خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ھەخىل مەسئولىيەتلەر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئادانالىق2011-04-20 14:48

7. ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئولىيتى

ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانا مۇدىرى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش خىزمىتىگە مەسئول بولىدۇ.

1)مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش ، ھەر ئايلىق ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئىجرا قىلىشقا تەشكىللەش .

2)ئوقۇتۇش گۇرۇپپىلېرىنىڭ پىلانى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ھەمدە قەرەللىك ھالدا ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقلېرى يىغىنى ئېچىپ ئەھۋال ئىگەللەش ھەمدە ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى قالدۇرۇش جەھەتتە مەكتەپ رەھبەرلىكىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش.

3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتىكىۋەزىپىسىنى بېكىتىش، ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش ، ئۆتۈش، تاپشۇرۇق، كونسۇلتايسىيە ، ئىمتىھان قاتارلىق خىزمەتلېرىنى تەكشۈرۈپ سۈپەت جەھەتتىن خۇلاسىلەش.

4)مائارىپ نەزىرىيە بىلىلېرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇش، پۈتۈن تەييارلىق ۋە پىلان بولغان ئاساستا ئۈلگىلىك ئۇچۇۇق دەرس، تەجرىبە دەرسى . . .  قاتارلىق پائالىيىەتلەرنى تەشكىللەش.

5)ئەمگەك تېخنىكا دەرسى، ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش، كومپىيوتېر، تىل ئۆەىنىش جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش.

6) ھەر قايسى پەن گۇرۇپپىلېرىنىڭ پائالىيەت ، مۇسابىقىلېرىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىش.

7)ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقلېرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپى جەھەتتىكى مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈرۈپ خۇلاسىلەش، يىتەكلەش.

8)سۈپەت تەھلىلى خىزمىتىنى ئىزچىل ئېلىپ بېرىپ، سۈپەت ئارخىپىنى مۇكەممەل قۇرۇپ چىقىش.

9) تەجرىبىخەنە ئوقۇتۇشى، مۇزاكىرە، كونسۇلتاتسىيىلەرنىڭ سۈپەت ئەھۋالىلنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش.

10) ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلمىي ماقالە يېزىشقا ، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەش ھەم خۇلاسە قىلىش.

8. ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، << ئوتتۇرا  مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرىنىڭ ئەخلاق تەربىيە پىروگىراممىسى>> ، << ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرىنىڭ كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى>> ، << ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلېرى قائىدىسى >> نى ئىجرا قىلىش.

2)مەكتەپ قائىدىسى ، ئىنتىزامىنى ئەمىللەشتۈرۈپ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتۇش تەرتىپى، مەكتەپ ئىستىلىنى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

3) مەكتەپنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، تام گېزىتى، قارا دوسكا گېزىتى، تەشۋىقات تاختىسى، تەشۋىقات سايمانلېرى (رادىئو ئۇزۇلى ) قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش.

4)مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىگە مەسئول بولۇش، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى ئەمىللەشتۈرۈپ، ئىككى گىمناستىكا ۋە ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقە پائالىيەتلېرىنى نورمال قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.

5)سىنىپ مەسئوللېرىنى ياخشى تاللاش، سەپلەش خىزمىتىدە مەكتەپ مۇدىرىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش، سىنىپ مەسئوللېرى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش، سىنىپ مەسئولللېرىنىڭ پىلانىنى تەستىقلاش، سىنىپ مەسئوللېرىنى سىناپ تەكشۈرۈش ، باھالاش خىزمىتىگە مەسئول بولىدۇ.

 6) سىنىپ مەسئوللېرىغا يىتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقى، ئەقلى ، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئۈنۋېرسال باھالاش ، ھەركەت ئۆلچىمى ، قائىدىسى بويىچە باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، << ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى >> ، << مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرى >> << ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپى >> نى باھالاش خىزمىتىگە مەسئول بولىدۇ.

7)ئىتتىپاق كومىتىتى، پىئونېرلار ئەتىرىتى ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە يىتەكچلىك قىلىش.

8)ھەر ھەپتىلىك بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا مەسئول بولۇپ، مۇراسىم سۆزى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىش.

9) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، سىنىپلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە مەسئول بولۇش.

10) مەكتەپ مۇھىتىنى، تازىلىقىنى ياخشىلاشقا قارىتا نازارەتچلىك قىلىش ، تەكشۈرۈپ باھالاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش.

11) قەرەللىك ھالدا ئۈلگىلىك سىنىپ يىغىنلېرىنى ئېچىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش.

12) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەك تەربىيىسى ، ھەربىي مەشق تەربىيىسى كوللىكتىپ پائالىيىتى، پەن – تېخنىكا پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئول بولۇش.

13) ئالاھىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش، كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە مەسئول.

14) مەكتەپ ، ئائىلە ، جەمىيەت تەربىيىسىنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ ئاتا – ئانىلار مەكتىپى خىزمىتىنى پىلانلىق ھالدا باشقۇرۇش .

15) يىللىقلار گۇرۇپپا باشلىقلېرىنى باھالاش خىزمىتىگە ۋە يىللىقلارنى سېلىشتۇرۇپ باھالاش ، مۇكاپاتلاش – جازالاشقا مەسئول بولىدۇ.

16)مۇناسىۋەتلىك ئىشخانىلار بىلەن ماسلىشىپ، ئايلانما دىژۈرنىلىك ، كەچلىك مۇزاكىرە دىژۈرنىلىكى، ياتاق باشقۇرۇش خىزمەتلېرىنى ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ.

17) مەكتەپنىڭ توققۇز يىللىق مەجبورى مائارىپنى ئىجرا قىلىشقا مەسئول بولىدۇ.

18) ئۆلچەملەشكەن ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى قۇرۇشقا ھەمدە ئىشخانىنىڭ كۈندۈلۈك خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، ئايلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىجرا قىلىدۇ.

19)قىز – ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايرىم تەربىيىسى خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشقا مەسئول .

بۇ ئىشخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەسئول مۇدىرنىڭ يۇقارقى خىزمەتلەرنى ئەمىللەشتۈرۈشكە ياردەملىشىدۇ.

9. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە مەكتەپنىڭ مەركىزى خىزمەتلېرىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇيۇشما ئەزالېرىنى پارتىيىنىڭ لۇشيەن ، فاڭجىن ، سىياسەتلېرى ۋە مائارىپ كەسپى بىلىملېرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش .

2) مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسىغا ماسلىشىپ،ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز تەربىيىلىنىشى ، كەسپى ئۆگىنىش جەھەتلەردىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش، ھەرقايسى بۆلۈملەرگە يېقىندىن ماسلىشىپ، تەلىم – تەربىيە ، ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش.

3) مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ماسلىشىپ  ئوقۇش، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز  تەربىيىلىنىشى كەسپى ئۆگىنىش جەھەتلەردىكى ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش، ھەر قايسى بۆلۈملەرگە يېقىندىن ماسلىشىپ، تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش.

4) ھەر تۈرلۈك مەدىنىيەت ، تەنتەربىيە ، مول مەزمونلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش.

5)پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتكە خىلاپ ئىشلارنى قەتئى توساش.

6) دەم ئېلىشقا، پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەرەللىك ھالدا ھال سوراش.

7)ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئائىلە تۇرمۇشىدىكى مۇرەسسە خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەش.

8) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتناشتۇرۇپ، خۇجايىنلىق ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇش، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنى (جاۋدەيخۇي ) تەشكىللەشكە مەسئول بولۇپ،مەكتەپنى دېمۇكىراتىك باشقۇرۇشقا تۆھپە قوشۇش.

9) ئۆز دائىرىسىدە ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق خىزمىتىنى ياخشى ئشىلەش.

10) قەرەللىك ھالدا ئۆز قارمىقىدىكى تەشكىلاتلار يىغىنى ۋە ئۇيۇشما ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىپ، مەكتەپنىڭ مەركىزى خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ئاساستا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە يەتكۈزۈش.

11) ئۆلچەملەشكەن ئۇيۇشما پىلانى، خۇلاسىسىنى تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆز ول ئاستىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باھالاش.

