ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، ئاساسىي مائائىرىپ دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پاھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزۈمىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دەرس ئىسلاھاتىنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشالمايۋاتقان ئەھۋاللار ساقلانماقتا. يەنى باھالاشنىڭ تاللاش رولىغا بەك ئەھمىيەت بىرىپ، ياخشىلاش ۋە ئىلھام بىرىشكا سەل قاراش؛ ئۆگۈنىش نەتىجىسىگە بەك ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئىندىئۇداللىقىغا سەل قاراش؛ نەتىجىگىلا ئەھمىيەت بىرىپ، جەريانغا سەل قاراش؛ باھالاش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇش قاتارلىقلار. باھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزۈمىدىكى يۇقارقىدەك ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر نۆۋەتتە دەرس ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئىغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.
«ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» نىڭ بارلىققا كىلىشتىكى ئارقا كۆرنىشى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوسۇپ يىتىلىش ئارخىپى ئەمەلىيەت جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنى باھالاش چەتئەل مائارىپىدا قوللىنىشقا باشلانغىنىغا 10 نەچچە يىل بولۇپ قالدى. يىقىنقى يىللاردىن بىرى، ئۇ مەملىكىتىمىزدىكى مائارىپچىللىرىنىڭ ئىتىبار بىرىشى، تەتقىق قىلىشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىشىگە ئىرىشتى. يېڭى دەرس ئىسلاھاتىدا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا باھا بىرىش ئوقوغۇچىلارنى تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش ئۇسۇلىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەردى شۇنداقلا كەڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ قارشى ئىلىشى، ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلدى.
تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش
دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دەرس ئىسلاھاتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، مەيلى قىممەت يۆلىنىشى بولسۇن ياكى تەرەققىيات يۆلىنشى بولسۇن ھەممىسىدە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولماقتا. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر مائارىپىمىزدىكى باھالاشتا ئادەمنى ئاساس قىلىش، جەريانغا ئەھمىيەت بىرىش، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنىڭ تەتقىقات مۇھىم نوقتىسى ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش بولغان. تەرەققىياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاشقا قاراپ تەرەققىي قىلغان.
دىمەك، تەرەققىيات خاراكتىرلىق باالاش دىگىنىمىز- باھالانغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى توپلاپ، ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، باھالىغۇچى ۋە باھالانغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ پائالىيتىگە قارىتا قىممىتى بار بولغان ھۆكۈم چىقىرىش ئارقىلىق، باھالىغۇچى ۋە باھالانغۇچىنىڭ بىرلىكتە باھالاش نىشانىنى مەسلىھەتلىشىپ بىكىتىش جەريانىدىن ئىبارەت.
تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلكلىرى
تەرەقىيات خاراكتىرلىق باھالاش باھالاش رولى جەھەتتە ئىلھام بىرىش ۋە ياخشىلاش (تۈزۈتىش) رولىنى ئوينايدۇ. باھالاش مەزمۇنى جەھەتتە ئۇنىۋرساللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ؛ باھالاش ئۆلچىمى جەھەتتە قاتلاملىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، يەنى باھالنغۇچىنىڭ پەرىقلىقى، تەرەققىيات ئىھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇنىڭغا ماس كىلىدىغان خاسلىققا ئىگە ئۆلچەمنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛ باھالاش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆپخىلىققنى تەلەپ قىلدۇ؛ باھالاش ئوبىيىكتىنىڭمۇ باھالاشقا قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1. تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاشنىڭ تۈپ مەقسىدى باھالانغۇچىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
2. تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش دەرس رولىنىڭ ئۆزگۈرىشىگە ماسلىشالايدۇ.
3. ئەڭ يېڭى مائارىپ قارىشى ۋە باھالاش تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.
4. باھالاش مەزمۇنى ئۇنىۋرساللاشقان بولۇپ، مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئەھمىيەت بىرىش بىلەن بىرگە، بىلىم سىرتىدىكى ئۇنىۋرسال ساپانىڭ تەرەققىياتىغا بولۇپمۇيېڭىلىق يارىتشى، تەتقىق قىلىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئەمەلىيەت قاتارلىق ئىقتىدالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان كۆپ خىل تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىشقا ئەھمىيەت بىرىدۇ.
5. باھالاش ئۇسۇلى كۆپ خىللاشقان بولۇپ، مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش بىلەن سۈپەت جەھەتتىن باھالاش ئۇسۇلىنىبىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋرسال باھالاشنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، ئۆگۈنىش خاتىرىسى، كۈندىلىك ھەركەتنى كۆزىتىش، ئوچۇق ئىمتىھان قاتارلىقلار ئارقىلىق باھالاشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ.
6. باھالىغۇچىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە بولىشىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ، يەنى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا، باشقۇرغۇچىلار، ئىجتىمائىي رايۇن، مۇتەخەسىسلەر باھالاشقا ئورتاق قاتنىشىدۇ.
