گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 5 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
خۇجنتاۋ
(2009-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى)
يولداشلار،دوستلار:
مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى خوشال-خورام تەبرىكلەۋاتقان پەيىتتە،بىز گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 5-قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى،تەرەققىياتى بۇيىچە تەقدىرلەش يىغىنىنى ئاچتۇق.بۇ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاملاشتۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.بۇ قېتىمقى يىغىن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ دەۋر قىياپىتىنى نامايەن قىلىدىغان،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋىج ئالدۇرىدىغان،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ،جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيدىغان ئۇلۇغ كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان كاتتا يىغىن.مەن ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزى كومتېتى،گوۋۇيۇەنگە ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن نەمۇنىچى كوللىكتىپ ۋە شەخىسلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كادىرلار،ئامما ۋە جەمىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىغا ،مىللەتلەر خىزمىتى بىرلىك سېپىدىكى يولداشلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار،ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار،تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ھەم چەتئەللەردىكى جۇڭگۇ مۇھاجىرلىرىغا،جۇڭگۇلىقلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇنىڭدىن 60يىل بۇرۇن يېڭى جۇڭگۇنىڭ قۇرۇلىشى ـــــ جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەرەققىيات مۇساپىسىنىڭ يېڭى ئەسىرىنى باشلىغان،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىيات تارىخىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقان ئىدى.60يىلدىن بۇيان،جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق ھەمنەپەس،تەقدىرداش،قەلىبداش بولۇپ،خەلق جۇمھۇريىتىنى گۈللەندۈرۈش،قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى ئورتاق پۈتۈپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ئورتاق ياڭراتتى.يېڭى جۇڭگۇنىڭ 60يىلى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ئىتتىپاقلىشىپ،دوستانە ئۆتكەن،مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ،بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ،ئورتاق گۈللەپ راۋاجلانغان،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان،غەلبىسىرى ئىلگىرلىگەن 60يىل.
ئۆتكەن 60يىلغا نەزەر سالساق،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ مۇساپىسى قاينام تاشقىنلىققا چۆمدى.ئىلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت،مىللەتلەر مەسىلىسى بىز جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا جەزمەن ياخشى بىرتەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە،مىللەتلەر خىزمىتى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت.پارتىينىڭ يولداش ماۋزېدوڭ يادىرولىقىدىكى 1-ئەۋلات مەركىزى كومتىت رەھبەرلىك كوللىكتىپى مىللەتلەر باراۋەرلىكى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،مىللىي تېروتېرىيلىك ئاپتونومىيە،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى يادرو قىلغان مىللەت نەزىريىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى تۇرغۇزۇپ،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنى سوتسىيالىزىم يولىغا باشلاپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەرەققىيات تارىخىدا ئەڭ كەڭ دائىرلىك،ئەڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جوڭگۇچە توغرا يولىنى ئاچتى.پارتىينىڭ يولداش دېڭ شىياۋپېڭ يادىرولىقىدىكى 2-ئەۋلاد مەركىزىي كومتېت رەھبەرلىك كوللىكتىپى ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇپ،مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى ئىقتىزادىي قۇرۇلۇشقا مۇلازىمەت قىلىش،سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا يۆتكەپ،يېڭى تارىخىي دەۋىردە ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان،يىپيېڭى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردى.ئېلىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات،تەرەققىيات مۇساپىسىدە يېڭى قەدەم تاشلىشىغا تۈرۈتكە بولدى.پارتىينىڭ يولداش جىياڭ زېمىن يادىرولىقىدىكى 3-ئەۋلاد مەركىزىي كومتېت رەھبەرلىك كوللىكتىپى پارتىينىڭ مىللەت نەزىريىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ،غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستېراتىگىيسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ،بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقى،دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك قوغداپ،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئومۇميۈلۈك 21-ئەسىرگە قاراپ ئىلگىرلەتتى.پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان،پارتىيە مەركىزىي كومتېتى ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئەسىر،يېڭى باسقۇچتا مىللەتلەر خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت،يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن،مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش،ئورتاق گۈللىنىش،راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت مىللەتلەر خىزمىتى باش تېمىسىنى بىكىتىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىشنى تەكىتلەپ،مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار زور ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى،بۇنۇڭ بىلەن ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