10.ئىتتىپاق كومىتىتى شۇجىسىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) مەكتەپ ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتىتلېرىنىڭ كۆرسەتمىلېرىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمىللەشتۈرۈش، ھەمدە ئۆز ۋاقىتىدا دوكلات قىلىش.

2) ئىتتىپاق كومىتىتى ھەيئەتلېرى ۋە ھەرقايسى ئىتتىپاق ياچىيكا شۇجىلېرىنى تەربىيىلەش.

3) ئىتتىپاق ئەزالېرىنىڭ سىياسى – ئىدىيىۋى تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش. سىنىپ مەسئولىغا ماسلىشىپ، كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى پىلانلىق ھالدا ياخشى ئىشلەش .

4) مەۋسۈملۈك پىلاننى تۈزۈپ، ئايلىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پىئونېرلار ئەترىتى ، ئىتتىپاق ياچىيكىسىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلېرىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇش.

5) ئۆز قارمىقىدىكى ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە ئىجادى خاراكتىرىگە ئىگە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئىتتىپاق ئەزالېرىنىڭ مەدەنىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ   6 نى ئۆگىنۋېلىش جەھەتتىكى ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش.

مەكتەپتىكى ۋېلىسپىتلەرنىڭ رەتلىك قويۇلىشى ۋە باشقۇرۇلىشىغا كونكىرت مەسئول بولۇش.

6)ئەخلاق – تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۈرلۈك ئەخلاق – تەربىيە پائالىيەتلېرىنى قانات يايدۇرۇش ، مەكتەپتە ئىتتىپاق مەكتىپىنى تەسىسس قىلىپ، ئۇنىڭ رولىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ، ئىتتىپاق دەرسىنى پىلانلىق ھالدا ياخشى ئۆتۈش ئارقىلىق ئىتتىپاق ئەزالېرىنىڭ ئاۋانگىراتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش.   

7) ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى ئىتتىپاق ئەزالېرى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇش.

8) تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاققا ئەزا تەرەققىي خىزمىتىنى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىش ۋە مۇنەۋۋەر تايانچلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش.

9) ئەخلاق – تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ مەكتەپنىڭ پۈتۈن تازىلىقىغا مەسئول بولۇش، باھالاش، جازالاش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق خىزمەتلېرى|گە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئاۋانگىراتلارنى تەشكىللەپ، مەكتەپ تازىلىق خىزمىتىنى ياخشلاشتا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىش.

10)ياخشى ئىش ، ياخشى ئۈلگە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش .

11) مەكتەپ تاپشۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ، سان – سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئورۇنلاش.

 مۇئاۋىن شۇجى باش شۇجىنىڭ يۇقۇرقى خىزمەتلېرىگە ياردەملىشىدۇ.

11. يىللىقلار گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) يىلىقلار گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مەمورىيەت ئىشخانىسىنىڭ رەھبەرلىكدە ئۆز يىللىقىنىڭ پۈتۈن خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى مەركەز قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە مەسئول بولىدۇ.

2) مەكتەپنىڭ خىزمەت پىلانى ۋ ەئوقۇتۇش پىلانىغا ئاساسەن ئۆز يىللىقىنىڭى كونكىرت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يىللىقىنىڭ خىزمەت پىلانى ، ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئىككىنچى دەرسخانا پىلانىنى تۈزەيدۇ. قەرەللىك ھالدا بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئەمىللىشىپ، ئىجرا بولۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مەۋسۈم ئاخىرىدا خۇلاسە يېزىپ، دوكلات بېرىدۇ.

3) ئۆز يىللىقىدىكى ئوقۇتۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئەھۋالى ، ئوقۇغۇچلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش، دائىم دەرس ئاڭلاش، دەرس تەييارلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىكى سۈپەت ئۆتكۈلىنى قاتتىق ئىگىلەش، ھەر تۈرلۈك ئىمتىھانلارغا ياخشى تەشكىللەش، ئۆز يىللىقىنىڭ سۈپەت تەھلىلىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق ئۆز ئوقۇتۇچىلارنىڭ سىناپ تەكشۈرۈش ماتېريالىنى توپلايدۇ.

4) ئۆز يىللىقىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا سىياسى ۋە كەسپى نەزىرىيە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، تۈرلۈك خاتىرىلەرنى سان – سۈپىتى بىلەن ئەستايىدىل تولدۇرۇشقا  مەسئول بولىدۇ.

5) دەرستىن سىرتقى پائالىيىەتكە رەھبەرلىك قلىش ۋە قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى ياخشى ئېلىپ بارىدۇ.

6) ئۆز يىللىقىدىكى تۈرلۈك مۈلۈك ۋە مۇقىم مۈلۈكلەرنى قاتتىق باشقۇرۇپ، خۇجۇلۇق بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىشىنى قۇبۇل قىلىدۇ. (مۇقىم مۈلۈك دەرپتىرى تۇرغۇزىدۇ )

7)مەكتەپنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مەمورىيەت ئىشخانىسى ، ئىلمىي بۈلۈم ، ئەخلاق تەربىيە ، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىلېرىغا مۇناسىۋەتلىك سىتاتىستىكا ماتېرياللېرىنى شۇ ئىشخانىلارغا ئۆز ۋاقتىدا يوللايدۇ ھەمدە ئۆز يىللىقىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى مەكتەپ مۇدىرىغا قەرەللىك ھالدا دوكلات قىلىدۇ.

8) ئۆز يىللىقىدا سىنىپ مۇدىرلار يىغىنىنى قەرەللىك ئېچىپ، چارەكلىك ، مەۋسۈملۈك خۇلاسە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

9) مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تولۇق ئورۇنلايدۇ.

12.لابرانتلارنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) مەكتەپنىڭ تەجرىبىخانىغا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، تەجرىبىخانىنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كونكىرتنى ياخشى تۇتۇش.

2) تەجرىبە سايمانلېرى ۋە ئەسلىھەلېرىنىڭ ئۆلچىمى ، قۇرۇلمىسى ، ئىقتىدارى ، پىرىنسىپى قاتارلىقلارنى پۇختا ئىگەللەپ، ماتېرياللارغا ، دورىلارنىڭ خاراكتىرىغا پۇختا بولۇش، سايمان ، ئەسلىھەلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىشقا ، ساقلاش ئىشلىتىشكە ، رىمونت قىلىش ، مەشغۇلات خىزمىتىگە ۋە ماتېريال دورىلارنىڭ ئىشلېتىلىشى، تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مەسئول بولىدۇ.

3) ئوقۇتۇش ماتېريالىدىكى تەجرىبە مەزمونىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش سايمانلېرى ، دورا ماتېرياللېرى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ، دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇلناشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، ھەمدە يېڭىلىق يارىتىش شارائىتىنى .ئاكتىپلىق بىلەن يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن سىرتقى پەن – تېخنىكا تەجرىبە پائالىيىتىگە تەشكىللەش،

4) تەجرىبىخانا ، سايمان ساقلاش ئۆيىگە ۋە تەجرىبە سايمانلېرى ، دورا ماتېرياللار ئاسما رەسىم قاتارلىق ماددى نەرسىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئول بولۇش، تەجرىبىخانا ، ماتېريال ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ پاكىزە ، رەتلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش .

5) ئوقۇتۇش سايمانلېرى ، دورا ماتېرياللار قاتارلىقلارنى ئارىيەتكە ئېلىش، قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ، تەجرىبە سايمانلېرىنىڭ بۇزۇلسا تۆلەش تۈزۈمى ، بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، سايمانلاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.

6) كونا سايمانلارنى رەتلەپ ياساش، ئۆزى ئىجاد قىلىش، ئىزدىنىش روھىنى تۇرغۇزۇش.

7) ئومومى ھېساپ مۈلۈك دەپتىرى ، كارتوچكا ، ۋاكلات نۇمۇرى، . . .  قاتارلىقلاردىكى سانلار ئەمەلىي سان ۋە نامى بىلەن بىردەك بولۇشى ، ئارخىپ تۇغۇزۇشى ھەمدە سايمانلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا سۈرتۈپ، تازىلاپ تۇرۇش لازىم.

