مۇھەممەد تۇراپ
شەخسلەرنىڭ ئامانەت پۇلى ــ شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان پۇللىرىنى بانكىغا ئامانەت قويۇشتىن شەكىللەنگەن ئامانەت پۇل بولۇپ، ئامانەت قويغان قەرەلىگە ئاساسەن ئۆسۈم ھېسابلاپ بېرىلىدۇ. شەخسلەر بانكىغا پۇل ئامانەت قويغاندا بانكا پۇل ئامانەت قويغۇچىغا پۇل ئامانەت قويۇش چېكى ۋە پۇل ئامانەت كىنىشكىسى كېسىپ بېرىدۇ. پۇل ئامانەت قويغۇچىلار مۇشۇ چەك ياكى پۇل ئامانەت كىنىشكىسىگە ئاساسەن بانكىغا بېرىپ ئامانەت قويغان پۇللىرىنى ئالىدۇ. پۇل ئامانەت كىنىشكىسى ئوبوروتچانلىققا ئىگە بولمىغاچقا، ئۇنى ئۆتۈنۈپ بەرگىلى ياكى دېسكۇنت قىلغىلى بولمايدۇ.
ئامانەت پۇل كەسپىنى راۋاجلاندۇرغاندا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مەبلەغ توپلاپ، مەبلەغقە ئېھتىياجلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قايتۇرۇش ياكى ئۆسۈم يىغىشنى شەرت قىلىپ قەرز بېرىپ، بازاردىكى مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۇل ئوبوروتىنى تەڭشەپ، ئىستېمالغا توغرا يېتەكلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
ئاھالىلارنىڭ بانكىغا ئامانەت قويىدىغان پۇللىرىنىڭ تۈرلىرى
قەرەلسىز ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى بېكىتىلمەي، نەق پۇلنى خالىغان ۋاقىتتا ئامانەت قويغىلى ۋە ئالغىلى بولىدىغان بىر خىل ئامانەت پۇل بولۇپ، قەرەلسىز ئامانەت پۇلنى بىر يۈەندىن باشلاپ ئامانەت قويغىلى بولىدۇ، كۆپ ئامانەت قويسا چەكلەنمەيدۇ. قەرەلسىز ئامانەت پۇل ھېسابى ئاچقاندا بانكا پۇل ئامانەت قويغۇچىغا پۇل ئامانەت قويۇش كېنىشكىسى كېسىپ بېرىدۇ، پۇل ئامانەت قويغۇچىلار بۇ كىنىشكىگە ئاساسەن پۇل ئامانەت قويىدۇ ۋە ئامانەت قويغان پۇلنى بانكا ئارقىلىق چىقىم قىلىپ ئالىدۇ، پۇلنىڭ ئۆسۈمى ھەر يىلى 30-ئىيۇن ھېسابلىنىدۇ. بانكىغا ئامانەت قويۇلغان قەرەلسىز ئامانەت پۇللارغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بەرگىلى بولىدۇ. بىرىنچىدىن، ۋاقتىنچە ئىستېمال چىقىمىغا ئىشلەتكىلى بولمايدىغان پۇل كىرىمى، ئىككىنچىدىن، چوڭ سوممىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان زاپاس پۇل، ئۈچىنچىدىن، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت ئوبوروت مەبلىغى بانكا ھېساب ئېچىپ بېرىش ۋە مېمۇرىئال قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن قەرەلسىز ئامانەت پۇل شەكلىدە بانكىغا ئامانەت قويۇلغان پۇلدۇر.