ئۆتكەن 60يىلغا نەزەر سالساق،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.60يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر سىياسىي جەھەتتە تامامەن باراۋەر بولۇش،ھەر مىللەت خەلق ئۆز ئىشلىرىغا ئۆزى ئورتاق خوجا بولۇش،دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى،مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە تېخىمۇ چىڭ تۇرۇلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى،مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىياسىي ئاساسى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەندى.ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا تارىخىي ئىلگىرلەش بولۇپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رايونلىرىنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل،تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن ئورتاق بەھرىمان بولدى،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ماددىي ئاساسى كۈنسىرى مۇستەھكەملەندى.ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ،سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سېستىمىسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتى ھەقىقىي ھۆرمەتلەندى ۋە قوغدالدى،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىددىيۋى ئاساسى كۈنسىرى مۇستەھكەملەندى.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ بېرىش-كىلىشى ۋە ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى،ئۆز-ئارا يارىدەملىشىشى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى،مىھرى ۋە ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسى كۈنسىرى مۇستەھكەملەندى.پارتىينىڭ مىللەت نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى،ئېلىمىزنىڭ مىللىي قانۇن-نىزاملىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى،مىللەتلەر خىزمىتى تۈزۈلمىسى مېخاينىزىمى ئۈزلۈكسىز تاكاممۇللاشتى،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنڭ تۈزۈم ئاساسى كۈنسىرى مۇستەھكەملەندى.60يىلدىن بۇيان،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى زور مۇئەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ،پارتىيە ۋە خەلىق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش،دۆلەت ئىچى،سىرتىدىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر،خىرسنى يېڭىپ،ئىجتىمائىي ئېناقلىق،مۇقۇملىقنى ساقلىشىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
60يىلغا نەزەر سالساق،ئېلىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ تەجىرىبىسى مول،قىممەتلىك.ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا،بىز سوتسىيالىزىمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ قانۇنىيتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجىرىبىللىرىنى توپلىدۇق.
ــــــ جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم يولىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدىلا توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسىلا خەلىقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،يېتەكلەپ،مىللەتلەرنى ئازاد قىلالايدۇ،روناق تاپقۇزالايدۇ،جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىملا مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ،راۋاجلاندۇرالايدۇ.
ــــــ پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ،ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مىللى تېرىتورېيلىك ئاپتونومىينى يولغا قويۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش،باراۋەر،ئىتتىپاق،ئۆز-ئارا يارىدەملىشىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ـــ پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى.ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئىجرا قىلىش ئالدىنقى شەرتىدىلا ھەقىقىي كۈچەيتىلىدۇ،پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەنگەن ،راۋاجلانغان ئاساستىلا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللىشىدۇ.
ـــــــ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش،ئورتاق گۈللىنىش،راۋاجلىنىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت. ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ــــ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى، ئورتاق گۈللىنىش ،راۋاجلىنىش ــــ ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى.ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش،ئورتاق گۈللىنىش ،راۋاجلىنىشنىڭ يادروسى ــئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ باشتىن-ئاخىر زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،ھەمنەپەس،تەقدىرداش،قەلىبداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ،ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتەننى بىرلىكتە قۇرۇپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىدىن ئىبارەت. ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش،ئورتاق گۈللىنىش،راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ تۇتۇش يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا بىرتەرەپ قىلىش،مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ نېگىزىنى تۇتقانلىق بولىدۇ،مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە كۈچىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇجەسسەملەپ،ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ياراتقىلى بولىدۇ.
ـــــ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت. ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەنپەئەتى.ئىلىمىزدىكى مىللەتلەر ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ،ۋەتەننى سۆيۈش ۋە بارلىق كۈچىنى سوتسىيالىستىك ۋەتەن قۇرۇشقا ئاتا قىلىشنى ئەڭ زور شەرەپ،سوتسىيالىستىك ۋەتەننىڭ مەنپەئەتى،ئابرويى ۋە شان-شەرىپىگە زىيان سېلىشنى ئەڭ زور نومۇس،دەپ بىلىپ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى،بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ،بارلىق مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغاندىلا،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى،ئىلگىرلىشى تەۋرەنمەس ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.
