100يىلدىن كىيىنمۇ كارغا كېلىدىغان ئادەم
يېقىندا ئەنگلىيدىكى بىر ئاخبارات ئورگىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تارقىتىلغان «خىزمەتچى قوبۇللاش ئېلانى» نى ئاشكارىلىۋىدى ، ئۇ ناھايىتى تېزلا چوڭ شىركەتلەرنىڭ «تۇتىيا»سىغا ئايلاندى . جۈملىدىن ئۇ شىركەتلەر خادىم قوبۇللاشتا ئاشۇ ئېلاندىن پايدىلاندى ، ھەتتا ئۇنى ئۆز پېتى ئۆرنەك قىلدى . بۇنىڭدىن 100يىل ئىلگىرىكى بۇ ئېلان مۇنداق يېزىلغان :
شىركىتىمىزگە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە چۈشىدىغان ئوغۇل خىزمەتچىدىن بىرنى قوبۇللىماقچى :
يۈرۈش _ تۇرۇشى راۋۇرۇس ،گەپ سۆزلىرى جايىدا ، تىرناق ۋە قۇلاقلىرى پاكىز ،كەشى ئوبدان سۈرتۈلگەن ، ئۈستىۋېشى رەتلىك ، چېچى تارالغان ،چىشلىرى ياخشى ئاسرالغان بولسۇن.
سۆھبەتتە باشقىلارنىڭ گېپىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايدىغان ، چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى سوراپ بىلىۋالىدىغان ، ئەمما ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى كوچىلاپ يۈرمەيدىغان بولسۇن.
ھەرىكىتى چەبدەس ،ئەمما سىلىق بولسۇن .
كوچا _ كويلاردا ئەركىن ئازادە ، ئەمما خەپشۈكلەنگەن سورۇنلاردا تىۋىش چىقارمايدىغان بولسۇن .
روھلۇق _ خۇشھال يۇرىدىغان ، ئادەملەرگە ئىللىق چىراي بولسۇن .
باشقىلارغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ،ئايال زاتىنى ھۆرمەتلەيدىغان بولسۇن .
تاماكا چېكىش تۈگۈل ھەتتا خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمايدىغان بولسۇن .
ئەبجەش تىلدا ئەمەس ،ساپ ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەيدىغان بولسۇن .
ياماندىن قورقمايدىغان ، ياۋاشنى بوزەك ئەتمەيدىغان بولسۇن .
بىلمىسە " ئۇقمايدىكەنمەن"، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغاندا " كەچۈرۈڭ " دەيدىغان بولسۇن .
بىرەر ئىشنى تاپىلىغاندا " چامىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشاي " دەيدىغان بولسۇن .
گەپ قىلغاندا راستچىل _سەمىىي بولسۇن ، يالغانچى بولمىسۇن .
ئېسىل ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولسۇن .
بوش ۋاقىتلىرىنى ئويۇن _ تاماشا ، قىمارخانىلاردا ئەمەس ،تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزىدىغان بولسۇن .
ئاتىكاچىلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا ئىنتىلمەيدىغان بولسۇن .
مۇبادا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان ياكى مەكتەپتىن ھەيدەلگەن بولسا ،يوشۇرمايدىغان بولسۇن .
قىزلار بىلەن باردى _ كەلدى قىلغاندا ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولسۇن .
ھەدىسىلا ئۆزىنى ئاقلايدىغان ، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىدىغان ئىللەتلەردىن خالىي بولسۇن .
ئانىسى بىلەن سىردىشالايدىغان ، ئەڭ يىقىن كىشىم دەپ بىلىدىغان بولسۇن .
كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان ۋە كۆتۈرەلەيدىغان بولسۇن .
سەمىمىي ، راستچىل ، تەندۇرۇس ،خۇشخۇي ۋە سەزگۈر بولسۇن .
ئەمەلىيەتتە ، ھەرقانداق ئورۇنغا مانا مۇشۇنداق ئوغۇل بالا لازىم : ئائىلىمۇ ، مەكتەپمۇ ، ئىشخانىمۇ ، قىزلارمۇ..........ھەممە ئەنە شۇنداق ئادەمگە موھتاج. قىسقىسى ، 100 يىل بۇرۇنقىلار ئاشۇنداق ئادەمگە ئىنتىلگەنىكەن :ھالا 100يىلدىن كېيىنمۇ يەنىلا ئاشۇنداق ئادەمگە تەشنا بولماقتىمىز .
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]