زۆرۈر دەرسلىك 1
1. غەزەپ ۋە زار
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
1. ئاپتور توغرىسىدا؛ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئوغلى ئۇيغۇر 1901-يىلى 9-فېۋرال تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ھاياتىدا « غەزەپ ۋە زار » « ئاچىل » « ئۈزۈلمەس ئۈمىد » قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يېزىپ خەلق ئاممىسىنىڭ سىنىپى زۇلۇمغا قارىشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى كۈچلۈك گەۋدىلەندۈرگەن، شائىر 1933-يىلى 13-مارتتا جاللات شىڭ شىسەي تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ شېئىر 1927- يىلى يېزىلغان. شېئىر ئاروز ۋەزىننىڭ پائىلاتۇن ۋەزىندە رەمەل بەھرىدە يىزىلغان .
2.« غەزەپ ۋە زار » ناملىق بۇ شېئىردا قانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن؟
بۇ شېئىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياڭ زىڭشىڭ دەۋرىدە سىياسىي جەھەتتىن رەھىمسىز باستۇرۇلغانلىقى، ئىقتىسادى جەھەتتىن تالان تاراچ قىلىنغانلىقى، مەدەنىيەت –مائارىپ جەھەتتىن ئاسارەتتە قالدۇرۇلغانلىقى ۋە يۇقىرى قاتلام ئەكسىيەتچىلەر، دىنىي روھانىيلاردىن پايدىلىنىپ خەلق ئۈستىدە يۈرگۈزۈلگەن دەھشەتلىك قەبىھ سىياسىي ھۆكمىرانلىقى كەسكىن ۋە ئۆتكۈر پاش قىلىنغان. شائىر ياڭ زىڭشىڭ ئەكسىيەتچىل ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن كۈچلۈك غەزەپ – نەپرەتنى، شۇ چاغدىكى ئىجتىمائى تەڭسىزلىككە بولغان زارىنى ( غەزىپىنى) ئىپادە قىلغان. خەلقنى قاراڭغۇ زۇلمەتلىك فېئودال ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
3. بۇ شېئىر ئاروز ۋەزىننىڭ قايسى ۋەزىن قايسى بەھرىدە يىزىلغان؟ مىسال .
بىر پۇراپ ئۆلسەم نە ئارمان ، بىغىم باھارى گۈلىنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇبۇلغا ئوخشاش زارىمەن.
پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلۇن
4.. شىئېردىكى « دورا، كونا كىسەل، باھار گۈلى، بۇلبۇل، زۇلۇم ئوكيانى، پاراغەت ئارىلى..» قاتارلىق ئوبرازلىق سۆزلەردە ئىپادىلەنگەن چوڭقۇر مەزمۇننى تەھلىل قىلىڭ.
«دورا» دۇچ كەلگەن كىرزىسقا، كۈلپەتلىك قىسمەتكە ئۈنۈملۈك چارە تاپالمىغان ئەھۋالنى ئوبرازلاشتۇرغان سۆز.
« كونا كىسەل » نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى خەلقنىڭ روھىيتىنى چىرماپ ، قىسمىتىنى ئۈزلۈكسىز قارا قىلىپ كىلىۋاتقان نادانلىق، قاششاقلىق، ھورۇنلۇق، قۇلچىلىق، ئىتتىپاقسىزلىق ، غايسىزلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
«باھار گۈلى» ئەل-ۋەتەننىڭ گۈللەنگەن، مەدەنىي، زامانىۋىي، روھى ئازاد، جاھان مىللەتلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ تىگىشلىك قەدىر-قىممىتى ۋە ھەق-ھوقۇقى بىلەن ياشاش ئىمكانىيتىگە ئىرىشكەن مەزگىللەرگە سىمۋول قىلىنغان.
«بۇلبۇل» شائىر ئۆزىنىڭ بۇ ئەركىنلىككە يىتىشتەك بۇ خىل روھى ھالىتىنى ھەر كۈنى سەھەردە گۈل ئىشقىدا خەندان ئۇرىدىغان بۇلبۇلغا سىمۋول قىلىدۇ.
« زۇلۇم ئوكيانى »ئەل-ۋەتەننىڭ بېشىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە تولغان قوللۇق قىسنەتنى كۆرسىتىدۇ.