7. باھالاش ئۆلچىمى قاتلاملىققا ئىگە بولۇپ، باھالانغۇچىلارنىڭ ئىندىئوداللىقىغا ۋە تەرەققىيات ئىھتىياجىغا ئەھمىيەتبىرىلىدۇ.
8. تەرەققىيات جەريانىغا ئەھمىيەت بىرىپ، شەكىللىنىش خاراكتىرلىق باھالاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش خاراكتىرلىق باھالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى باھالاشنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرىدۇ.
ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئەمما بۇ جەھەتتىكى تەربىيلەش ۋە يىتەكچىلىك كەمچىل بولغانلىقتىن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى . ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن ئىگىز-پەسلىكلەر كۆرۈلمەكتە.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى قوللىنىشتىكى سىياسەتلەر ئاساسلىرى
گوۋۇيۇەننىڭ «ئاساسىي مائارىپ ۋە تەرەققىيات توغرىسىدىكى قارار» (2001-يىلى21-نۇمۇرلۇق) نىڭ 25-ماددىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئىمتىھان ئارقىلىق باھالاش ۋە ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش كىرەك. ئىلمىي ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقوغۇچىلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارلارنى بايقاپ ۋە تەرەقىي قىلدۇرۇپ، ئوقوغۇچىلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزىشىغا ياردەم بىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرىي سۈرۈش كىرەك. ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ نەتىجىسىنى دەرىجە بويىچە باھالاشنى يولغا قويۇش؛ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىغا قارىتا بىر قىسىم پەنلەردە ئوچۇق ئىمتىھان ئىلىش، تەجىرىبە مەشغۇلات ئىقتىدارىنى سىناشقا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدار ۋە ساپاسىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقوغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى، ئىمتىھان مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىش؛ ئوقوغۇچىلارغا كۆپ قىتىملىق پۇرسەت يارىتىپ بىرىپ، ئۇنىۋرسال باھالاشنى يولغا قويۇش.
مائارىپ مىنىستىرلىقى بىسىپ تارقاتقان «ئاساسىي مائارىپ دەرس ئىسلاھاتى پروگراممىسى (سىناق)» (2001-يىلى 17-نۇمۇرلۇق) دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەتىراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باھالاش سىستىمىسىنى بەرپا قىلىش كىرەك. باھالاشتا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش نەتىجىسىگىلا ئەھمىيەت بىرىپ قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە بايقاشقا ماھىر بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئىھتىياجىنى چۈشۈنىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم بىرىش كىرەك. باھالاشنىڭ تەربىيلەش رولىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى بىلىم سەۋىيىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرىنىڭ باھالاش ۋە ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇختۇرىشى» دا مۇنداق دىيىلگەن: ھەر بىر ئوقوغۇچىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش كىرەك. ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش جەريانىىكى ۋە №ەتىجە خاراكتىرلىق ماتىرىياللارنى يەنى، ئوقوغۇچىنىڭ ئۆز ئۆزىنى باھالىشى، ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەت خاتىرىسى، تەنتەربىيە ۋە سەنئەت پائالىيىتى خاتىرىسى، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىلارنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ باھاسى، ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىق ماتىرىياللارنى توپلاپ رەتلەپ سىلىش كىرەك.
مائارىپ مىنىستىرلىقى بىسىپ تارقاتقان «ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس لايىھىسى (سىناق)» (2003-يىلى 6-نۇمۇرلۇق) دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: تەرەققىيات خاراكتىرلىق باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كىرەك. ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتا ئۇلارنىڭ ئۆگۈنىش نەتىجىسى بىلەن ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى بىرلەشتۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويۇش كىرەك. مەكتەپلەر چوقۇم كۆپ نىشان، كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە جەريانغا ئەھمىيەت بىرىپ باھالاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇنۋېرسال كۆزىتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئەمەلىي مەشغۇلات قىلىش، ئەسەرلەرنى كۆرگەزمە قىلىش، ئۆزى ئۆزىنى باھالاش بىلەن ئۆز ئارا باھالاشنى بىرلەشتۈرۈشتەك كۆپخىل ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ، ئوقوغۇچىلار ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال، ھەركەتجان بولغان ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى ئەتىراپلىق نامايەن قىلىش كىرەك.
يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەر ئۆلچەملىرىدىمۇ، «باھالاش توغرىسىدىكى تەكلىپ» بۆلىكىدە ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئىشلىتىشكە قارىتا تەكلىپ بىرىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش، كەڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە يۈكسەك ئىتىبار بىرىشكە ئىرىشتى.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دىگەن نىمە؟
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىلىش ئارخىپى ئىنگىز تىلىدا « portfolio» دىيىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى « ھۆججەت بوخچىسى» ياكى « ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى تاللانما ماتىرىيال » دىگەن مەنىدە. يىقىنقى ئوننەچچە يىلدىن بۇيان بۇ مائارىپتىكى باھالاش ساھەسىدە قوللىنىپ «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» دەپ ئاتىلىپ كەلدى ھەمدە ئۇ ئارخىپقا ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم ساھەدىكى ئەسەرلىرىنى توپلاپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ مەلۇم ساھدىكى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى، ئالغا بىسىش ئەھۋالى، ئىرىشكەن نەتىجىلىرى قاتارلىقلار نامايەن قىلىندى.
شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دىگىنىمىز- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىش مۇۋاپىقىيەتلىرى ياكى سىجىل ئالغا بىسىش جەھەتتتىكى ئىپادىسى، ئەسەرلىرى، باھالاش نەتىجىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان خاتىرە، ماتىرىياللارنىڭ يۇغلانمىسىدىن ئىبارەت.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى
نۆۋەتتە گەرچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا نىسبەتەن تولۇق بىرلىككە كەلگەن ئىنىقلىما بولمىسىمۇ، ئەممە نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇنى ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىلالايمىز.
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئىچىگە سىلىنىدىغان ماتىرىياللارنى تاللاش ۋە توپلاش قارىغۇلارچە بولماستىن، بەلكى بەلگىلىك ئوقۇتۇش نىشانىغا ماس كىلىشى كىرەك. ئۇ قانداقتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاددىي ھالدا توپلاپ قويۇش بولماستىن، بەلكى ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرس نىشانى، ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ماتىرىياللارنى مەقسەتلىك توپلاشتىن ئىبارەت. بۇ ئۇنىڭ ئادەتتىككى ئارخىپ خالتىسىدىن پەرىقلىنىدىغان تەرپى.
2.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىدىكى ماتىرىياللارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تاماملاش جەريانىدىكى خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى، ئوقۇتقۇچىسى، ساۋاقداشلىرى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇ ئەسەرلىرىگە بەرگەن باھاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3.ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىدىكى مەزمۇنلارنى قارار قىلغۇچى.
4.ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشتىكى ئاساسلىق مەخسەت، كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلاش ھەمدە ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ توپلانغان ماتىرىياللارغا قارىتا قايتا ئويلىنىش ئىلىپ بىرىشى ئارقىلىق، ئوقوغۇچىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى ئالغا بىسىشى، ئىرىشكەن مۇۋاپىقىيىتى ۋە مەسىلىلەرگە قارىتا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باھالاش ۋە ئۆزى ئۈستىدا قايتا ئويلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ تۈرلىرى
1. ئىشلىتىش مەخسىدى، تاپشۇرىدىغان ئوبىيىكت ۋە ئوقوغۇچىلارغا بولغان ياردىمى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئوخشىمىغان تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئوخشاش بولمىغان رولىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى غايە تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، نامايەن قىلىش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، ھۆججەت تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، باھالاش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى، دەرسخانا تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دەپ 5 تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1) غايە تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى:
قۇرۇلمىسى: ئارخىپقا سىلىنىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تاللىنىشىغا قارىتا چۈشەندۇرۇش يىزىلىدۇ. بىر قاتار ئەسەرلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىگە بولغان تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى، پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئىزاھلىنىدۇ.
مەخسەت: ئۆگۈنىش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىر مەزگىللىك ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز ئۆگۈنىشىدىكى پىكىر يۈرگۈزگىچى، بىرەسمىي باھالىغۇچى بولىشىغا ياردەم بىرىشتىن ئىبارەت.
2) نامايەن قىلىش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: ئاساسلىقى ئوقوغۇچىلار ئۆزلىرى تاللاپ چىققان، ئەڭ ياخشى دەپ قارىغان ياكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەسەرلەر توپلانمىسى بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش، ئۆزى مۇستەقىل تاللاش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.
مەخسەت: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقىلار قاتناشقان ئوقوغۇچىلار ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلەر تاللانمىسىنى قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
3) ھۆججەت تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھاسى، كۈزىتىشى، تەكشۈرىشى، ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن يەكۈنلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان سىسىتىمىلىق خاتىرىدىن ئىبارەت.
مەخسەت: ئوقوغۇچىارنىڭ ئەسىرى، مىقدارلاشتۇرۇلۇپ باھالانغان باھا ئارقىلىق، سىستىمىلىق خاتىرە بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
4) باھالاش تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچى، باشقۇرغۇچىلار، مەكتەپ تۇرغۇزغان ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىبولۇپ، باھالاش ۆورسەتكۈچلىرى ئالدىن بىكىتىلگەن بولىدۇ.
مەخسەت: ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەسەر جەھەتتىكى ئىرىشكەن نەتىجىلىرىنىى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن دوكىلات بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.
5) دەرسخانا تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى
قۇرۇلمىسى: 3 قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ: (1) دەرس نىشانىغا ئاساسەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىسىنىڭ يىغىندىسى. (2) ئوقۇتقۇچىنىڭ تەپسىلى ئىزاھاتى ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۈزىتىشى. (3) ئوقۇتقۇچىنىڭ يىللىق دەرىسى ۋە ئوقۇتۇش پىلانى.
