يولۋاسىنىڭ تەيۋەنگە قېچىشى
لى باۋشېڭ
(ماخمۇتجان ئىسلام تەرجىمىسى)
ئەبەيدۇللا ئاراتۈرۈكتە تىرىپىرەن بولغان قالدۇق ئەسكەرلەرنى باشلاپ باغداشقا كەلدى .
باغداش بۇرۇن قومۇل ۋاڭلىرىنىڭ داچىسى ئىدى .تاغ ئىگىز ،ئورمانلار قويۇق ،شەرت شارائىتى خەتەرلىك ،مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى كۆپ بولۇپ ،قوغداشقا ئەپلىك ،،ھۇجۇم قىلىشقا ئەپسىز ئىدى .يولۋاس مۇشۇ يەرنى قارارگاھ قىلىپ ،مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى رېمۇنىت قىلىپلا قالماي ،بۇلاپ-تالاپ كەلگەن ئاشلىق ،چارۋا ماللارنى تاغ ئارىسىغا يوشۇرۇپ ،تەبىي توسۇقتىن پايدىلىنىپ ،ئازادلىق ئارمىيە بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېلىشماقچى بولدى .
يولۋاس ،ئالتۇنبېك،لياۋيۇڭچيۋالار داچىسىنىڭ ئىسسىق ئۆيىدە خۇش خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇراتتى .بىردىنلا ئەبەيدۇللا دەلدەڭشىپ كىرىپ كەلگىنىچە يىغلىغاندەك بىچارە ھالەتتە :
-كومپارتىيە ئارمىيەسى ئاراتۈرۈكنى تارتىۋالدى ...-دېدى .يولۋاس قاتارلىقلار ئەندىكىپ كەتتى .يولۋاس ئاراتۈرۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ،قايتارما ھۇجۇم بازىسى قۇرۇش ئۈچۈن تازا باش قاتۇرۇپ ،بارلىق ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ ،بارلىقىنى ئەبەيدۇللاغا دو تىككەنىدى .ئەمدىلىكتە ئۇ ياۋۇز قىياپىتىنى ئاشكارلىدى ،ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئەبەيدۇللا ئالدىغا قىستاپ بېرىپ :
- سەن، سەن، سەن !مەن ساڭا ئەڭ باتۇر قېرىنداشلىرىمنى بەردىم ،سەن ئۈچۈن نوم ،باي يېزىلىرىدىكى توسالغۇلارنى تازلىدىم ،ساڭا ئەڭ قوراللارنى بەردىم ...سەن، سەن، سەن!زادى نېمە ئىش قىلدىڭ ؟ئەگەر سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن بولغان بولسام ،يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ بۇيەرگە كەلمەي ،تامغا ئۈسسۈپلا ئۆلىۋالغان بولاتتىم ...-دېدى.
يولۋاس ئەبەيدۇللانىڭ غىڭ-پىڭ قىلماي تۇرىشىغا قاراپ ،راستىنلا يارىماس بىر نەرسە دەپ ئويلاپ ،پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ ،پوسكايتىۋەتمەكچى بولىۋېدى،لياۋيۇڭچيۇ ئۇنى توسۇپ قويدى :
-بولدى ،بولدى! ھازىر قانداق ۋاقىت ئەبەيدۇللا ھاكىم بۇيەرگە قېچىپ كەپتۇ ،بەلكىم كومپارتىيە ئارمىيەسىگە يول بەلگىسى بولغاندۇر ،بەلكىم ئۇلار ،مۇشۇ ياققا كېلىۋاتقاندۇر!
بۇ سۆز يولۋاسنى سەگىتتى،ئۇ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ :
_ مۇھاپىزەتچى ئەترەت ! مۇھاپىزەتچى ئەترەت !
لياۋيۇڭچيۇ ئىشپىيونلۇق بويىچە مەخسۇس تەربىيلەنگەنىدى ،ئۇنىڭ پەرىزى خاتا ئەمەس ئىدى ..يولۋاسنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى تۈزۈك تەييارلىنىپ بولمايلا ،باندىتلارنى قوغلاش قىسمى بوراندەك يىتىپ كەلدى .2-لىيەندىكى كوماندىر ئەسكەرلەر «لىيەنجاڭ ئۈچۈن ئىنتىقام ئالايلى !»،«قۇربان بولغانلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالايلى !»دەپ توۋلاپ ،سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا كېلەتتى .
گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ،مىللىي مۇناپىقلىرى ،جاندىن تويغانلاردىن تەشكىللەنگەن مۇھاپىزەتچىلەر ھەرگىزمۇ باندىتلارنى قوغلاپ يۈرۈپ تازىلاش قوشونىغا تاقابىل تۇرالمايتتى .ئۇرۇش-جەڭ باشلىنىپ ئۇزۇن ھېچقانداق ۋاقىت ئۆتمەيلا ،ئۆزلىرىنى «سەرخىللار » دەپ ئاتىۋالغان مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ كىرەر يېرى چاشقان كامىرى بولدى .
باندىت تازىلاش قوشونى باغداشنى قورشىۋالدى ،يولۋاس بىرنەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كەلمەيدىغان داچا رايونىغا چېكىندى .
پاكار دوغىلاق مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى تاپانچىسىنى كۆتۈرۋېلىپ ،خۇددى پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ،نائىلاجلىقتا :
_ قانداق قىلىش كېرەك ! قانداق قىلىش كېرەك !...دېگەندەك بىر سۆزنىلا تەكرارلايتتى .ئەبەيدۇللا گۇناھىنى يۇماقچى بولۇپ ،خۇشامات بىلەن :
-قوماندان ،ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ .مەن قېرىنداشلىرىمنى يىغىپ بىر يول ئاچاي ،ئەگەر كومپارتىيە قوشونىنى قوغلىۋېتەلمىسەم ،ئالدىڭىزغا ھەرگىز كەلمەيمەن ...- دېدى .
يولۋاس ئەبەيدۇللانىڭ مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيىتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىققانلىقىغا قاراپ ،مۇلايىم ھالدا :
-سەن كومپارتىيە قوشۇنى بىلەن تۇتۇشۇپ باققان،ئۇلارنىڭ يامانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن .باغداشتىكى مۇھاسىرىنى بۆسۈش ئۈچۈن ئوسماننىڭ قېرىنداشلىرىغا تايىنىشىمىز كېرەك .مەن ئۇلارغا خەۋەر ئەۋەتتىم ،ياردەمچى قوشۇن پات ئارىدا كېلىدۇ ...-دېدى .
-ئۇخلىماي چۈش كۆرمەڭ !-دېدى لياۋيۇڭچيۋ قاتتىق تەلەپپۇزدا –چىڭ رۇيچاڭ ئوسماننى قوغلاۋاتىدۇ .ئوسمان خۇددى توشقاندەك پېتىراپ قېچىپ ،كىرگۈدەك تۆشۈك تاپالمايۋاتقاندا ،سىزدەك مۈشكۈلاتتا قالغان قېرىندىشىغا قارىغۇدەك نەدىمۇ چولىسى بولسۇن ...
- بىز قول بېرىشكەن ئاكا-ئۇكىلار !-دېدى يولۋاس قايىل بولماي،-قول بېرىشكەندە قېنىمىز ئارىلاشقان شاراپنى ئىچكەن ،قەسەميات قىلىشقان ،كىم مۇشكۈلاتتا قالسا ،ھاياتىمىز جېنىمىزنى ئايىماي ياردەم بېرىمىز ،دېيىشكەن ...
لياۋيۇڭچيۋ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ،مەنسىتمەسلىك بىلەن :- سىز دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى ،ھەربىي كومېتىتىنىڭ ئەزاسى تۇرۇپ ،يېڭىش –يېڭىلىشنى بىر پەمسىز پالۋانغا باغلاپ قويسىڭىز ،يېڭىلمەي قالغىنىڭىزنى كۆرەرمەن !-دېدى.
يولۋاس ھاقارەتلەنگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،ئاچچىقى بىلەن –سىز...مۇنداقمۇ دەمسىز! مېنى كۆزگە ئىلمايلا قالماستىن ،ئوسمان ئاكامنىمۇ تىللاۋاتىسىز !-دېدى.
-بۇ گەپنى بۇرۇنراق دېيىشىم كېرەك ئىدى ،-دېدى .لىياۋيۇڭچيۋمۇ بوش كەلمەي –بۇرۇنراق دىگەن بولسام ،بۇھالغا چۈشۈپ قالمايتتۇق !ھازىر بىر ئوسمان بىلەن ئاداجۇدا بولىشىمىز كېرەك ،شۇندىلا ھاياتىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز ئەگەر مۇشۇنداق دۆتلۈك قىلىپ كۈتىۋەرسەك ،قاچانغىچە كۈتىمىز ،قۇملار چېچەكلىگەنگە قەدەرمۇ ئۇ چاغدا كومىنىستلار ئارمىيەسى سىزنى يەپ بولىدۇ ...
يولۋاس خانىمنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلالمايتتى ،ئەمما ئۇنىڭ سۆزى ئاساسسىز ئەمەس ئىدى .ئۇ ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا .گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ،باندات تازىلاش قوشۇنى داچىغا زەمبىرەك ئاتقانىدى .
بىر كاتتباش ئەس ھوشىنى يوقاتقان ھالدا كىرىپ كەلدى –دە ھاسىراپ ھۆمۈدەپ تۇرۇپ :
-دوكلات قوماندان ! كومپارتىيە قوشونىنىڭ زەمبىرەك ئوقى ئالدىمىزدىكى پوتەينى كۇكۇم تالقا قىلىۋەتتى ...-دېدى .
ئاڭغىچە ئەبەيدۇللا بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقىمۇ كىرىپ كەلدى –دە ،ئەۋايى ئۇچقان ھالدا :
-قوماندان دەرھال ماڭايلى ،بولمىسا ئۈلگىرەلمەي قالىمىز ،-دېدى.
ئاتنى ئەكەل!-يولۋاس قەتئىي قارارغا كەلدى .
لياۋيۇڭچيۇ نەنجىڭدا ئىشپىيونلۇقتا تەربىيلەنگەندە ،كۆپ ھۈنەرلەرنى ئۆگەنگەن ،پەقەت ئات مىنىشنىلا ئۆگەنمىگەنىدى .بۇ جىددىي پەيىتتە تالىشىپ ئولتاغىلى بولمايتتى ئۇنى يولۋاسنىڭ ئوغلى خۇددى بىرپارچە گۆشنى باغلىغاندەك ،ئاتقا يېرىم توپ خەسە بىلەن باغلاپ قويدى .ئۇلار ئالتۇنبېگ ،ئەبەيدۇللا ۋە مۇھاپىزەتچى ئەترەتتىكى ئاز ئادەمنىڭ ھىمايىسىدە ،بىر مەخپىي يول ئارقىلىق قاچتى ...
باغداشتىكى جەڭدە ،باندىت تازىلاش قوشۇنى يولۋاسنىڭ ppaبەلگىلىك مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنى تولۇق يوقۇتۇپ ،تەھتىدكە ئۇچرىغان نۇرغۇن چارۋىنى قۇتقۇزۋالدى ،پىتىراپ كەتكەن بىرتۈمەنچە چارۋىنى يىغىۋالدى...
يولۋاس لياۋيۇڭچىيۋنىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي ،باغداشتىن قېچىپ چىققاندىن كىيىن ئوسماننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى .
ئوسمان گېنىرال چۆلىدە چىڭ رۇيچىڭ بىلەن ئېلىشقاندىن كىيىن ئاساسلىق قوشۇنى يوقىتىلدى .ئۇ خۇددى ئوقيادىن ھۈركىگەن قۇشتەك ئالاقزادە بولۇپ قاچتى .چۆل –جەزىرە ،ئورمان،جىرالاردا سەرسان بولۇپ يۈرۈپ ،ئويلىنا –ئويلىنا ،ئاخىرى كونا ئۇۋىسى بەيتىڭ تېغىغا قايتىشنى لايىق تاپتى .بەيتىڭ تېغىنى ئىچكىرسىدىكى «تاشلىق»تا ،ئۇ ئەتراپقا نەزەر سېلىپ چىقىپ ،ئازادلىق ئارمىيەنىڭ يوشۇرۇن ئەسكەرلىرى ۋە قوغلىغۇچى ئەسكەرلىرىنىڭ يوقلۇقىغا تولۇق ئىشەنىچ قىلغاندىن كىيىن ،مۇشۇ يەردە توختىدى .تۆت ئەتراپقا قارىدى .ئۇنىڭ بىلەن «ئات ئۈستىدىكى خوتۇنى» چوڭ ئوغلى شىردىمان ۋە ئورازباي ،ئاقالا باي قاتارلىق بىرنەچچە كىچىك كاتىباش بىلەن بىللە ئىدى .نەچچە مىڭ كىشىلىك «قوشۇن»دىن بۇ يەرگە تولۇق كەلگەنلىرى پەقەت بىرنەچچە يۈز ئاتلىق ئىدى .
ئوسمان كىيىملىرى جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن ،پەرىشان ھالغا چۈشكەن بۇرادەرلىرىگە قارىغاندا ،كۆڭلىدە چەكسىز بىئاراملىق ۋە غەزەپ پەيدا بولدى .ئىختىيارسىزلا :
- ئاللاھ،سەن مېنى گۇمراھ قىلماقچىمۇ ؟! –دەپ ۋارقىرىدى .
ئاتىسىنىڭ سولغۇن ھالىنى كۆرگەن شىردىمان بىئىختىيارلا يىغىلىۋەتتى .ئۇ بىردىنلا ئاتىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ،چىشىنى غۇچۇرلىتىپ :
-ياق ئاتا ! سىز خۇدانىڭ نامايەندىسى ،سىز ھەممىنى خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە قىلغان ،خۇدا بىزنى ئۆزپاناھىدا ساقلايدۇ ...-دېدى .
بارلىق باندىتلارمۇ ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى .تاغ جىراسىنى ھەسرەت تۇمانى قاپلىدى .
-يىغىلىماڭلار !- شىردىمان ئورنىدىن تۇرۇپ بىردىنلا ۋارقىرىدى ،-كۆز يېشى كومپارتىيە ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرالامدۇ؟يىغا ئاۋازى كومپارتىيە ئارمىيەسىنى قوغلىۋېتەلەمدۇ ؟ باتۇر دىگەن ھامان باتۇر !پەقەت ئوسمان باتۇرلا يايلاقتىكى بىردىنبىر باتۇر ! شۇنداقلا خۇدانىڭ ھەقىقىي نامايەندىسى !
خۇددى قۇرئان ساداسى ئاڭلىغاندەك ،باندىتلار يىغىدىن بىراقلا توختىدى .بىرنەچچە دەقىقە جىمجىتلىقتىن كىيىن ،ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراشتى:
_ ئوسمان باتۇر! ئوسمان باتۇر! ...
ئوسماننىڭ كۆزلىرى سەل قىزارغاندەك بولدى .ئۇ شىردىماننىڭ مۈرىسىنى سىلاپ ،ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن مېھرىبانلىق بىلەن :
- شىردىمان ھەقىقەتەن مېنىڭ بالامسەن ...-دېدى ۋە بىردىنلا باشقىچە قىياپەتكە كىردى ،-بۇرادەرلەر .شىردىمان ھەق گەپ قىلدى ،بىدئەتلەرنىڭ خورلۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇقەددەس غازات قىلىش كېرەك ! تېنىمدە جېنىملا بولىدىكەن ،كومپارتىيە ئارمىيەسى بىلەن ئاداققىچە جەڭ قىلىمەن ! كومپارتىيە ئارمىيەسىنى بوسوغىمىزدىن ھەيدەپ چىقارمىسام ،خۇدانىڭ بالىسى بولماي كىتەي !...
باندىتلار يەنە ۋارقىراشتى :
-ئوسمان باتۇر ! ئوسمان باتۇر!...
«تاشلىق»قا ئورۇنلاشقاندىن كىيىن ،ئوسمان باندىتلىرىغا يەنە «جان» كىرىپ قالدى .ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يولۋاس ،جانىمقانلار قالدۇق ئەسكەرلىرىنى باشلاپ يىتىپ كەلدى ،ماكىنانمۇ تاپان باستى قىلىپ يىتىپ كەلدى .پەقەت مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىدارىسى يوشۇرۇنۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى cc ژاندارما ئىشپىيونلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۇڭچىڭ ۋە ئىشپىيون شياۋخەنفىڭلار ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتتى .
ئوسمان ماكىناننىڭ ھەقىقىي دوستلارچە ھەرىكىتىگە تەشەككۈر بىلدۈرگەندىن كىيىن cc ، ۋاڭ جۇڭچىڭلارنى تىللاپلا كەتتى :
-ھۇ ئومۇرتقىسى سۇنغان ئىتلار .مەن ئوسمان تېخى يەر بىلەن يەكسەن بولۇپ كەتكىنىم يوق ،مۇشۇ ھالدىلا ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرىدى .ناۋادا مەن تۈگەشسەم ،ئۇلار كاللامنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىدىغان ئوخشايدۇ !
بۇ گەپلەرنىڭ ماكىناننىڭ ئاڭلىغۇسى كەلمىدى .ئۇ كەڭ قۇرساقلىق بىلەن ئوسمانغا تەسەللى بەردى :
-ھۆرمەتلىك ئوسمان بۇرادەر ،جۇڭگولۇقلاردا كاتتىلارنىڭ قورسىقى كەڭ بولۇر،دىگەن گەپ بار .بەلكىم ئۇلارنىڭمۇ باردىغان يەرلىرى باردۇر ،باشقا بىرسەپتە جەڭ قىلىپ ،كومپارتىيە ئارمىيەسىنى تۇتۇپ تۇرۋاتقاندۇ ،مۇشۇمۇ سىزگە قىلىنغان ياردەم ئەمەسمۇ ؟...
-ماكىنان ئەپەندى توغرا ئېيتىدۇ ،-دېدى يولۋاس ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلۇپ ،ئۇلار ھەرقانچە رەزىل بولسىمۇ ،كومپارتىيە بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرمايدۇ .بىز ئەمدى كومپارتىيە ئارمىيەسى بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى ئويلىشايلى .
ئوسمان ماكىنان ،يولۋاسلارنىڭ تەسەللىسى بىلەن قايتا روھلاندى .ماكىناننىڭ پىلانلىشى بىلەن باندىتلارنىڭ باشلىقلىرىغا ۋەزىپە تەقسىم قىلىندى ،ئازادلىق ئارمىيە بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش نىيىتىگە كەلدى .
باندىتلارنىڭ باشلىقلىرى ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىپ قوشۇنلىرىنى جەم قىلىۋاتقاندا ،جىرادا گۈمبۈرلىگەن زەمبىرەك ئاۋازى كۆتۈرۈلدى .ئارقىدىنلا قويۇق ئوق ئاۋازى ئاڭلاندى .گىرانات پارچىلىرى تەرەپ تەرەپكە ئۇچتى .ياڭراق سىگنال ئاۋازى بىلەن پولىك باشلىقى ياڭ شىنگو باشچىلىقىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر خۇددى يولۋاستەك باندىتلار توپىغا ئېتىلدى ...
ئوسمان قېتىپ قالدى ،باندىتلار پاتپاراق بولۇپ كەتتى
شىردىمان ئوسماننىڭ ئالدىغا ئاتلىق چېپىپ كەلدى –دە ،ئالدىراپ –تېنەپ :
-ئاتا،قانداق قىلىمىز ؟-دېدى .
-ماكىنان ئەپەندىنى قوغداڭلار ! –دېدى ئوسمان ھوشىغا كېلىپ ۋە ئاتقا مىنىپ جەڭگە ئاتلاندى .ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ،ئۇلارنى باندىت تازىلاش قوشۇنى قاتمۇقات قورشىۋالدى ،مۇھاسىرە قوشۇنى بارغانسىرى كۆپەيدى ،ھەممە ياقنى «ئوسماننى تىرىك تۇتايلى»دېگەن شوئار قاپلىدى .
ئوسمان پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ تېرىشقان بولسىمۇ ئامال بولمىدى ،ئۇ ھە دىگەندىلا ئازادلىق ئارمىيەگە تۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى .دەل شۇ ھالقىلىق پەيىتتە ئۇنىڭ «ئات ئۈستىدىكى خوتۇنى» پىچىقىنى چىقىرىپ ،ئوسمان مىنىپ تۇرغان ئاتنىڭ ساغرىسىغا راسا بىر سانچىدى ،قاتتىق ئاغرىقتىن راسا چۆچىگەن ئات ئالدى پۇتلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆرە بولدى ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان «ئات ئۈستىدىكى خوتۇن»ئۇ ئاتقا قاتتىق بىرقامچە سالدى .ئات قاتتىق كىشنەپ ئەسەبىيلەرچە ئالغا قاراپ يۈگۈردى .