« پاراغەت ئارىلى » قۇللۇق ھاياتتىن قۇتۇلۇپ ، ئەركىن ، ھۆر ھاياتقا ئىرىششنى كۆرسىتىدۇ.
★ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىرلار ھەققىدە
1.قانداق شېئىرلار ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىرلا دەپ ئاتىلىدۇ؟ئارۇز دىگەن نىمە ؟ ۋەزىن دىگەنچۇ؟
^ شېئىر مىسرالىرىدىكى سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپ بىلەن ئالمىشىپ كىلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقىنى بارلىققا كەلتۈردىغان شېئىرى سىستىما ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ.
ئارۇز – ئەرەپچە ئاتالغۇ بولۇپ لوغەت مەنىسى ‹‹ئەن ›› (بىر نەرسىنىڭ ئېنى ) ‹‹كەڭلىك›› دىگەنلىك بولىدۇ . ئۇنىڭ ئىستىمال مەنىسى ‹‹ئۆلچەم ›› ياكى ‹‹قېلىپ››دىمەكتۇر.
تىلىمىزدىكى ھەرقانداق بىر سۆز بەلگىلىك بىر ۋەزىنگە ئىگە بولىدۇ. ۋەزىن-دېگىنىمىز شېئىردىكى سۆزلەرنى مۇنتىزىم ئاھاڭغا سالىدىغان ئۆلچەم ، قېلىپ دىمەكتۇر . ئارۇز ۋەزىنىلەرنىڭ مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن بەھىرلەرنى تەشكىل قىلغۇچى بىرلىكتۇ.
2. ئارۇز ۋەزننىڭ ئاساسلىق ۋەزىن تۈرلىرى قايسىلار ؟ ئورۇن بوغۇم دىگەن نىمە ؟ قىسقا بوغۇم دىگەنچۇ؟ ئۇزۇن بوغۇم ۋە قىسقا بوغۇم قانداق بەلگە ئارقىلىق ئىپادە قىلىندۇ؟ ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدىكى ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار (ۋەتىنى ، بەختى ، تىخىمۇ...) ئوچۇق بوغۇم بولۇپ ، ئۇ ئارۇز ۋەزىندە قىسقا بوغۇم بولۇپ ھېسابلىندۇ. گرامماتىكىدا ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇملار(ئاي،كۈن ،ساي)يىپىق بوغۇم بولۇپ ئۇ ئارۇز ۋەزىندە قىسقا بوغۇم بولۇپ ھېسابلىندۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردا قىسقا بوغۇم(ئوچۇق )قىسقا ئىتتىك ئوقۇلىدۇ. ئۇزۇن بوغۇم (يىپىق بوغۇم ) بىر ئاز سوزۇپ ئوقۇلىدۇ.ھەتتا ۋەزىننى تەڭشەش ئۈچۈن ئۇزۇن بوغۇم ئەتەي ئۇزارتىلىپ ئەسلىدىكى بوغۇم سانىغا بىر بوغۇم قوشۇمچە ئوقۇلىدۇ.ئادەتتە ۋەزىنلەرنىڭ ئۇزۇن بوغۇمى تۈز سىزىق (-) ياكى A بىلەن. قىسقا بوغۇم ئاچا سىزىق (v) ياكى B بىلەن ئىپادىلىندۇ
بەھىر دېگەن نىمە ؟ ۋەزىنلەرىنىڭ ئۆز- ئارا ماسلىشىشىدىن شەكىللەنگەن ئاروز ۋەزىننىڭ ھەر بىر تۈرى « بەھر» دېيىلىدۇ . بەھىر ئەرەپچە « دەريا – غول » دېگەن مەنىدە ؛ ئاروزنى دىڭىزغا تەمسىل قىلساق ئۇنىڭ تۈرلىرىنى « بەھر » ( غول – دەريا )دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.بىر خىل ۋەزىندە تۈزۈلگەن ياكى ئاھاڭ جەھەتتىن بىر – بىرىگە يىقىن بىر نەچچە ۋەزىندىن تۈزۈلگەن مىسرالار گورپىسى بىر بەھىرنى تەشكىل قىلىدۇ .
