مۇھاكىمە ماقالىسى
دوست دېگەن بۇ ئاتالغۇ گەرچە بىر بوغۇملۇق سۆزدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ ئەمما ۋەزنى ناھايىتى ئېغىر سۆزدۇر.ئۇنىڭدا ئىشەنچ ، مېھرى-مۇھەببەت ، سېغىنىش،ساداقەت مۇجەسسەملەنگەن بۇلۇپ،ھەربىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن مۇقەددەس ئېتىقاتتۇر.
دوسلۇق ئىنسانلار قەلبىدىكى سەمىمىيلىك ،ئاقكۆڭۈللۈك،مېھرىبانلىق ، كۈيۈمچانلىق،ساپ ئەقىدە ئارقىلىق ئىپادىلىندىغان ئەڭ نازۇك تۇيغۇ. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى بىر خىل ئۆزگۈچە ھەم قىممەتلىك ھىسىيات. خۇددى باھار قۇياش بىلەن ئىللىق بولغىنىغا ئوخشاش ئىنسانلار تۇرمۇشىمۇ دوسلۇق مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن گۈزەل ھەم سۆيۈملۈك.
ئىخلاسمەن دوسلىرىمىز بولغاچقىلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز سەرخىللىققا تولۇپ مەنىلىك ئۆتىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى شۇ ساپ دىل دوسلىرىمىزبىزنى كۆتۈرۈپ ئاسمان- پەلەككە چىقىرۋەتسە،شۇ ئىككى يۈزلىمىچى قار نىيەت دوسلىرىمىز بىزنى بارلىقىمىزدىن ئايرىپ يەر بىلەن يەكسەن قىلۋېتەلەيدۇ. شۇڭا ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى ھەرخىل مىجەزلىك ھەرخىل نىيەتتىكى دوسلىرىمىز بىزنى تاۋلاپ پىشقان ئېھتىياتچان قىلۋېتىدۇ.شۇڭا دوست تۇتۇڭ ، دوست بۇلۇڭ، ئەمما دوسلۇقنى قەدىرلەڭ. دوسلۇققا ئەھمىيەت بېرىڭ .شۇنداقلا دوستىڭىزنىڭ دوسلۇقنى قەدىرلەيدىغان ياكى قەدىرلىمەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراڭ.
ھەقىقىي دوسلار بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، قەدىرلەيدۇ،دوستىنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدۇ. يامان گىپىنى قىلغانلارنى كۆرگەندە دەرھال رەدىيە بېرىدۇ.شۇنداقلا تۇرمۇشتا قارىشى تەرەپكە ساپ دىل ۋە توغرا نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بىر-بىرىگە مەسلىھەت بېرىدۇ. شۇڭا بىز مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يولىمىزدا ھەرخىل دوسلىرىمىزنىڭ تاماسىز ياردەملىرىدىن بەھرىمان بۇلىمىز.،
ئەنە شۇ جانجىگەر دوسلىرىمىزنى مەڭگۈ دوستۇم بۇلۇپ قالسۇن دەيدىكەنمىز ، شۇ دوسلىرىمىزنىڭ مىجەز- ئادىتىنى بىلىپ سۆزلىشىمىز،دوسلىرىمىزنىڭ ئالدىدا ئۇلارنىڭ يېغىرىنى تاتلىماي،ئۇلارغا دوسلارچە كۆڭۈل بۈلۈپ ،ئۆز مۇھەببىتىمىزدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.ئۇلارغا بىر ئۆمۈر سادىق بۇلۇپ بىرلىكتە دوسلۇق مېۋىلىرىنى تېتىساق نىمانچە بەخىتلىك -ھە،
شۇڭا دوستۇم ھەر ۋاقىت ئۆز دوسلۇقىڭىزنى قەدىرلەڭ .ئانچىكى ئىشلار ئۈچۈن دوستۇڭىزنىڭ ، سىردىشىڭىزنىڭ دىلىنى رەنجىتىشتىن ساقلىنىڭ ، بەزىدە بىر كۆزىڭىزنى يۇمۇۋالسىڭىز ياكى بىر قەدەم چېكىنسىڭىز دوستىڭىزغىلا ئەمەس بەلكى دوسلۇقىڭىزغا پۇرسەت بەرگەن بۇلۇسىز...شۇڭا قېنى دوسلۇق داسخىنىڭىزنى ئېچىپ سىناپ بېقىڭ.
كىشىلىك تۇرمۇش دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ. دوستلىشىشقا ماھىر بولمىسىڭىز، دوستسىز قالىسىز، دوستسىز تۇرمۇشنىڭ نېمە لەززىتى؟ بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ، دەپتىكەن كونىلار. دوستىڭىزنىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق. شۇنداق ئىكەن، دوستلۇق مۇناسىۋەتتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىڭ:
△ دوستىڭىزغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ، سۆھبەتتە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭ، گېپىنى ئورۇنسىز بۆلۈۋەتمەڭ.
△ دوستىڭىز سىزگە دەردىنى ئېيتىۋاتقاندا تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلماڭ، يەنى خۇشاللىقلىرىڭىزنى سۆزلىمەڭ.
△ دوستىڭىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەز - نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ سىزگە ئامانەت مەخپىيەتلىكلىرىنى باشقىلارغا ھەرگىز تىنماڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ ئالدىدا يەنە بىر دوستىڭىزنى ھەدەپ ماختاۋەرمەڭ. دوستىڭىز ئۆزىگە بولغان يېقىنلىقىڭىزدىن شۈبھىلەنمىسۇن.
△ دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزۈشكە ئالدىرىماڭ، بەلكى ئۇلارنىڭ پۇشايمان قىلغانلىقىنى، بىر-بىرىگە قىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ چىگىشىنى يېشىپ، دوستلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىڭ.
△ دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى (سىز ئۆچ بولسىڭىزمۇ) ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
△ خاتىرە كۈنلىرىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاددىي بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
△ دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.
△ دوستلار ئارا دەتالاشتا ئەزۋەيلىمەي جىم تۇرۇۋېلىش ئاقىلانىلىك. ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر خاتالىق دوستىڭىزدىن ئۆتۈپ، كۆڭلىڭىز رەنجىسە، دەرھاللا يۈزىگە سالماي، سەل ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ، ھەرگىز باشقا دوستلارغا دەرد تۆكمەڭ.