مەخسەت: بەلگىلىك ئەھۋالدا ئاتا-ئانا، باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆگۈنىش نەتىجىسىگە بولغان ھۆكىمى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
2. تاللاپ سىلىنىدىغان ماتىرىيالارنىڭ تۈرىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى ئەڭ ئىسىل نەتىجىلەر تىپىدىكى (ئارىلاشما تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى)، جەريان تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى دەپ تۈرلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
ئارىلاشما تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى ئارخىپىنى ئەڭ ئىسىل نەتىجىلەر تىپىدىكى ۋە جەريان تىپىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ مەقسىدى ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى كۆزنەك تىپىدىكى ماتىرىياللارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانا، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىرىشكان نەتىجىسى، تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا ئەقىلگە مۇۋاپىق باھا بىرىشىگە شارائىت يارىتىشتىن ئىبارەت.
ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتى ۋە رولى
ئوقوغۇچىلارىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى يېڭى دەرس تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىر خىل باھالاش قورالى . ئۇنى تۇرغۇزۇش ۋە ئىشلىتىش ئوقوغۇچىلارنى قاتنىشىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنى، ئۆزىنىڭ ئالغا بىسىش ۋە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىتا توغرا ھۆكۈم قىلىسشنى ئۆگىتىدۇ. ئوقوغۇچىلار ئۇنى ئىشلەشكە قاتنىشىش جەريانىدا، ئارخىپىغا سىلىنىدىغان ماتىرىياللار ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى( بولۇپمۇ ئەسەر، خاتىرە) قاتارلىقلارنى بەلگىلەش ھوقوقىغا ئىگە بولۇپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگۈنىش سۈپىتى، ئالغا بىسىشى، تىرىشىش ئەھۋالىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى تەرەققىياتىنى تولۇق چۈشۈنىشكە پايدىلىق بولغان ماتىرىياللار بىلەن تەمىن ئىتىپ، باھالاشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە مەزمۇنى
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى ئادەتتە ئوقوغۇچى ۋە ئوقوتقۇچى بىرلىكتە ئىشلەيدۇ. ئارخىپنى شەكىللەندۈرۈش تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئارخىپنى تۇرغۇزۇشتىكى مەخسەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
2. باھالايدىغان مەزمۇننى بىكىتىش.
3. باھالش ئوبىيىكتىنى ( قايسى يىللىقتىكى قايسى سەۋىيىدىكى)
4. توپلايدىغان مەزمۇنلار ۋە توپلاش قىتىم سانى قاتارلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش.
5. ئوقوغۇچىلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش.
6. باھالاش تەرتىۋىنى بىكىتىش كىرەك.
7. ھەر بىر ئوقوغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىغا ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ نىمىلىكىنى، ئۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى، ئۇنى قانداق ئىشلەش كىرەكلىكى جەھەتلەر تەربىيلەش كىرەك.
8. ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇش، ساقلاش، ئىشلىتىش پىلانىنى تۈزۈش كىرەك.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لايىھىلەش
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لايىھىلەش بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. ئۇ مائارىپ نەزىرىيىسى بىلەن يۇقۇرىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى كونكرت ھەركەتكە ئايلاندۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى. شۇنداقلا «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» نى ئومومىيۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ جان تومۇرى.
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لاھىيلەشنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسى
«جەريانغا ئەھمىيەت بىرىش، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بىرىش» تەك باھالاشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، زامانىۋى مائارىپ باھالاش قارىشىنى ئەۆىس ئەتتۇرۇش كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تەكشۈرۈش، باھالىغۇچىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك بولىشى ۋە ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگۈنىشى ،تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باھالاش مەزمۇنىنى كۆپخىللاشتۇرۇش كىرەك.ئوقوغۇچىلارنىڭ غۇرۇرى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قوغداپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە سوبىكتىپچانلىقىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇلاردا تەشەببۇسكار بولۇشتەك پوزۇتسىيىنى قوزغاش لازىم. باھالاشنى كۈندىلىك تەلىم-تەربىيە ۋە ئوقوتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، باھالاشنىڭ تەربىيلەش ۋە يىتەكلەش رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش لازىم. ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنى ھەقىقىي ۋە چوڭقۇر نامايەن قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بىرىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش شۇ ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
2. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لاھىيلەش پرىنسى
1) چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىشى لازىم.
2) مائارىپ ۋە پىسخولوگىيە قانونىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولىشى، ھەر قايسى يىللىقتىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولىشى كىرەك.
3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىنى ئوبىيىكتىپ، ھەقىقىي، ئەتىراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.
4) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشىغا، خۇشال-خورام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە، ئوقوغۇچىلارنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇش كىرەك.
5) قوللىنىشقا قولايلىق، باھاسى ئەرزان، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، چۈشىنىشلىك بولۇش كىرەك.
3. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى لايىھىلەش ۋە ياساسش
1) يۇقارقى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ھەر قايسى يىللىق ئوقوغۇچىلارنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى 3 خىل نۇسقىدا لاھىيلەپ چىقتۇق. بىرىنجى خىلى 1-يىللىقتىن 3-يىللىققىچە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى 4-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى 7-يىللىقتىن 9-يىللىققىچە ئىشلىتىلىدۇ.
2) بۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى تۆۋەندىكى ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان: (1) «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» (2) «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» (3). ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى سىلىنىدۇ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمىغا ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى سىلىنىدۇ.
3) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى بىر خالتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر ئوقوغۇچى ئۈچ يىلدا بىر خالتىدىن ئىشلىتىدۇ. ئارخىپنىڭ ئاساسلىق رولى بولسا ئوقوغۇچىلارنىڭ «ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» نى توپلاشتىن ئىبارەت. ھەر مەۋسۇم ئاخىرىدا ئوقوغۇچىلارنىڭ رەتلەپ چىققان «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يتىىلىش خاتىرىسى توپلىمى» نى ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىغا سىلىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇش لازىم. بىر ئوقوغۇچىنىڭ بىر قارار ئارخىپى تاماملانغاندا ئۇنىڭ ئىچىدە شۇ ئوقوغۇچىنىڭ 3 يىللىق 6 مەۋسۇملۇق «ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» تولۇق قاچىلىنىش لازىم.
4) «ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى توپلىمى» بىر ۋاراق مۇقىم مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى «مۇقاۋا» دىن ئىبارەت. ھەر بىر ئوقوغۇچى ئۈچۈن ھەر مەۋسۇمدا بىر ۋاراق ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ماتىرىياللارنى قىستۇرۇپ تۈپلەشتىن ئىبارەت. ئوقوغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئۆزى ئانالىز قىلىپ رەتلەپ چىققانبىر مەۋسۇملۇقخاتىرە ماتىرىياللارنى «مۇقاۋا» ئىچىگە قىسىپ تۈپلەيدۇ ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدۇ.
5) ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. بۇنىڭ بىرسى بەلگىلەنگەن مەزمۇنلاردىن ئىبارەت. يەنە بىرسى بولسا ئوقوغۇچىنىڭ ئۆزى تاللاپ توپلىغان ماتىرىياللاردىن ئىبارەت. بىرىنچى بۆلەك ئوقوغۇچىلارنىڭ تەبىئىي ئەھۋالى، ساغلاملىق ئەھۋالى، ئاساسىي خاراكتىرلىق تەرەققىيات نىشانى، ئىرىشكەن شان شەرەپ ۋە تەقدىر نامە، ھەر قايسى پەندىكى نەتىجىسى ۋە پائالىيەت ئەھۋالى، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى بۆلەك بولسا «ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپى» نى تۇرغۇزۇش توغرىسىدىكى پىرىنسىپ ۋە تەلەپلەرگە ئاساسەن، ئوقوتقۇچىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ئوقوغۇچى ئۆزى تاللاپ توپلىغان ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردىن ئىبارەت. مەسىلەن دەرسخانىدا ئىشلەتكەن مەشىق دەپتىرى، ئائىلە تاپشۇرۇقى، ئىمتىھان سۇئالى، ئەسەرلىرى يەنى ھۆسنىخەت، رەسىم ماقالە، تەسىرات قاتارلىقلار، باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تاماملىغان ئەسەرلىرى، كوللىكتىپ پىلان، كۈندىلىك خاتىرە، مەلۇم بىر پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق قاتارلىقلار، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەقدىرلەش سۆزى ياكى تەكلىپ پىكىرى، ئوقوغۇچىنىڭ تەسىراتلىرى، ئاتا-ئانا ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ تۈرلۈك باھا سۆزلىرى قاتىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ مۇندەرىجىسىنى تۇرغۇزۇش
پايدىلىنىش ئۈچۈن:
ئاساسلىق ئەھۋال
1. مىنىڭ قىسقىچە تارىخىم
2. ئاتا-ئانا ۋە ئۇستازلارنىڭ ماڭا بولغان تىلەك ۋە ئۈمۈتلىرى
ئەخلاق پەزىلەت جەھەتتە
3. مىنىڭ قىبلەنامەم
4. مەن ۋە كوللىكتىپ (سىنىپنىڭ ئەھدىنامىسى)، (سىنىپنىڭ ئوقوغۇچىلارنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش تۈزۈمى)
