www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا — چامغۇر - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/97263747.html

    ئالدىنقى قىسىمدا ئېيتقىنىمىز بويىچە بۈگۈنكى تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى چامغۇر.

    چامغۇرنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر ھەقىچان، نامىنى ئاڭلىغان ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغانلار ياندىكى سۈرەتتىن ئۇنى تۇنۇپ ئالالايدۇ. بۇ چامغۇرنىڭ چېچىكى چامغۇر چېچىكى نامىدا، ئۇرۇقى چامغۇر ئۇرۇقى نامىدا ، گۆشلۈك قىسمى بولسا چامغۇر نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    خېمىيىلىك تەركىبى : يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە گىلۇكوزا،كراخمال، مېۋە شىكىرى، خولىن، مېنىرال ماددىلار، ئاقسىل، ماي، ۋېتامىن ئا قاتارلىقلار بار.

    دورىلىق تەسىرى : چامغۇر بېشىدىن ئېلىنغان ماددا ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تۇرمۇزلايدۇ، لېكىن ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيىسىگە نىسبەتەن تەسىرى يوق.

    تەبىئىتى : ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى: ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، يۆتەل توختىتىش، بەلغەم بوشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىشتىھانى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي كۆپەيتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، چامغۇرنىڭ يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى ئالاھىدە يۇقىرى ۋە يەنە بەلغەم بوشىتىدۇ.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر: يۆتەل، ئىشتىھاسىزلىق،كۆز ئاجىزلىقى، ئۇمۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى، بۆرەك ئاجىزلىقى، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

    چامغۇر قاينىتىلغان سۇ بىلەن سىرتىدىن يۇيۇپ بەرسە سۇغۇقتىن بولغان ئاغرىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

    چامغۇرنىڭ ئۆزىنى يالغۇز ياكى گۆش بىلەن پىشۇرۇپ يېسە، ئۇمۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ.

    قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە ، بۇغۇم ئاغرىقلىرىنى ۋە قىچىشقاقنى پەسەيتىدۇ.

    چامغۇر چېچىكىدىن گۈلقەنت تەييارلاپ يېسە ، يۆتەل توختىتىدۇ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، كۆزنى روشەن قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى : مۇۋاپىق مىقداردا.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: تەستە ھەزىم بولىدۇ، قورساقنى ئېسىدۇ. تۈزەتكۈچىسى قارىمۇچ.

    ئورۇنباسارى: قىزىلچا ، سەۋزە.

    پىششىق دورا ياسالمىسى چامغۇر مۇرابباسى.

    خام دورىلار ئىلمىدىن.

    كېيىنكى مەزمۇن سەۋزە ھەققىدە بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!