8) تەجرىبىخانا كەسپىگە ئائىت بولغان پىلان، خۇلاسىلەرنى تولۇق قىلىش لازىم.

9) تەجرىبىخانا تازىلىقىنى ئالاھىدە ياخشى تۇتۇش لازىم.

10) ھەر مەۋسۈمدە تەجرىبە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن مەكتەپكە دوكلات قىلىش لازىم.

11)مۇناسىۋەتلىك بۈلۈم ، ئىشخانىلارنىڭ نازارىتىنى تولۇق قۇبۇل قىلىش لازىم.

12) ئوت ، سۇ، توك، زەھەرلىنىش، پارتلاش ھادىسلېرىنىڭ ئالدىنى قەتئىي ئېلىش.

13.ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشنى باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش .

2) ئوقۇتۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆز ۋاقتىدا سىن ئالغۇ لېنتىلېرىنى قويۇپ بېرىش.

3) ئوقۇتۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈرلۈك ئۈن – سىن لېتنىلېرى ماتېرياللېرىنى تەييارلاپ ساقلاش، ھەر خىل ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سايمانلېرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئولىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، بۇزۇلسا تۆلىتىش، ياساش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش .

4) مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن يىغىن ، لىكسىيە پائالىيەتلېرىدە ئاۋاز كۈچەيتكۈچ، ئۈن ئالغۇ، سىنئالغۇ ، رەسىمگە تارتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆزلىكىدىن تولۇق ئورۇنداش.

5) ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سايمانلېرىنى تۈرلەرگە ئايرىپ تىزىملاش دەپتەر بىلەن ئەمەلىي سايمان ئوخشاش چىقىش، ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئەتراپلىق ھالدا تەكشۈرۈپ  چوڭ رىمونت قىلىدىغان ۋە بىكارچى بولغانلارنى دوكلات يېزىپ، تەستىلىغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقىرىش چىقىرىش.

6) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سايمانلېرىنى ئارىيەتكە ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئارىيەتكە سايمانلارنى چۇقۇم شۇ كۈنى قايتۇرۇش، سايمانلارنىڭ ئوقۇتۇشقا مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلىشىنى توساپ، شەخسلەرنىڭ ئۆز ئىشىغا ئارىيەتكە ئېلىشقا قەتئى يول قويماسلىق.

7) سىرتقى ئورۇنلارغا ئارىيەتكە بەرمەسلىك ، ئەگەر تەستىقسىز ئارىيەتكە بەرسە ئۆزى مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. (قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ )

 

خۇجۇلۇق مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1)مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ، مەكتەپىڭ خۇجۇلۇق خىزمىتى پىلانى ۋە خۇجۇلۇق ئارقا سەپ خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۇزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ، قەرللىك ھالدا ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىش .

2)مەكتەپ مۈلكىنى، مالىيە مۈلكىنى تىزىملاش ئارقىلىق مۇقىم مۈلۈك ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، مۇقىم مۈلۈككە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش – چىقىرىش رەسمىيىتى تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئىجر قىلىش. ھەر مەۋسۈمدە بىر نۆۋەت سىتاتىستىكا قىلىپ، دوكلات قىلىش، مەكتەپ مۈلۈكلېرىنىڭ بۇزۇلۇش ، يۈتۈپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىز قوغلاپ مەسئولىيەتنى سۈرۈشتە قىلىپ، قاتتىق بىر تەرەپ قلىش. 

3)ئوقۇتۇش ماتېرياللېرى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلېرى  ۋە ئىشخانا سايمانلېرىنى مەكتەپنىڭ مالىيە ئىقتىدارىغا ئاساسەن پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقلىق، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

4) مۇلازىمەتنى ياخشى باشقۇرۇپ ئاشخانا، ياتاق ئىشلېرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش. 

5)سۇ ، توك بلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز اقتىدا رىمونت قىلىش، سۇخانىلارنىڭ پاكىزە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.

6) تازىلىق ساغلاملىق خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ماسلىشىپ، مەكتەپ ھويلىسى، ياتاق ، ئاشخانا، ھاجەتخانا ۋە باشقا ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاشتا يىتەكچىلىق  قىلىپ تازىلىق مۇھىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئوقۇغۇچلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچلىك قىلش. 

7)مەكتەپنى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش خزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، باشقۇرۇش، مەكتەپ مۇھىتى، مەكتەپ قىياپىتى قۇرۇلۇشىنى پلانلىق ھالدا چىڭ تۇتۇپ، گۈلزارلىق مەكتەپ قۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

8)تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كىرىم يوللېىنى ئېچىپ ئارقا سەپ خادىملېرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش.

9)ھەرقايسى ئارقا سەپ خادىملېرىنىڭ خىزمىتىنى خزمەت مەسئولىيىتى بويىچە باھالاش ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەم يىتەكچىلىك قىلىش.

10) ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش.

كومپىيوتېر ئوقۇتۇشنى باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئولىيىتى

كومپىيوتېر دەرسخانىسىغا مەخسوس بىر نەپەر يولداش مەسئول بولىدۇ. ئومومى ئىشلېرىغا ئىلمىي بۆلۈم مەسئول بولىدۇ. بۇ دەرسخانىغا دەرس ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوقۇغۇچلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ قالايمىقان كىرىشىنى قاتتىق توسۇش لازىم (خالىغانچە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ).

كومپىيوتېر دەرسخانىسىنى باشقۇرغۇچى مەسئول ئوقۇتقۇچى چۇقۇم بىخەتەرلىككە ، تۈرلۈك ھادىسلەرنىڭ يۈز بېرشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئول بولۇشى كېرەك. توك يوللېى ، ئىشىك – دەرىزە قاتارلىق جايلارنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم (مەسلە كۆرۈلسە مەكتەپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىش لازىم ) .

كومپىيوتېرنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈش ، باشقا ئۈسكۈنە ، مۇھىت قاتارلىقلارنى دائىم تەكشۈرۈش، ئۆز ۋاقتىدا رىمونت قلىش. 

سىنىپ ئىچىدە كومپىيوتېر ئىشلىتىشنى تىزىملاش دەپتىرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھەر قېتىم ئىلىتىپ بولغاندىنكېيىن تەكشۈرۈپ ھەر بىر ماشنىنىڭ ئەھۋالنى ختىرىگە يېزىش، مەسئولىيەتنى ئېنىق ئايرىپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ئارخىپقا قالدۇرۇش.

مەشغۇلات تەرتىپى، قائىدىگ تولۇق ئەمەل قىلىش، ئۇنداق قىلماي بۇزۇلۇش ئەھۋالى ككرۈلسە ، ياسىغان پۈتۈن چىقىمنى شۇ كىشى ئۈستىگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىش.

  ھەرقايسى ماشىنىلارغا نۇمۇر بېكىتىپ، نۇمۇر بويىچە ئولتۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.

سىنىپ ئىچى مۇھىتىنىڭ پاكىزە ، رەتلىك بولۇشىغا كاپالتىك قىلىش .

 باشقا بۆلۈم بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن ماشىنا ئىشلەتكۈچىلەرنى قاتتىق چەكلەش.

مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىش.

 

كۈتۈپخانا، قىرائەتخانىنى باشقۇرغۇچىنىڭ مەسئولىيىتى

مەكتەپنىڭ كىتاپ ژورناللېرىنى ئارىيەتكە ئېلىش ، كۆرۈش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئارىيەت ئېلىش ياكى قايتۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەش، كىتاپ ئارىيەت ئېلىش كىنىشىكسى يوقلارنىڭ ئارىيەت ئېلىشىنى چەكلەش.

گېزىت – ژورناللارغا مۇشتىرى بولۇش ۋە تارقىتىش خىزمىتىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ياخشى ئىشلەش، تارقىتىشنى تىزىملاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، تارقىتىش، مۇشتىرى بولۇش خىزمىتىنى ئىلمىي بۈلۈمگە دوكلات قىلىش.

مەكتەپ قىرا ئەتخانىسىغا مۇشتىرى بولغان گىزىت – ژورناللارنى ئاي ئاخىرى ۋە يىل ئاخىرىدىكى تۈپلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەستايىدىل باشقۇرۇش.

ھەر ھەپتىنىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە چۈشتىن كېيىن (ياكى كەچتە ) دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقىتدا ئوقۇغۇچلارنى پىلانلىق ھالدا كىتاپ كۆرش، ئارىيەت ئېلىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە ياردەمدە بولۇش.

قىرائەتخانىنى ئوقۇتقۇچىلارغا قەرەللىك ھالدا ئېچىپ بېرىش، پايدىلىنىش ماتېرياللېرىنى ئايرىپ چىقىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىش.

كىتاپخانا ۋە قىرائەتخانىنىڭ كىتاپ تۇلۇقلاش سىتاتىستىكا، خۇلاسە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلەر بويىچە رەتلەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچلارنىڭ ئارىيەت ئېلىپ پايدىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش. 

كۈتۈپخانا ، قىرائەتخانىنى ھەر كۈنى تازىلاپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، پاكىزە ، رەتلىك بۇلۇشىغا  كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

كىتاپ  ژورنال كۆرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويۇش، خۇلاسە قىلىش، رەھبەرلىككە دوكلات قىلىش.

كىرگۈزۈلگەن يېڭى كىتاپلارنى ئۆز ۋاقتىدا تىزىملاش، تۈرلەرگە ئاريرىپ مۇندەرىجىگە تۇرغۇزۇش، كىتا پ جازىسىغا تىزىش.

دەرسلك كىتاپ، پايدىلىلن كىتاپلارنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ تارقىتىش، تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش.

كىتاپ سەپلەشتە ئىككى ئاساسەن تەلىپى بويىچە سەپلەشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، كىتاپ ماتېريال ، ژورنال باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ماتېريال ئارخىپىنى تولۇق تۇرغۇزۇش. 

ئۆلچەملەشكەن كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا قۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دائىم قېتىرقىنىپ، سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ كەسپلىشىشكە يۈزلىنىش.  

 

19. سىنىپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) سىنىپ مۇدىرى ئەخلاق – تەربىيە ئىشخانىسىنىڭ بىر  تۇتاش رەھبەرلىكىدە پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى ئىدىيىۋى تەربىيە ، ئەخلاق – تەربىيە خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ، ئەقلى ، جىسمانى ، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەتراپلىق تەرەققى قىلىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆز سىنىپىنىڭ تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشكە مەسئول .

2) سىنىپ مەسئولى مەكتەپ پىلانى ۋە ئەخلاق – تەربىيە پىروگراممىسىغا ئاساسەن ئۆز سىنىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، سىنىپنىڭ خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ ، ھەر مەۋسۈمۈك كۈرەش نىشانىنى ۋە ئەمىللەشتۇرۇش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم ئەمىللەشتۈرىدۇ. 

3) << ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى>> ، << كۈندىلىك ھەركەت ئۆلچىمى >> ۋە مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قائىدە – تۈزۈملېرىنى ئەمىللەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى لازىم. قاتتىق باشقۇرۇپ، سىنىپ ئىستىلى، مەكتەپ ئىستىلى بويىچە تەربىيىلەش خزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى لازىم.

4) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيىدە چېنىقىشىنى ۋە ۋە كۈرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسرىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە دەرس ئارىلىقىدكى گىمناستىكا ۋە دەرستىن سىرتقى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا چىقىش ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىمناستىكىغا چىقىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا چىقىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا تەنقىد قىلىش، تەغدىرلەشنى ئېلىپ بېرىش لازىم. 

5) ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۈلۈپ ، دەرس ئوقۇتقۇچىلېرىنىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىغا قارىتا ئىنكاسىنى ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەڭ يىتەكچلىلىك قىلىشقا ماسلىشىش، دەرس ئىچى – سىرتىدىكى ئۆگىنىشتە سەزگەن مەسلىلەرگە قارىتا، قاراتملىق ھالدا ئۆگىنىش مەقسىدى، ئۆگىنىش پۇزۇىتسىيىسى  تەربىيىسىنى بېرىش لازىم.  

6) ئائىلە باشلىقلېرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش لازىم. ھەر مەۋسۈمدە 1-2قېتىمغىچە ئائىلە باشلىقلېرى يىغىنى ئېچىش، ھەر مەۋسۈمدە ئۆز سىنىپىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن ئىكككىگىچە ئەمەلىي تەسىرلىك ئىش قىلىش كېرەك.

7) سىنىپ كادىرلېرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قەرەللىك ھالدا سىنىپ كادىرلېرى يىغىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم سىنىىپ دەرىجىلىك تايانچلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى، سىنىپنىڭ ئىتتىپاق ، پىئونېرلار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىتتىپاق ، پىئونېرلار پائالىيىتىنى سىنىپ كوللىكتىپى بويىچە قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش لازىم.

8) سىنىپ يىغىنى ، مەكتەپ يىغىنى، يىللىقلار يىغىنى  ۋە مەكتەپ بويىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ۋ سىنىپ مۇدىرلېرى يىغىنلېرىغا ئاكتىپچانلىق بىلەن قاتنىشىشى كېرەك.

9)سىنىپ مۈلۈكلېرىنى ئاسراش، ھەر كۈنلۈك ئومومى تازىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خۇلاسىلەپ تۇرۇش لازىم .

10) ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقلىما قىلىش، رۇخسەت سوراش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كەلمىگەن ئوقۇغۇچلارنىڭ سەۋەبىنى قاتتىق ئىگىلەپ، دەرس قالدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە تەدبىر قوللىنىش، ئاخىرىدا ئەخلاق تەربىيە ئىشخانسىىگە دوكلات قىلىش لازىم، ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە توختاتماسلىقى، تۇراقلىق نىسىبتىنى %100 گە يەتكۈزۈشى لازىم. 

11) مائارىپ نەزىرىيە بىلىملېرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆسمۈر ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىشقا ماھىر  بولۇش لازىم. ھەر ئوقۇش يىلىدا بىر پارچە سىنىپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىلمى ماقالىدىن بىرنى يېزىپ ئەخلاق – تەربىيە ئىشخانىسىگە يوللىشى لازىم.

12)توققۇز يىللىق مەجبورى مائارىپقا ئائىت بولغان ھۆججەت بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم.  

20 . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) ئوقۇتقۇچىلار چۇقۇم پارتىيىنىڭ مائارىپ ئىشلېرىغا سادىق بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي ، جىسمانىي، گۈزەللىك ، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققى قىلدۇرۇش فاڭجىنىنى ئەستايىدىل ئەمىللەشتۈرۈش، ئومومى جەھەتتىن ئەلالاشتۇرۇش ئىدىيىسىنى تىكلەپ ئۆزى بېرىۋاتقان پەن سۈپىتىنى دەسلەپكى ئاساسىدىن كۆرىنەرلىك دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈشى لازىم. 

2) ئۆزىنىڭ سىياسى، كەسپى سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش، سۆز –ھەركىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇش لازىم.

3)دەرس ئۆتكەندە ئېنىق بولغان بىلىم نىشانى ۋە ئدىيىۋى تەربىيە نىشانى بولۇش، ئوقۇتۇش جەريانىدا ئىقتىدار ئامىللېرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە ئىقتىدارسىز ئامىللارنى ئۆزگەرتىپ تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

4) ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈشى ، ئوقۇتۇش بىلەنلا كارى بولۇپ، يىتەكلەشكە سەل قارايدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنىشى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى لازىم. 

5) ئوقۇتۇشنىڭ دائىملىق قائىدىسىنى ئىزچىل ئىجرا قلىش، دەرسكە كېچىكمەسلىكى، دەرسكە كىرىشنى بېسىم ھېس قىلماسلىقى، دەرستىن بالدۇر چۈشمەسلىكى، خالىغانچە دەرس ئالماشتۇرماسلىقى لازىم. 

6) تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تاپشۇرۇش ۋە سۇئاللارنى ياخشى ئەتراپلىق چىقىرىش، ئىمتىھان نازارەتچلىكىنى ئەستايىدىل قىلىش، ئىمتىھان سۇئاللېرى ئانالىزى ۋ سۈپەت تەھلىلىنى ئەستايىدىل قىلىشى، نەتىجە باھالاشتا ئۆلچەملىرى مۇۋاپىق بولۇش، يۇقۇرىغا تاپشۇرغان دوكلات قىلغان سىتاتىستىكا  ماتېرياللېرى توغر بولۇشى لازىم.

7)ئوقۇتۇش گۇرۇپپا پائالىيىىتى ، يىللىقلار پائالىيىتى، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتى، سىياسى ئۆگىنىش ۋە باشقا ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن قاتنىشىشى لازىم. كوللىكتىپ يىغىنلاردا كېچىكمەسلىك، بالدۇر قايتماسلىق، خالىغانچە پاراڭلاشماسلىقى، سىرتقا چىقماسلىقى لازىم.

8)ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش ئارقىلىق كوللىكتىپنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان كونسۇلتاتسىيىنى كۈچەيتىش، ھەر ھەپتىلىك خىزمەتتىن چۈشكەندىكى كونسۇتاتسىيىسى 3 قېتىمدىن يۇقۇرى بۇلىشى لازىم. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان يىللىقتىن نۇقتلىق ھالدا 3- 5كىچە ئوخشاش بولمىغان خاراكتىردىكى ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە ۋە تەتقىق قىلىپ ماتېريال قالدۇرىشى لازىم.

9)مائارىپ نەزىرىيە ئۆگىنىش ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇش يىلىدا بىر قېتىم تەتقىقات دەرسى ئۆتۈشى، بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىشى لازىم.

10) ئوقۇتقۇچىلار خىزمەتتە تەقسىماتقا بويسۇنۇشى، باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىشى مۇقىملىقنى كۆزدە تۇتۇشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلېرىنىڭ ، سىنىپ مەسئولىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئوقۇتۇش ئوسولىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

11)تەجرىبىلىك دەرس ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلار تەجرىبىخانا بىلەن بولغان ماسلىشىشىنى كۈچەيتىشى، تەجرىبىنى سىناق قىلىشتىن  3 كۈن ئىلگىرى ، ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى تەجرىبە ئۇقتۇرۇش كارتوچكىسىنى تەجرىبىخانىغا يوللىشى لازىم.

ئوقۇتۇش گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ نەزىرىيە بىلىملېرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆز – ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەش، << ئاساسىنى كۈچەيتىش، قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈش، ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش >> دىن ئىبارەت ئوقۇتۇش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمىللىشتۈرۈپ ، توغرا ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنى تىكلەش.

2) ئوقۇتقۇچىلارنى تەشكىللەپ، ئوقۇتۇش پىروگىراممىسىدا كۆرسىتىلگەن ھەرقايسى يىللىقلارغا قارىتا تەلەپنى ئەمىللەشتۈرۈش، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇش پىلانىنى تۈزۈشىگە يىتەكچىلىك قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆز گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش.

3) شەخسلەرنىڭ دەرس تەييارلىقى ئاساسىدا كوللىكتىپ دەرس تەييارلاشنى كۈچەيتىش، پىلانلىق ھالدا ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ئاڭلاش، باھالاش پائالىيەتلېرى ، كۇرژۇك ، مۇسابىقە پائالىيەتلېرىنى تەشكىللەش، ئۆز ۋاقتىدا خۇلاسە قىلىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبە كېڭەيتىش.

4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەۋسۈمۈلۈك تەكرار پىلانىنى تۈزۈشىگە يىتەكچىلىك قىلىش.  

5) ئوقۇتۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى ۋە شەخسلەرنىڭ  تەتقىقات تېمىسىنى بېكىتىپ، ئوقۇتۇش تەتقىقات پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش، ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىلمىي ماقالاسى يېزىشقا يىتەكلەش. ھەمدە ئوقۇتۇش تەتقىقاتنىڭ بۇ جەھەتتىكى نازارىتىنى قۇبۇل قىلىش.

6) ئوقۇش باشلانغاندا ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ پىلانىنى تۈزۈش،  مەۋسۈم ئاخىرىدا خىزمەت خۇلاسىسىنى ياخشى قىلىش، ھەمدە قەرەللىك ھالدا ئىلمىي بۈلۈم ،ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىگە دوكلات قىلىش. ئوقۇتۇش تەتقىقات يىغىنلېرىغا ئۆز ۋاقتىدا قاتنىشىش، كوللىكتىپ تەتقىقات پائالىيەتلېرىنى ياخشى تەشكىللەش.

7) ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەلىم – تەربىيە ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش.

8) ئۆز گۇرۇپپىسىدا پەنلەر باشلامچىلېرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، تايانچلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش.

9) كەينىدە قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەتقىقاتنى ئۆزلۈكسىز ئېلىپ بېرىپ، تەجرىبىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە كۈچەش.

10) ئىلمى بۈلۈم، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىگە ماسلىشىپ، نىشانلىق باشقۇرۇش باھالاش لايىھىسى بويىچە سانلىق مەلوماتلار ۋە ئاساسلارنى تولۇق يارىتىش، ئۆز ۋاقتىدا يوللاش.

11) ئۆز ئىشخانىسىنىڭ بارلىق مۈلۈكلېرىگە مەسئول بولۇپ، خۇجۇلۇق بۈلۈمىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىش.

12) مەكتەپ تاپشۇرغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۆز ۋاقىتىدا ئورۇنلاش.

 

21. تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ شەرتلېرى

1)ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقى يۇقۇرى، تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئەلا ،ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۇقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى لازىم.

2)ئوقۇتۇش گۇرۇپپا خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلالايدىغان بولۇشى، ھەرقايسى يىللىقلارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىمالال ئېلىپ بارالايدىغان ئۆزى مۇستەقىل ھالدا تەكرارلاش تىزىس ماتېرياللېرى ھەم دەرسخانا مەشقىنى تۈزۈپ، چىقارغان بولۇشى كېرەك.

3)ھەر قايسى پەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئاساسىي تەلەپلەرنى پۇختا ئىگىلىشى، دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئىلمىي ھەم ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش، ئوقۇتۇش ئوسولى جانلىق بولۇشى، ھەر مەۋسۈمدە ئاز دىگەندە بىر قېتىم ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈشى لازىم.

4) بىر نەپەر ئوقوتقۇچىنى يىتەكلىشى، ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت يىتەكلەش خاراكتىرىدىكى دەرس ئاڭلاشنى ئېلىپ بېرىش، يىتەكلىگەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى ئوخشاش يىللىقلار ئىچىدە كۆرىنەرلىك يۇقۇرى بولۇشى لازىم.

5) ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەتقىقاتىغا قاتنىشىپ، تەتقىقات قىممىتى ئاساسلىق ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇشى لازىم. كەسپتە ئەمىليەتچىل بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يىتەكچى خاراكتىردىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى يارىتىشى لازىم.

6) تۆۋەندىكى شەرتنىڭ بىرىنى ئورۇندىغانلار تايانچ ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

(1) ۋىلايەت دەرىجىلىك دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر .

(2) ناھىيە بويىچە (ناھىيە دەرىجىلىك ) ئوقۇتۇش ماھىر بولغانلار ؛

(3) ناھىيىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزىنىڭ  تەكلىپ تەقتىقاتچىسى بولغانلار ؛

(4) تۆت يىلدىن بويان ناھىيىلىك مائارىپ كومىتىتى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئولى بولۇپ مۇكاپاتلانغانلار؛

(5) ئىلمىي ماقالىسى كۆپ قېتىم نەشىر قىلىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكۇچىلار؛

(6) يۇقۇرقى مەسئولىيەتنى تولۇق ئادا قىلمىغانلار كېلەر يىلى تايانچ ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنمايدۇ.

 

 

22. كاتىپنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) ھەرقايسى بۈلۈم ئىشخانىلار بىلەن مۇناسىۋەتلىشىش، يوللاش، تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. 

2) مەكتەپ تامغىسى ئۆز جايىغا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىپ ھۆججەتلەرنى يىغىش، تارقىتىش تىزىملاش، تەستىق سالدۇرۇپ تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەكتەپنىڭ ماتېريال ئارخىپىنى يىغىپ ساقلاش باشقۇرۇشقا ئالھىدە ئەھميەت بېرىش لازىم  .