قەرەللىك ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل پۇل ئامانەت قويغۇچىلار بىلەن بانكا ئامانەت پۇل قەرەلىنى بېكىتىدىغان، قەرەلى توشقاندا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى ئالىدىغان ئامانەت پۇل شەكلىگە قارىتىلغان. قەرەللىك ئامانەت پۇللارنىڭ كېلىش مەنبەسى شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پۇل كىرىمىنىڭ ئىچىدىكى ئېشىنچا قىسمى بولۇپ، خېلى ئۇزاق ۋاقىت جۇغلۇنۇپ چوڭ سوممىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ياكى سايمانلىرى سېتىۋېلىشقا تەييارلانغان پۇلدۇر. بۇ خىل ئامانەت پۇل شەكلى بانكىنى مۇقىم كېردىت مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل ھېساب ئاچقاندا قەرەلىنى كېلىشىپ بېكىتىدىغان، توپ ئامانەت قويۇپ قەرەلى توشقاندا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى بىر قېتىمدىلا چىقىم قىلىپ ئالىدىغان ئامانەت پۇلغا قارىتىلىدۇ ۋە 50 يۈەن خەلق پۇلىدىن باشلاپ ئامانەت قويۇلىدۇ، توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان تاشقى پېرېۋوتنى ئامانەت قويۇشنىڭ باشلىنىش سوممىسى تەڭ قىممەتتىكى 100 يۈەن تاشقى پېرېۋوت بولىدۇ. توپ قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماقچى بولسىڭىز كىملىكىڭىزنى، ۋاكالىتەن ئالماقچى بولسىڭىز ۋاكالىتەن ئالغۇچىنىڭ كىملىكىنى ۋە پۇل ئامانەت قويغۇچىنىڭ كىملىكىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئامانەت پۇلنىڭ بىر قىسمىنى بىر قېتىمدىلا ئالغىلى بولىدۇ. ئۆسۈمى ئامانەت قويغان ۋاقىتتىكى كېلىشىپ بېكىتكەن ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. توپ قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇلنى قەرەلى توشقان كۈنى ئاپتوماتىك ئامانەت قويۇشقا بولىدۇ، شۇنداقلا پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە قەرەلى توشقاندا ئاغدۇرۇپ ئامانەت قويسىمۇ بولىدۇ. بۇ خىل ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلى ئۈچ ئاي، ئالتە ئاي، بىر يىل، ئىككى يىل، ئۈچ يىل ۋە بەش يىلغا ئايرىلىدۇ. چەت ئەل پۇلى ھېسابىدىكى توپ قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلى بىر ئاي، ئۈچ ئاي، ئالتە ئاي، بىر يىل ۋە ئىككى يىلغا ئايرىلىدۇ.
پارچە قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل ھېساب ئاچقاندا پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى بەلگىلىنىدىغان، ھەر ئايدا مۇقىم سوممىدا ئامانەت قويۇلىدىغان (پۇل ئامانەت قويىدىغان سوممىسنى پۇل ئامانەت قويغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ)، قەرەلى توشقاندا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى بىر قېتىمدىلا ئالىدىغان ئامانەت پۇلغا قارىتىلىدۇ. بۇ خىل ئامانەت پۇلدا ئادەتتە بەش يۈەندىن باشلاپ ئامانەت قويۇلۇپ، ھەر ئايدا بىر قېتىم ئامانەت قويۇلىدۇ، ئوتتۇرا يولدا ئامانەت قويالمىغان بولسا، كېيىنكى ئايدا تولۇقلاپ ئامانەت قويسا بولىدۇ ۋە ھەر ئايدا ھېساب ئاچقان ۋاقىتتا ئامانەت قويغان سومما بويىچە داۋاملىق ئامانەت قويۇلىدۇ. بۇ خىل ئامانەت پۇلنىڭ ھېساب ئېچىش رەسمىيىتى بىلەن قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ رەسمىيىتى ئوخشاش بولىدۇ، پۇل ئامانەت قويغۇچى ئامانەت پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالماقچى بولسا، رەسمىيىتى توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ. ئۆسۈمى ئامانەت قويۇلغان سومما ۋە ئەمەلىي ئامانەت قويغان قەرەلىگە ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى بىر يىل، ئۈچ يىل ۋە بەش يىلغا ئايرىلىدۇ. ئۆسۈمى ئامانەت پۇلغا ھېساب ئاچقان كۈندىكى پارچە قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قەرەلى توشقاندا ئالمىغان قىسمى ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغان قىسمى ئالغان ۋاقىتتىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
