خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

ئۇيغۇرلاردا دوپپا تەقدىم

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : بەشتاش2010-08-10 14:25

ئۇيغۇرلاردا دوپپا تەقدىم قىلىشنىڭ سىرى


ئەختەم ئۆمەر

 

ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەر ياشاش جەريانىدا ئەقىل- پاراسىتى ۋە چېۋەرلىكىگە تايىنىپ ، مول- مەدەنىيەت ۋە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى ياراتقان . دەۋرلەرنىڭ ئالمىشىشى ، زاماننىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن بۇ كەشپىياتلارنىڭ نۇرغۇنلىرى زامانىۋى سانائەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى ، بىر قىسىملىرى تەرەققىيات تەرىپىدىن شاللىنىپ يوقاپ كەتتى .
دوپپا -- ئاشۇ كەشپىياتلار ئىچىدىكى ھازىرغىچە ياشلىقىنى ، ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ھەم بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللەت بەلگىسى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان ، مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا سىموۋۇل بولۇش لاياقىتىگە ئىگە قىممەتلىك گۆھەر . تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۇ ئۇيغۇر خوتۇن - قىزلىرىنىڭ مۇستەقىل كەشپىياتى . ئۇ ئەقىللىق ، لاتاپەتلىك ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يىگىت - ئەرلىرىگە ، ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىغا مەڭگۈلۈك سەمىمىي ، ساپ مۇھەببەت يالدامىسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان كەشپىياتى . ئۇ ئومۇمنىڭ ئەمەس ، خاس ئىگىنىڭ بولىدۇ . ئۇ ھەممە ئادەم  ئومۇمىي جامائەت تەڭ پايدىلانسا بولىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس .
دوپپا تەقدىم قىلىش قانداق كېلىپ چىققان ؟
بوۋىلىرىمىز مومىلىرىمىز بىلەن بالاغەت يېشىدا ئۇچراشقاندا ، ئەگەر يىگىتنىڭ قىزغا كۆڭلى چۈشۈپ قالسا ، مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ ، توي قىلىش تەلىپىنى قويىدۇ ، ئۇياتچان ، شەرم - ھايالىق ئۇيغۇر قىزى خىجىل بولۇپ ، قېچىپ كىرىپ كېتىدۇ . يىگىت تۈن بويى قىزنىڭ مەھەللىسىنى ئەگىپ ، ھويلا تېمىنى ئايلىنىپ ، ناخشا توۋلاپ ، باغ شورىسىدىن كىرىپ ، قىزنىڭ ئۆگزىسىگە چالما تاشلايدۇ . قىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆيىدە تۈڭلۈككە قاراپ يېتىپ بىلىدۇ . ئەگەر قىزمۇ يىگىتنى كۆڭلىگە سىغدۇرالىسا ۋە يىگىتنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەچ قىلالىسا ، يىگىتكە ئاتاپ تاماكا خالتىسى ، كانۋاي كۆڭلەك ، ئىشتانباغ ، بەلۋاغ ، قول ياغلىق ۋە دوپپا تىكىپ ، ئۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلەپ ، كېچىدە باغقا چىقىپ يىگىت بىلەن ئۇچرىشىپ ، ئۇ نەرسىلەرنى يىگىتكە تەقدىم قىلىدۇ . مۇشۇ چاغدا نازۇك بىر ئىش بار ، ئۇ دوپپىدىن ئىبارەت مەركەز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . ئەگەر قىز يىگىتنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرگىنىگە رەھمەت ئېيتىش ھەم ئۆزرە ئېيتىش ئارقىلىق يىگىتنى چىرايلىق رەت قىلماقچى بولسا ، دوپپىنى يۇقۇرقى سوۋغىلارنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، قولىغا بېرىپلا قايتىپ كېتىدۇ . بۇ قىزنىڭ كۆڭلىدە باشقا پۈتۈشكىنى بارلىقىنى ، يىگىتكە ئۆزرە قويغىنىنى بىلدۈرىدۇ . ئەگەر يىگىتكە رازىلىقى بولسا ، ھەممە نەرسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ، دوپپىنى ئۆز قولى بىلەن يىگىتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويۇپلا كىرىپ كېتىدۇ . بۇ قىزنىڭ يىگىتكە رازىلىق بەرگىنىنى ، مۇھەببىتىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان سىمۋوللۇق جاۋاپ . يىگىت ئۇنىڭدىن قىزنىڭ مۇھەببەت تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىدۇ . بۇ-- گۈزەل رىۋايەت تۈسىگە ئىگە ئۇلۇغ مەدەنىيەت . ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىپ ، تويلىشىپ بىزلەرنى تاپقان .
قىزنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىغان چىرايلىق دوپپا نازۇك قوللار بىلەن سۆيگەن يىگىتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلىدىغان بۇ ئىسىل ئادەت بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلىشىش تۈسىنى ئېلىپ ، بىر ئەر يەنە بىر ئەرنىڭ بېشىغا دوپپا كىيدۈرۈپ قويىدىغان ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى . ئەجدادلىرىمىز ئەر مېھماننى ئەزىزلىسە ، ئەتىۋارلىسا ، چىرايلىق خەنجەر ، پىچاق سوۋغا قىلغان، ھەرگىزمۇ سۆيۈملۈك ئايالى ، مېھرىبان ئانىسى ، ۋاپادار سۆيگىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن كېچىلىرى چىراق يورۇقىدا شېرىن ئۇيقىسىدىن كېچىپ ، قوللىرىنى يىڭنىدە زېدە قىلىپ ، پۈتۈن ئەقىل ، مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەپ تىكىپ بەرگەن دوپپىنى تەقدىم قىلغان ياكى ئەر تۇرۇپ ئەرگە رازىلىق بەرگەندەك ئەرنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويغان ئەمەس . چۈنكى ئۇلار ئۆز ئانىسىنىڭ ، ئۆز يارىنىڭ مۇھەببىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەن ئەمەس . ئەر تۇرۇپ ئەرنىڭ بېشىغا ياكى يات كىشىلەرنىڭ بېشىغا دوپپا كىيدۈرۈپ قويۇش ، بۇ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى ، ئۇلۇغ كەشپىياتنى دەپسەندە قىلغانلىق ، خورلىغانلىق ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنى ئۆزى خورلىغانلىق . ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەزەلدىن بارلىقىدىن ، ھەتتا ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولىدۇكى ، ھەرگىزمۇ مۇھەببىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشىغا يول قويمايدۇ . لېكىن بۇ شەكلى ئۆزگەرگەن خورلۇقنى يەنىلا بەزى ئۇيغۇر ئەرلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ . مەن ئەركەك دەپ ئويلايدىغان ھەر بىر كىشىنى بۇ مەسىلىنى چوڭقۇر ئويلاپ كۆرۈشكە تەۋسىيە قىلىمەن .
مەن دوپپا كىيىشنى ئادەت قىلمىغان ئادەمگە " بەك ياراشتى " دەپ دوپپا كىيدۈرۈپ قويسام ، ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ كىيىپ قويغىنى بىلەن كۆڭلىدە ئۆزىگە يۈك ھېسابلاپ ، بىر دەمدىن كېيىن بېشىدىن ئېلىۋېتىدۇ ، كىيمەيدۇ ياكى تاشلىۋېتىدۇ . بۇ ئۆزىمىزنى ، ئۆز ئەمگەكىمىزنى ، ئۆز خوتۇن- قىزلىرىمىزنى ، ئىنسانىي غۇرۇرلىرىمىزنى خورلىغانلىق بولماي نېمە ؟
بىز دوستلىرىمىزغا، ئەتىۋارلىق مېھمانلىرىمىزغا بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش خەنجەر ، پىچاق تەقدىم قىلايلى . ئۇيغۇرلارنىڭ نەقىشلەنگەن كۆركەم، رەڭدار دەستىلىك پىچاقلىرىمۇ دوستلۇق بەلگىسى بولالايدىغۇ ؟ دوپپا كىيىش ئادىتى يوق ئادەم بازاردىن ئۆزى سېتىۋېلىپ كىيسە ، بۇ ئۇنىڭ قىزىقىشى بولىدۇ . ئۇمۇ مەلۇم ۋاقىت كىيىپ باقىدۇ . بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى .
بىزنىڭ بىر - بىرىمىزنىڭ باش كىيىمىنى بېشىمىزغا دومىلاپ باقىدىغان ، كىيىپ باقىدىغان ، ھەتتا ئارىيەت ئالىدىغان ئىلىرىمىزمۇ بار . بۇ بىزنىڭ مەدىنىيەت ئەخلاقىمىزدا ئىنتايىن يامان ئالىدىغان كالۋا قىلىق .
ھازىر بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتىنى بۈيۈك سىمۋول ، ئۆلمەس يالداما سۈپىتىدە ئۆيلىرىنىڭ تۆرىدە ، ساندۇقلقرقدە ئەتىۋارلاپ ساقلاۋاتىدۇ . بۇ دوپپىلار ھېيت نامىزى ئوقۇلغان كۈنلەردە ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ بېشىدا ، چاچلىرىنى قىرىق تال قىلىپ ئۆرۈۋىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بېشىدا جەۋلان قىلىدۇ . " بادام دوپپا، چىمەن دوپپا ، ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا " بولىدۇ .
نۇرغۇن تەرەققى تاپقان ئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ كىلاسسىك نەرسىلىرىنى ، ھەتتا ئاددىي بىرەر پارچە رەسىملىرىنىمۇ قەدىرلەپ ئېسىپ قويىدىكەن . بىز ئۆز خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ يۈرەك قېنى سىڭگەن بۇ ئۇلۇغ كەشپىياتنى ئەزىزلىسەك ، ئەڭ يۇقۇرى ئورۇندا ساقلىساق ، ئۆيىمىزنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويساق نىمىشقا بولمايدىكەن ؟ بىز دوپپىمىزنى قانچە قەدىرلىسەك ئۆزىمىزنى شۇنچە قەدىرلىگەن بولىمىز .
چۈنكى ، بۇ بىزدە ھازىرغىچە ئۆلمەي ، دەۋرلەرنىڭ ئالمىشىشىغا بوران - چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بىز بىلەن تەڭ ياشاپ ، ھاياتىي كۈچىنى ، ياشلىقىنى ، گۈزەللىكىنى ، نەپىسلىكىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان بىردىنبىر بەلگىدۇر . ئەگەر بۇنىمۇ يوقىتىپ قويساق يەنە 50 يىلدىن كېيىن باش كىيىمسىز ، ھېچقانداق خاسلىقى يوق بىر مىللەت بولۇپ ، بىر توپ ئادەم ئارىسىدا يىتۈپ كەتسە تاپقىلى بولمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز .

ئەختەم ئۆمەرنىڭ <ئۆزىمىزنى ئتىراپ قىلايلى> دېگەن كىتاۋىدىن ئېلىندى

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار