خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارن

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2012-03-02 00:34

 

مەسىلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلغاندىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ

 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەسىلىسىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسى ۋە كۈچلۈك مۇراجىئىتى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى «مەكتەپ تاللاش قىزغىنلىقى»دۇر. ھەممىمىزگە مەلۇم، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ تەكشى بولماسلىقى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرماقتا. ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى رايون، ناھىيە دەرىجىلىك، ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ، نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلماقتا. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى چەكلىك بولغاچقا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش رىقابىتىمۇ كەسكىنلەشمەكتە، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ھەر خىل تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتناشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى مەقسەت، ئۇلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈپ، ئىمتىھان بېرىشنىلا بىلىدىغان «ماشىنا ئادەم» ئەمەس، بەلكى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەركىن تەرەققىي قىلغان مۇكەممەل ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشتۇر. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى زۆرۈر تەڭشەش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «دەرىجە ئىمتىھان قىزغىنلىقى» ۋە «زېھىن سىناش قىزغىنلىقى»نى ئۈنۈملۈك پەسەيتكەندىلا، ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلارنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويغاندىلا، بالىلارمۇ ئەتراپلىق يېتىلىدۇ. مەكتەپ تاللاشنى يىلتىزىدىن تۈگەتكەندىلا، «دەرىجە ئىمتىھان قىزغىنلىقى» تەبىئىي يوقايدۇ. بۇ جەھەتتە شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەدبىرلىرى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك ئومۇمىي قوللىنىشچان چەت ئەل تىلى سەۋىيە دەرىجە ئىمتىھانى ئىشخانىسى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى باھالاش ئىشخانىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى توختاتقان. باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدىكى تۈرلۈك زېھىن سىناشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار