خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىكى خاتالىقلارنى تەھ

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : نازنىن2012-03-06 12:52

 

ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىكى خاتالىقلارنى تەھلىل قىلىش مۇھىم


 

   ھەر خىل دەرس ئوقۇتۇشتا، ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقلاردا بىر قىسىم خاتالىقلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل دەرسلىكلەردىن تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بىپەرۋالىق قىلىپ قىسمەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويىدىغان، ئەمما سەللا دىققەت قىلسىلا ئۆزى توغرا ئىشلەپ كېتەلەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شۇ دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەشتە سادىر قىلغان خاتالىقلىرىنى ئەتراپلىق ئويلىنىپ، تەھلىل قىلىپ، تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئىزاھات بېرىپ، تۈزىتىپ قويسا، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل، توغرا ئىشلىشىگە پايدىسى بولىدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تاپشۇرۇقىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، تاپشۇرۇقتىكى خاتالىقلارنى تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ تېخىمۇ ئەستايىدىل، توغرا تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىشى، يېتەكلىشى كېرەك.


 

   بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا تاپشۇرۇقتىكى خاتالىقلارنى كۆرگەندە ئاچچىقلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەيىبلەپ، ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولمىسا، يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار شۇ ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىپ تەنقىدلەشنى ئويلايدۇ. مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بۇنداق ئاڭ، ئىدىيەدە بولماي، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى خۇددى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ، مەسىلىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۇقتىسىدىن قاراپ، تەھلىل قىلىشى، بالىلارچە قەلب بىلەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى، ھازىرقى يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىغا ماسلىشىپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدىكى خاتالىقلارنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلىشى كېرەك.


 


 

   دېمەك، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلارغا ئاچچىقلانماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىغا ئىلھام بېرىشى كېرەك.


 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
نازنىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-03-18 17:03