www.4tadu.com
  • كۈندە بىر خام دورا — ئارپىبەدىيان يىلتىزى - [خام دورىلار ھەققىدە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/kukyal-logs/96512838.html

    بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئارپىبەدىيان يىلتىزى.
    ماۋۇ ياندىكى بىز ئالدىنقى مەزمۇندا سۆزلەپ ئۆتكەن ئارپىبەدىياننىڭ يىلتىزىدۇر.بۇنىڭ تەمى بىر ئاز قېرىق، پۇرىقى سۇست كېلىدۇ، رەڭگى ئاق، شەكلى سىلىندىرسىمان ھالەتتە بولىدۇئارپىبەدىيان يىلتىزى پوستى، پوستى بىخ بەدىيان دېگەن ناملار بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

    خېمىيىلىك تەركىبى: يىلتىزىدا ئۇچۇچان ياغ تۇتىدۇ.

    تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

    خۇسۇسىيىتى:
     ئاشقازان ، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم،سەۋدا خىلىتلىرىنى پىشۇرۇش، ئىسسىق ۋە يەل تارقىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، توسالغۇلارنى ئېچىش، تاش پارچىلاش ، سۈيدۈك ھەيدەش.

    ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:
    ئۈچەي تۇسۇلۇش، بۆرەك-دوۋساق تېشى، سۇلۇق ئىششىق، ئاشقازان سۇۋۇش، ئىستىرخا، پالەچ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
    1. ئارپىبەدىيان يىلتىز پوستى ، كەرەپشە يىلتىزى . بەدىيان 10گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقىدىن يەتتە گرام ئېلىپ قايناتما تەييارلاپ ئىچسە ، سۈيدۈك ھەيدەپ، بۆرەك – دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

    2. قاقىلە، بەدىيان يىلتىزى پوستى، بەدىيان 10گرامدىن، پىننە يەتتە گرام ئېلىپ  قائىدە بويىچە سۇپۇپ قىلىپ ئىچسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.

    3. بەدىيان يىلتىزى پوستى، بابۇنە 10گرامدىن، ئىكلىلمىلىك ۋە سەۋسەن يىلتىزىدىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ قائىدە بويىچە قاينىتىپ ، پىسىپىنى ئىششىغان ئورۇنغا چاپسا ، ئىششىق قايتۇرىدۇ .

    4 . بەدىيان، سېرىغچىچەك ئۇرۇقى، بەدىيان يىلتىزى پوستى، قەردمانە قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ، قاينىتىپ، سۈيىگە ھەسەل قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ئىستىرا ۋە پالەچ كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئىشلىتىش مىقدارى:5-7گرام.

    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ئىسسىقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ. تۈزەتكۈچىسى: بىنەپشە، نىلۇپەر.

    ئۇرۇنباسارى: كەرەپشە يىلتىزى پوستى.

    پىششىق دورا ياسالمىسى: ئىتتىرىفىل بەدىيان، جاۋارىش كۇمۇنى.
    خام دورىلار ئىلمىدىن.
    كېيىنكى مەزمۇنىمىز چامغۇر ھەققىدە بولىدۇ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    "خەتكۈچ":
.كۆكيال ئۇيغۇر تېبابىتى ساغلاملىق تورى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمرايىڭىز!!!