قەدىمكى تۇر، قۇرغان ۋە ئۆتەڭلەر ھەققىدە

يىپەك يولى — ئاسىيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى خەلقئارالىق قاتناش يولى. جۇڭگونىڭ يىپەك ماللىرى مۇشۇ يول ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا ئېلىپ بېرىلغان. 1877-يىلى گېرمانىيەلىك جۇغراپىيون رىچىتخوفىن ‹‹جۇڭگو›› دېگەن ئەسىرىدە بۇ نامنى تىلغا ئالغاندىن باشلاپ ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرى ئۇنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان. يىپەك يولى چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىن بۇرۇن شەكىللەنگەن بولۇپ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئاساسىي لىنىيەسى شەكىللەنگەن. جۈملىدىن جۇڭگودىكى چاڭئەن (بۈگۈنكى شەنشىدىكى شىئەن) ياكى لوياڭدىن غەربكە مېڭىپ، خېشى كارىدورىدىن ئۆتۈپ يۈمىنگۇەندىن (ھازىرىقى گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭنىڭ غەربىدە) ياڭگۇەندىن (يۈمىنگۇەننىڭ جەنۇبىدا) چىقىپ كىرورانغا بېرىپ، چوڭ قۇملۇققا (تەكلىماكان چۆللۈكىگە) كەلگەندە جەنۇب، شىمال ئىككى لىنيەگە ئايرىلغان.
جەنۇبىي لىنيە: لوپنۇر (كىروران قەدىمكى شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى) ئابدان (مىرەننىڭ شىمالى)دىن ئۆتۈپ چاقلىققا بېرىپ، يەنە غەربكە قاراپ مېڭىپ چەرچەن، نىيا (نىيە)، ئۇزۇن تات (چىرىينىڭ شەرقىي شىمالى)، ئۇدۇن، گۇمىلارنى بېسىپ ئۆتۈپ يەكەنگە بارغان. يەنە غەربكە ماڭغاندا ئىككى يول بولۇپ، بىرى، يەكەن دەرياسىنى بويلاپ كاچۇڭ ۋە ھەسەل باغدىن سارىقول (تاشقورغان)غا يېتىپ بارغان. يەنە بىرى، يەكەندىن جەنۇبقا مېڭىپ تىزناپ دەرياسىنى بويلاپ سارىقولغا يېتىپ بېرىپ پامىردىن ئۆتۈپ توخرىلار يۇرتى (بۈگۈنكى ئافغانىستاننىڭ شىمالى)، ئاندىن ئارسا (ئىران)غا يېتىپ بارغان.
شمالىي لىنىيە: كىروراندىن مېڭىپ كۆنچى دەرياسىنى بويلاپ ئاگىنى، كۈسەنلەرگە يېتىپ بارغان. بۇ يول بىر ئاز يېقىن بولسىمۇ، شارائىتى ناچار ئىدى. 4-ئەسىرىدىن باشلاپ كىروران شەھىرى تاشلىنىپ قالغاندىن كېيىن بۇ يول ئاستا - ئاستا ئەمەلدىن قالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك كىروراننىڭ شىمالىدىن قاڭقىل (بۈگۈنكى تۇرپان)غا بېرىپ، ئاندىن غەربكە بۇرۇلۇپ ئاگىنى، كۈسەن، قۇم (بۈگۈنكى ئونسۇ)، سولى (قەشقەر)نى بېسىپ ئۆتۈپ، پامىردىن ھالقىپ توخرىلار يۇرتىغا ياكى پەرغانە (بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاندىكى پەرغانە ئويمانلىقى)، سوغدىيانا (سەمەرقەنت ۋادىسى)، ئائورىسى (ھازىرىقى ئارال دېڭىزى، كاسپىي دېڭىزنىڭ شىمالى)غا بارىدىغان يول شەكىللەنگەن.
شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن كېيىن دۇنخۇاڭدىن قاڭقىلغا بارغىلى بولدىغان ۋۇچۈەن يولى (دەشىت باياۋان يولى) ئېچىلغان. بۇ ۋاقىتتا ھۇنلارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان. دۇنخۇاڭدىن باشلىنىپ ئاۋۋال ئىۋىرغولغا، ئاندىن ئىدىقۇتقا بارىدىغان يول بىخەتەر ھەم تىنىچ بولغاچقا، كۆپلىگەن كىشىلەر مۇشۇ يولنى تاللىغان. ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ‹‹يېڭى شىمالىي يول›› ئاستا - ئاستا مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بولۇپ قالغان. بۇ يولنىڭ لىنىيەسى ھازىرقى تاشيولنىڭ لىنىيەسى بىلەن ئوخشاپراق كېتىدىغان بولۇپ، ئاۋۋال جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىنى بويلاپ غەربكە قاراپ مېڭىپ بىراكى (بۈگۈنكى فۇكاڭ)، ئوتانزىل (بۈگۈنكى قۇتۇبىنىڭ جەنۇبى)دىن ئۆتۈپ غەربىي شىمالغا بۇرۇلۇپ ئۇسۇن (بۈگۈنكى ئىلى دەريا ۋادىسى)دىن ئۆتۈپ، سوغدىياناغا يېتىپ بارغان. سىياسىي داۋالغۇشلار تۈپەيلى خېشى كارىدورىدىن مېڭىش مۇمكىن بولمىغان ۋاقىتتا ‹‹چىڭخەي يولى›› بارا - بارا مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بولۇپ قالغان. سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە يىپەك يولى دۇنخۇاڭدىن باشلىنىپ ئۈچ يولغا بۆلۈنگەن. بىرى، جەنۇبىي يول. پامىرنىڭ شەرقىگىچە بولغان لىنىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لىنىيە بىلەن ئوخشاش بولۇپ، كاۋانتا (تاشقۇرغان)غا بارغاندىن كېيىن ۋاخان كارىدورىدىن ئۆتۈپ توخرى، ئېفتالىت (ئاففانىستاننىڭ شىمالىي تەرىپى)لار يۇرتىغا بېرىپ، ئاندىن بىراخمانلار يۈرتىنى (ئاساسەن پاكىستان چېگراسى ئىچىدە) بېسىپ ئۆتۈپ ھىندى ئوكيانغىچە بارغان. يەنە بىرى، ئوتتۇرا يول، يەنە خەن دەۋرىدىكى شىمالىي لىنىيە بولۇپ، دۇنخۇاڭدىن چىقىپ ئىۋىرغول، تۇرپان ئويمانلىقىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا بۇرۇلۇپ سۇلىغا بارغاندىن كېيىن پامىرىدىن ئۆتۈپ پەرغانە ئويمانلىقى، سوغدىيانا (سەمەرقەنت) ئارساك (بۇخارا) قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، پېرىسىيە ئارقىلىق پارس قولتۇقىغا بارغان. ئۈچىنچى بىرى، شىمالىي يول بولۇپ، دۇنخۇاڭدىن چىقىپ ئىۋىرغول، باركۆلدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئىلى، سىر دەريالىرىدىن ئۆتۈپ شەرقىي رىمغا، ئاندىن ئوتتۇرا دېڭىزغا يېتىپ بارغان. تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب - شىمالىدا جۇڭگو ۋە غەربنى تۇتاشتۇرغان بۇ ئۈچ غول يولىنىڭ شەكىللىنىشى كېيىنكى، ھەتتا يېقىنقى زاماندىكى شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن.
قەدىمكى يىپەك يولى خەن، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە گۈللەپ ياشىنىغان بولۇپ، ھەرقايسى يوللارنىڭ جەنۇب - شىمال تارماق لىنىيەلىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرتنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كېيىن دېڭىز يولىنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبىدىن يىپەك يولىنىڭ خەلقئارالىق قاتناش يولى بولۇشتەك مۇھىم ئورنى سەۋەبىدىن يىپەك يولىنىڭ خەلقئارالىق قاتناش يولى بولۇشتەك مۇھىم ئورنى تۆۋەنلەپ كەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىپەك يولى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بەزى يىللاردىن بۇيان يىپەك يولى تەتقىقاتىنىڭ بوستانلىق يىپەك يولىدىن باشقا يەنە شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى قوۋملار رايونىدىن ئۆتىدىغان يايلاق يىپەك يولى ۋە جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز - ئوكيانلاردىن ئايلىنىپ ئۆتىدىغان دېڭىز يىپەك يولىمۇ بار، دەپ قاراشماقتا.
قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشى يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي بۆلەكلىرىدىن بىرى بولغان شىنجاڭ — تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب - شىمالى، جۈملىدىن تارىم بوستانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا بوستانلىقلارنىڭ قاتناش ئالاقىسىنى ئىنتايىن كۈچەيتىكەن ھەم راۋاجلاندۇرغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە يىپەك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بۆلەكلىرىدە قاتناش ۋە سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئالاقىنى راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇر، قورغان، ئۆتەڭ ۋە رابات (پوچتا بېكەت)لار كۆپلەپ قۇرۇلغان.
قەدىمكى تۇرلار — قەدىمكى زاماندىكى ھەربىي ئەسلىھە، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم قاتناش لىنىيەلىرىنىڭ بويلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياسىغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان تۇرلار ئىزلىرى ئاز ئەمەس.