4.قانداق شەكىلدە يىزىلغان شېئىرلار« رەمەل بەھرى »گە كىرىدۇ ؟
« رەمەل » نىڭ لوغات مەنىسى « كۆپ ، تولا » دېگەنلىك بولىدۇ . بۇ بەھر « پائىلاتۇننىڭ ھەر خىل شەكىلدە تەكرارلىنىشىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ۋە كىلاسسىك يازما شىئىرىيەتتە ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ .
ئاھ ئۇرارمەن ئاھ ئۇرارمەن ئاھلىرىم تۇتقاي سىنى،
كۆز يىشىم دەريا بولۇپبىلىقلرىم يۇتقاي سىنى.
پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلۇن
--v- --v- - --v- -v-
دېمەك : رەمەل بەھرى « پائىلاتۇن » ۋەزىننىڭ ھەر خىل شەكىلدە تەكرارلىنىشى « پائىلۇن » ۋەزىنىنىڭ قوشۇلۇپ كىلىشىدىن ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ ، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدا ۋە كىلاسسىك شېئىرىيەتتە كۆپ ئۇچرايدۇ .
2. يىللارغا جاۋاپ
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
1.ئاپتور ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە: لۇتپۇللا مۇتەللىپ شائىر،دىرامماتورگ ۋە رەسسام بولۇپ،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى ھىساپلىنىدۇ.ئۇ 1922-يىلى11-ئاينىڭ 16-كۈنى قازاقئىستان جۇمھۇريىتىنىڭ يەتتە سۇ ۋىلايىتى،چۈنجى رايۇنىدا (ھازىرقى ئالمۇتا شەھرىدە)دۇنياغا كەلگەن.1945-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ياۋۇزلارچە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك شېئرلىرىدىن ‹‹يىللارغا جاۋاپ››،‹‹خىيالچان تىلەك››،‹‹تەسىراتىم››،‹‹بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى››،‹‹تۇن يېرىپ ئىزلار باسقاندا››، ‹‹يانار تاغلار››قاتارلىقلار بار. ئۇ يەنە ‹‹كۈرەش قىزى›› ، ‹‹سامساڭ ئاكاڭ قاينايدۇ›› ، ‹‹چىمەنگۇل››، ‹‹تاھىر-زۆھرە››قاتارلىق دىراممىلارنى؛ ‹‹ئەجەل ھودۇقىشىدا››، ‹‹ پادىشا سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ›› قاتارلىق فىليەتۇنلارنى يازغان. شېئر 1944-يىلى ئاقسۇدا يېزىلغان. شېئىر ژانىر جەھەتتىن سىياسىي لىرىكا.ئىجادىيەت ئۇسۇلى رىيالىزىم.شېئر شەكلى مۇرەببە،ۋەزىن تۈرى بارماق ۋەزىنى .
2) ئەسەرنىڭ دەۋرىې ئارقا كۆرۇنۇشى: «يىللارغا جاۋاپ» ناملىق بۇ شېئىر 1944-يىلى ئاقسۇدا يېزىلغان بۇلۇپ،بۇ چاغدا شىنجاڭغا ھۈكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جاللات شېڭ شىسەي گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىبىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ، كوممۇنىستلارنى، زىيالىيلارنى ھەم ئۇلارنى قولىغانان پۇقرالارنى غالجىرلارچە باستۇرۇپ،قىرغىن قىلىۋاتقان جاھالەتلىك ھەم زۇلمەتلىك يىللار ئىدى.
3) ئەسەردىكى ئىدىيە: شائىر بۇ شېئردابىر تەرەپتىن ۋاقىت بىلەن ھاياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەسۋىرلەپ، ۋاقىتىنى قەدىرلەشنى تەشەببىۇس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاباھەتلىك يىللارنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى ئىسيانكار رۇھىنى، قەتئىىي تەۋرەنمەي كۈرەش قىلش ئىرادىسىنى، شۇنداقلا ئىنقىلاپ غەلىبىسىگە بولغانئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن.