3) يۇقۇرى دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تاپشۇرغان ھەر تۈرلۈك ئىستاتىستىكا جەدۋەللېرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئورۇنلاش. مەكتەپ ئاچقان تۈرلۈك يىغىن  خاتىرلېرىنى ئەستايىدىل قالدۇرۇپ ماتېرياللارنى ئۆز ۋاقتىدا ئەستايىدىل تەييارلىشى لازىم. 

4) مەكتەپ مۇدىرىغا ياردەملىشىپ، ئوقۇتقۇچى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ سىناپ تەكشۈرۈش، رەسمىيلىشىش، دەرىجە ئۆستۈرۈش ، مۇكاپاتلاش جەھەتلەردىكى يازما ماتېرياللېرىنى تولۇق تەييارلىشى، پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تىزىملاپ تەييارلىشى لازىم.

5) ئارخىپ تۈزۈشكە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئارخىپنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم (تەزكىرە خىزمىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشى لازىم )

6) مەكتەپ رەھبەرلىكى تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى ئۆز ۋاقىتدا ئورۇنلىشى لازىم.

23. خەت ئۇرغۇچى، كۆپەيتكۈچىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

 1) ئوقۇتۇش ئۈچۈن قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، خەت ئۇرۇش، كۆپەيتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ۋاقتىدا تاماملاش.

2) تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خەت ئۇرۇش، كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈپ، ماتېريال سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش. 

3) ئۇرغان ، كۆپەيتكەن ماتېريال مىقدارىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەپ، تالونغا ئاساسەن ئىش بېجىرىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئاي ئاخىرىدا ئىشخانە مۇدىرىغا ئىستاتىستىكا ماتېريالىنى يوللاپ، ھېساباتنى ئېنىق قىلىشى ھەمدە ماي، لازا ، قەغەزلەرنى تېجەپ ئىشلىتىشى لازىم.

4) ماشىنىلارنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ، رىمونت قىلىپ تۇرۇشى لازىم.

5) مەكتەپنىڭ جىددىي خاراكتىرلىق ماتېرياللېرىنى كۆپەيتىشى، جىددىي پۇزۇتسىيە بىلەن ياخشى ئورۇنلىشى، مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ياخشى ساقلىشى لازىم.

6) مۇناسىۋەتسىز ماتېرياللارنى ئۆزى بىۋاستە قۇبۇل قىلماسلىقى، پۇل تاپشۇرۇش تالونى ۋە كۆپەيتىش – بېسىش تالونىنى كۆرۈپ ئاندىن بىجىرىش لازىم.

7) مەكتەپ تاپشۇرغان باشقا ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلىشى لازىم.

24. ئارخىپ خادىمىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

ئارخىپ خادىملېرى مەكتەپ ئىشخانا مۇدىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەتنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمە ۋە سىياسەتلەرنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك ئارخىپ، (كادىرلار ئارخىپىدىن باشقا ) ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت ماتېرياللارنى يىغىش ، رەتلەش، تۈرگە ئايرىش، ، ساقلاش خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، ئارخىپتىن پايدىلىنىشقا قولايلىق يارىتىپ، مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە ، ئوقۇتۇش ۋە پەن – تەتقىقات ، باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن شارئىت ھازىرلايدۇ.

1) خىزمەتكە ئەستايىدىل مەسئول بولۇپ، ئارخىپنى ئۆز ۋاقىتدا يىغىش، مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش ، مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .

2) يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تارقاتقان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش ۋە تىزىملاشقا مەسئول بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر كۆرسەتمە بەرگەندىن كېيىن ئاندىن مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ، ئورۇنلارغا تارقىتىپ بېرىش لازىم.

3) سىرتقى تەڭ دەرىجىلىك ئورۇنلار تارقاتقان رەسمىي تەكلىپ، دوكلات، خۇلاسە، توختام قاتارلىقلارنى ئېنىقلاش، تىزىملاشقا ئەستايىدىل مەسئول بولۇش لازىم.

4) مەكتەپ تۈزگەن ھەر خىل بەلگىلمىلەر ، قائىدە – تۈزۈم ، چارە – تەدبىرلەر ،رەسىم ، ماددى نەرسىلەر، مۇكاپات بۇيۇملېرى قاتارلىق ساقلاش قىممىتىگە ئىگە ماتېرياللارنى يىغىپ ساقلاشقا مەسئول بولۇش لازىم.

5) ماتېرياللارنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ، تۈپلەپ، توپلام قىلىش، مۇندەرىجە بېكىتىپ، ئارخىپقا سېلىش لازىم.

6) مۇددىتى ئۇزۇن بولغان ئارخىپلارنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دىققەت قىلىپ، ئوت ،ئوغرىلىق ، نەملەپ قېلىش، ئۆڭۈپ كېتى، چاشقان ، قۇرۇت، چاڭ – توزان ، بۇلغۇنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .

7) ئارىيەت بېرىش تۈزۈمىنى قاتتىق تۇرغۇزۇپ، ئارىيەت ئالغاندا ،قايتۇرغاندا تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم . ( مۇھىم ھۆججەت ،ماتېرياللارنى رەھبەرلەر تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن بېرىش لازىم ) ئارىيەت بېرىش مۇددىتى 1 كۈندىن 3 كۈنگىچە بولۇشى لازىم.

8) مەكتەپ تەزكىرىسىگە ئائىت ماتېرياللارنى تولۇق توپلاشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

9) ئارخىپ ئىشخانىسىنىڭ پاكىزە ،رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ كىرىشىنى قاتتىق توسۇش لازىم.

10) ئارخىپ كەسپى بويىچە بىلىمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۆلچەملىك ئارخىپ ئىشخانىسى بەرپا قىلىش لازىم.

11) مەكتەپ تاپشۇرغان مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئادا قىلىش لازىم .

25. مەكتەپ دوختۇرىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىىتى

1) ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيىسى تۇرغۇزۇپ، ئەتراپلىق بولغان كەسپى ئەخلاق، يۈكسەك قىزغىنلىقنى ھازىرلاپ، تۈرلۈك سەھىيە خىزمىتى تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم.

2) ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىنى تولۇق تۇرغۇزۇپ، ئوقۇغۇچلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋە  ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئول بولۇشى، ھەر يىل بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشى ، نەتىجسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئارخىپىغا كىرگۈزىشى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تەھلىل قىلىش لازىم. 

3) دورا ۋە داۋالاش سايمانلېرىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دورىلارنى رەتلىك قويۇش، ئەسۋاپلارنى دېزىنفىكسىيە قىلىپ تۇرۇش لازىم. مۇقىم مۈلۈك ئارخىپى، دۋالانغانلارنى تىزىملاش ئارخىپىنى تولۇق تۇرغۇزۇش لازىم.  مۇناسىۋەتسىز  كىشىلەرگە ئومومنىڭ دورىلېرىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق توسۇش لادزىم.

4) داۋالاشتا رەسمىيەتلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش لازىم.

5) مەۋسۈم بېشىدا مەكتەپنىڭ داۋالاش، تازىلىق خىزمىتى پىلانىنى  تۈزۈپ، دائىملىق خىزمەت تەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىدىن كېيىن ئەمىللەشتۈرۈش لازىم.

6) تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش خزمەت ۋەزىپىلېرىنى ئۆز ۋاقىتدا ئورۇنلاپ، مەسىلە سەزگەن ھامان دوكلات يوللاپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى بىلەن ئالاقە باغلىشى، قوللىشى لازىم. 

7) ئاشخانا، يىمەكلىك تازىلىقى، مەكتەپ مۇھىتى تازىلىقىنى نازارەت قىلىش ، باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

8) ئۆ ئىشخانىسىنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، خىزمەت ۋاقتىدا مۇناسىۋەتىسىز كىشىلەرنىڭ كىرىشىنى توسۇش، مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلماسلىقى، كەسپى بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەلا بولغان مۇلازىمەتنى بەرپا قىلىش لازىم. 

26. بۇغالتىرنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1)بۇغالتىرلار قانونىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىش، ھىسابات خاتىرىسى ، ھىسابات قىلىش، ھېساپنى يوللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، رەسمىيەتنى تولۇق مۇكەممەل قىلىش، مەزمونى ھەقىقى بولۇش، سانى توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز قەرەلىدە خۇلاسىلەپ، دوكلات  قىلىش.

2) مەكتەپ مۇدىرىغا ماسلىشىپ، ياردەملىشىپ، مەكتەپنىىڭ خامچوت، نەقچوت پىلانىنى تۇزۇش، مالىيە كىرىم – چىقىم پىلانىنى ئىجرا قىلىش، خۇجۇلۇق مۇدىرىغا ماسلىشىپ، ئىشخانىلارنى ئىشخانا بۇيۇملېرى بىلەن تەمىنلەش، خىزمىتىنى ياخشى ئىلەش، ھەر ئايدا مالىيە ئەھۋالىنى مەكتەپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىپ تۇرۇش، مەۋسۈمدە بىر قېتىم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنىغا دوكلات بېرىشى كېرەك.

3) مالىيە خامچوت پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزەش ۋە قاتتىق ئىجرا قىلىش. تۈرلۈك كىرىم تۈزۈمى، چىقىم قىلىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى قاتارلىقلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەبلەغ يوللېرىنى ئېنىق ئايرىپ، خىراجەتنى مۇۋاپىق ئورۇنغا ئىشلىتىپ، خامچوت ئىچى – سىرتىكى خىراجەتنى ياخشى ھېساپلاش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

4) ئىقتىسادى ھىسابات پىرىنسىپىغا ئاساسەن خامچوتنىڭ ئىجرا بولۇش ئەھۋالى ، مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىپ، تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، ساقلانغان مەسلىلەرنى مەكتەپ مۇدىرىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم.

5) مالىيە خىزمىتىنى كومپىيوتېرلاشتۇرۇپ، باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىش، پۇختا مەشق قىلىش، توغرا ھەم تېز قىلىشنى ئىگەللىۋېلىش  لازىم. 

6) مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن ماسلىشىپ، مەكتەپ قوروسى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئاسراش باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ، مەكتەپ مۇقىم مۈلۈك ۋە مۈلۈكلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخسوس دەپتەر تۇرغۇزۇش لازىم.

7) مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، بۇغالتىرلىق ھىسابات دەپتەرلېرىنى تولۇق تۇغۇزۇشى، ئۆز ۋاقىتدا رەتلەش، تىكىش، ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

8) ھەق يىغىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، تۈرلۈك ھەقلەرنى بىر تۇتاش يىغىش، ئاساس چىقىرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلىشى لازىم.

9) مەبلەغنى چىڭ باشقۇرۇش، رۇيخەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بارلىق ھىسابات ئاساسىنى توغرا قالدۇرۇش لازىم.

10) پۇلنى ئىشلىتىش پىلانى ۋە تەستىقلىتىش رەسمىيىتى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ،مەخسوس ئاجرىتىلغان پۇلنى مەخسوس ئورۇنغا ئىشلىتىشى، مەبلەغ چىقىم قىلىشتا مەكتەپ مۇدىرىغا تەستىقلىتىشى يەنە مالىيە  چىقىمىنى  << بىر قەلەم>> دە تەستىقلىتىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم.

11) بۇغالتىر بىلەن كاسسىر ئىش تەقسىماتلېرىنى ئېنىق تونۇشى، بۇغالتېر ھىسابات تۇتۇش ، پۇل تۇتماسلىق، كاسسىر پۇل تۇتۇش ، ھىسابات تۇتماسلىق تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئايدا ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ، بىر – بىرىگە نازارەتچىلىك قىلىش، بىر بىرىنى چەكلەش پىرىنسىپىغا تولۇق ئەمەل قىلىش لازىم.

12) ئۆسكەن مۇئاش قاتارلىق ئىشلارنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئۆز ۋاقتىدا ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ، خەۋەردار قىلىپ بېجىرىش لازىم.

27. كاسسىرنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوت ئىچى، سىرتىدىكى خىراجەتلەرنىڭ يىغىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى ، تۈزۈمگە خىلاپ چىقىملارنى قىلماسلىقى ۋە توسۇش ھەم مەكتەپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىپ تۇرۇش لازىم.

2) بانكا تۈزۈمىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن ئامانەت پۇل ۋە نەق پۇلنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم.

3) كىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىسپاتىغا ئاساسەن رەسمىيەتنى تولۇق، ھىساۋاتنى ئېنىق، توغرا قىلىش، بۇغالتىر بىلەن ئايدا بىر نۆۋەت ھىسابات قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

4) كۈندە ھىسابات قىلىپ، ساقلىنىپ قالغان پۇللارغا قارىتا باشقۇرۇش ، ساقلاشنى كۈچەيتىش، ئۆز ۋاقتىدا بانكىغا ئامانەت قويۇپ، ھىسابات دەپترى بىلەن سېلىشتۈرۈپ، خاتالىق پەرقىنى سادىر قىلماسلىق.

5) ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ساقلانغان نەق پۇل ۋە چەكنى ياخشى ساقلاپ باشقۇرۇش، ھەر كۈنى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەر ساندۇققا سېلىپ، پۇختا ساقلاش، (ئۈنداق بولمىسا خاتالىق ھېساپلىنىدۇ) لازىم.

6) كاسسىر بۇغالتىر بىلەن ماسلىشىپ، مالىيە خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

28. مۈلۈك باشقۇرغۇچىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) خۇجۇلۇق مۇدىرغا ماسلىشىپ ، ياردەملىشىپ ،مەكتەپ مۈلكىنى ، ئىشخانا ئەسلىھەلېرى ۋە بۇيۇملېرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومومىيۈزلۈك مەسئول بولىدۇ. سېتىۋېلىنغان ياكى چىقىرىلىدىغان ماددى بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ، ، ھىسابات دەپتىرىگە كىرگۈزۈپ ئاندىن تارقىتىدۇ. (چۇقۇم ئىمزا قويدۇرۇپ تارقىتىش لازىم ). تارقاتقان مۈلۈك ياكى  بۇيۇملارنى ھىسابات تۈرى دەپتىرىگە ئاساسەن دائىم ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىش، ھىسابات دەپتەر بىلەن دەپتەر ماس كېلىش، دەپتەر بىلەن مۈلۈك بۇيۇم ماس كېلىش تەلىپىنى قويۇش، مەسلە سەزگەن ھامان دەرھال دوكلات قىلىش، مەسئولىيەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئېنىقلاپ، بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

2)مەكتەپ ئۆي ئىمارەتلېرى ، ئۈسكىنىلېرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، خۇجۇلۇق مۇدىرىغا دوكلات قىلىش ، رىمونت قىلىش پىلانىنى تۈزۈش، يوللىشى لازىم. ھەرقايسى بۈلۈم ، ئىشخانىلاردىكى ئىش ئۈستەل – ئورۇندۇقلېرى، ئوقۇغۇچىلار جوزا – ئورۇندۇقلېرى، ئىشخانا سايمانلېرىنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش، يۈتۈپ كېتىش ئەھۋاللېرىغا قارىتا سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش لازىم. 

3) رەسىم، مۇزىكا ، تەنتەربىيە ، تەجرىبىخانا، كىتاپخانا، قىرائەتخانا، ئىلىكتىرلەشكەن سايمانلار قاتارلىق مۈلۈكلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

4) ئىسكىلات باشقۇرۇشقا بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىلېىپ كىرىش، ئىلىپ چىقىش رەسمىيەتلېرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش لازىم.

5) مەكتەپ مۈلۈلكلېرىنى سىرتقا ئارىيەت بېرىش، سېتىش ئىشلېرىنى قەتئى سادىر قىلماسلىق لازىم. چۇقۇم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى لازىم.

6) مەكتەپ تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى تولۇق ئورۇنلاش بىلەن بىرگە مەكتەپ مۈلۈكلېرى، ئەسلىھە بۇيۇملېرىغا كۈچلۈك مەسئولىيەت بىلەن ئىگدارچىلىق قىلىش لازىم.

