خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى خاتا قاراشلار

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-05-26 01:29

 

ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى خاتا قاراشلار


▲ ئىناۋەتلىك كارتىغا پۇل قويسا ئۆسۈمى ھېساپلىنىدۇ، دەپ قاراش: قەرز كاتىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى، ئىناۋەتلىك كارتىدىكى ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولمايدۇ. كارتا ئىگىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكەندىكى پايدىسى بانكا تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئىناۋەتلىك سومما ئىچىدە ئالدى بىلەن كارتا سۈرۈپ ئىستېمال قىلىش ياكى ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش ئارقىلىق نەق پۇل ئېلىپ ئاندىن قەرز قايتۇرۇش ھەمدە مال سېتىۋېلىش ئىستىمالىدا بەلگىلىك ئۆسۈمسىز ۋاقتى بولۇشتىن ئىبارەت. ئەكسىچە بىر قىسىم ئىناۋەتلىك كارتا ئىگىلىرى ئەسلىدىكى كارتا ئىشلىتىش ئادىتىنىڭ تەسىرىدە ئىناۋەتلىك كارتىنى ئامانەت كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ، زور مىقداردىكى نەق پۇلنى ئىناۋەتلىك كارتىغا قويۇپ، ئۆسۈمىنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ.

▲ ئىناۋەت سوممىسى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى، دەپ قاراش: ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئىناۋەت سوممىسىدا ئالدى بىلەن شەخىسنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا قاراش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كارتا بىخەتەرلىكىنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك. ئەگەر ئىناۋەت سوممىسى يۇقىرى بولسا، ئىناۋەت كارتىسى ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلسە زىيان ئىنتايىن چوڭ بولۇشى مۈمكىن. زور مىقداردىكى ئىناۋەت سوممىسىغا ئېھتىياجلىق بولمىسا، تېلېفون ئارقىلىق بانكا كارتىسىنىڭ ئابونىچىلار مۇلازىمەت مەركىزىگە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، سوممىنى ئازايتىش، سوممىنى كۆپەيتىشكە توغرا كەلگەندە، ئابونتچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق قايتىدىن قوزغاش كېرەك.

▲ ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ نەق پۇل ئالغاندا، ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قاراش: ئىناۋەتلىك كارتىدا ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ ئىستېمال قىلىشتىن سىرت، يەنە ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ نەق پۇل ئالغىلى بولىدۇ، لېكىن قەرز كارتىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۆسۈم كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتىدىن بەھرىمان بولغىلى بولمىغاچقا، ئىناۋەتلىك كارتىدا ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ نەق پۇل ئالغاندىكى تەننەرخ ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىپ نەق پۇل ئالغان كۈنىدىن باشلاپ، ئاشۇرۇپ چىقىم قىلغان سوممىنىڭ %5 بويىچە كۈندىكى ئۆسۈم ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سودا سوممىسى بويىچە بەلگىلىك رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. شۇڭا كارتا ئىگىلىرى ئىناۋەت كارتىسىدىن ئاشۇرۇپ چىقىپ قىلىپ نەق پۇل ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەسلىكى كېرەك، بۇ ئاساسلىقى كارتا ئىگىسىنىڭ جىددىي ئەھۋالدا نەق پۇل ئېلىش ئېھتىياجىنىلا قاندۇرىدۇ.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار