خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ھەربىي مۇزېيى

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : ئىزدەن2014-10-22 21:52



ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ھەربىي مۇزېيى

ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ھەربىي مۇزېيى

گېنېرال جورجى باتتون ھەربىي مۇزېيى

گېنېرال جورجى باتتون ھەربىي مۇزېيى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ مۇزېي، بۇ مۇزېي ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەشھۇر گېنېرالى جورجى باتتوننىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئۇ يەنە دۇنيا بويىچە بىرونېۋىك ئەڭ كۆپ يىغىپ ساقلانغان جاي. بۇ مۇزېيدىن ھەر قايسى دەۋردىكى بىرونېۋىك ۋە قورال-ياراغلارنى تاپقىلى بولىدىكەن.

ئىمپېرىيە ھەربىي مۇزېيى

ئىمپېرىيە ھەربىي مۇزېيى 1917-يىلى ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان، ھازىر بۇ مۇزېيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى تارمىقى بەشكە يېتىدۇ، بۇلار ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغانىكەن. بۇ مۇزېيدا ئەنگلىيەنىڭ 1914-يىلىدىن بۇيانقى ھەربىر ئۇرۇشىنىڭ تارىخى بۇيۇملىرى قويۇلغان. كىتاب، سەنئەت بۇيۇمى، ھەربىي ئاپتوموبىل، سوقۇش ئايروپىلانى ۋە باشقا كىچىك قورال-جابدۇقلار ساقلانغان. بۇ مۇزېينىڭ بىر تارمىقى ئىلگىرى چېرچىلنىڭ لوندوندىكى قوماندانلىق شىتابى ئىكەن.

پارىژ پېشقەدەم مېيىپ ئەسكەرلەر ساناتورىيەسى

بۇ ساناتورىيە فرانسىيە پايتەختى پارىژنىڭ 7-رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىنتايىن چوڭ، مۇرەككەپ بولغان ئىمارەت توپى. ھازىر بۇ فرانسىيەنىڭ ھەربىي تارىخى خاتىرە سارىيى ئىكەن. بۇ ساناتورىيەنى چوڭ ھەربىي مۇزېيى دېيىشكە بولىدىكەن. كىشلەر ستېرولۇق خەرىتە، ھازىرقى زامان تارىخى سارىيى ۋە ھەربىي قورال-جابدۇق سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلالايدىكەن. بۇ مۇزېيغا يەنە فرانسىيەنىڭ ئاتاقلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرى دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ناپولېئوننىڭ قەبرىسىمۇ مۇشۇ مۇزېيدا ئىكەن.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مۇزېيى

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە مۇزېيى رانت پاتىسېن ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا جايلاشقان، بۇ مۇزېيدا 350 تىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ساقلانغان. بۇ مۇزېي دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەخسۇس ھەربىي ئۇچقۇنى تەتقىق قىلىدىغان ئاپپارات. بۇ مۇزېيغا يەنە روزۋېلت، ئېزىنخوۋېر قاتارلىق زۇڭتۇڭلارنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانلىرىمۇ قويۇلغان. يىلدا تەخمىنەن بىر مىليون 300 دىن ئارتۇق ساياھەتچى بۇ مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ.

گېرمانىيە فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ھەربىي تارىخى مۇزېيى

بۇ مۇزېي ئىلگىرى ھەربىي قورال-جابدۇق ئىسكىلاتى بولۇپ، 136 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. بىر نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتا بۇ مۇزېي قاتتىق قوغدىلىدىغان مۇھىم نىشان بولغان. گېرمانىيە ئارمىيەسى 86 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، ئالتە يىل رېمونت قىلىش ئارقىلىق 2011-يىلى 14-ئۆكتەبىر بۇ مۇزېينى يېڭى قىياپەت بىلەن سىرتقا ئېچىۋەتكەن.
بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار