خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

بالا تەربىيلەشتىكى مۇھىم ئۆتكەل

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىخلاس2011-12-14 10:24

 

بالا تەربىيلەشتىكى مۇھىم ئۆتكەل
 
مائارىپ سېپىدىكى 20 نەچچە يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا،بىز چوڭلار«بالىلار بىزنىڭ بارلىقىمىز،بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن» دەيدىكەنمىز ،چوقۇم ئىلمىي ئۇسۇلدا بالا تەربىيلەش مىتوتىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.بۇ مەخسەتكە يېتىش ئۈچۈن توۋەندىكى ئىككى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
1 . ئاتا-ئانىلارئىلمىي ئۇسۇلدا بالا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
  بالىلار جەمئىيەتنىڭ كۆۋرۈكى، ئائىلىنىڭ غۇنچىسى، كەلگۈسىنىڭ ئىگىسى، موشۇ بالىلارنى تەربىيلەش پەقەت مەكتەپنىڭلا مەجبۇرىيىتى، ۋەزىپىسى بولۇپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتى، پەرزىدۇر. شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلانى قايسى جەھاتلەردىن قانداق تەربىيىلەش كېرەك؟ بۇ نۇقتىغا كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان، ئىشنىڭ قۇلى بولۇپ، بالا قۇلى بولالمايۋاتقان ئاتا-ئانىلارمۇ ئاز ئەمەس. شۇڭا موشۇ نۇقتىدىن كەڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن ئۆز تونۇشۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئازراق ئورتاقلاشماقچىمەن.
مائارىپشۇناسلار3000 دىن ئارتۇق ئائىلىنى ئىستاستىكا قىلىش ئارقىلىق، يېرىمدىن ئارتۇق پەرزەنتنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىدىن رازى ئەمەسلىكىدىن ئېنىقلاپ چىققان . %31.09 پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇق، ھەيدەكچىلىك ئىنتۇناتسىيىسىدە سۆزلىشىنى ياقتۇرمايدىكەن. % 18.05 پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىنكار قىلىشىنى، كىچىك كۆرىشىنى ۋە ھاقارەتلىشىگە نارازى ئىكەن. % 35.16 پەرزەنت ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىللىشى، تەھدىد سېلىشى، ئۇرۇشىغا قارشى ئىكەن.
   شۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەككى بالىلارغا تەھدىد سېلىش ئۇلارنى تىللاش، ئۇرۇش ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتىكى قابىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسى. ئاتا-ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى مۇھىم ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ھەرقانچە تۆۋەن بولسىمۇ چوقۇم پەرزەنتلەرگە ئۆز ئۇسۇلى بويىچە، سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۇرۇپ تىللىماسلىقى كېرەك.
   جەمئىيەتتىكى بارلىق كەسپلەر ئىچىدە ئىككى خىل كەستە خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.
   بىرى، تىببىي ساھەدە بىخەستىلىك قىلىپ، خاتا داۋالاش ئارقىلىق ئادەم ئۆلۈپ قالسا، ئۇنىڭ ھاياتىنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ.
  يەنەبىرى، بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلى خاتا بولۇپ قېلىپ، بالىنى يامان ئۆگۈتۈپ قويساق، بۇ خاتالىقنى تولۇقلاش تەس، ھەتتا ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىمىز.
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش ئائىلىنىڭ خوشاللىقى، خاتىرجەملىكى، ئابرويى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پەرزەنتلەرنى كىچىگىدىن باشلاپ تەربىيلەش خىزمىتىگە ئەڭ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىش لازىم. مۇنداق ئىككى مىسال پەرزەنتلەرنى كىچىگىدىن باشلاپلا تەربىيىلەش پىلانىنى تۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گىرمانىيىلىك مائارىپشۇناس ئوغلى ئۈچۈن تەربىيلەش پىلانى تۈزۈپ، شۇ بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە         8 ياشلىق ئوغلى 6 خىل دۆلەت تىلىنى پىششىق ئىگىلىگەن، 9 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، 14 يېشىدا پەلسەپە پېنى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. 16 يېشىدا قانۇن ئىلمي بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن دادىسى ئوغلىنى تەربىيىلەش تەجرىبىسىگە ئاساسەن دۇنياغا تونۇلغان ‹‹كارىل ۋېتىرنىڭ بالا تەربىيسى›› ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان.
