تىل – ئەدەبىيات دەرسى باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى. تىل – ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگەنمەي تۇرۇپ باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگىنىش ناھايىتى تەس. شۇڭا لاياقەتلىك ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇشمۇ ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىشى ناتايىن. ئوقۇغۇچىلارغا ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغاندىلا، ئۇلار بۇ سېھىرلىك باغچا ئىچىگە كىرەلەيدۇ. ئوقۇتقۇچى بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە ھەۋەس ئوتلىرىنى ياندۇرالىسا، ئەمگىكىنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىيالايدۇ. مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم نۇقتا. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق مەشىقىگە قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ھېس قىلغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنچىدىن، ئالدى بىلەن، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدا بەلگىلىك كەسپىي ساپا بولۇشى كېرەك، ئاندىن بەلگىلىك ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، تىل ئىشلىتىش ماھارىتىگە ئىگە بولۇشى ھەم ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلەرنى بىمالال تەھلىل قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈلگە بولۇپ ئەسەر يېزىپ ئۇلارغا ئوقۇپ بېرىشى ھەم باھالىتىپ تۇرۇشى لازىم. بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئويلىغانلىرىنى يېزىپ بېقىشقا ئۇيۇشتۇرۇشى، ئۇلار يازغان ماقالىلەرنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بېرىپ، مۇنداق ماقالە يازغان ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى لازىم. بۇنداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلاردىكى ‹‹ماقالىنى داڭلىق كىشىلەر يازىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ››دەيدىغان خاتا قاراشقا خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى بىر ئەينەك. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنى شۇ ئەينەكتە كۆرىدۇ. بىر ياخشى ئەينەك بولۇش ئۈچۈن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدا بەلگىلىك تىل بايلىقى، نۇتۇق قابىلىيىتى، ئىپادىلەش ماھارىتى بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا، مۇنداق قابىلىيەتنى قانداق قىلغاندا يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ بۇنداق قابىلىيەتنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، كۆپلەپ كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىقنى مەشق قىلىش، ئوقۇغان كىتابلىرىدىن خاتىرە يېزىش، ئەسەر ئوقۇغاندا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان جايلارنى خاتىرىگە كۆچۈرۈپ مېڭىش ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغان كىتابلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلەپ بېرىش، يازغان خاتىرىلىرىنى ئوقۇپ بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگىلى ھەم ئۇلاردىن ‹‹بىزنىڭ ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز بەك قالتىس›› دېگەن باھاغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچىدا بەلگىلىك يېزىقچىلىق ئىقتىدارى بولۇشى، ھېكايە، بايان ماقالىسى، چۈشەندۈرۈش ماقالىسى، مۇھاكىمە ماقالىسى يازالايدىغان ماھارەت بولۇشى كېرەك. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېزىقچىلىق مەشىقىگە قىزىقتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدا تېكىستلەرنى تەسىرلىك، ھېسسىياتلىق ئوقۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا بەلگىلىك تەسىر قوزغاش ماھارىتى بولۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار كىچىكىدىن بوۋا – مومىلىرىنىڭ ئاغزىدىن نۇرغۇن چۆچەك ئاڭلاپ چوڭ بولغاچقا، ئۇلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تېكىست ئوقۇغاندا ئۆزلىرىگە بوۋا – مومىلىرىدەك ئوقۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئەسەرلەرنى چوقۇم مەزمۇن ئالاھىدىلىكىگە ئاسان ھېسسىياتلىق، تەسىرلىك، جانلىق ئوقۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ھېكايە، چۆچەكتىكى مەنزىرىلەرنى پەيدا قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇغان كىتابلىرىدىن تەسىرات ياكى كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرى ئوقۇغان ئەسەرلەردىكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان جايلارنى كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىگە كۆچۈرۈۋېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىنى يېزىپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار كىتاب ئوقۇشتىن تەسىرات يېزىش مەشىقىگە ئورۇنلاشتۇرۇلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا يېتەكلىگەندە ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام – مەدەت بېرىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەمدىلا قولىغا قەلەم ئالغان نوتىلارنىڭ رايىنى ياندۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بىر نەچچە جۈملىدىن تەركىب تاپقان كىتاب ئوقۇش خاتىرىسىنى يازغان تەقدىردىمۇ، شۇ ئوقۇغۇچىغا ئىلھام بېرىپ ‹‹بۈگۈن سىز مۇشۇنچىلىك يېزىپسىز، بۇ تولىمۇ ياخشى باشلىنىش، ئەتە مۇشۇ ماقالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم يېزىپ كېلىڭ، سىز چوقۇم ياخشى يازالايسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۇلارغا ئىلھام بەرگەندە ئۇلارنىڭ قەلىمى تېخىمۇ ئىتتىكلەيدۇ.
تۆتىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنى كۈندىلىك خاتىرە يېزىشقا يېتەكلەش كېرەك. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ھەقىقىي ئىشلار، ھەقىقىي ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىش – پائالىيىتىنى، ئويلىغانلىرىنى، تەسىراتىنى يېزىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىمكانقەدەر ئۆز تۇرمۇشىنى كۆزىتىدىغان، ئويلىغىنىنى ئىپادىلەپ يازالايدىغان ماھارەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارغا يېزىقچىلىقنىڭ ئۇنچىۋالا تەس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئاندىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار يازغان كۈندىلىك خاتىرىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ جاۋاب يېزىشى لازىم. بۇ ئارقىلىقمۇ ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى خەت ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئىچكى مىجەز ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.
بەشىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلار يازغان ياخشى ئەسەرلەرنى تاللاپ سىنىپتا تام گېزىتى چىقىرىش، مەكتەپ رادىيو ئۇزېلىدا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىملەرنىڭ كۆپرەك ماختىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى بىرەر قېتىم قىلغان ئىشىنى ماختاپ قويسا ئالەمچە خۇشال بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يازغان ئەسەرلىرى باشقىلارنىڭ ئۈلگە قىلىپ ئوقۇشىغا ئېرىشسە، يەنىمۇ ئىلھاملىنىدۇ.
<script type=text/javascript> google_language= "zh-cn"; script><script>google_protectAndRun("ads_core.google_render_ad", google_handleError, google_render_ad);script>