تو بانكىسى- سودا بانكىلىرىنىڭ مۇئامىلدارلارنى ھېسابات ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش، مېمورىئال راسچوت، تورلاشقان چىقىم قاتارلىق پۇل مۇئامىلىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىرونلۇق بانكا كەسپى. تور بانكىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلېكتىرونلۇق چىقىم كەسىپىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتى. بانكا كەسپىنىڭ تېزدىن ئېلېكتىرونلىشىشى ۋە كەسپ بېجىرىش شەكلىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى.
ئەمما تور بانكىسى ئارقىلىق كەسىپ بېجىرىشتە مۇئامىلدارلار بىلەن بانكا خادىملىرى ئارىسىدىكى روبىرو يۈزلىنىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى، ئۇنىڭدا مۇئامىلدارلار مەبلەغنى ئامانەت قويۇش ۋە يۆتكەش كەسىپلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۆزى بىۋاستە بېجىرىۋېرىدۇ. بۇ ھال بىر قسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ بانكا نازارەتچىلىكىدىن مۇستەسنا ھالدا پۇل يۇيۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرى تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇشتىن كېلىدىغان خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېزرەك تۇتۇش قىلمىسا، جىنايەتچىلەر تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالسا، بانكىنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى بانكىنى قانۇنىي داۋاغا سۈرەپ كىرىدۇ.
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇش قىلمىشى، پۇل يۇيۇش جىنايىتىنىڭ يېڭىچە ۋاستىلىرىدىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. جۈملىدىن پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تور بانكىسىنىڭ كەسىپ بېجىرىشكە ئەپلىك بولۇش، خۇپىيانە بولۇش، مەۋھۇم بولۇش، مۇرەككەپ بولۇش ۋە دۆلەت ھالقىغان بولۇشتەك ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ئىشىنى ئېغىر مەسىلە ۋە خرىسلارغا مۇپتىلا قىلماقتا. بۇ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1. تور بانكىسى كەسپىدە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى قانۇن - نىزاملار مۇكەممەل ئەمەس. نۆۋەتتىكى "پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىدا مۇئامىلدارلار سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش، مۇئامىلدارلار سالاھىيىتىگە ئائىت ماتېرىياللار ۋە مۇئامىلە خاتىرىسىنى ئوبدان ساقلاش چارسى" نىڭ 17-ماددىسىدا تور بانكىسىغا مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرى مۇئامىلدارلارنى تېلىفون، تور، ئاپتوبانكا ۋە باشقا شەكىللەردىكى پۇكەيسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشتە، مۇئامىلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قانۇن ئىجرا قىلىپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ تېخنىكىلىق كاپالەت ۋاستىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىچكى باشقۇرۇش تەرتىپىنى كۈچەيتىپ، مۇئامىلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش لازىم" دېگەنلا بەلگىلىمە بار، باشقا قانۇن - نىزاملاردا تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق چەكلەش ماددىلىرى يوق. بۇ ھال، پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى بەلگىلىمە بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشىغا توسالغۇ بولماقتا.
2. مۇئامىلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش مۇئەييەن بەلگىلىك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مۇئامىلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش - پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا. ھالبۇكى، ھازىر تور بانكىسىدا مۇئامىلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى مۇكەممەل تۇرغۇزۇپ چىقىلمىدى، نۇرغۇن تور بانكىلىرىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كەسىپ بېجىرىش ھالقىلىرىدىكى مەشغۇلاتلارنى ھەتتا نامسىز ھالەتتىمۇ بىجىرگىلى بولىدۇ. بۇ ھال پۇل يۇيۇش جىنايەتچىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بىرىدۇ، ئەلۋەتتە.