يارىلانغان بۇ ئات بارغانسىرى تېز يۈگۈردى ،ئۇ يۈگۈرگەنسىرى سانچىلغان پىچاق تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تېخىمۇ ئاغرىتتى ،ئات ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي ئۆلدى .ئاشۇ ئۆلگەن ئات ئوسماننىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالدى .
ئوسمان ،يولۋاس ،ماكىنان قاتارلىقلار ئاتنى توختاتمىدى ،ئارقا –ئارقىدىن ئات ئالماشتۇردى ،ئاخىرى ياڭ شىنگو پولكىنىڭ مۇھاسىرىدىن قېچىپ چىقىپ ،شىنجاڭ چىڭخەي چىگراسىغا باردى .
يولۋاس قېچىش داۋامىدا ،چىڭخەي،شىزاڭ،ھىندىستان قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ،ئاخىرى يەككە يىگانە ھالدا تەيۋەنگە قېچىپ كەتتى .ئوسماننىڭ يېنىدا ئۇنىڭ «ئات ئۈستىدىكى خوتۇنى»،ئوغلى ،كېلىنىدىن باشقا ،ئەڭ سادىق بولغان ماكىنانۋە جانىمقان قالغانىدى .
بىر تاغ قاپتىلىدا ،ئوسمان ئالغا ماڭماي تۇرىۋالدى .بىرئاچالدا ماكىنان يەنە ئېغىز ئاچتى :
ئوسمان باتۇر ،ھازىر ۋەزىيەت بىزگە ئىنتايىن پايدىسىز ،كومپارتىيە بىزگە مۇھاسىر شەكىللەندۈردى .گەرچە بىز شىنجاڭدىكى قوغلاشتىن ۋاقتىنچە قۇتۇلغان بولساقمۇ ،ئەمما گەنسۇدىكى توسۇپ زەربە بېرىشتىن قۇتىلالمايمىز ،ھازىرقى بىردىنبىر ياخشى چارە –پەشنى قېقىپ چىقىپ كېتىش .
-نەگە –بارىمىز؟-سورىدى ئوسمان .
-پاكىستانغا بېرىڭ ،-دېدى ماكىنان ئىشەنىچ بىلەن ،ئۇ يەردە تەيجىنۇر دېگەن بىرجاي بار مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم .شۇيەرگە بارساڭلار ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيسىلەر ئاندىن چوڭ ئىشلار ھەققىدە ئويلاشساڭلار بولىدۇ ...
-ياق ! –دېدى ئوسمان ئۇنىڭ سۆزىنى قوپاللىق بىلەن ئۈزۈپ-ماكىنان ئەپەندى ،ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت ،بىراق مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .مېنىڭ يىلتىزىم شىنجاڭدا ،ئائىلەم ئالتايدا .مەن ھېچقانداق يەرگە بارمايمەن ،ئۆلسەممۇ يايلىقىمدا ئاق ئۆيىمدە ئۆلىمەن ...
ماكىنان ئۈمۈدسىزلىك بىلەن دولىسىنى چىقىرىپ ،قولىنى يېيىپ ،ئەپسۇس بىلەن :
-يۇرتۇمدىن ئايرىلمايمەن دېسىڭىز ،مېنىڭمۇ باشقا ئامالىم يوق .ئادەم دېگەن ئانا يۇرتتىن ئايرىلالمايدۇ .مېنىڭ ئامېرىكىدىن ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى ،قايتىدىغان ۋاقتىم بولدى...-دېدى.
شىردىمان ماكىناننىڭ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى تۇتىۋاللالماي قالدى :
- نېمە ؟ سىز بىزنى تاشلىۋەتمەكچىمۇ ؟
ئوسمان ئوغلىنى جىمىلىدى:
- بىلجىرلىما ! ماكىنان ئەپەندىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا بولمايدۇ !
- ئوسمان بىلەن ماكىنان بىربىرىگە قاراشتى .ئۇلار بىربىرىگە سەل قىيالمايۋاتاتتى .بىرئازدىن كىيىن ئوسمان قوينىدىن بىر كىچىك تاپانچىنى چىقىرىپ ،قوشقوللاپ ماكىنانغا سۇندى :
- بۇ باتۇر سۇڭ شىليەن ماڭا تەقدىم قىلغان براۋنىنگ تاپانچىسى ،قەدىرلەپ ساقلاپ كەلگەنىدىم ،سىزگە خاتىرە بولۇپ قالسۇن ...