توپ قويۇپ پارچە ئالىدىغان ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل پۇلنىڭ قەرەلى پۇل ئامانەت قويۇشقا ھېساب ئاچقاندا بېكىتىلىدىغان، دىرى بىر قېتىمدا قويۇلىدىغان، قېتىمغا بۆلۈپ دىرىنى ئالىدىغان ئامانەت پۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئامانەت پۇلنىڭ ھېساب ئېچىش رەسمىيىتى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئامانەت قويغاندا مىڭ يۈەندىن باشلاپ ئامانەت قويۇپ، بىر ئاي، ئۈچ ئاي ۋە يېرىم يىلغا بۆلۈپ ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇنى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. ئۆسۈمى ئامانەت پۇلغا ھېساب ئاچقان كۈنىدىكى توپ قويۇپ پارچە ئالىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىپ، قەرەلى توشۇپ ھېساب بۇغۇلىدىغاندا ئالسا بولىدۇ. قەرەلى توشقاندا ئالمىغان قىسمى ياكى مۇدەتتىن بۇرۇن ئالغان قىسمىنىڭ ئۆسۈمى ئالغان كۈنىدىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى بىر يىل، ئۈچ يىل ۋە بەش يىل بولىدۇ.
دىرىنى قويۇپ ئۆسۈمىنى ئالىدىغان ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل ھېساب ئاچقاندا ئامانەت قويۇش قەرەلى بېكىتىلىدىغان، بىر قېتىمدىلا توپ ئامانەت قويۇپ مۇقىم قەرەلى بويىچە قېتىمغا بۆلۈپ ئالىدىغان ۋە قەرەلى توشقاندا دىرىنى بىر قېتىمدىلا ئالىدىغان بىر خىل ئامانەت پۇل بولۇپ، بۇ خىل ئامانەت پۇل بەش مىڭ يۈەندىن باشلاپ ئامانەت قويۇلىدۇ، بىر ئايدا ياكى بىر قانچە ئايدا بىر قېتىم ئۆسۈمىنى ئالىدۇ، ھېساب ئاچقان ۋاقىتتا بېكىتىلگەن چەكلىمە سومما ئىچىدە خالىغان سوممىسىنى ئالسا بولىدۇ. ئۆسۈمى ئامانەت پۇلغا ھېساب ئاچقان كۈندىكى دىرىنى ئامانەت قويۇپ ئۆسۈمىنى ئالىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. قەرەلى توشقاندا ئالمىغان قىسمى ياكى مۇدەتتىن بۇرۇن ئالغان قىسمىنىڭ ئۆسۈمى ئالغان كۈنىدىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى بىر يىل، ئۈچ يىل ۋە بەش يىل بولىدۇ. ھېساب ئېچىش ۋە ئېلىش رەسمىيىتى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئوخشاش. مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغان ۋاقىتتىكى رەسمىيىتى قەرەللىك توپ قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ رەسمىيىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.
قەرەللىك ۋە قەرەلسىزگە قولايلىق ئامانەت پۇل: بۇ خىل ئامانەت پۇل ھېساب ئاچقاندا ئامانەت قويۇش قەرەلى بېكىتىلمەيدىغان، بانكا پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئامانەت پۇلىنىڭ ئەمەلىي قەرەلىگە ئاساسەن بەلگىلىمە بويىچە ئۆسۈم بېرىدىغان ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئالىدىغان ئامانەت پۇلنى كۆرسىتىدۇ. 50 يۈەندىن باشلاپ ئامانەت قويۇلۇپ، پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى ئۈچ ئايغا توشمىسا ئۆسۈمى پۇلنى ئالغان كۈندىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى ئۈچ ئايدىن ئېشىپ (ئۈچ ئايمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) يېرىم يىلغا توشمىغان بولسا، ئۆسۈمى پۇلنى ئالغان كۈنىدىكى قەرەللىك توپ قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئۈچ ئايلىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە ئالتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى يېرىم يىلدىن ئېشىپ (يېرىم يىلمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بىر يىلغا توشمىغان بولسا، پۈتۈن ئامانەت قويۇش قەرەلىگە پۇلنى ئالغان كۈنىدىكى قەرەللىك توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان يېرىم يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە ئالتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى بىر يىلدىن (بىر يىلمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئاشقان بولسا، پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلىنىڭ قانچە ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۈتكۈل ئامانەت قويۇش قەرەلىگە پۇلنى ئالغان كۈنىدىكى قەرەللىك توپ قويۇپ توپ ئالىدىغان بىر يىللىق ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە ئالتىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.
ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلى: بۇ خىل ئامانەت پۇل پۇل ئامانەت قويغاندا ئامانەت قويۇش قەرەلى بېكىتىلمەيدىغان، ئالىدىغاندا ئىشتىن بۇرۇن بانكا ئۇقتۇرۇش قىلىدىغان، ئامانەت پۇلنى ئېلىش ۋاقتى ۋە سوممىسىنى كېلىشىپ بېكىتىدىغان بىر خىل پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئەڭ تۆۋەن ئامانەت قويۇش سوممىسى 50 مىڭ يۈەن، چەت ئەل پۇلى 5000 دوللار بولىدۇ. قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن پۇلنى ئامانەت قويۇپ ھېساب ئاچقاندا پۇل ئېلىش ۋاقتى ياكى كېلىشكەن ئاغدۇرۇپ ئامانەت قويىدىغان قەرەلى ھەم سوممىسى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلىنى بىر قېتىمدا قويۇپ، بىر قېتىم ياكى بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىشقا بولىدۇ. ئەمما قېتىمغا بۆلۈپ ئالغاندىن كېيىنكى ئامانەت ھېساب قالدۇقى ئەڭ تۆۋەن ئامانەت قويغان سوممىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ، ئەگەر ئامانەت ھېساب قالدۇقى ئەڭ تۆۋەن بولسا، ئەڭ تۆۋەن ئامانەت قويغان سوممىدىن بانكا ھېسابنى ئۆچۈرۈپ، قەرەلسىز ئامانەت پۇلغا ئاغدۇرىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلى پۇل ئامانەت قويغۇچىلار تاللىغان مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلغان قەرەلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا ئاساسەن، بىر كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلى ۋە يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بىر كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، پۇل ئامانەت قويغۇچى مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن بانكىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك، ئامانەت قويۇش قەرەلى ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى كۈن بولىدۇ. يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش ئامانەت پۇلىنى ئېلىشقا توغرا كەلسە، پۇل ئامانەت قويغۇچى مۇددەتتىن يەتتە كۈن بۇرۇن بانكىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك، ئامانەت قويۇش قەرەلى يەتتە كۈن بولىدۇ.
مائارىپ پۇل ئامانىتى: بۇ خىل ئامانەت پۇل شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ پۇل ئامانەت قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مائارىپ جۇغلانما مەبلىغى تەييارلىشىغا ئىلھام بىرىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ئامانەت پۇلدىن ئىبارەت. مائارىپ ئامانەت پۇلىنىڭ ئوبيېكتى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقى (تۆتىنچى يىللىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە)دىن يۇقىرى سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مائارىپ ئامانەت پۇلىنىڭ قەرەلى بىر يىل، ئۈچ يىل ۋە ئالتە يىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ھەربىر ھېسابنى ئاچقاندا 50 يۈەندىن باشلاپ ئامانەت قويۇلىدۇ، دىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 20 مىڭ يۈەن بولىدۇ. پۇل ئامانەت قويغۇچى مەكتەپ تەمىنلىگەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكىگە ئاساسەن بىر قېتىمدىلا دىرى ۋە ئۆسۈمىنى ئالغاندا ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
ئامانەت پۇل مۈلۈكلەرنى گۇرۇپپىلارلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۈر بولۇپ، بىخەتەرلىكى يۇقىرى بولۇش، ئوبوروتچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق باشقا روزىغارچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە. ئۇ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ئاسان ئىگىلىگىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش روزىغارچىلىق قورالى بولۇپ، پۇل ئامانەت قويۇش كەسپى گەرچە بېجىرىش ئاددىي بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا نۇرغۇن ساۋاتلار بار. بەزى پۇل ئامانەت قويغۇچىلار مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى بىلمىگەنلىكى ۋە بەزى ئىشلارغا سەل قارىغانلىقى ھەم بىپەرۋالىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆسۈمدىن زىيان تارتىدۇ. شۇڭا پۇل ئامانەت قويۇشتىكى بەزى تېخنىكىلىق تەلەپلەرنى بىلىۋېلىش تولىمۇ زۆرۈر.
