بىر دېھقاننىڭ ئىككى چېلىكى بولۇپ، ئۇ دېھقان ھەركۈنى بۇ ئىككى چېلەكنى ئەپكەشلەپ، دەريادىن سۇ توشۇيدىكەن. ئەمما بىر چېلىكى تۆشۈك بولغاچ، ئازراق سۇ ئاقىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ھەربىر يولدا دېھقان پەقەت بىر يېرىم چېلەك سۇ ئەكىلەلەيدىكەن
. كۈنلەر ساق چېلەك ئۆزىنىڭ ساقلىقىدىن ماختىنىپ، تۆشۈك چېلەك بولسا ئۆزىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ئۆتۈۋېرىپتۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن تۆشۈك چېلەك ئاخىرى چىدىماي، دېھقانغا :“مەن بەك خىجىل، سېنىڭ ئەجرىڭگە چۇشلۇق پۈتۈن بىر چېلەك سۇ توشۇيالمىدىم…“ دەپ يىغلاپتۇ. دېھقان كۈلۈپ تۇرۇپ :“دىققەت قىلدىڭمۇ؟ قارا، سەن تەرەپتىكى يول ياقىسىدا گۈللەر ئېچىلىپ كەتتى، يەنە بىر تەرەپتە بولسا ھېچنىمە يوق… مەن باشتىلا سېنىڭ تۆشۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن، شۇڭا يول ياقىسىغا گۈل ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويغان ئىدىم… بىز ھەر كۈنى سۇ ئېلىپ قايتقاندا، سەن يول بويىدىكى گۈللەرنى سۇغۇرۇپ ماڭدىڭ. مانا ئىككى يىل بولدى، مەن دائىم بۇ گۈللەرنى ئۈزۈپ، دەستۇرخانلىرىمنى بېزىدىم… ئېيتقىنا، ئەگەر سېنىڭ
ئەشۇ كەمتۈكلىكىڭ بولمىغان بولسا، مەن بۇنداق چىرايلىق گۈللەرنى نەدىنمۇ ئۈزەتتىم؟“ دەپتۇ
. ھەر بىر كىشىنىڭ ئەشۇ تۆشۈك چېلەكتەك ئازدۇر- كۆپتۇر نۇقسانلىرى بولىدۇ. ناۋادا بىز كىشىلەردىكى
نۇقسانلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولساق، ھەم ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكىنى تولۇقلىساق، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا تولماسمۇ؟
مەنبە...بوۋام ئىيىتقان ھىكمەتلەر