ماكىنان كەتتى .ئوسمان ئۇنىڭغا يولنى پىششىق بىلىدىغان ئىككەيلەننى ھەمراھ قىلىپ بەردى .بىرنەچچە قاۋۇل ئات سوۋغا قىلدى ...
ماكىنان ،يولۋاس كەتتى .ئوسمان ئىككى قولىدىن ئايرىلدى .
ئوسمان ئىككى پۇتى بىلەن بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ قالغان ئەھۋالدا ،شىنجاڭ ،گەنسۇ،چىڭخەيلەرگە تۇتىشىدىغان جايلارغا قېچىپ بېرىپ ،تېمولىك دېگەن جايدا توپىلاڭ كۆتۈرگەن قازاق قۇسايىن ۋاڭنىڭ توپىغا قېتىلدى .
ئوسمان،قۇسايىن ۋە خالىقبايلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈشنى پىلانلىشىۋاتقىنىدا شىنجاڭ ،گەنسۇ،چىڭخەي ئۈچ ئۆلكىنىڭ بىرلەشمە باندىت تازلاش قوماندانلىق شىتابى ئۇلارنى مۇھاسىرگە ئېلىپ بولغانىدى .
1951-يىلى 19-فېۋرال،شىنجاڭ ،گەنسۇ،چىڭخەينىڭ بىرلەشمە باندىت تازىلاش قوماندانلىقى شىتاپلىرى بىرلىشىپ ئوسمانغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى .باندىت تازىلاش قوشۇنىدىكى لىيەنجاڭ لى سۇنشى ئاتقان ئوق ئوسماننىڭ ئېتىغا تەگدى .ئوسمان ئاتتىن يىقىلىپ ،تاغ قاپتىلىدىن دومىلاپ چۈشۈپ بىر چوڭ قورام تاش كەينىگە يوشۇرنىۋالدى.لى سۇنشى ئاتقان يەنە بىر پاي ئوق ئۇنىڭ يوتىسىغا تەگدى .
جەڭچىلەر خۇشال بولۇپ سەكرىشىپ «ئولجىلار »يىغىشقا تەييارلىنىۋاتقىنىدا ،ئوسماننىڭ كېلىنى نەبىقان ياردىن سەكرەپ چۈشۈپ ،باندىت تازىلاش قوشونىدىكىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرىشلىرى ۋە يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي ،ئېيىقتەك تەمبەل ئوسماننى يۈدۈپ ،جىرانىڭ ئىچكىرسىگە قاراپ تېز تېز ماڭدى .
نەبىقان ئوسماننى يار بېشىدا قويۇپ ،جۇۋىسىنى سېلىپ بەزگەكتەك تىترەۋاتقان ئوسمانغا ياپتى .ئاندىن يۈزىنى قىبلىگە قىلىپ بىرنىمىلەرنى ئوقۇدى ،بەلكىم ئۇ ئاللاھدىن ئۆزلىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ياكى خۇدادىن روھىغا پاكلىق تىلىگەن بولسا كېرەك .ئۇ شۇندىن كېيىن ،ئوقى قالمىغان تاپانچىسىنى تاشلىۋېتىپ ئوسمانغا بىرنېمىلەرنى پىچىرلىدىدى-دە ،تىك يارغا قاراپ ماڭدى ...
نەبىقان ئارىسالدا بولۇپ تۇرغاندا ئون نەچچە مىلتىق ئۇنىڭغا بەتلەندى .قول چىراغنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئۇ كۆزىنى ئاچالماي قالدى .ئۇ ئىككى قولىنى ئاستا كۆتۈردى ...
شۇنىڭ بىلەن ئاقساق مېڭىۋاتقان ئوسماننىمۇ جەڭچىلەر تۇتىۋالدى .ئۇ بېشىنى ساڭگىلاتقان بولۇپ ،پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كەتكەن .بۇرۇنقى ھەيۋىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى...
1951-يىلى 29-ئاپرېل ،ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەرمىللەت ،ھەر ساھەدىن بولۇپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئوچۇق سوت يىغىنى بولدى .سىياسىي باندىت ئوسمانغا كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىرى چېن تەنچۇ ،ماۋزىمىننى ئۆلتۈرگەن قاتىل فۇباۋلىيەن ،لى يىڭچى بىلەن بىللە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ھەمدە مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى .
شۇ يىلى 4-فېۋرالدا ،باندىتلار باشلىقى جانىمقانغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى .
ئوسمان تۇتۇلغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئوغلى شىردىمان توردىن چۈشۈپ قالغان 11 باندىتنى باشلاپ چىڭخەيدىن گەنسۇنىڭ ئەنشى دېگەن يېرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جىنشى دېگەن يېرىدىكى نەيتىك تېغىغا قايتىپ كەلدى .6-ئاينىڭ باشلىرىدا گۇچۇڭ ئەتراپىدىكى تەڭرىتاغ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كېلىپ قالاتباي باشچىلىقىدىكى بىر ئۇچۇم باندىتلار بىلەن بىرلەشتى ،ھەم تەسلىم بولغان جى كۇي بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ،70 تەك ئادەم توپلاپ گۇچۇڭ ،مورى ،جىمسار ،فۇكاڭنىڭ جەنۇبىدىكى داشىگۇ ،سىپىڭسەن ،ئىسسىق بۇلاق قاتارلىق جايلاردا ئادەم ئۆلتۈرۈپ ،بۇلاڭ تالاڭ قىلدى ...
شۇيىلى 9-ئايدا ،شىنجاڭ ھەربىي رايونى 16-17-دېۋىززىيەگە تۆت ئاتلىق گۇرۇپپا ،5-ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر 1-پولىكى ۋە 10-پولىكقا ،9-ئارمىيەنىڭ 25-دېۋىززىيىسى ،26-دېۋىززىيىسىگە بىردىن ئاتلىق ئەسكەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ،شىردىمان باندىتلىرىنى قوراشاپ يوقۇتۇشقا باشلىدى .
ھەربىي جەھەتتە قورشاپ تازىلاش ۋە سىياسىي جەھەتتە پارچىلاشنىڭ قۇدرەتلىك ھۇجۇمى بىلەن ،ماڭىدىغان يول تاپالماي قالغان شىردىمان 1952-يىلى 15-سىنتەبىردە خەلىق ھۆكۈمىتىگە تەسلىم بولدى .ھۆكۈمەت تەسلىم بولغۇچىلارنى قىزغىن كۈتىۋالدى .ئۆزلىرىگە بۇنداق كەڭچىلىك بولىشىنى ئويلىمىغان شىردىمان ئۆكسۈپ يىغلاپ :«مەن بۇرۇن باندىتلىقنى باتۇرلۇق دەپ قارىغانىدىم ،ئەمدىلىكتە ئۆزەمنى گۇناھكارلىقىنى بىلدىم .بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈردۈم ئوت قويدۇم ،جىنايىتىم ناھايىتى زور .ھازىر ھۆكۈمەت ئۆتكەننى سۈرۈشتە قىلماي ،كەڭچىلىك قىلدى ،بۇندىن كىيىن ياخشى ئادەم بولمىسام ھايۋان بولۇپ كېتەي ...»دېدى .
1954-يىلى ،شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئالتاي مەمۇرىي مەھكىمىسى گەنسۇغا ئادەم ئەۋەرتىپ ،ئوسمان ،شىردىمان قاتارلىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى ئالتايغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇردى .شىردىماننى ئالتاي ۋىلايىتى چارۋىچىلىق بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى .
شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى باندىت ئىشپىيونلارنى تازىلاش ۋە ئەكسىيەتچىلەرنىڭ توپىلاڭلىرى بېسىقتۇرۇش كۆرىشى غەلبىلىك ئاياقلاشتى .جەمئىي 48مىڭ باندىت يوقىتىلدى .110 مىڭ قازاق ئاممىسى قۇتقۇزۋېلىندى .
جۇڭگو خەلىق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1-بېڭتۈەنى شىنجاڭغا كىردى .شىنجاڭنى ئازاد قىلىشنىڭ غەلبىسى تارىختىن بۇيانقى ئىكىسپىلاتاتسىيىچى سىنىپلارنىڭ .ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ،دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىشتەك سۇيىقەستىنى تارمار قىلدى ،شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .
توردىكى مەنبە: باغداش تورى