

    ھاياتلىق دەستۇرى ناملىق كىتابتا جىگەرنى كۈچلەندۈرگۈچى دورىلار قاتارىغا مۇنۇلار يېزىلغان:

    ئۆشنە، ئىزخىر، ئەپسەنتىن، ئانار، لاچىندانە، ئاسارۇن، يامغۇر سۈيى، بادىرەنجىبۇيا ۋە بادرەنجىبۇيا ئۇرۇقى، ئۇدبىلسان. ھېلىلە، سەلىخە، قەسبۇزەرىرە، ھەببى زەلەم،  تۆمۈر پوقى، غۇراپ سۈيى، دۇنرەج ئەقرەبى، دارچىن، ھەر خىل زەپەر، زىراۋەندە، زىيخ ، بىھى، سۇمبۇل ھىندى، ئالما، شاقاقۇل، غاپەس، پەرەنجىمىشكى، قارىمۇچ، قەلەمپۇر، قۇستە، كاۋاۋىچىن، قىزىلگۈل، كۇشۇش، لوك، لىمون، مەستىكى رۇمى، ئۇرۇقسىز ئۈزۈم، پىستە مېغىزى، نارمىشكى، گۈلقەنت، ھەببى بىلسان، سۇمبۇل رۇمى، سەۋزە قاتارلىقلار.... مەزكۇر كىتابتا سۆزلەنگەن ھەرخىل جىگەر كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىدىغان يەككە ۋە ۋە مۇرەككەب دورىلارنى كېيىنكى قىسىمدا بايان قىلىمىز(ئىنشائاللاھ)

    تېبابەت قانۇنىدا شەيخ كاسىنە، پىندۇق ۋە قۇرۇتۇلغان بۆرە جىگىرىنى جىگەرگە ئەڭ ماس كېلىدىغان دورىلار دەپ قالدۇرغان.

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى

    مەنبەلەر:

    جىگەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تېبابىتىدە داۋالاش

    ھاياتلىق دەستۇرى

    تېبابەت قانۇنى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!