www.4tadu.com
  • جاۋارىش مۈلۈك - [رېتسىپ خالتىسى]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/129850837.html

    جاۋارىش مۈلۈك
    بىر يىلغىچە ھەر كۈنى يېسە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. بۇنى داۋاملىق يېگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك قالمايدۇ. داۋائى مۈلۈك(جاۋارىش مۈلۈك)نىڭ قارا ئاقما، ئاق ئاقما،قىزىل  ئاقما ۋە ئەزالاردىن سۇ سىرغىپ چىقىش، سېرىق سۇ چىقىش، سۇغۇقتىن بولغان ھەر خىل كېسەللىكلەر، بۇغۇم ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدىغانلىقى ۋە كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ، رەڭگى-روھىنى گۈزەللەشتۈرۈش، باھنى قۇۋۋەتلەش تەسىرى بارلىقى ھېكايە قىلىنغان.

     نۇسخىسى: قارا ھېلىلە، بەلىلە، ئامىلەنىڭ ھەر بىرىدىن 144گرام،سىيادان 96گرام، قارىمۇچ، ئۇشەق،پىلپىل، زەنجىۋىل، پىلپىل يىلتىزى ھەر بىرى 48 گرامدىن، نارمىشكى ، قاقىلە، سەئدى كۇفىنىڭ ھەر بىرىدىن 8گرامدىن، بالادۇر ، كاۋاۋىچىننىڭ ھەر بىرىدىن 24گرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ.

     پانىز سەجزىدىن 2400گرام ئېلىپ مىس قازان ياكى باشقا پاكىز قازانغا سېلىپ، سۇست ئوت بىلەن قاينىتىپ،ئاز-ئازدىن سۇ چېچىپ پانىز ئېرىتىلىدۇ. ئاندىن دورىلارنى سېلىپ يەڭگىل قوچۇپ،ئىلمان بولغۇچە قۇيۇپ قويۇلىدۇ. كېيىن 9گرامدىن بەنادۇق ياسىلىدۇ. دورا تەييارلاش جەريانىدا قولنى زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن ياغلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۈندە بىر تالدىن سوغۇق سۇ بىلەن يېگۈزۈلىدۇ. بۇ دورا دورىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر

    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى.

     تېبابەت قانۇنى 4-جىلد


    收藏到:Del.icio.us




    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!