60يىللىق تەجرىبىلەرنى بىر نوقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ،ئۇ بولسىمۇ ھەممە ئىشتا دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمىليىتىنى چىقىش قىلىپ،مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگۇچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش شەرت.
ئەمىليەت شۇنى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئىسپارلىدىكى،دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئەمىليىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەم،پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى پۈتۈنلەي توغرا،دۆلىتىمىز يولغا قويغان مىللى تېرتورىيلىك ئاپتونومىيە تۈزىمىمۇ پۈتۈنلەي توغرا بولغان.ئەمىليەت توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان ئۈنۈملۈك سىياسەت ۋە تۈزۈملەردە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت.
يولداشلار،دوستلار!
بۈگۈنكى دۇنيادا كەڭ دائىرلىك چوڭقۇر ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ،ھازىرقى جۇڭگۇدىمۇ كەڭ دائىرلىك چوڭقۇر ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھەم غەنىيمەت پۇرسەتكە،ھەم زور خىرسقا دۇچ كەلدى.بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،خىرسقا تاقابىل تۇرىمىز دەيدىكەنمىز جەزمەن باراۋەر،ئىناق،ئۆزئارا ياردەملىشىدىغان ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ،دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈشىمىز،جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيتى ئىستېراتىگىيسى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ،دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە رېئال تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كىرەك.
ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسىمى.ئېلىمىزدە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى،كۈچ مەنبەسى ۋە ئۈمۈدى.نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان،دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلىق ۋەتەن زىمىنىدا توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ،ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ،ئۇزاق تارىخقا ئىگە شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيتىنى ئورتاق يارىتىپ،بىپايان زىمىندىكى گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ،بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق قۇرۇپ چىقتى. ئۇزاق تەرەققىيات مۇساپىسىدە ،دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر قويۇق ئالاقە قىلىپ،بىر-بىرىگە تايىنىپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كۆپ مەنبە بىرگەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەزاسى بولۇپ،دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان،دۆلىتىمىزدىكى مىللەتلەر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش،سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش،جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. 56مىللەت ئويۇشقاندىلا ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى كۈچلۈك ئويۇشقاقلىققا ئىگە بولۇپ،تارىخىي ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ،ھەر خىل قىيىنچىلىق،خەۋپ-خەتەرلەرنىڭ خىرىسلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ،دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئېرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ،ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە بولۇش،جۇڭخۇا مەدىنيىتىنى تونۇش ۋە ئۇلۇغ ۋەتەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ سوتسىيالىزىم چوڭ ئائىلىسىدە جاپا-مۇشەقەتتە ھەمدەم بولۇش،ئېجىل-ئىناق ئۆتۈش،ئىناق تەرەققىي قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ،دۆلەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى،خەلىقنىڭ خاتىرجەم،بەخىتلىك ياشىشى،جەمىيەتنىڭ ئىناق،مۇقۇم بولۇشى،دۆلەتنىڭ ئۇزاققىچە ئەمىن بولۇشى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈش كىرەك.
بىز يېڭى ۋەزىيەتتە،پارتىيە17-قۇرۇلتۇيى ۋە ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېتىنىڭ 3-،4-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ،دېڭ شىياۋپىڭ نەزىريىسى ۋە«ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش»مۇھىم ئىددىيسىنى يېتەكچى قىلىپ،ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ،يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى توغرا تونۇپ ۋە ئىگىلەپ،مىللەتلەر خىزمىتىنى پۇختا،ياخشى ئىشلەپ،ئېلىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقى،
تەرەققىياتى ئىشلىرىدا تىرشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارتىشىمىز لازىم.
