مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەۋلادلارنى ياراملىق ئىزباسارلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا، كەڭ دائىرىلىك ئىزدىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ۋاستىسى بىلەن يەتكىلى بولىدىغان ئاساسلىق نىشانلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇتۇش جەريانى ئوقۇتقۇچنىڭ ئوقۇتۇشى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگىنىش جەريانى. ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكلىشى ۋە كۆيۈنۈپ تەربىيەلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ .ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تەلىم– تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاساسىي ئۇسۇل، شۇنداقلا سىنىپ كوللېكتىپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. ئوقۇتقۇچلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى تەلىم–تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. ئوقۇتقۇچنىڭ ساپاسى بىۋاستە ھالدا ئوقۇغۇچىنىڭ ساپاسىغا ۋە مەكتەپ تەلىم-تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كىرەك. 2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ ۋە ئەستايىدىل چۈشىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. 3. ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم. ئوقۇتۇش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا دەرستە كۆيۈنۈشى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ ئۆگىنىشگە ياردەم قىلىش لازىم. يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشقىنىغا لايىق نەتىجە ئالالايدىغان، ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرى بولغان مەزمۇنلارنى قىستۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى خۇددى ئاتا-ئانىلىرى بالىلىرىغا كۆيۈنگەندەك ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. ھە دېسىلا ياخشىلار، ئالدىنقىلار بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، دەرستە ئارقىدا قېلىۋاتقانلار بىلەن كارى بولماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتماسلىقى، ئۇلارنىڭ بىلىمگە بولغان قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىلىم–پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم. 4. ئوقۇتقۇچى دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سوئال سوراشقا دىققەت قىلىش لازىم. دەرسخانىدا سوئال سوراش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىش تەشنالىقىنى قوزغاشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك ئويلىشى، شۇلارغا ماس كېلىدىغان، ئۇلار جاۋاب بېرەلەيدىغان، قىزىقىشىنى قوزغايدىغان سوئاللارنى سورىشى، توغرا جاۋاب بېرەلىسە ياكى ئاساسەن يېقىنلاشتۇرسا ئۆز ۋاقتىدا ئىلھاملاندۇرۇشى، رىغبەتلەندۈرۈش سۆزلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىشى لازىم. ناۋادا بەرگەن جاۋابى خاتا ياكى تازا تولۇق بولماي قالسا، ھەرگىزمۇ ئەيىبلىمەسلىكى، سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئېغىر–بېسىقلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى لازىم. ئوقۇتقۇچى دەرستە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرۈشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلار نەتىجىگە ئېرىشكەندە ياكى ئالغا ئىلگىرىلىگەندە ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ھەتتا ئۇلارنى تەقدىرلىشى، تەربىيە مەزمۇنى ۋە شەكلىنى ھەر خىل قىلىش بىلەن بىللە، تەربىيە بېرىش ۋاقتىنى، ئورنىنى مۇۋاپىق تاللىشى، دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردا قايتىلىنىش بولغاندا ئۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە ئىشلىشى لازىم. 5. ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇقنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىغا سەل قارىماسلىقكېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ تەكشۈرۈشتە ئەستايدىل بولۇش لازىم. تاپشۇرۇق ئىشلەش، مەشىق ئىشلەش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتۈلگەن بىلىملەرنى مۇستەھكەملىشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشىدىكى زۆرۈر ۋاسىتە. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرگەندە، ئەستايىدىللىق بىلەن زېرىكمەي، تېرىكمەي تەكشۈرۈشى، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولسا ئۆزگەرتىشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئوقۇغۇچىنى چاقىرىپ، تۈزەتكەن جايلارنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى لازىم. 6. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائاليەتلىرىگە تەشكىللەپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك پائالىيەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىتىپ، ئۇلاردا كاللا ئىشلىتىش، مۇستەقىل قول سېلىپ ئىشلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.. 7. سىنىپ مۇدىرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم. سىنىپ مۇدىرى مەكتەپ تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەكتەپ ۋە يۇقىرى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئورۇنلاپ، مۈنەۋۋەر بىر سىنىپ كوللېكتىپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. سىنىپ مۇدىرى مەكتەپ تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشىدىكى تايانچ كۈچ. شۇڭا سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلغان ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك. قىسقىسى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى ئۆستۈرۈش ئۇزۇن مۇددەتلىك جەريان بولۇپ، بۇ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا ئۈنۈملۈك تەدبىر، چارە-ئاماللارنى قوللىنىپ، توختىماي ئىزدىنىپ تىرىشقاندىلا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەلىم-تەربىيە سۈپتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. |
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]