3. شېئردىكى بىرقىسىم سىمۋوللىق سۆزلەرنىڭ مەنىسى:
★يىل–بەزى مىسرالاردا ئۆز مەنىسىدە( ۋاقىت مەنىسىدە ) كەلگەن بولسا، يەنە بەزى مىسرالاردا سىمۋوللۇق مەنە ئېلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ئىلىم-مەرىپەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە سىمۋول قىلىنغان.
★كاراپ–ئىنقىلابىي ئىرادىگە سىمۋول قىلىنغان. دورا- تەقدىر،قىسمەت، زامان.
4. «ئىجاد يىللارنى قېرتىدۇ» دېگەن مىسرانى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟
ھاياتنىڭ ئەھمىيتىنى ئاشۇردىغان ئەڭ توغرا يول ئىجادچانلىق دەپ چۈشىنىش كېرەك، ئىجادىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك مىللەت ياكى شەخىس ھاياتى كۈچى كۈچلۈك مىللەت شەخىس ھېسابلىنىدۇ. « يىللار» غا جاۋاب بىرىشتە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرى بىلەن جاۋاپ بەرسە ئورۇنسىز ياشىغان بولمايدۇ. مەنلىك ھايات قىسقا بولسىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ. مەسلەن ل.مۇتەللىپ 22 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تا ھازىرغىچە بىز بىلەن بىللە ياشاپ كىلىۋاتىدۇ.
5.شېئىردا شائىرنىڭ قانداق ئىددىيە ۋە ھىس تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن؟شائىر گەرچە بۇ شېردا يىللارغا جاۋاپ بېرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ،ئەمىلىيەتتە ئۆزىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم ئىرادىسى،ئىنقىلاب غەلبىسىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى،جەڭگىۋارلىقى ۋە قايناپ تاشقان ھاياجانلىق ھىسسىياتى بىلەن،خەلىقنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ۋە ئلىم-مەرتىپەت ئەركىنلىك ۋە دىمىگىراتىيىنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىگە بولغان كۈچلىك غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادلەپ،ئۇلارنىڭ ياۋۇز ۋەھشى ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان.
6. بۈگۈن ۋە ئەتە
بۇغدا ئابدۇللا
1.ئاپتۇر ھەققىدە: شائىر بۇغدا ئابدۇللا 1941- يىلى 11- ئايدا گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجۇ شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «ئانا»، «تاغلارنى قۇچاقلاپ»، «تىيانشانغا»، «جۇڭغار يۇلتۇزىغا»، «تاش ئادەملەر»، «يۈرەك لىرىكىسى»، قاتارلىق شېئىرلارنى، «چوغلۇق» قاتارلىق باللاردانى، «مەلىكە ئاماننىساخان»، «يىتىم قىز ھەققىدە چۆچەك»، «ئاينىڭ كىچىك مېھمىنى» قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ «باھار غۇنچىلىرى»، «يەلكەن»،«چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانار گۈل»، «قىز قەلئەسى» ناملىق توپلاملىرى بار. بۇ شېئىر 1997- يىلى يېزلغان.
2.شېئىرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسى:
شائىر بۇ شېئىردا بۈگۈن ۋە ئەتە توغرىسىدا پىكىر يۈرگىزىپ، ئىلىم - پەن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ بۈگۈنگىلا ئېسلىۋالماي، ئەتىگە نەزەر سېلىشىنى ھەم ئۆزىنىڭ ئەتىكى بىر كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ناھايىتى ياخشى ئويلىشى لازىملىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق، تۇرمۇشنى يەنى ھاياتىنى مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى تەكىتلىگەن. تۈنۈگۈن- تارىخ، دېمەك، بىز تۈنۈگۈنگە ئىگە بولىشىمىز، بۈگۈننى بوي سۇندۇرشىمىز، ئەتىنى شانلىك نەتىجە بىلەن كۈتىۋېلشىمىز، ھاياتتىكى ھەربىر باسقان قەدەمگە ياخشى ئىزنالارنى قالدۇرشىمىز كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان.
3. «بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق شېئىردا شائىر بۈگۈن ۋە ئەتە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئوبيېكتىپ دۇنيادىن بىراقلا ھالىقىپ، ئۆزىنىڭ سوبيېكتىپ دۇنياسىغا قايتىپ كېلىدۇ-دە:
«يالغۇزلۇقتا كۆڭۈل شۇنداق ساپ،ئۆزۈڭنىڭ دۇنياسى گۈزەل نەقەدەر» دەپ يازىدۇ. ئۇنداقتا شائىرنىڭ نەزىرىدىكى يالغۇزلۇقتىكى ئاشۇ «ساپ گۈزەل دۇنيا» قانداق دۇنيادۇر؟
جاۋاب: ئاپتورنىڭ نەزىرىدىكى ساپ گۈزەل دۇنيا- ھېچقانداق چەكلىمىلىككە ئۇچرىمىغان، تەسەۋۋۇرىنى ئەركىن جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيتى بولغان خىيالىدىكى ئۆزلۈك دۇنياسىدۇر.
2.«بۈگۈن ۋە ئەتە» ناملىق شېئىرنى ئوقۇغاندا، شائىرنىڭ شېئىرىي پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەھەتتە ، شېئىردا مەلۇم بوشلۇق قالدۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. بۇنى بىرخىل (ئوي پىكىرنى ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك)ئەۋزەللىك دەپ قاراشقا بولامدۇ؟نېمە ئۈچۈن؟جاۋاب؛ بولىدۇ.
چۈنكى، شېئىرىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى مىسرا ئارقىلىق ئاپتور ئوي-پىركىنى سەكرەتمىلىككە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى ئوڭۇشسىزلىق ۋە خوشاللىقلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق ياشاش ھەققىدە ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئۈندەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
7. يۇلتۇزلار يۇرتى
(داستاندىن پارچە)
ئارسلان
1.ئاپتورنىڭ ھاياتى ئىجادىي پائالىيتى
ئارسلان-ئەسلى ئىسىمى مۇھەممەت ھوشۇر (1946-1996) دۆربىلجىندا تۇغۇلغان. شائىر ۋە ئەدەبىي تەجىمىھان. ئۇنىڭ «ياشلىق يۇلتۇزلىرى»،«ئۆلمەس تۇيغۇلار»،«ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان سۈرەتلەر» قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە پوۋېست توپلاملىرى نەشىر قىلىندى. بۇ پارچە ئۇنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1984-يىلى نەشىر قىلىغان «يۇلتۈزلار يۇرتى» ناملىق داستانىدىن ئېلىندى.
2.ھەر قايسى كۇپلېتلارنىڭ مەزمۇنى:
①تەڭرىتاغ، ئېيىتقىنە ئېغىرلىقىڭنى ،
دەرىدلىرىڭ سېنىڭدىن ئېغىر قانچىلىك ؟
ھاڭلىرىڭ باغرىڭنىڭ يېغىرلىرىمۇ،
خەلقىڭنىڭ باغرىدا يېغىر قانچقلىك ؟
بۇ كۇپلېتتا شائىر تەڭرى تېغىغا سوئال قويۇش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى تەڭرى تاغ ئېتىكىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتە تارىتقان ( ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە ) ئازاپ-ئوقۇبەتلىك كەچمىشلىرىنى، كۈلپەتلىك قىسمەتلىرىنى ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. بۇ كۇپلېت ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئاشۇ ئازابلىق يىللار قوينىغا باشلاپ كىرىپ، شېئىرىي پىكىرنىڭ قاتلامۇ-قاتلام چوڭقۇرلىشىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن.
②بېزەكلىك، يارغولدا تىلسىم مەنزىرە،
بىر كۆرگەن كىشىنىڭ ئېچىلار بەھرى.
شائىر «تىلسىم مەنزىرە» دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، بۇ شانلىق مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايەن قىلغان. «ئېچىلار بەھرى» دەپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ كەم كۆرۈلدىغان مەدەنىيەت مىراسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئىدىقۇت دىيارنىڭ تارىخىدىن ، مەدەنىيىتىدىن پەخىرلىنىشتەك تارىخى تۇيغۇ بىلەن بۇ دىيارنىڭ ئوغلانلىرىغا ئالاھىدە مەدھىيە ئوقۇغان .
③ ئوقۇيدۇ تەكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ،
زېمىننىڭ مېھرىبان تېنىچ كۈيىنى.