پۇل ئامانەت قويۇشتىكى بەزى تېخنىكىلىق تەلەپلەر
بىرىنچىدىن، ئامانەت پۇل تۈرى ۋە قەرەلىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. ئامانەت پۇل ئوخشىمىغان تۈر، ئوخشىمىغان قەرەلگە ئىگە بولغاچقا، ئوخشىمىغان پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلىدە ئوخشىمىغان ئۆسۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. قەرەلسىز ئامانەت پۇل تۇرمۇشقا زاپاس پۇل تەييارلاشقا باپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، جانلىق بولۇش، قولايلىق بولۇش، خالىغان ۋاقىتتا ئامانەت قويۇپ خالىغان ۋاقىتتا ئالغىلى بولۇش ۋە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. قەرەللىك ئامانەت پۇل تۇرمۇشتىن ئېشىنغان پۇل بولۇپ، پۇل ئامانەت قويۇش قەرەلى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە كۆپ ئۆسۈمگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان پۇل ئامانەت قويغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ پىلانچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. پارچە قويۇپ، توپ ئالىدىغان ئامانەت پۇل ئېشىنچا پۇلنى ئامانەت قويىدىغانلارغا ماس كېلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جۇغلىنىشچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. پۇل ئامانەت قويغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە پۇل ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئامانەت پۇل تۈرى ۋە قەرەلىنى بېكىتىپ، ئامانەت پۇل تۈرىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق تاللىيالماسلىقتىن، ئۆسۈم زىيىنىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ئاھۋالدا، قەرەلى بىر يىلدىن يۇقىرى قەرەللىك ئامانەت پۇل تۈرىنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم.
ئىككىنچىدىن، ئامانەت پۇلغا مەخپىي شىفىر قويغاندا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. ئامانەت پۇلغا مەخپىي شىفىر قويۇش ئامانەت پۇلنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ساختىلىق بىلەن ئېلىپ كېتىشتىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مۇھىم ۋاستە بولۇپ قالدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، تېلېفون نومۇرى ياكى خاسىيەتلىك سانلار (مەسىلەن: 666، 888)نى بانكىغا قويغان ئامانەت پۇلىنىڭ مەخپىي شىفىرى قىلىپ بېكىتىدۇ. ئەمما بۇنداق مەخپىي شىفىرلارنى باشقىلار ئاسان بىلىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئامانەت پۇلنىڭ خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى يوقايدۇ. شۇڭا پۇل ئامانەت قويغۇچىلار باشقىلار ئاسان بىلىۋالالمايدىغان مەخپىي شىپىرلارنى تەسىس قىلىش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، چوڭ سوممىلىق نەق پۇللارنى ئايرىم-ئايرىم ئامانەت قويۇش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئامانەت پۇل چېكىنى باشقۇرۇشقا قولايلىق بولۇشنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش نوقتا قىلىپ، قولىدىكى چوڭ سوممىلىق نەق پۇلنىڭ ھەممىسىنى بىر ۋاراق ئامانەت چېكىگە ئامانەت قويىدۇ. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل روزىغارچىلىققا پايدىسىز. قەرەللىك ئامەنەت پۇلنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغاندا قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ. قەرەللىك ئامانەت چېكىنىڭ ۋاقتى توشمىغان ئەھۋالدا ناۋادا بىرەر جىددىي ئىش كۆرۈلۈپ، ئامانەت چېكىدىكى بىر قىسىم پۇللارنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئالغاندا ناھايىتى ئاسانلا ئۆسۈم زىيىنى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا چوڭ سوممىلىق نەق پۇلنى بىر قانچە ۋاراق ئامانەت چېكىگە بۆلۈپ ئامانەت قويۇش تولىمۇ ئاقىلانە چارە ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئائىلىدە ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان 200 مىڭ يۈەن نەق پۇل بولسا، ئۇنى 50 مىڭ يۈەندىن تۆت پارچىگە بۆلۈپ، بىر يىللىق، ئىككى يىللىق، ئۈچ يىللىق ۋە بەش يىللىق مۇددەت بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئامانەت قويۇش كېرەك.
