يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلامسىز
ھۆرمەتلىك قانداشلار ئۆمىد ئىيىنىڭ(4-ئاي)23-كۈنى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى.بىز مەكتىپىمىزدە داغدۇغىلىق ھالدا تۆتىنجى قېتىم دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنىنى كۈتىۋىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمىز ۋە قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىل بولغان يىتىم بالىلار كىتاپ فوندىنى مۇۋاپىقيىەتلىك تارقىتىش ئۈچۈن ئەتىراپلىق ئىزدىنىۋاتىمىز. ئەزىز قېرىنداشلار بىز بۇ يىلدىكى كىتاپ ئوقۇش كۈنىمىزنىڭ تىمىسىنى ناھىيەمىزدىكى بارلىق يېتىم بالىلارغا قاراتتۇق،چۈنكى مىھىرى مۇھەببەتكە قىنىپ چوڭ بولمىغان يېتىم بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمى كىتاپ ئوقۇشقا شۇنچىلىك ھىرىسمەن. بىز كىتاپ مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىمىساق مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن.چۈنكى كىتاپلىرىمىز كىتاپ جازىللىرىدا تۇلۇق تۇرۇقلۇق، ئۇنى ئوقۇشقا ھىرىسمەن كىشللىرىمىز شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق يەنە ئۇنى ئوقۇيالمىساق ۋە ئوقۇتالمىساق بۇ بەكمۇ ئەپسۇسلۇق ئىش بولىدۇ!!! ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتاپلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى بىز ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.شۇڭا بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىدۇق. بىز ئىزچىل قوللىشىڭلارغا مۇھتاج !!
پائالىيەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە بىزگە كىتاپ ئىئانە قىلغان ئورۇن ۋە سەخسلەرنىڭ ئىسىملىكى تور ،تىلغۇن،چ چ ، ئۇندىدار،مىكرو بىلوگ قاتارلىقلارغا يوللىنىدۇ. پۇل ئەۋەتكۈچىلار ئۆزلىرى تەۋسىيە قىلغان كىتاپلار ئىلىنىدۇ ياكى ئەڭ نادىر ئۇيغۇر تارىخى رۇمانلىرى سېتىۋلىنىدۇ. ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىسىمى كىتاپ ئىچىگە بىسىلىدۇ ۋە مەكتەپنىڭ ئىككى خىل ژورنىلى،مەكتەپ چىقارغان خەيرىلىك سەھەر ناملىق پىلاستىنكا سوۋغا قىلىنىدۇ،ئەگەر بىزنى ئاز-تولا قولاپ قويىساڭلار بۇ قېتىمىقى دۇنيا كىتاپ ئوقۇش بايرىمىنى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن بولاتتۇق.ساۋاپلىق ئىش مەخپى قالمىسۇن...
مىللىتىمىزنىڭ ساپاسى ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى QQ ،ئۇندىدار توپلىرىغا ، كىتاپخانا خۇجايىنىلىرىغا،ئەتىراپىڭلاردىكى كىشلەرگە يەتكۈزۈپ قويساڭلار!
كىتاپ فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى : رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
تىلغۇن : 13899198079
岳普湖县第三中学 肉孜买买提
يۇپۇرغا ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپ