خەرىتە | پىكىر دەپتىرى | RSS | خەتكۇچ | USY | ULY | 中文 |
ئالىم بالام سەرخىل ئوقۇشلۇق MP3 ناخشىلار كارتون فىلىم ئۆگىنىش قانىلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە

تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر

بەشتاش(www.baxtax.cn)ئاپتۇر : admin2013-07-10 00:59



تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر

 مەلىكە مۇھەممەت ئايزىت

   تۇرپان خەلق قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، تېما، مەزمۇن، شەكىل، تىل، ئىپادىلەش ئۇسلۇبى جەھەتلەردىكى ئۆزگىچىلىكى، مۇكەممەللىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. ئۇ تۇرپان رايونىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قايناق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ، خەلقنىڭ ئۇزاق تۇرمۇش جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، مىللىي ئۆرپ – ئادەت، پىسخىكا، ئېستېتىك تۇيغۇلىرى بىلەن تەبىئىي سىڭىشىپ، ئوبرازچانلىقى، تىلىنىڭ يارقىنلىقى، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىقى، مەزمۇنىنىڭ رەڭدار، موللىقى بىلەن ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى كۈنسايىن بېيىتىپ كەلمەكتە.

   تۇرپان خەلق قوشاقلىرىنىڭ جەلپكارلىقى ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سىمۋول، تەكرارلاش، سىلىشتۇرۇش، مۇبالىغە، رىتورىك خىتاب قاتارلىق ھېسسىيات ۋە ئوبرازنى ئىپادىلىگۈچى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەردىن مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شېئىرىي ئوبراز يارىتىشنىڭ تويۇنغان ئۈلگىسى بولغانلىقىدا.

   1.تەكرارلاش. تەكرارلاش ئوخشاش بىر سۆز، ئوخشاش بىر جۈملە ياكى ئوخشاش بىر ئابزاسنى تەكرارلاش ئارقىلىق، ھېسسىياتنى ئىپادىلىگىلى بولىدىغان ۋە مەلۇم نۇقتىنى تەكىتلەپ، كىتابخانلارنىڭ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى. تەكرارلاش ئادەتتە ئۇلاپ تەكرارلاش ھەم ئارىلىق قالدۇرۇپ تەكرارلاش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

شاپتۇلنىڭ قېقى دەيمىز،

ئۆرۈكنىڭ قېقى دەيمىز.

بىزنىڭ يار قارا كۆزنى

كۆڭۈلنىڭ ئېقى دەيمىز.

سۇ چېچىكى، سۇ چېچىكى،

سۇنىڭ چېچىكى.

كېچە – كۈندۈز ئېچىلامدۇ

ياڭاق چېچىكى؟

ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن

سۇ ئۆتەمدۇ قاراقاش.

سېنى بىر دەم كۆرمىسەم،

كۈن ئۆتەمدۇ قارا قاش.

   بۇ قوشاقلاردا ‹‹سۇ چېچىكى، چېچىكى، قېقى دەيمىز، قارا قاش›› دېگەن سۆزلەر تەكرارلىنىپ كېلىپ، قوشاقتىكى ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىرنى كۈچەيتىشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان.

   2.جانلاندۇرۇش. جانسىز نەرسىلەرنى جانلىق نەرسىلەرگە، ئابستراكىت نەرسىنى كونكرېت نەرسىگە، شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ، ھايۋانات ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەرىكەت خۇسۇسىيەتلىرى ئادەم ئورگانىزمنىڭ پائالىيىتىگە، ئادەملەرنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشىگە تەتبىقلىنىپ تەسۋىرلىنىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە جانلاندۇرۇشتۇر. ئادەتتە جانلاندۇرۇش ئىككى خىل بولۇپ، ئادەملەشتۈرۈش ۋە نەرسىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

كۆيدۈرسىمۇ كۆيدۈرسە،

يارىم پەقەت ئۆلمىسە.

يارىمنىڭ چىراغىدا

قاناتلىرىم كۆيمىسە.

لۈكچۈن دېگەن شەھەردە

غۇنچە بويلۇق يارىم بار.

قانات بەرسە خۇدايىم،

كۆكتە ئۇچۇپ بارغۇم بار.

كېچىككىنە قارا كۆز،

تىلى تاتلىق ، شېرىن سۆز.

ئۇچۇپ كەتتى ئۆيۈمدىن،

غايىب بولدى كۆزۈمدىن.

   3.مۇبالىغە. ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىي ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى كىچىكلىتىپ تەسۋىرلەش ئىستىلىستىكىدا مۇبالىغە دېيىلىدۇ.

بېغىڭدىكى تېرەككە

كاككۇك قونسا سايرايدۇ.

يارغا كۆيگەن يۈرەككە

چەينەك قويسا قاينايدۇ.

كېمە سېلىپ ئۆتۈڭلار

كۆزدىن ئاققان ياشىمغا.

كەلدى شۇنچە دەرد – ئەلەم

كىچىك تۇرۇپ بېشىمغا.