شائېر يۇپۇرماقلارنىڭ شىۋىرلىشىدىن بۇ ئەزىز دىيارنىڭ تېنىچلىققا ، خاتىېرجەملىككە ، ھاياتى كۈچكە تولغان ئۇلۇغۋار كۈينى ئورۇنداۋاتقاندەك بىر خىل شائىرانە تەسىراتقا ئېرشىدۇ . ئا . ئۇيغۇر دەل ۋەتەننىڭ خاتىرجەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش روھىغا ئىگە ۋەتەن ئوغلانىدۇر . ئاپتۇر بۇ ئىككى مىسرا تەسۋىر ئارقىلىق ئا. ئۇيغۇرنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى يۇرۇتۇشقا زىمىن ھازىرلىغان .
④شائىرنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىپ گويا
ئەجدادلار چۈشىنى كۆرسەتتى ماڭا،
بۇ مىسرادىكى «شائېر ناخشىسى» ، « ئەجدادلار چۈشى» ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكى ، خەلقنىڭ ئەركىنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاپتۇر ئا. ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەننىڭ ھۆرلىكىنى ، خەلىقنىڭ ئازاتلىقىنى مۇھىم بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكچى.
★سۆزلۈكلەرگە ئىزاھات:
ھاڭ-تاغنىڭ تىك، چوڭقۇر جايلىرى. يىغىر-سۈرۈلىشتىن ھاسىل بولغان جاراھەت، چاقا.
ئاستانە- پايتەخت، مەركەز. ئىدىقۇت – بەخت، ئامەت . يارغۇل-جاي ئىسىمى. تىلسىم-سىرلىق، مۆجىزىلىك. بەھرى- كۆڭلى،خالىق ئۇيغۇر- ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدۇ. تەك-ئۈزۈمزار. ئېدىر – تاغ باغرىدىكى پاكار غوللۇق ئۆسۈملىكلەر ئۆسكەن يەرلەر. تاجى- يۇقىرى پەللە. كارىز- يەر ئاستى قۇدۇقلىرىنىڭ تۇتاشتۇرلىشىدىن ھاسىل بولغان قەدىمكى سۇ ئىنشائاتى قۇرلىشى. روھان-(شېئىرىدىكى مەنىسى) غايىۋانە، خىيالى. جەزبىسى- جەلىپ قىلىش كۈچى، جاسارەت .
9. ئانا تىلىم
ئەخمەت ئىمىن
نەسىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
نەسىر دېگەن نېمە؟نەسىر مەزمۇنى، شەكلى ، تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئىخچام ۋە ئەڭ ئاز چەكلىمىلىككە ئۇچرايدىغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىردۇر. ئۇ كەڭ ۋە تار مەنىگە ئىگە.
كەڭ مەنىدىكى نەسىر- شېئىرىي يول بىلەن يېزىلمىغان، يەنى قاپىيەسىز، كۇپلېت مىسرالاشتۇرۇلماي يېزىلغان ھەرقانداق ماقالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تارمەنىدىكى نەسىر بولسا شېئىر ئەسەرلەر، ئېپىك ئەسەرلەر، سەھنە ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان ھەم لىرىك ھەم ئېپىك، درامماتىك ئەسەرلەرنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ئومۇملاشتۇرغان بىر خىل ئەدەبىي ژانىرنى كۆرسىتىدۇ.
نەسىرنىڭ تۈرلىرى- ئىپىك نەسىر، لىرىك نەسىر، مۇھاكىمىلىق نەسىر
★ لىرىك نەسىر-ئاپتورنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنى لىرىك ھېسىيات بىلەن ئىپادە قىلىدىغان نەسىر لىرىك نەسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئاپتورنىڭ ئۇنىڭدا مەلۇم ۋەقەلىك، مەلۇم مەنزىرە كۆرنىشى ئارقىلىق ياكى شۇ ۋەقە، مەنزىرە، پېرسوناژلارغا بولغان سوبىيكتىپ ھېسىياتى بىۋاستە ئىزھار قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھېسىيات بىۋاستە ئىزھار قىلىنىدۇ. كۆركەم مەزمۇن مۇھىتى يارىتىلىدۇ. بىراق، لىرىك نەسىر ئېپىكىلىق بايانى ۋەقەنى چەتكە قاقمايدۇ. ھېس-تۇيغىنى ئاساس قىلىدۇ.