1. خەن سۇلالىسى دەۋرى: خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەددىچىن سىپىلى سۇلې دەرياسىغىچە ئىدى. ئۇنىڭ غەربىگە سېپىل ياسالماي ‹‹ھەمىشە شىپاڭ سېلىنغان›› بولۇپ، ئەمەلىيەتتە تۇر ئىدى. ئۇلار جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن سەددىچىن سېپىلى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان ۋە ئۆزئارا تۇتاشقاندى. كىروران قەدىمكى شەھىرىنىڭ سەل غەربىي شىمالىدىكى قۇرۇق تاغنىڭ جەنۇبىدا، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلغان جايلاردا ھازىر يەنىلا خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر قاتار تۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار: تۇنجى تۇر، كالتە تۇر، سىنىر تۇر، تۆشۈك تۇر، كۈنپېتىش تۆشۈك تۇر، شالۋاق تۇر، ساچقاي تۇر، شىڭدى تاغ ئېغىزىدىكى تۇرلاردىن ئىبارەت. تېخىمۇ غەرب تەرەپتىكى بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىمۇ تۇرلار بار بولۇپ، قارا يار، لايسۇ قاتارلىق تۇرلار بىر – بىرىگە تۇتاشقان. تۇرلار پۈتۈنلەي يەر تۈزۈلۈشى ئېگىزرەك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، قالدۇق ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بىناكارلىق تېخنىكىسىدىن قارىغاندا، توپا بىلەن قومۇش ۋە يۇلغۇن شېخىدىن ياكى كېسەك بىلەن يۇلغۇن شېخىدىن ياسالغان. جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشىدە پەرق بولغاچقا، تۇرلار ئارىسىدىكى ئارىلىقىمۇ ئوخشاش ئەمەس، سەل يىراق بولغانلىرىنىڭ ئارىلىقى 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.
2. تاڭ سۇلالىسى دەۋرى: ھازىر ساقلىنىپ قالغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار تۇرپاننىڭ تۆت ئەتراپىدا، مەسىلەن: لەمجىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆللۈكتە، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا، داخەنگۇدا، ئۈرۈمچىدىكى تۇز كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا، يەنە كۇچا بىلەن مارالبىشى ئارىسىدىكى يايدى تىم، ئاقچىن، دۇۋاي تىم، چوڭ تىم، يۇملاق تىم، كىچىك تىم ۋە زەيتىم قاتارلىق تۇرلارنىڭ ھەممىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە تۇرلار ھېسابلىنىدۇ. تۇر بىناكارلىقىدا ئىشلىتىگەن ماتېرىياللار ئاساسەن كېسەك بىلەن يۇلغۇن شېخىدىن ئىبارەت.
3. چىڭ سۇلالىسى دەۋرى: باركۆلدىن سانجى، ماناسقىچە بولغان ئارىلىقتىكى تۇرلانىڭ ساقلىنىشى بىرقەدەر ياخشى. باركۆلدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، مورى گۇچۇڭ، جىمسار، فۇكاڭ ناھىيەلىرى تەۋەسىگە بارىدىغان يول بويلىرىدا دۆڭلەر كەينى – كەينىدىن ئۇچرايدۇ. سانجىدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ قۇتۇبى، ماناس ناھىيەلىرى تەۋەسىگە كىرگىچىمۇ مۇشۇنداق ئىزلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار باركۆلدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى جياڭجۈنى تۇرۇشلۇق جايغىچە بولغان قاتناش ۋە ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۇرلارنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنسىغا كەسمە يۈزى تىراپېتىسيە شەكلىدە خاڭداپ ياسالغان، خاڭدالغان قەۋەتلەر ئارىسىغا كىچىك ياغاچ كالتەكلەر ياتقۇزۇلغان، يەنە يالپاق تاشلار بىلەن توپا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ۋە يۇلغۇن، قومۇش باستۇرۇپ ياسالغانلىرىمۇ بار. تۇرلارنى ياساشتا شۇ يەردىن ماتېرىيال ئېلىش پىرىنىسپ قىلىنغان. تۇر ئىزلىرى ئەينى يىللاردىكى ھەربىي مۇداپىئە ئىشلىرى، خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش سىسىتېمىسىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوخشاشمايدىغان دەۋرلەردىكى قاتناش لىنىيەلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئۆتەڭ — تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان قاتناش بېكىتى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتكۈل مەملىكەتتىكى چوڭ قاتناش يوللىرىنىڭ ھەر 30 چاقىرىمىدا بىردىن