   4.سىمۋول. مەلۇم شەيئى ياكى ھادىسىنى توغرىدىن – توغرا ئۆز نامى بىلەن ئاتىماستىن، ئۇنىڭغا يېقىنلىقى، ئوخشاشلىقى بولغان ئىككىنچى بىر شەيئى ياكى ھادىسە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى سىمۋولدۇر.

گۈل بېغىمنىڭ ئىچىدە

بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن.

سەن يارنى سېغىنغاندا

ئاي، چولپانغا قارايمەن.

ئىشىك ئالدى بىر تۈپ چىنار،

ئىگىلۇچان بولسۇن.

يوپۇرمىقى ئالا – يېشىل،

تۆكۈلۈچان بولسۇن.

   سىمۋول تۇرپان خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىلىغا يېنىك، يارقىن گۈزەللىك بېغىشلاش بىلەن بىللە، ئوي – پىكىرنىڭ جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

   5. ئوخشىتىش. بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان، بىراق مەلۇم جەھەتلەردىن ئوخشاشلىقى بولغان ئىككى نەرسىنىڭ بىرى ئارقىلىق يەنە بىرىنى چۈشەندۈرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە ئوخشىتىشتۇر.

يارىمنىڭ كەتكەن يېرى

دالانكارىز، يانبۇلاق.

مېنىڭ يارىم ئانار يۈز،

تولۇنئايدەك يۇمۇلاق.

چىشىنى ئۈنچە دەرمەن،

لېۋىنى غۇنچە دەرمەن.

سەھەردە كىرىپ كەلسە،

بېھىشنىڭ گۈلى دەرمەن.

   بۇ ئوخشىتىشلار تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى شېئىرىي پىكىرنى جانلىق، روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

6   .رىتورىك خىتاب. ئاپتور كۈچلۈك ھېس – تۇيغۇ، ھاياجىنىنى باسالمىغاندا كىتابخان ياكى ئۆز ئەسىرىدىكى ئادەملەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز – ئۆزى بىلەن سۆزلىشىدۇ. بۇ ئىستىلىستىكىدا رىتورىك خىتاب دېيىلىدۇ.

كاككۇك بولاي دېدىڭمۇ؟

بۇلبۇل بولاي دېدىڭمۇ؟

يۈرەكنى بۇنچە داغلاپ،

جاننى ئالاي دېدىڭمۇ؟

ئاھ خېنىم سۈزۈك چىراي،

ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي؟

ئايرىلىپ كېتىپ سەندىن،

مەن ئەندى قايان باراي؟!

بۇلبۇلدەك سايراپ يارىم،

قۇنايمۇ بىلەكىڭگە؟!

يار ئوتۇڭ يامان ئىكەن؟

ئۆلەيمۇ كۆيەكىڭدە؟!

   دېمەك، رىتورىك خىتاب ئارقىلىق لىرىك ئىچكى ھېس – تۇيغۇلىرىمىزنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ، ئوي – پىكىر ھەم ھېسسىياتتا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

   7.سېلىشتۇرۇش. بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى ئىككى نەرسىنى ياكى بىر نەرسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى تەرىپىنى بىر – بىرىگە سېلىشتۇرۇپ بەدىئىي ئوبراز يارىتىش سېلىشتۇرۇش دېيىلىدۇ.

مىرابلار مىنەر تايغا،

سۇنى ياقىلار بايغا.

كەمبەغەللەر سۇ دېسە،

بېشىنى تىقار لايغا.

سان – سان قىلىپ پارچىلاپ،

پومشىچىكلار گۆش يەيتتى.

كەمبەغەل نان ئورنىغا

تاياق بىلەن مۇشت يەيتتى.

   يۇقىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدا ئۆز مەزمۇن ھەم شەكلىنى ھەقىقىي تېپىپ، تۇرپان خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈشى، ئادىمىيلىكنى قەدىرلەيدىغانلىقى، چىن ئىنسانىي مۇھەببەتكە ئىنتىلىشى، ھەر ئىشتا تەدبىركار، ئەقىل – پاراسەتلىكلىكى، باتۇر، مەردلىكى، ۋاپادارلىقى، سەمىمىي دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان ئەخلاق – پەزىلىتى، ئىلىم – سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەرلىكىنى مەدھىيەلەش بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىدىيە، پارىخورلۇق، پىتنىخورلۇق، غەيۋەت، نائىنسابلىق، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئاچكۆزلۈك، شەخسىيەتچىلىكتەك رەزىل قىلمىش ھەم شەخسلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى پاكىتلىق، دادىل پاش قىلىپ، مۇئەييەن جامائەت پىكرى توپلاپ، ئۆم – ئىناقلىقنى قوغداشتا، خەلققە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تونۇتۇشتا بەلگىلىك ئاكتىپ ئىجادىي رول ئوينىغان.

بۇ تېما سىزگە يارىغان، ياردەم بەرگەن بولسا،ھەمبەھىرلەڭ،ساقلىۋىلىڭ:

بالىلار ناخشىلىرى

سۇئال پىلان خۇلاسە تۈزۈم مائارىپ تەتقىقات
ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپ

ئاز سانلىق مىللەتلەر ‹‹قوش تىل›› مائا

جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]

پاكىز ئويۇنلار