خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېزا مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : 6352412012-03-12 14:00

يېزا مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە


 

ئاساس مائارىپ دەرس ئىسلاھاتىغا دائىر مۇھاكىمىلەردە مۇنداق بىر خاتا تونۇش ئىزچىل ساقلانماقتا:شەھەرلەر، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، يېزىلاردا دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ شەرت – شارائىتى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلمىدى.


 

شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ يېزىلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ناچارراق، نۇرغۇن مەكتەپتە كومپىيۇتېر، كۆپ ۋاستىلىك دەرسخانا، مەكتەپ تورى قاتارلىق زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى يوق. يېزا بالىلىرى شەھەر بالىلىرىغا ئوخشاش بىلىم ۋە ئ.ۇچۇر ئىگىلەيدىغان مۇھىم ئىجتىمائىي بايلىق – كۇتۇپخانىغا؛ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا قارىتا ئوبرازلىق، بىۋاستە چۈشەنچىسىنى ئاشۇردىغان ئورۇن – پەن – تېخنىكا سارىيىغا؛ ئىدىيە ئەخلاق، غايە ۋە ئىتىقاد كۈچەيتىش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدىغان تارىخىي مەدەنىيەت خەزىنىسى – مۇزېيىغا، تۇرمۇش، خىزمەت ۋە  ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىدىغان زامانىۋى شارائىت – تور بايلىقى قاتارلىقلارغا ئىگە ئەمەس. يېزىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئاساس مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ تەلپىگە ماسلىشالمايدۇ. ئەمما، بۇنىڭ بىلەنلا يېزىلاردا دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ  شەرت – شارائىتى پىشىپ يېتىلمىدى، دەپ قاراش ئوبيېكتىپ ئەمەس، شۇنىڭدەك بۇ بىر خىل ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت. مەن يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇزاق يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، مەن دەرس ئىسلاھاتى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا <<پاتېنت ھوقۇقى>>، شۇنداقلا پەقەت قاتتىق ماتېرىيال ئۆلچەمەە يەتكەندىلا، ئاندىن دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارايمەن.


 

دەرس ئىسلاھاتىنىڭ يادروسى يېڭى مائارىپ ئىدىيىسىدىن ئىبارەت، مائارىپ ئىدىيىسى تەلىم – تەربىيە پائالىيىتىگە  يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىدىيىۋى قاراش ۋە مەنىۋى ئىنتىلىشتۇر. شۇڭا، دەرس ئىسلاھاتىدا ئالدى بىلەن ماددىي جەھەتتىكى ئىنتىلىش ئەمەس، بەلكى مەنىۋى ئىنتىلىشتە ئۆزگىرىش ياساش كېرەك. ناۋادا ماددىي جەھەتتىكى تەلەپ ھەددىدىن ئارتۇق تەكىتلەنسە، ئىسلاھاتنىڭ شەرت – شارائىت يېتىشمەسلىك تۈپەيلى، بىر ئىزىدا توختاپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي سېپى – دەرسخانا. ئوقۇتقۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، دەرسخانىنىڭ سىرتىدىكى شەرت – شارائىتنىڭ  چەكلىمىسى ئاجىزراق بولىدۇ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇشتىكى ئىندىۋىدۇئاللىقنى جارى قىلدۇرالايدۇ، يەنى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى كونكرېت لايىھىلىگەندە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرسە، ئۇسۇلىنى كۆپ خىللاشتۇرسا بولىدۇ. مەسىلەن، يېڭى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزسا، ئۆزىنىڭ سۆزى، روھىي ھالىتى، ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھۆرمەت قىلسا، كۆيۈنسە، يېقىنلاشسا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا دېموكراتىك باراۋەر مۇئامىلە قىلسا بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى ۋە ئوقۇتۇش ھەرىكىتنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردا قاتتىق ئەسلھەلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەرس ئىسلاھاتى ئۇقۇمىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە ئەمىلىيلەشتۈرسەكلا بولىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، دەرس ئىسلاھاتىنى شەھەردىمۇ، يېزىدىمۇ ئوخشاشلا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.


 

ئ.ۇنىڭدىن باشقا،  شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، يېزىلاردا شەھەرلەردە بولمىغان پايدىلىق ئامىللارمۇ بار، بۇلارنى ياخشى قىزىشىمىزغا، تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.


 

بىرىنچىدىن، يېزا مەكتەپلىرى تەبىئىي مۇھىت ئىچىدە ياشايدۇ، بۇ خىل چۈشەنچىنى شەھەردىكى بالىلار پەقەتلا ھېس قىلالمايدۇ. مەكتەپكە بارغۇچە قۇشلارنىڭ ۋىچىرلاپ سايراشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، بىپايان ئېتىزلاردا ئالتۇن باشاقلار يەلپۈنۈپ تۇرىدۇ، يىراقتىكى ياپيېشىل تاغ ۋە ئورمانلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، يېزىلاردىكى ئېرىق – ئۆستەڭلەردە سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، لاي – تۇپراقنىڭ پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزىلاردا دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتىكى ئۆزگىچە بايلىق، ئاچقۇچ -  ئۇلارنى قانداق ئېچىش ۋە پايدىلىنىشتا. مېۋىلىك دەرەخلەرنى قانداق ئۇلىغاندا يۇقىرى مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ، سۇ، تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا قوي – كالىلارنى ياخشى باققىلى بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر، شۇنداقلا  ئۆرپ – ئادەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى سۈرۈشتۈرۈش، يېزا – قىشلاقلارنىڭ پۇراققا ئىگە تېمىلار ھەددى – ھېسابسىز، بۇلار يېزىلاردا دەرس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتىكى ئۈستۈنلۈكتۇر.


 

ئىككىنچىدىن، يېزا مەكتەپ مائارىپى يېزىلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، يېزا بالىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئائىلىنىڭ كەمن بولسا بولمايدىغان ئەمگەك كۈچى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردە << ھەم ئىشلەپ، ھەم ئوقۇش>>، << تەلىم – تەربىيىنىڭ  ئۆزى تۇرمۇش>> دېگەنلەر مۇئەييەن تۈردە قايتىلىنىپ تۇرىدۇ. يېزا بالىلىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى جانلىق ئۆگىنىپ، جانلىق ئىشلىتىپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى ۋە جانلىق تەسىراتقا ئېرىشىدۇ، مانا بۇ، دەرس ئىسلاھاتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتى، پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ تەبىئىي ئۇسۇلىدۇر.


 

ئۈچىنچىدىن، يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ  يېقىن، شەھەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ياتسىراشقا سېلىشتۇرغاندا، يېزىلار بىر قەدەر تونۇشلۇق سەھرا جەمئىيىتىدۇر. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاتا – ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار بىر كەنتتە ياشايدۇ، بۇنداق بىر مىكرو جەمئىيەتتە ئۇلار دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق تونۇشلۇق بىلەن ئىشەنچ دەرس ئىسلاھاتىدا تەلەپ قىلىنغا ياخشى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.


 

شەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، يېزىلاردا دەرسلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغاندا، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە بايلىق جەھەتتە يېتەرسىزلىك بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە ئاساسىغا ئىگە. يېزىلارنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بۇ خىل ھالەتتە، يېزىلاردىكى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ غەلبىلىك بولۇش ياكى بولماسلىقىنى بېكىتكۈچى ئامىللار ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشمىزغا توغرا كىلىدۇ.


 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03