مائارىپ ھەققىدە
قەدىمكىلەرنىڭ يۈكسەكلىكى
مائارىپ قارىشىمىز تېخى قەدىمكىلەرنىڭ يۈكسەكلىكىگە يېتەلمىدى، ھازىرقى بارلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرى يەنىلا قەدىمكىلەرنىڭ پىكىر دائىرىسىدە چۆرگىلەپ يۈرمەكتە، شۇڭا، ئەلۋەتتە، بىزنىڭ قارىشىمىز غەربنىڭ رۇسسو، جاسپېرس، ۋايتىخېد قاتارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ سۆز سىستېمىسى بىلەن بىرلىشەلمەيدۇ، چۈنكى، بىزدە مەنتىقىلىق پىكىر قىلىش ئەنئەنىسى كەمچىل. يېقىندا مائارىپ توغرىسىدىكى گەپنى ئانچە تىلغا ئالمايدىغان بولۇپ قالدىم، بەلكىم بۇ ئۆزۈمنى كەمسىتكىنىم ۋە قايتا ئويلىنىپ كۆرگەنلىكىمدىن بولسا كېرەك.
مائارىپ ئىدىيەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش قىيىن
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، سەۋىيە ۋە نەزەر دائىرىمىزنىڭ چەكلىكلىكىدىن، مائارىپ ئىدىيەسى توغرىسىدا ماختاشقا ئەرزىگۈدەك بىرەر ئەسەر يېزىلمىدى. چۈنكى، ھېچكىم مائارىپنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتەلمىدى، بەزىلەر ھەتتا مائارىپ تەجرىبىلىرى ۋە كەلگۈسىنى تەسۋىرلەيدۇ. مائارىپنى چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىمىز دەيدىكەنمىز، مائارىپ ئىدىيەسىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. بۇ دەل ئېلىمىز مائارىپ ئىسلاھاتى قەدىمىنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر.
ئەمەلىيەت ۋە قايتا ئويلىنىش
مائارىپنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئەڭ يېقىن بولغىنى ئەمەلىيەت ۋە قايتا ئويلىنىش، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەمەلىيەت نەزەرىيەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەن بۇ نۇقتىدىن چىقىپ، پىكىر قىلىش بوشلۇقىنى قايتىدىن ئېچىش، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن مائارىپ ئىدىيەسى سىستېمىسىنى قايتا بەرپا قىلىش، ئېلىمىز مائارىپىنى ئۆزگەرتىشنى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. لېكىن بۇ ئۆمۈر بويى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يۈكسەلدۈرۈشكە موھتاج.
ئىسلاھاتتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل
ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدۇ: بىرى، خەلقنىڭ رايىغا بېقىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش قىلىش، يەنە بىرى، نەزەرىيە سىستېمىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش. بۇ ئىككى ئامىل تەڭ ھازىرلانغاندا ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئېلىمىز ئىسلاھاتىمۇ ھەم شۇنداق، تۈزۈم ئىسلاھاتىدىن سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال ئىسلاھاتنىڭ بۇ ئىككى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بولمىسا قارىغۇلارچە ئىش كۆرگەن بولىمىز.
قولايلىق بولۇش
باشقىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەرمەنلىك قىلىش بولماستىن بەلكى مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتۇر. باشقىلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلسىڭىز، ئۆزىڭىزگىمۇ قولايلىق يارىتالايسىز؛ جەمئىيەتكە قولايلىق ئېلىپ كېلىنسە، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؛ تەبىئەتكە قولايلىق ئېلىپ كېلىنسە، ئۆزىگىمۇ قولايلىق ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. كىشىلىك ھاياتتا بۇ ئۈچ خىل مۇناسىۋەتنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قولايلىق يارىتىشتا باشقىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزگىمۇ قولايلىق ئېلىپ كېلىمىز. بۇنى بىز تەلەپ قىلمىدۇق، ئەكىسچە باشقىلارغا قولايلىق ياراتقاچ ئۆزىمىزمۇ شۇ قولايلىققا ئېرىشتۇق.
بالىلىق دەۋر - قوزغاتقۇچى كۈچتۇر
بالىلىق - كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. پۇتبول ماھىرى رونالدۇ «بالىلىقىم تولىمۇ نامراتلىقتا ئۆتكەنىدى، لېكىن بۇنىڭدىن قىلچىمۇ خىجىللىق ھېس قىلمايمەن» دېگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، بالىلىقىمىز مەيلى باياشات ئۆتسۈن ياكى نامراتلىقتا ئۆتسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. نامراتلىقتا ئۆتكەن بالىلىقتىن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە ۋىجدان شەكىللىنىدۇ، لېكىن بۇنداق بالىلىقتا نورمال قەلب ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ؛ باياشاتلىقتا ئۆتكەن بالىلىقتىن ئىشەنچ ۋە ئەركىنلىك شەكىللىنىدۇ، لېكىن بۇنداق بالىلىقتا قەتئىي نىيەت ۋە ئۆزىدىن ئېشىپ چۈشۈش غەيرىتى كەمچىل بولىدۇ.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]