3.تور بانكىسىدىكى ھېساباتلارنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنلىكى، پۇل يۇيۇش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا پايدىسىز بولۇۋاتىدۇ. ئېنقلىنىشىچە، سودا بانكىلىرىنىڭ ئىدارە-ئورۇنلار تور بانكىسىدا كىرىم-چىقىم ئوردېرى چىقىرىلىپ، ھېسابات ئەھۋالى شۇ ئورۇننىڭ ھېسابىغا ئۇدۇللۇق خاتىرىلەنسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى بانكىلارنىڭ تور بانكىسى كەسىپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئوخشىمايدۇ. بۇ ھال، بانكىلارنىڭ پېرىۋوت قىلىپ ئاغدۇرۇلغان مەبلەغنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نازارەت قىلىش ۋە ئەگەشمە ئانالىز قىلىشىغا مۇمكىنچىلىك بەرمەيدۇ، بۇمۇ، پۇل يۇيۇش جىنايەتچىلىرىگە ئوبيېكتىپ جەھەتتىن پۇرسەت قالدۇرۇپ قويغانلىق، خالاس.
4. تور بانكىسى كەسپىنى نازارەت قىلىش بويىچە مۇكەممەل سىستېما تۇرغۇزۇلمىدى. تور بانكىسى ئارقىلىق مەبلەغ يۆتكەش ناھايىتى نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا، ئاشۇ سانلىق مەلۇماتلار ئارىسىدىن گۇمانلىق نۇقتىلارنى تاپىمەن دېيىش، بەئەينى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك ئىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا ئالاقە تورىنىڭ دۇنياۋىلىقى مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشىنى ناھايىتى تېزلەشتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇناسىۋەتلىك بانكا خادىملىرىدا نازارەتچىلىك ۋاستىسى ۋە تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، سانلىق مەلۇماتلارنى قولدا تەكشۈرۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا، نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار ئاشكارىلانماي قېلىپ قالىدۇ.
يۇقىرىقى تەھلىلەردىن ئايانكى، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، تور بانكسىنىڭ ساغلام ۋە بىخەتەر تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كۈچلۈك تەدبىر قوللانماي بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرىنچىدىن، پۇل مۇئامىلىسى كەسپىگە پۇختا، كومپيۇتېر سەۋىيىسى يۇقىرى كۆپ قىرلىق ئىختىاسس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇش قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش لازىم.
ئىككىنچىدىن، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇكەممەل قانۇن ۋە قانۇن-نىزاملارنى تۇرغۇزۇپ، ئىلگىرىكى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنىڭ چېتىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تامغا ۋە سانلىق مەلۇماتلار يوللانمىسىنىڭ قانۇنىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، تور بانكسى كەسىپلىرى مەشغۇلاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇئامىلدارلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئەينەن چۈشىنىپ چىقىش، مۇئامىلىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئوبدان ساقلاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور بانكىلىرىنىڭ بازاردا ئاشكارا كەسپ بېجىرىشىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە چېگرا ھالقىغان تور بانكىسى كەسپىنى نازارەت قىلىشقا قويۇلىدىغان ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانۇن نۇقتىسىدىن ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم.
ئۈچىنچىدىن، تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە چىڭىتىش بىلەن بىرگە، پۇل مۇئامىلىسى ئاپپاراتلىرىدا تور بانكىسى كەسپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە باب كېلىدىغان، تور بانكىسىدا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىدىكى ئىچكى كونتروللۇق مېخانىزىمىنى نىشانلىق تۇرغۇزۇپ، پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۇل مۇئامىلىسى كەسىپىنىڭ بارلىق ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، تور بانكىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇئامىلىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلار ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تولۇق ۋە ئەينەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
تۆتىنچىدىن، تور بانكىسى مۇئامىلدارلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئالا كۆڭۈللەرنىڭ ساختا ئىسىم ۋە ساختا ماتېرىياللار ئارقىلىق تور بانكىسى ھېسابى ئېچىۋىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنداقلا، تور بانكىسى مۇئامىلىسى تېخنىكىلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، چىقىم سىستېمىسى بىلەن ئۆز ئارا كىرىشەلەيدىغان مۇئامىلە نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ سوممىلىق مۇئامىلە ۋە گۇمانلىق مۇئامىلىلەرنى ۋاقىتدا، ئاپتوماتىك نازارەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور بانكىسى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇشنىڭ تېخنىكا ئاساسىنى پۇختىلىشى لازىم.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]