29.سۇ، توك، پار يۇلى ئىشچىسىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) مەكتەپنىڭ سۇ، توك، پار يوللېرى خىزمىتىگە مەسئول بولۇپ، ھەر قايسى سىنىپ ، ئىشخانا، ياتاق، ئاممىۋى سورۇن (يىغىن سورۇنلېرى ) قاتارلىق مەكتەپ ئىچىدىكى ئورۇنلارنىڭ توك ئۈسكىنىلېرىنى، سۇ ئۈسكىنىلېرىنى، پار يوللېرى ئۈسكىنىلېرىنى ئورنىتىش، تەكشۈرۈش، ئاسراش ، ياساش ئىشلېرىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.  

2) داۋاملىق ھالدا مەكتەپنىڭ توك، سۇ، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئۈسكىنىلېرىنى تەكشۈرۈپ رىمونت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۇ تۇرۇبىسى، جۈمەك، توك ئىشلىتىش ئەسۋاپلېرى، پار يولى ئەسۋاپلېرىنى تەكشۈرۈپ رىمونت قىلىش، ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سۇ، توك، ئىسسىقلىق بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشكە مەسئول بۇلۇشى لازىم.

3) ھەر ئاخشىمى توك بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، كەچلىك مۇزاكىرىنىڭ نورمال بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ۋاقتىدا ئۇچۇرۇش ، تەكشۈرۈش لازىم.

4) مۇناسىۋەتلىك توك، سۇ سائەتلېرىنى تەكشۈرۈپ، نەتىجىسنى بۇغالتېرغا تاپشۇرىشى لازىم.

5) سىنىپلارنىڭ توك ئەسلىھەلېرىنى يۆتكىگەندىكى ئەھۋاللارغا قارىتا خاتىرە قالدۇرۇش، ئۆز ۋاقتىدا خۇجۇلۇق بۈلۈمىگە دوكلات قىلىش، مەسئوليەتنى ئېنىقلاپ، بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى بېرىش. 

6) توك ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، بارلىق خىلاپ ئىشلارنى دەرھال توساش ھەمدە خۇجۇلۇق بۈلۈمىگە دوكلات قىلىش.

7) تۈرلۈك يىغىن، پائالىيەتلەردە يىغىن تەييارلىقىنىڭ توك، ئۈسكىنە ئىشلېرىنى ياخش ئورۇنلاشتۇرۇش يەتكۈزۈش يوللېرىنى راۋان قىلىش لازىم.

8) تەجرىبىخانا، تىل ئۆگىنىش ، كومپىيوتېر سىنىپى، دەرس ئاڭلاش، - يەتكۈزۈش ئۈيى قاتارلىقلارنىڭ ئۈسكىنىلېرىنى تەكشۈرۈش، رىمونت قىلىش (رادىئو ئۇزۇلى  ئۆيى، تىلىفون يوللېرى ) . 

9) توك يوللېرى ، ئۈز – چات قاتارلىقلارنى رەتلەش، ئوت ، سۇ ھادىسلېرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەسئول بۇلۇش لازىم.

10) يوقلىما تۈزۈمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇش، تۇيۇقسىز جىددى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا دائىم تەييار تۇرۇشى لازىم .

11) بىنا قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ (سۇلاش، ئېچىش ).

30. تازىلىق ئىشچىسىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) ھەر كۈنى ئەتىگەن مەكتەپ ئىچىدىكى بارلىق ئوبىرنىلارنىڭ سۈيىنى ئېچىپ، تازىلاپ، سۇ كۆلچەكلېرىنىڭ راۋان بولىشىغا ، پۇراقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلشقا مەسئول بولىدۇ.

2) ھەر كۈنى ئەتىگەن ، چۈشتە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ئوقۇتۇش بىناسىدىكى سۇخانىنىڭ كۆلچەكلېرى ، تېگى قاتارلىق جايلارنى تازىلاپ يۇيۇپ، پاسكىنا، پۇراقچىلىق بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 

3) ھەر كۈنى خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن كارىدورلارنى توبالاپ پاكىزە قىلىش، ئالدى مەيداندىكى قەغەز پارچىلېرىنى تېرىپ پاكىزە مۇھىت يارىتىشى لازىم.

4) يىغىن زاللېرىنى كۈندە تازىلاپ تۇرۇش لازىم.

5) پەسىلگە ماسلىشىپ، خۇجۇلۇقنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن چىۋىن ، پاشا،. . .  لارنى يۇقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلىشى لازىم.

6) بايرام ، دەم ئېلىش كۈنلېرى سىرتقا چىقماقچى بولسا خۇجۇلۇق بۈلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن تىزىمغا ئالدۇرۇش لازىم.

7) مەكتەپ تاپشۇرغان جىددىي خاراكتىرلىق تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆزلىكىدىن ئاكتىپچانلىق بىلەن ئورۇنلاش لازىم.

31. قوغداش خادىمىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى

1) مەكتەپنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش مۈلۈكلېرى ۋە مال – مۈلۈكلېرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ھەر خىل خادىملارنىڭ ئەھۋالى ،ئولتۇراق ئۆي ئەھۋاللېرى بىلەن پىششىق تونۇشلۇق بولۇشى لازىم. سىرتتىن كىرىپ ئادەم ئىزدىگۈچىلەرنى تىزىملاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئومومنىڭ مۈلكى ۋە ماددى بۇيۇملارنى سىرتقا ئاچقانلارنى توسۇپ ،مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئىسپاتىنى ئالغاندىن كېيىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىش لازىم.

2) ھەر خىل ماشىنلارنىڭ مەكتەپ ئىچىگە كىرىشىنى قاتتىق توسۇش، خىزمەت ۋاقتىدا ئۇششاق تىجارتچىلەرنى كىرگۈزمەسلىك لازىم.

3) مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى  شەرق-غەرپ يۈنۈلىشىدىكى   پىيادىلەر يولىدا تىجارەت قىلدۇرماسلىقى، ئەگەر   سىزىلسە قاتتىق توسۇش ھەمدە بۇ جايلارنىڭ تازىلىقىنى قوغداش لازىم.

4) ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە ۋەلسىپىت مىنىشىنى توسۇش، دەرۋازىدىن ۋەلىسپىتنى مىنىپ كىرىپ -چىقىشىنى چەكلىشى لازىم.

5) دەرۋازا ئالدى ھۆددىلەنگەن رايوننى تازىلاشقا ، كۆكەرتىش ئورنىنى سۇغۇرۇپ قوغداشقا مەسئول بولۇشى لازىم.

6) ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەلىسپىتلېرىگە قاراش، قوغداش ئىشىنى ياخشى قىلىش، ، يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، يۈتۈپ كەتسە تۆلەپ بېرىشى لازىم.

7) كەچلىك دىژۇرنى بالدۇر ئۇخلاپ قالماسلىقى ، مەكتەپ ئىچى مۈلۈكلېرىنى قوغدىشى لازىم .(مەسلە كۆرۈلسە مەسئولىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ) 

8) چۈشتە دەم ئىلىشقا چىقىشتىن بەش مىنۇت بۇرۇن كەينى دەرۋازىنى ئېچىش، ئۆز ۋاقتىدا سۇلاش لازىم. (قورشاۋ تامنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتىش لازىم ) .

9) مەسلە كۆرۈلسە ، مەكتەپ رەھبەرلىكىگە دوكلات قىلىش، قانونسىز قىلمىشلارغا قارىتا كۈرەش  قىلىش لازىم.

10) دەل – دەرەخ، گۈل – گىياھلارنى ئاسراش، سۇغۇرۇش خىزمىتىنى ئۈسىتىگە ئېلىپ ئەستايىدىل ئىشلىشى لازىم.

11) خىزمەت ۋاقىتىدا باشقا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ قوغداش ئۈيىگە كىرىۋېلىپ خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزۈشىنى قاتتىق توسۇش لازىم.

12) قوغداش كىيىمىنى كىيىپ، خىزمەت ئۈستىلىنى ئېلىپ چىقىپ تەلەپ بويىچە مەسئولىيەتنى ئادا قىلىش لازىم.

13) مەكتەپ تاپشۇرغان ۋاقىتلىق ئىشلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئورۇنلىشى لازىم.

14) جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلېرىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى لازىم.

 

 

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئادانالىق تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-04-28 09:04