بىرىنچى،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش،ئورتاق گۈللىنىش،راۋاجلىنىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش،ئورتاق گۈللۈنىش،راۋاجلىنىشتىن ئىبارەت باش تېمىنى چىڭ ئىگىلەش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئورتاق ئىلگىرلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىي لىنىيسىنى زىچ چۆرىدەش كىرەك.ئىتتىپاقلىق بىلەن تەرەققىيات مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىدىكى بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، بىر –بىرىگە تۈرۈتكە بولىدىغان ئورتاق گەۋدە.ئىتتىپاقلىق تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى،تەرەققىيات ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە،مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىغىنى ئېگىز كۆتۈرۈش،باراۋەر،ئىتتىپاق،ئۆز-ئارا يارىدەملىشىدىغان،ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئۆزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كىرەك.ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىشنى ھازىرقى باسقۇچتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ،تېخىمۇ ئۈنۈملىك تەدبىر قوللۇنۇپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ خەلىق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش قەدىمىنى كۆرىنەرلىك تېزلىتىپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى،سىياسىي قۇرۇلۇشى،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى،ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغداش،ھەر مىللەت خەلقىنى ئىسلاھات،تەرەققىيات نەتىجىللىرىدىن ئورتاق بەھرىمان قىلىش كىرەك.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا،تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ،بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە قۇدرەت تېپىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداپ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كىرەك.جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ،ئۇنى جەزمەن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلمىسا ۋەتەننىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى مۈمكىن ئەمەس،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى بولمىسا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىش،جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرلەش يۆنۈلىشى.
ئككىنچى،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،تەرەققىياتى ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجىرىبىلەرنى ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ،شۇنداقلا خىزمەت تەپەككۈرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارتىشقىمۇ توغرا كىلىدۇ.ئىددىيدە ئازاد بولۇش،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش،دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەشتە چىڭ تۇرۇپ،راستچىل،ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى جارى قىلدۇرۇش،دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ،دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسى ئەمىليىتىنى چوڭقۇر تونۇش ۋە ئومۇميۈزلىك ئىگىلەش،ھەم ئۇزاق ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەنگەن ئېسىل ئەنئەنە ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش،ھەم يېڭى ۋەزىيەت يېڭى ۋەزىپىگە ئاساسەن تۈزۈمدە،خىزمەتتە،ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،پارتىينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇلمىسىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش،خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرشىش كېرەك.دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋىلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سۇبېيكىتلىق ئورنىنى تولۇق ھۆرمەتلەش ۋە گەۋدىلەندۈرۈش،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى رېئاللاشتۇرۇش،ياخشى قوغداش ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىدى قىلىش،ھەر مىللەت ئاممىنى كەڭ-كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارتىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنى ئەمەلىيەت ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشكە،جايلارنى ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ دەۋرچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاساسەن،دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيتىپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ جەلىپكارلىقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى،پۈتكۈل جەمىيەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرى پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئىشى بولۇپ،پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىشى،ئومۇمىي خەلىقنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى،يېزا-كەنتلەر،كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار،مەھەللىلەر،مەكتەپلەر،ھەربىي قىسىملار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك.پۈتكۈل جەمىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى بۇيىنچە تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ-كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ،ئاممىنى،كادىرلارنى،بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى يەنىمۇ تەربىيلەپ،كادىرلار ۋە ئاممىنى پارتىينىڭ مىللەت نەزەرىيسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى،دۆلەتنىڭ مىللىي قانۇن-نىزاملىرىدىن خەۋەردار قىلىپ،كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكى،پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ مىللەت نەزىريىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى،دۆلەتنىڭ مىللىي قانۇن-نىزاملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك.مەركەزنىڭ ھەر دەرىجىلىك،تۈرلۈك مەكتەپلەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،پارتىينىڭ مىللەت نەزىريىسى ۋە مىللەتلەر سىياسىتى،دۆلەتنىڭ مىللىي قانۇن-نىزاملىرىنى دەرسخانىغا،ئوقۇتۇش ماتېرىيالىغا،كاللىغا كىرگۈزۈشنى ئېلگىرى سۈرۈپ،خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ،ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ،ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ،دىگەن ئىددىينى ياشلار –ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ،ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەمنەپەس،تەقدىرداش،قەلىبداش بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى،كىنو-تېلېۋىزىيە پروگىر اممىلىرى، گېزىت-ژورنال، كىتاب،ئاخبارات تەشۋىقاتى قاتارلىق شەكىللەر ۋە تۈرلۈك يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن تارقىتىش ۋاستىللىرىدىن پايدىلنىپ،تەشۋىق-تەربىينى جانلىق قانات يايدۇرۇپ،مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى،جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقى،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەر بىر پۇقرانىڭ مۇقەددەس بۇرچى ۋە شەرەپلىك مەجبۇريىتى.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنى پۇقرالار ئەخلاق تەربىيسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا،سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتىغا پايدىلىق پۇقرالار ئەخلاق مىزانى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ،پۇقرالارنىڭ ئۆزلىكىدىن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە قۇرغۇچىسى بولۇشىغا تۈرۈتكە بولۇش كېرەك.سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق تەربىيسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ،ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاڭلىق رۇئايە قىلىش،قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇندىن پايدىلنىپ قوغداشنى ئۈگۈنىۋېلىش،قانۇننى بىلىدىغان،قانۇنغا رۇئايە قىلىدىغان پۇقرا بولۇش،دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقۇملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان،مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىدىغان قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