 20-ئەسىرگە كەلگەندە گېرمانىيىلىك بىر ئاتا موشۇ كىتابقا ئاساسەن ئوغلىنى تەربىيەلىگەن. بۇ بالا بىر يىلدا باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 11 يېشىدا داڭلىق ئونۋېرستىتقا ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنى كۆرۈشكە بولىدىكى، ئائىلە پەرزەنتلەرنىڭ تۈنجى مەكتىپى، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ تۈنجى ئوقۇتقۇچىسى شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەرۋاقىت ئۆزىنىڭ سۆز ھەرىكىتىگە دېققەت قىلىشى، نەمۇنە بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك. بالا تەربىيىسىدە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلەشنى تۈنجى باسقۇچ قىلىپ، ئاندىن تەدرىجىي ئۇلاردا بار بولغان شارائىتلار بويىچە تەربىيەلەش پىلانىنى يۈرگۈزۈش كېرەك. تەربىيەلەش پىلانى تۈزگەندە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 
(1)بالىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بالىلاردا ياخشى بولغان ئادەت، ساغلام بولغان پىسخىكا يېتىلدۈرۈش ئۇسوللىرىنى بېكىتىش لازىم.
(2)بالىلارنىڭ ئەقلىي ئالاھىدىلىكىنى، قىزىقىشىنى ئېگەللەپ، ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنى يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى بېكىتىشىمىز لازىم.
(3)بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىق ئالاھىدىلىكى بويىچە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئۆزىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنى بېكىتىش كېرەك.
ئاتا-ئانىلار يەنە بالىلارغا ھەق-ناھەقنى ئايرىش تەربىيىسىنىمۇ ياخشى ئىشلىشى لازىم. ھەرۋاقىت نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى زېرىكمەي تەكىتلىسىلا بۇ تەربىيىلەر بالىنىڭ گۆدەك قەلبىدە مۆھۈر باسقاندەك تۇرۇپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلار ئاغزىدا تەربىيە ئىشلەپ، ئەمەلىيىتىدە قارشى ئىشلارنى قىلسا، بۇ ئائىلىدىكى پەرزەنتلەر ياراملىق كىشىلەردىن بولالمايدۇ. بىزمۇ ئۇلار قەلبىدىكى ياخشى ئاتا-ئانىلار بولالمايمىز.
دېمەك، ئاتا-ئانىلار بالا تەربىيىسىدە مۇۋاپىق، ئىلمىي تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ھەرۋاقىت، ھەرجايدا ئۈلگىلىك رول ئوينىيالىساق، ئىشىنىمىزكى پەرزەنتلىرىمىز ياخشى بىر ئەۋلاد بولۇپ يېتىشىپ چىقالايدۇ.
2 . باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشى كېرەك.
بالىلارنىڭ تەبىئىتى ئومۇمى جەھەتتىن قىزىققاقلىققا ئەڭ مايىل بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بۇ خىل پىسخىكا ئەڭ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئۇلار كۆرگەنلا نەرسىگە ھەۋەس ۋە قىزىقىش بىلەن قارايدۇ، كۈزىتىدۇ. بىلگۈسى كېلىدۇ. ئاڭلىغانلىرىغا ئاسان ئىشىنىدۇ. دوراپ باققۇسى كېلىدۇ. كۆرگىنى مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن، ئۇلار ئۈچۈن قىزىقىشنىڭ ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئۆرنىكى بولۇپ، بۇ خىل قىزىقىش قايسى تەرەپكە مايىل يېتەكلەنسە ئۇلار تەبىئىيلا شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ. بۈگۈنكى زامانىۋى تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنى مىسلىسىز دەرىجىدىكى چەكسىزلىككە ئىگە قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتى ۋە گەپ-سۆزلىرى مۈمكىن قەدەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈزىتىش نەزىرىدىن چەتتە قالسىلا، بەلكىم ئويلاپ باقمىغان يامان تەسىرلەرنى بىلىپ-بىلمەي يۇقتۇرىۋېلىشى، ھەتتا ئۆزلەشتۈرىۋېلىشىدىن ساقلىنىش قىيىن. شۇنداق بولغاچقا دەۋرىمىز باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى يۈكلىدى. بالىلىق قەلب گويا سۈتتەك ئاق، تىنىق بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك بولغاچقا، بۇلغانمىلارنىڭ يۇقۇشى تېز، تەسىر قىلىشى ئوڭاي بولىدۇ. كىچىككىنە بالىلارنىڭ مۇھەببەت خەتلىرىنى يېزىشىپ، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشلىرى، يۇقۇرى يىللىقتىكى قىزلارنىڭ يۈرۈش-تۇرىشىدا غەيرىلىك پەيدا بولىشى، يېتىلگەن ئاياللاردەك گىرىم ۋە كىيىم-كېچەككە ھەۋەس قىلىشى، ئوغۇللارنىڭ تاماكا، ھاراققا ھەۋەس بىلەن ئىنتىلىشى..... قاتارلىق ئىشلار دەل بۈگۈنكى زامانىۋى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى، بالىلارنى مىللى ئەنئەنىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ، يامراپ كېلىۋاتقان تاشقى مەدەنىيەتنىڭ يالتىراق كۆرۈنۈشلىرىگە غەرق قىلىۋېتىدۇ. ئۇلار بۇنداق تەسىرنى تېلىۋېزور، كومپىيۇتېردىنلا قوبۇل قىلىپ قالماستىن يەنە جەمئىيەتتىن، مۇئەللىملەردىنمۇ قوبۇل قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئەللىمدىن قوبۇل قىلىش ئەڭ خەتەرلىك. چۈنكى، بالىلار مۇئەللىمنى دوراشقا بەك ھېرىسمەن كېلىدۇ. مۇئەللىم قىلغاننى راست، دىگەننى توغرا دەپ بىلگەچكە ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشنى، ئۇنىڭدەك بولۇشنى خوشاللىق دەپ بىلىدۇ.  ئۇنداق ئىكەن ئوقۇتقۇچىلار نېمە قىلىشى كېرەك؟
   باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ھەرقاچان بالىلارنىڭ سۆز-ھەركىتىنى سەگەكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ، غەيرى ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا تەربىيە بېرىش بىلەن بىرگە تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارغا نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرىشى كېرەك. بۇنىڭ ھېچبولمىغاندا بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى بىلەن  توغرا ئادەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ مېڭىشىغا پايدىسى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، مەسىلەن: كىتاپ ئوقۇش، ھېكايە سۆزلەش، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇش، بالىلارنى سۆزلىتىش.. قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى تونۇتۇپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۇسۇلى خەلق چۆچەكلىرىنىڭ گۈزەل نەمۇنىلىرىنى سۆزلەش ياكى ئوقۇپ بېرىش بولسا كېرەك. دەرسلىكتىكى قېلىپلاشقان ئوقۇشلۇقلارنى تولا ئوقۇپ يادا بولۇپ كەتكەن بالىلار ئۈچۈن دىلغا ياقىدىغان چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بېرىش، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ قېلىپقا چۈشۈپ تورمۇزلىنىپ قېلىۋاتقان نېرۋىلىرىدىكى جىددىلىكنى پەسەيتىپ ئازادىلىككە باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن پارلاق مىللىي مەدەنىيەت بوستانىغا، مىللىي تۇرمۇشنىڭ جەلپكار قەدىمىي مۇھېتىغا باشلاپ روھىنى چاڭقاقلىقتىن خالاس قىلسا ئەجەپ ئەمەس.
 ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بېرىشتە چوقۇم بېرىۋاتقان تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى، ۋەزىپە ئۈچۈنلا قىلىپ قويماسلىقى لازىم. مەسىلەن: بىر ئوقۇتقۇچى بالىلارغا ئەنئەنە تەربىيىسى بېرىۋاتقان چاغدا چېچىنى كۆپتۈرۈپ بېشى سېۋەتتەك بولسا، كىيگەن يوپكىسىنىڭ قىسقىلىقىدىن يوتا، پاچاقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرسا، ئەر ئوقۇتقۇچىلار رەڭدار كىيىملەرنى كىيگەن، چاچلىرى گەدەنگىچە چۈشكەن ياكى بارمىقىغا ئۈزۈك سېلىۋالغان دېگەندەك غەلىتە ھالەتتە بولسا، بالىلارغا قانچىلىك تەسىرى بولار؟ بالىلىرىمىز بۇ ھالەتنى دورىسا ،تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ئەكسىچە بولۇپ قالسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇئەللىم مەسئۇل بولالامدۇ؟ شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، بارلىق سۆز ۋە ھەركەتتە بالىلارغا ئۈلگىلىك رول ئويناش ھەممىدىن مۇھىم. شۇنداق قىلغاندىلا تەربىيىنىڭمۇ نەتىجىسى كۆرىلىدۇ. بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپتىلا گۈزەل ئەخلاق، مىللىي روھ، توغرا ياشاش ئۇسۇلى بىلەن تەربىيىلىنىپ ئاز-تولا ئۈنۈم يارىتىلسا، كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپىسىدە ئاسانلىقچە ئەگرى يولغا ماڭمايدۇ. چۈنكى كىچىكلىكتىكى يېتىلگەن ئادەت ۋە مىجەز-خاراكتېر تا ئۆلگىچە ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئەجداتلىرىمىز تولىمۇ پاساھەتلىك ھەم قايىل قىلارلىق ئەقلىيىلەرنى قالدۇرغان. ‹‹سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ.››، ‹‹ياشلىقتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا قىلغان ئىبادەت قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.››
 دېمەك ، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلارغا سۈت بەرگۈچى ئىنىك ئانا. ئۇنىڭ سۈتىدە توغرىلىق، ئادىمىيلىك، ياخشى خۇلق ھەمرا قىلىنسا شۇ بويىچە يېتىلىشىگە ئاساس سېلىنىپ، جان بىلەن تەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئەكسىچە بولسا بارا-بارا يامان خۇيلۇق بولۇپ ئاپەتكە ئايلىنىشى مۈمكىن. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بۇ نۇقتىنى ئېنىق تونۇپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالىسا بالىلىرىمىزدىن ئۈمىت بار.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئىخلاس خانىم تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-02 20:11 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-03-31 11:03