ئۆتەڭ قۇرۇلغان. خەتەرلىك، ئادەملەر شالاڭ جايلارغا ئەھۋالغا قاراپ قۇرۇلغان. چوڭ يولدا قۇرۇلغانلىرى تىم – چەت، كىچىك يول ئۈستىدە قۇرۇلغانلىرى تىم - ئۆتەڭ دەپ ئاتالغان. ئۆتەڭلەر يەنە كېلىپ –كەتكەن ئەمەلدارلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆتىگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قوچۇ تەۋەسىدە يارغول ئۆتىڭى، تەڭرىتاغ ئۆتىڭى، كۈمۈش ئۆتىڭى، يۇلغۇنلۇق جىلغا ئۆتىڭى، لۈكچۈن ئۆتىڭى، چىقتىم ئۆتىڭى قاتارلىق ئون نەچچە ئۆتەڭ بار ئىدى. كىنگىتكە بارىدىغان يولدا لۇگۇاڭ ئۆتىڭى، يېڭى شەھەر ئۆتىڭى بار ئىدى. بېشبالىققا بارىدىغان يولدا ئەجدىھا بۇلاق ئۆتىڭى، (لۇڭچۈەن) ئاقسۇدىن سۇلېغىچە بوغلان يولدا چىچوڭ ئۆتىڭى، ئەيجى ئۆتىڭى، جيالۇ ئۆتىڭى، سۇلېدىن ئۇدۇنغىچە بولغان يولدا جېفەن ئۆتىڭى، ئاقسۇدىن ئۇدۇنغىچە بولغان يولدا شىنشەن ئۆتىڭى بار ئىدى. ئۆتەڭلەردە ئۆتەڭبېگى بولۇپ، ئىشنىڭ ئاز – كۆپلۈكىگە قاراپ ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئات بېرىلەتتى. ھەر ئۈچ ئاتقا بىر ئاتباقار قارايدىغان بولۇپ، پۇقرالار نۆۋەتلىشىپ قارايتتى. دەسلەپتە ئۆتەڭبەگلىرى باي ئائىلىلەردىن تەينلەنگەن، كېيىن ھۆكۈمەت مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ تەيىنلەيدىغان بولغان.
جىرغال ئۆتىڭى — بۇ ئۆتەڭ تاشقورغان يېزىسىنىڭ توغلۇنشۇر كەنتىگە، يەنى ناھىيە بازىرىنىڭ 32.5 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 330 مېتىر، كۆلىمى 28 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
ئۆتەڭنىڭ ئاستى تەرىپى چاسا، ئۈستى تەرىپى گۈمبەز شەكىللىك بولۇپ، ئىشكى شەرققە ئېچىلغان، كەڭلىكى 50 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 1.65 مېتىر، قۇرۇلۇشنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 5.6 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5.1 مېتىر، تامنىڭ تۈز قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى 1.6 مېتىر، گۈمبەز ئەگمە قىسىمىنىڭ ئېگىزلىكى 5.6 مېتىر، ئىچىدە غەربىي تامغا يانداش ھالدا ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 70 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر تەڭچە بار. ئۆتەڭنىڭ جەنۇبىي تامغا تۇتاشقان يۇمىلاق شەكىللىك بىر ھويلا تېمى بولۇپ، ئۇ ئېھتىمال مال سولايدىغان ئېغىل بولۇشى مۇمكىن. ئۆتەڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لاي - توپا بىلەن خاڭداپ ياسالغان.
رابات — تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەھكىمە - ئايماق - ناھىيەلەرگە قارايدىغان قاتناش – تىرانسپورت ئورگىنى. ئۇنىڭدا ئات، ئېشەك، كالا، قېچىر قاتارلىق 100 دەك ئۇلاغ بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋە باشقا كىشلەرنىڭ مىنىشى ئۈچۈن بېقىلاتتى. ئۇزاق سەپەرگە تەمىن ئېتىلگەن ئات، قېچىرلار ھەرقايسى ئايماقلار ئارىسىدا قاتناپ تۇراتتى. ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ۋەزىپە تۈگىگەندىن كېيىن ئۆز ئورنىغا قايتۇرۇلاتتى. باشقۇرۇش تۈزۈمى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ھەربىر ئۇلاغ ئۈچۈن تەپسىلىي ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان. بېقىلىش ئەھۋالى، سەپەردە ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە يارىدار بولغان، ئۆلگەنلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى تۇتۇق مەھكىمىلىرىگە، قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىلىرىگە، لەشكىرىي مەھكىمىلەرگە يوللىنىپ مەلۇم قىلىناتتى. راباتلارغا تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارلار باشچىلىق قىلاتتى. تەپتىش قىلغۇچى ئەمەلدارلار قوشۇمچە مەسئۇل بولاتتى. كۈندىلىك ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس ئەمەلدار بار بولۇپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا قەلەمدارلار، تېۋىپلار ۋە يايىلار بار ئىدى.
‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىق جەۋھەرلىرى›› ناملىق كىتابتىن ئېلىندى