ئۆگۈنىش ئىقتىدارى جەھەتتە
5. مىنىڭ پەنلەردىكى نەتىجەم
6. ئۆگۈنىش گۇرۇپىسى ئارا مۇسابىقىلىشىش
7. باسقۇچلۇق ياكى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
ھەمكارلىشىش ۋە ئالاماشتۇرۇش جەھەتتە
8. ساۋاقداشلىرىم ماڭا شۇنداق دەيدۇ
9. ئۇستازلىرىم ماڭا شۇنداق دەيدۇ
10. ئاتا-ئانام ماڭا شۇنداق دەيدۇ
11. ساۋاقداشلىرىم بولغان ئەڭ خۇشاللىق بىر قىتىملىق ھەمكارلىق
خاسلىق، ھىسىيات پوشۇتسىيە جەھەتتە
12. مەن ئىرىشكەن شان-شەرەپلەر
13. ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش
14. ئۇنتۇلغۇسىز بىر سائەتلىك دەرس
15. ئەڭ ئىسىل ئەسىرىم
ياكى تۆۋەندىكى مۇندەرىجىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ
مەن ئەڭ رازى بولغانلىرىم
1. مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىكى ئىمتىھان قەغىزى
2. كۈندىلىك خاتىرە (ماقالە ياكى كۈندىلىك خاتىرە)
3. قول يازما گىزىتى
4. مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىكى ئەڭ ياخشى تاپشۇرۇق
5. ھۆسنىخەت ئەسەرلىرى ( ئىلىپبە كارتىسى، خەنزۇچە خەت، قەلەمدە (گاڭبى) يىزىلغان چىرايلىق خەت)
6. گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى (ئاتكرتكا)
7. قول ھۈنەر ئەسىرى
8. بىر قىتىملىق ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى ئەسەر
مەن تىرىشىۋاتىمەن
1. مەن قىلغان ياخشى ئىشلار (ۋاقىت، ئورين، قىلغان ئىشى)
2. مەن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇدۇم (كىتاپنىڭ نامى قىسقىچە مەزمۇنى)
3. مەن توپلىغان گىزىت-زورنال قىيمىللىرى
4. مەن چەتئەل تىلىنى (خەنزۇ تىلى) ياخشى ئۆگەندىم ( لىنتىغا ئىلىنغان تەلەپپۇزى، قارا دوسكا لايىھىسى، يادا ئالغان تىكىستلەر، ماقال تەمسىللەر، ناخشا تىكىستلىرى....)
5. مەن بىلىۋالغان ماقال-تەمسىللەر، ھىكىمەتلىك سۆزلەر
6. مەن يېڭىدىن ئۆگۈنىۋالغان ناخشىلار
7. مەن بىلىدىغان مەشھۇر شەخىسلەر (قىسقىچە ھىكايىسى)
8. مەن بايقىغان قىزىقارلىق مەسىلىلەر
9. مەن قاتناشقان مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىجتىمائاىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلەر ( قىسقىچە تەسىراتى)
10. مەن ئۆگۈنىۋالغان ماھارەتلەر
ئۆسۈپ يىتىلىشىگە بولغان باھا
1. ئۆز ئۆزىگە بولغان باھا ( كۈندىلىك خاتىرە ياكى قايتا ئويلىنىش)
2. ئاتا-ئانىلارنىڭ باھاسى
3. ئۇستازلارنىڭ باھاسى
4. دوستلىرىنىڭ باھاسى
ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ مەزمۇنىدىن مىسال
1. مەۋسۇملۇق تىلەك ۋە تەكلىپ-پىكىر (مەۋسۇم بىشىدىكى ئۆزىنىڭ لايىھىسى ياكى تىرىشىپ يەتمەكچى بولغان نىشان قاتارلىقلار)
2. دەرسلەرنى ئۆگۈنىش ئەھۋالى (ئۆگۈنىش پوزۇتسىيىسى، كۈندىلىك ھەركەت ئىپادىسى، ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۆگۈنىش خۇلاسىسى قاتارلىقلار)
3. ئۆگۈنىش مۇۋاپىقىيەتلىرى باغچىسى ( دەرسلەرنى ئۆگۈنىش جەريانىدىكى ئۆزى ئەڭ رازى بولغان نەتىجىلەرنى نامايەن قىلىش)
4. شان-شەرەپ سەھنىسى (تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئىرىشكەن شان-شەرەپ، مۇنەۋۋەر ئەسەر قاتارلىقلار)
5. ئۆسۈپ يىتىلىش خاتىرىسى (ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر، تەسىراتلار )
6. تەجىرىبىلەرنى يەكۈنلەش (مەۋسۇم ئاخىرىدىكى ئۆز ئۆزىنى باھالاش، ساۋاقداشلىرى، ئۇستازلارنىڭ باھاسى قاتارلىقلار)
پايدىلىنىش ئۈچۈن:
1. بۇ مەۋسۇمدىكى مىنىڭ ئەسەرلىرىم
مەن ئەڭ رازى بولغان بىر قىتىملىق ئىمتىھان
ئەڭ ئىسىل بولغان بىر قىتىملىق نۇتۇقۇم
ئەڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قىلغان ئىشىم ياكى ئويۇم
ئەڭ خاسلىققا ئىگە تاپشۇرۇقۇم
سىنىپ ياكى مەكتەپ خاراكتىرلىق پائالىيەتلەردىكى خاتىرەم
تەتىلدىكى بىر قىتىملىق ئىجتىمائىي تەكشۈرۈش
بۇ مەۋسۇمدىكى ئۆزەم رەتلەپ چىققان بىلىملەر خەرىتىسى
مەن لاھىيلىگەن كىيىم-كىچەك، چاچ پاسۇنى
بىر پارچە ئەڭ ياخشى كۈندىلىك خاتىرەم
پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئورينلاشتۇرۇشقا بولىدىغان تۈرلەر
يۇقارقىلاردىن باشقا پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزى بىرىۋاتقان دەرسلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئارخىپقا سىلىنىدىغان مەزمۇنلارنى لاھىيلىشى، ئۇ چوقۇم پەنلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بىرەلەيدىغان بولىشى كىرەك.
مەسىلەن:
مۇزىكا پىنى: دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت مارشىنى ئۆگەتكەندىن كىيىن، ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئائىت رەسىملەرنى، سۈرەتلەرنى، ناشا مۇھىكىلارنى توپلاش؛ داڭلىق مۇزىكانتلارنىڭ ھاياتى مۇساپىسى، داڭلىق ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى توپلاش؛ «مۇئەللىم» دىگەن ناخشىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن ناخشا مەزمۇنىنى ئىپادىلەيدىغان سىزمىلارنى سىزىش.
گۈزەل سەنئەت: ئۆزى ئەڭ رازى بولغان بىر پارچە رەسىم، قول ھ【نەر ئەسىرى؛ بۇنىڭدا ئەسەرلەرگە يىزىقچە ئىزاھات قىتىپ قويۇشقا بولىدۇ.
تەنتەربىيە: تەنتەربىيە جەھەتتىكى تەسىراتىم، چىنىقىش پىلانىم، تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرلىشى، مۇسابىقىلەرگە قاتناشقاندىكى خاتىرە سۈرەتلەر، مۇسابىقىدىن تەسىرات؛ مەن ×× گىمناستىكىنى ئۆگۈنىۋالدىم.
ئىلىم پەن ياكى تەتقىقاتلىق ئۆگۈنىش: مەشھۇر ئاستۇرنۇملار ھەققىدىكى ھىكايىلەر، ئالىملارنىڭ تەتقىقات ئىزدىنىش ئىلىپ بىرىش توغرىسىدىكى ھىكىمەتلىك سۆزلىرى؛ قىزىقارلىق كىچىك تەجىرىبە، كۈزۈتىش خاتىرىسى؛ تەتقىقاتلىق ئۆگۈنىشتىكى مۇۋاپىقىيىتى، يىققان ئەۋرىشكىلەر، تەبىئەتتىكى غەلىتە ھادىسىلەر توغرىسىدىكى پەرەز..... قاتارلىقلار.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش
1. ماتىرىيال يىغىش ۋە رەتلەش
ئوقوغۇچى بىرىنجى مەسئۇل خادىم، نىمىلەرنى سىلىشنى بەلگىلەش ھوقوقىغا ئىگە. ئوقۇتقۇچى توغرا يىتەكچىلىك قىلىش، تەكلىپ – پىكىر بىرىشى كىرەك. قىممىتى بار نەرسىلەرنى سىلىش، ياخشى رەتلەش كىرەك.
2. ساقلاش ۋە باشقۇرۇش
سىنىپ مۇدىرى بىر تۇتاش ساقلايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ، قەرەرلىك ھالدا ئوقوغۇچىلارغا تارقىتىپ ئۇلارنىڭ ماتىرىياللىرىنى سىلىپ رەتلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ( ئايدا ئىككى قىتىم). مەكتەپ قەرەرلىك ھالدا تەجىرىبە ئالاماشتۇرۇش، كۆرمەزمە قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىشى كىرەك.
3. ئارخىپنى ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار
ئوقوغۇچى، ئاتا-ئانىلار قاتنىشىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى چۈشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بىرىش كىرەك.
4. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز خۇلاسىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كىرەك. سىنىپلار تۈزۈتۈش ياكى يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ئەھۋاللارنى، تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىلمىي بۆلۈم ياكى ئەخلاق تەربىيە بۆلۈمگە يوللاپ بىرىشى كىرەك.
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش لايىھىسىنى قانداق تۈزۈش كىرەك؟
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئارخىپىنىڭ ئوقوغۇچىلارنى باھالاشتىكى رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم.
1. ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتى سىستىمىلىق خىزمەت، شۇڭا ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ ياخشى ئىشلەش كىرەك. باھالاش ئۆلچىمى ۋە يولغا قۇيۇش تەپسىلى پىرىنسىپىنى ياخشى تۈزۈپ چىقىش كىرەك. ئۇ يېڭى دەرسنىڭ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ باھالاش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولىشى كىرەك. باھالاش ئۆلچىمىنىڭ ھەر بىر ماددىسىدىكى تەلەپلەر ئوقۇتقۇچى، ئوقوغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىگە تولۇق چىتىلىشى كىرەك.
2. ئوقۇتقۇچىلارنى، ئوقوغۇچىلارنى، ئاتا-ئانىلارنى تەربىيلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كىرەك.
3. ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتىگە بولغان يىتەكچىلىك، باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كىرەك.
4. ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش خىزمىتىگە بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش كىرەك.
5. باھالاش خىزمىتىنى ھەقىقى، ئىنچىكە ئىشلەش كىرەك
ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىش لايىھىسى
1. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاپ بىكىتىشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش.
2. يىتەكچى ئىدىيە
3. باھالاش پىرىنسىپى ( ئىلھام بىرىش، يىتەكلەش پىرىنسىپى، ماس تەرەقىكىي كىلىش پىرىنسىپى، ئەمەلىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈش پىرىنسىپى دىگەندەك)
4. تەشكىلىي ئاپپارات
1)رەبەرلىك قىلىش گۇررۇپىسى ۋە مەسئۇلىيىتى: باھالاش خىزمىتىگە ئومومىيۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.
2) دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى 3) سىنىپ ئىچىدىكى باھالاش گۇرۇپپىسى( سىنىپ مۇدىرى، مۇناسىۋەتلىك پەن ئوقۇتقۇچىلىرى، بىر قىسىم ئوقوغۇچىلار ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپىدۇ) 4) مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال سااسىنى باھالاش گۇرۇپپىسى( ئىلمىي بۆلۈم، ئەخلاق تەربىيە ئىشخانىسى)
5. باھالاش مەزمۇنى
6. باھالاش تەرتىۋى
7. باھالاش نەتىجىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى
评定结果的表达:初中毕业生综合素质评定结果以等级加评语的形式表达。
根据7项评定内容所包含的要素及其关键表现,经过学生自评、班级评定小组互评、学校评定委员会确认,对每个要素评出“优”(30%左右)、“良”(40%左右)、“合格”(30%左右)、“尚待改进”四个等级,然后对每位学生7项等级进行综合考评得出综合素质等级:7项等级有4项“优”以上(含4项)且项目中没有“不合格”,其综合素质等级为“优”;7项等级有4项“良”以上(含4项)等级且项目中没有“不合格”,其综合素质等级为“良”;7项等级有4项“合格”以上(含4项)等级,其综合素质等级为“合格”;7项等级有4项“不合格” 以上(含4项),其综合素质等级为“不合格”;对学生综合素质等级评定为“不合格”时应特别慎重,原则上因触犯法律被追究者方可定为“不合格”。
序号
|
内 容
|
存袋情况
|
一
|
让你了解我
|
成长小档案(从小到大的照片)
|
|
二
|
我很棒
|
老师的评语(发展性评价手册等)
|
|
我得到的表彰奖励……
|
|
三
|
我最满意的
|
一张语文、数学、英语等学习考查卷
|
|
一篇日记(或作文或日记本)
|
|
一张手抄报(或剪贴报)
|
|
一次语文、数学、英语等学科作业
|
|
一次写字作业(或书法作品)
|
|
一份绘画或美工等作品
|
|
一件小制作
|
|
一次综合实践活动的成果
|
|
其他作品
|
|
四
|
我真努力
|
我做的好事有……(时间、地点、干什么)
|
|
我看了很多课外书(书名)
|
|
我会背诵很多篇课文(文题)
|
|
我会背诵很多古诗(诗题)
|
|
我知道很多成语
|
|
我知道很多名言警句
|
|
编号
|
目录
|
内容
|
1
|
走近我
|
学生基本信息表
|
自我介绍
|
2
|
自我展示
(奋斗历程记录)
|
一张语文、数学、英语等考察卷
|
一篇日记
|
一张手抄报(3—6)A4纸型
|
各科优秀作业一份
|
绘画作品一份
|
3
|
我的成长
|
看过的课外书(书名)
|
会背诵的诗词、课文(题目)
|
我知道的成语
|
我喜欢的名言警句
|
我会唱的歌曲(歌名)
|
我知道的名人和他们的故事(人名)
|
我不明白的一些问题
|
我参加过的校内外实践活动
|
我还学会了各种本领
|
4
|
评价反思
|
我的评价表
|
家长的评价
|
老师的评语
|
好朋友的话
|
自我反思
|
5
|
个人专区
|
近期奋斗目标(希望)
|
序号
|
内 容
|
存袋情况
|
一
|
让你了解我
|
成长小档案(从小到大的照片)
|
|
二
|
我很棒
|
老师的评语(发展性评价手册等)
|
|
我得到的表彰奖励……
|
|
三
|
我最满意的
|
一张语文、数学、英语等学习考查卷
|
|
一篇日记(或作文或日记本)
|
|
一张手抄报(或剪贴报)
|
|
一次语文、数学、英语等学科作业
|
|
一次写字作业(或书法作品)
|
|
一份绘画或美工等作品
|
|
一件小制作
|
|
一次综合实践活动的成果
|
|
其他作品
|
|
四
|
我真努力
|
我做的好事有……(时间、地点、干什么)
|
|
我看了很多课外书(书名)
|
|
我会背诵很多篇课文(文题)
|
|
我会背诵很多古诗(诗题)
|
|
我知道很多成语
|
|
我知道很多名言警句
|
|