1. ئاپتۇر ھەققىدە: ئەخمەت ئىمىن1950-يىلى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان. داڭلىق نەسىرچى، ئەدەبىي تەرجىمان.«قەلب ساداسى»،«باھار تىنىقى»،«جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى»ناملىق نەسىرلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. بۇ نەسىر ئۇنىڭ شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلغان«جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى .
2.ئەسەر مەزمۇنى ھەققىدە: ئاپتۇر بۇ ئەسەردە ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىققان قايناق ھىس تۇيغۇلىرى بىلەن ھەممىمىزنىڭ ئانا تىلى بولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىنى چوڭقۇر تەرىپلىگەن . مىللىتىمىزنىڭ يىراق كەچمىشلىرىنى ، شانلىق تارىخىنى ، پارلاق مەدەنىيتىنى ئاشۇ تەۋۋەرۈك ئانا تىل بىلەن بىلگەنلىكىنى سۆيۈنۈپ تۇرۇپ باياب قىلغان.
3. 1)يۇقارقى لىرىك جۈملىلەردە «ئانا، دادا، ئاكا، ئاچا... قاتارلىقلار سۆزلىگەن تىل پەقەت شۇلارنىڭ تىلىنىلا كۆرسىتەمدۇ ياكى باشقىچە مەنىسىمۇ بارمۇ؟
باشقىچە مەنىسى بار. «ئانا، دادا، ئاكا، ئاچا...» قاتارلىقلار نوقۇل شۇلارنى كۆرسىتىپ قالماستىن بەلكى ئاشۇلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداشلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، بۇ تىلنى ئەجدادلىرىمىز ئىشلىتىپلا قالماستىن تارىختا بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز بولغان باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئورتاق ئەدەبىي تىل سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان. شۇڭا بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان ئانا، دادا، ئاكا، ئاچا.. قاتارلىقلار ئەجدادلىرىمىزنىلا كۆرسەتمەستىن تارىختا ياشاپ ئۆتكەن، ھازىرقى ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئەجدادلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
2) «ئانا تىلىم، سەن بىر گۈل، ھەر خىل تىلنى ھەر خىل گۈلگە ئوخشاتقانغا ئوخشاش، مەنمۇ سېنى بىر گۈلگە ئوخشىتىمەن. گۈلزار بىر خىل گۈل بىلەنلا رەڭدارلىققا ئىگە بولالمايدۇ. جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدارلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار.» دېگەن ئابزاس ئارقىلىق ئاپتور قانداق بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن؟
ئاپتۇر بۇئابزاستا، ئۇيغۇرتىلىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەرنىڭ تىلى قاتاردا باشقا مىىللەتلەرنىڭ تىلىدەك مۇھىم، ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرتىلنى دۇنيا تىلزارلىقىدىكى خۇش پۇراق گۈلگە ئوخشتىش ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن .
يېڭى سۆزلەرگە ئىزاھات
خىتاب- سۆز بىلەن قىلىنغان ئىلتىماس، مۇراجىئەت،بۇيرۇق؛ئەپسانە- (پارسچە فىسۇن، فۇسۇن، سېھىر، ئەۋرەش، مىكىر سۆزىدىن) بىر تارىخىي ھادىسە ياكى كەچمىش ۋەقەنى فانتازىيىلىك تەرزدە تەسۋىرلىگۈچى ئەسەر. تەۋەررۈك- تەۋەررۇك قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسىگە قارىتىلىدۇ. قۇتلۇق ــــــ بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان نەرسىگە قارىتىلغان. سەلتەنەتى- ھۆكۈمرانلىق، پادىشاھلىق، سۇلتانلىق، دەبدەبە، تەنتەنە: ئىپتىخار- شان - شەرەپ ھېسسىياتى. «مايتىرى سىمىت»-بۇددا دىنىي مەزمۇنىدىكى دراما. مەرسىيە- تەزىيە شېئىرى. مەسھ-(1) قول بىلەن سىپاش، قول سۈرتۈش، تەرەت ئالغاندا باشنى يۇيۇش، قول بىلەن سىپاش.(2)ئادەم ئىسمى. تاۋغاچ- قەدىمكى جۇڭگو... ئىمام مەھدى- (ئىسلام دىنىدىكى ئون ئىككى ئىمامنىڭ بىرى). بەھرە- قىسمەت، نېسىۋە؛ ئۈلۈش؛ پايدا: ھوزۇر، لەززەت. سىمفونىيە-چوڭ ھەجىملىك يۈرۈشلەشكەن كۈي. جىلۋە- يالتىراقلىق، نۇرلانماق؛ قاش - كۆزلىرىنى ئويناتماق، غىلجىڭلىماق، ناز قىلماق؛ ياسانماق. رەڭمۇرەڭ تاۋلىنىش، كۆركەم كۆرۈنۈش.
