شادىيە ئامانۇللا
10-يانۋار شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئېھسان» ساخاۋەت كېچىلىكىگە قاتنىشىپ، بۇ ساخاۋەت ئىگىلىرى بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا، بۇ ساخاۋەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئىش ئىزلار ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.
«‹ئېھسان› ساخاۋەتچىلىرى» نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى مەرھابا مۇنداق دېدى: كىچىكىمدىن تارتىپ پۇلدىن قىسىلماي، باياشاتچىلىق ئىچىدە چوڭ بولغاچقا، ئەتراپىمىزدا ئىقتىسادىي ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنىڭ يەنىلا كۆپلۈكىنى ئويلىماپتىكەنمەن. بىر قېتىملىق دەرستە بالىلار بىلەن «مېنىڭ ئارزۇيۇم» دېگەن تېمىدا پاراڭلىشىپ قالدۇق، تېخى ئون ياشقىمۇ توشمىغان بالىلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى مېنى ھەيران قالدۇردى، مەن بالىلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلاردىن خەۋەر تاپتىم ھەم بۇ ئەھۋاللارنى دوستلىرىمغا، خىزمەتداشلىرىمغا ئېيتتىم، ئۇلارمۇ ئۆزلىرى كۆرگەن، ئاڭلىغان مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى بالىلارنىڭ گېپىنى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىز مەسلىھەتلىشىپ، مائاشىمىزدىن ئايدا ئازراق ئاجرىتىپ، يېنىمىزدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى بېكىتتۇق.
دەسلەپتە يەتتە ئانىنىڭ بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىدىن باشلانغان بۇ خەير - ساخاۋەت پائالىيىتى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 200 نەچچە ئانىدىن تەشكىل تاپقان «‹ئېھسان› ساخاۋەتچىلىرى» گە ئايلاندى.
«كەل قېرىندىشىم قولۇڭنى بەر، بۇ دۇنيادا ياخشىلار كۆپ، يالغۇز ئەمەس سەن مەن ئۇ، بۇ دۇنيادا ئانىلار كۆپ...» شۇ كۈنكى كېچىلىكتە ئۈچ سەبىي ئېيتقان بۇ ناخشا يۈرەكلىرىمىزنى تىترىتىپ، ئانىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە سالدى. «‹ئېھسان› ساخاۋەتچىلىرى» ئىچىدە ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، ئۆزىنىڭ ئازغىنا مائاشى بىلەن ئائىلىسىنى قامداپ كېلىۋاتقان، ئۆز ئۆيىدە تۇغما مېيىپ بالىسى بار ئانىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلىمىغانىكەنمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازابلىرىنى، كېسەللىرىنى، قىيىنچىلىقىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ياردەمگە موھتاج بولىۋاتقانلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ساۋاب دەپ بىلگەن. قىسقىغىنا ئۈچ يىلغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىتتا بۇ ئانىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىئانە قىلغان ۋە بۇ كوللېكتىپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ياردەم قىلغان پۇل 1 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
شۇ كۈنكى كېچىلىكتە سەھنىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئېسىلغان «‹ئېھسان› ساخاۋەت كېچىلىكىگە ياردەم بەرگەن ‹ئېھسان› ياغچىلىق چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز» دەپ خەت يېزىلغان قىزىل لوزۇنكا مېنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىلدىمكى، «ئېھسان» ساخاۋەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن ياش ئانىلارنى «ئېھسان» ياغچىلىق شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىنىڭ «بولدى سىلەرگە كېرەكلىك مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى مەن چىقىرىمەن» دېگەن بىر ئېغىز سۆزى غەمدىن خالاس قىلغانىكەن. «ئېھسان» ياغچىلىق شىركىتىنىڭ ۋەكىلى ھەبىبۇللا ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئىچكىرى ئۆلكە ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە مۇنتىزىملاشقان ھەر خىل نامدىكى خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى كۆپ، ئۇلارنىڭ مەبلىغى ئاساسلىقى، كارخانىلارنىڭ ياردىمىدىن كېلىدۇ. ھازىر رايونىمىزدىمۇ بۇنداق ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ۋە كوللېكتىپلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئۇلارغا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز. شىركىتىمىز بۇنىڭدىن كېيىن يىللىق كىرىمنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى مۇشۇنداق ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتايدۇ.
شۇ كۈنكى كېچىلىكتە داڭلىق خەتتات نىياز كېرىمى شەرقىينىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغاندا، بۇنىڭ بىر پارچىسىنى «پاكدىل» ھەسەلچىلىك شىركىتى نامىدىن ئىمىنجان ئەپەندى 25 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىززەت مۇئەللىم ئېلىپ كەلگەن ئۈنچىدە كەشتە قىلىنغان «ئانا دېگەن مېھرى ئىسسىق پەرىشتە، پەرىشتىلىك سۆيگۈ بىلەن ئۇنىڭ ئورنى ئەرىشتە» دېگەن ھۆسنخەتنىمۇ بۇ شىركەت 20 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى، پائالىيەت ئاخىرىدا بۇ شىركەت يەنە 5000 يۈەن ئىئانە قىلدى. رەسسام ئىمىن ھاسىل سىزغان بىر ماي بوياق رەسىم كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغاندا، ئۇنى خوتەن «جىئابىن» قۇرۇلۇش مەھسۇلاتلىرى شىركىتى نامىدىن مۇھەممەت ئۆمەر ئەپەندى 25 مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدى.
رىياسەتچى «ئېھسان» ساخاۋەت كېچىلىكىگە قاتناشقان ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئادىل مىجىت، خەيرىگۈل ھەسەن، مۆمىنجان ئابلىكىم، ئابدۇقادىر يارئېلى، شىرئەلى ئەلتېكىن، نۇرنىسا ئابباس ۋە كېچىلىكنىڭ رېژىسسورى ھەم رىياسەتچىسى راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال قاتارلىق داڭلىق سەنئەتچىلەرنىڭ بۇ پائالىيەتكە ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماي، خوشاللىق بىلەن قاتنىشىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقىنىدا، زالدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى خېلى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى.
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال مۇنداق دېدى: جەمئىيىتىمىزدە ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى ئاممىغا بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى مۇشۇنداق ساخاۋەت يولىغا باشلاش مەقسىتىدە، بۇ كېچىلىكنى ھەقسىز ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق. ھېچقانداق ئىئانە ساندۇقى قويمىغان بولساقمۇ، غۇلجا ۋە قورغاس ناھىيەلىرىدىكى ساخاۋەتچى ئاتىلار كوللېكتىپى 10 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەن، مايتاغدىكى مېھرىبان ئانىلار گۇرۇپپىسى 5000 يۈەن ئېلىپ كەپتۇ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتىن 105 مىڭ يۈەن جۇغلاندى.
ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك، ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر ئارىسىغا مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تېخىمۇ كەڭ چاچايلى، ياردەمگە موھتاج دىللارنى ئىللىتايلى، بىزگە تەلمۈرگەن قوللارنى چىڭ تۇتايلى، ساخاۋەت قوللىرىمىزنى يانچۇقىمىزدىن چىقىرايلى!
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]