تۆتىنچىدىن، ئامانەت پۇلنى ئاغدۇرۇپ ئامانەت قويۇش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئامانەت پۇلنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ‹‹پۇل ئامانەتنى باشقۇرۇش نىزامى››دىكى بەلگىلىمىدە: قەرەللىك ئامانەت پۇلنى قەرەلى توشقاندا ئالمىسا، قەرەلى ئۆتكەن قىسمى شۇ كۈنلۈك قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، دېيىلگەن. ئامانەت پۇلنىڭ سوممىسى شۇنچە چوڭ، قەرەلى ئۆتكەن ۋاقتى شۇنچە ئۇزۇن بولسا، ئۆسۈمدىن تارتىدىغان زىيان شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا مەيلى پۇل مۇئاملە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت بۆلۈمىدە ياكى تور بانكىسىدا قەرەللىك پۇل ئامانەت كەسپىنى بېجىرگەندە بولسۇن، ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلى توشقاندا ئاپتوماتىك ئاغدۇرۇلۇپ ئامانەت قويۇلىدۇ، دىگەن ئىقتىدارىنى تاللاش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا قەرەلى توشقان ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ھېسابلاشتا ئاپتوماتىك ئاغدۇرۇپ، ئامانەت قويۇلغان كۈنىدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ئۆسۈم ھېسابلاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ. قەرەللىك ئامانەت قويۇلغان پۇل قەرەلى توشقاندىن كېيىن يەنە قەرەللىك ئامانەت پۇلغا ئاغدۇرۇپ ئامانەت قويۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ قەرەلى توشقاندىن كېيىن ئاغدۇرۇپ ئامانەت قويۇشنى ئۇنتۇپ قېلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆسۈم زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە ئۆي بىلەن بانكا ئارلىقىدا كۆپ قېتىم قاترايدىغان جاپادىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ.
بەشىنچىدىن، پۇلنى قەرەلسىز ئامانەتكە قويغاندىن كۆرە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەتكە قويغان تۈزۈك. ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرەللىك ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق ئوبوروتچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ قىسقا مۇددەتلىك مەبلەغ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. بىراق ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇل بۇ خىلدىكى ئامانەت پۇل قويغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇل كەسپى پۇل ئامانەت قويغۇچى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلىپ بېكىتكەن قەرەلىگە ئاساسەن بىر كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇل ۋە يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇل دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بىر كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇلدا مۇددەتتىن بىر كۈن بۇرۇن ئامانەت پۇلنى ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويۇش كېرەك. يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇلدا مۇددەتتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئامانەت پۇلنى ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويۇش كېرەك. ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغان ئامانەت پۇلنىڭ ئوبوروتچانلىقى بىلەن قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ ئوبوروتچانلىقى ئوخشاش، ئەمما پايدا نىسبىتى قەرەلسىز ئامانەت پۇلنىڭ پايدا نىسبىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]