تۆتىنچى، پارتىينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.پارتىينىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ــــ ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى.مىللەتلەر مەسىلىسىنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىپ،مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ـــ ئىشلىيەلمەسلىك پارتىينىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە،ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيسىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم.ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم،خەلىق ھۆكۈمەتلىرى سىياسىي ئاڭ،ئومۇمىيەت ئېڭى،مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ،مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ،مىللەتلەر خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال،يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاختىدا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك.ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار بولۇپمۇ يۇقۇرى-ئوتتۇرا دەرىجىلىك كادىرلار پارتىينىڭ مىللەت نەزىريىسى،مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ،دۆلەتنىڭ مىللىي قانۇن-نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ ۋە ئۇنۇڭغا رىئايە قىلىپ،مىللەتلەر خىزمىتىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىتېراتىگىيە يۈكسەكلىكىدىن تەتقىق قىلىش ۋە ياخشى ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ،تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ،قانۇنىيەتنى توغرا ئىگىلەپ،تەجىرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ،تەپەككۈر ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ،يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا،ئوخشاشمىغان رايون ۋە ئورۇنلارغا قارىتا ھەم بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم ، ھەم ئوخشاشمىغان تەلەپ قويۇپ،خخزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.مىللەتلەر خىزمىتى تۈزۈلمىسى،مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،مىللەتلەر خىزمىتى تارمىقى تەسىس قىلىشنى كۈچەيتىپ،مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى،قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومتىتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۈگۈنۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ،پارتىكومنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولى،ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى،كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت-نەمۇنىلىك رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇستەھكەم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىدا بارلىققا كەلگەن ئىلغار تىپلار پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئۈگۈنۈش نەمۇنىسى،مىللەتلەر خىزمىتىدىكى بىباھا بايلىق. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى بۇيىنچە بەرپا قىلىش ۋە تەقدىرلەش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ،تىپلارنى بايقاش،يەكۈنلەش،ئەۋج ئالدۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ھەممە كىشىگە ئۇقتۇرۇش،قەلىبلەرگە سىڭدۈرۈش،تۈرلىك ئىلغار تىپلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش،ئاممىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئادەم ۋە ئىشلار ئارقىلىق ئاممىنى تەربىيلەش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىغا قاتنىشىشىغا تۈرۈتكە بولۇش كېرەك.ھەر دەرىجىلىك پارتىكوم،خەلىق ھۆكۈمەتلىرى ئىلغار تىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى،ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى،ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ بىرىشى كېرەك.
ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە تۈرلىك ئىقتىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيلەش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈش ـــ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم شەرتى.يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان 60يىلدىن بۇيان،ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە ئىقتىساسلىقلار باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلىق بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ،ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە تۈرلىك ئىقتىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ،تېخىمۇ ئۈنۈملىك تەدبىر قوللىنىپ،سىياسىي جەھەتتە پارتىيگە ئەگىشىدىغان،ئامما ئارىسىدا ئىناۋىتى بار،خىزمەتتە ئەمەلىي نەتىجىسى بار يۇقۇرى ساپالىق ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار ۋە ئىقتىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خەنزۇ يولداشلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تىرىشىپ ئۈگۈنۈشى،يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخى،مەدەنىيتىدىن خەۋەردار بولۇشى،ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈپ،بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ،زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،زىچ ھەمكارلىشىپ،نەمۇنىلىك-باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،جان-دىل بىلەن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش،مۇقىملىقنى ساقلاش،ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
يولداشلار،دوستلار!
گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك 5 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى ئېلىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى پەللىگە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ.مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلىق تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ،قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلەپ،يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ،ئومۇميۈزلىك ھاللىق جەمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش،جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش،خەلىقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىدا يېڭى سەھىپە ئېچىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]