ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، بەلگىلىمىدە سەنئەت تۈرىنىڭ مۇزىكا كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش شەرتى كۆپەيتىلگەن، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇزىكا كەسپىدىن ئېلىنغان بىر تۇتاش ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلار سەنئەت مەكتەپلىرىنىڭ مۇزىكا كەسىپلىرىگە ۋە ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن(مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرسا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىنغان بىر تۇتاش ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن)؛ ئىجتىمائىي پەننىڭ ئۇنىۋېرسال پەن تۈرى ئىمتىھانىنى ئانا تىلىدا بەرگەن ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىلى پىلانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرىدىكەن، خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ۋە ‹‹قوش تىل›› سىنىپى پىلانىدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ كەسىپلىرىگە ئارزۇ تولدۇرسا ئارزۇسى ئىناۋەتسىز بولىدىكەن؛ تولۇق كۇرسقا نىشانلىق قوبۇل قىلىنىپ ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە، مەخسۇس كۇرسقا نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغانلار مەخسۇس كۇرسنىڭ نۆلىنچى تۈركۈمىدە قوبۇل قىلىنىدىكەن. نىشانلىق قوبۇل قىلىنىپ ھەقسىز تەربىيەلىنىدىغان پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە قوبۇل قىلىش ئاساسىدا نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋىلايەت (ئوبلاست)لارغا مايىللىشىدىكەن، نومۇر چېكىگە يېتىدىغانلار ئاز بولسا، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ۋىلايەت (ئوبلاست)لاردىكى ئوقۇغۇچىلار نومۇر چېكىنى تۆۋەنلىتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە 20 نومۇر قوشۇلىدىكەن، مەكتەپلەر قوبۇل قىلىش – قىلماسلىقنى ئۆزى بېكىتىدىكەن.
بەلگىلىمىنىڭ تەپسلاتىنى كۆرمەكچى بولغانلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn) دىن كۆرسە بولىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]