10. نېلىپەر كۆلىنىڭ ئايدىڭدىكى مەنزىرىسى
جۇزىچىڭ
1. ئاپتور توغرىسىدا: جۇزىچىڭ-(1898-1948)، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ شەھىرىدىن. بۇ نەسىر ئۇنىڭ «جۇزىچىڭ نەسىرلىرى» ناملىق توپلىمىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
2. ئەسەې مەزمۇنى: ئاپتۇر بۇ ئەسەردە جىمجىت، غۇۋا كۆل مەنزىرسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ، ئۆز كۆڭلىدىكى غېرىبلىقنى، قايغۇسىنى ، ھەسىرتىنى ۋە جەمئىيەتكە بولغان نارازلىقىنى ئىپادىلىگەن .
1. « بىر نەچچە كۈندىن بىرى كۆڭلكۈم ئانچە تىنىچلانمىدى» دىگەن سۆزنى قانداق چۈشۈنىش كېرەك ؟
بۇ ئەسەردىكى ئەڭ ھالقىلىق سۆز بولۇپ ، ئەسەردىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان ئىددىينى بەلگىلەيدۇ. ئاپتۇر بۇ بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق پۈتكۈل ئەسەرنىڭ ئاساسلىق مىلودىيسىنى ئەسەر بېشىدىلا ئوقۇرمەنلەرگە بىلدۈرىدۇ.
ئەسەرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنىشى: بۇ ئەسەر 1927-تىلى يېزىلغان بولۇپ ، ئەينى يىللار جۇڭگو زىمىننى ئاق تىرورلۇق قاپلىغان ۋاقىت ئىدى. يەنى،گومىنداڭ كۈچلىرى كومپارتىيە ئەزىلىرىنى قىرغىن قىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى . ئەسەر مانا مۇشۇنداق بىر دەۋىرنى ئۆزىگە ئارقا كۆرنىشى قىلغان.
2. ئاپتور نېلۇپەر كۆلىنىڭ قانداق مەنزىرلىرىنى يازغان؟ بۇ مەنزىرلەر قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
جاۋاب: نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئومۇمىي كۆرىنىش، يوپۇرماقلار، گۈللەر، مەيىن شامالدىكى تارالغان خۇش پۇراقلار، سۇنىڭ يىنىك تەۋرىنىش ھالەتلىرى ئوبرازلىق تەسۋىرلەنگەن. (4- ئابزاس)
نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى مەجنۇن تاللارنىڭ ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇرغان ۋاقىتتىكى گۈزەل كۆرىنىشى ئوبرازلىق تەسۋىرلەنگەن. (5-ئابزاس)
نېلۇپەر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان يىراق يىقىن ئوي-دۆڭلۈكلەرنىڭ ئايدىڭدىكى گۈزەل مەنزىرسى، تومۇزغا، پاقىلارنىڭ نەغمە-ناۋاسى تەسۋىرلەنگەن. (6-ئابزاس)
بۇ مەنزىرلەر 1)كۆلنىڭ يۈزىنى نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى قاپلىغان، گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان، سۇ يۈزىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. 2) كۆل ئەتىراپىنى مەجنۇل تال ۋە باشقا دەرەخلەر قاپلىغان، كۆل ۋە ئەتىراپى ئاي نۇرىدا ئاجايىپ گۈزەل قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. ئومۇمەن بۇ مەنزىرلەر تولىمۇ گۈزەل، تەبىي، كىشى زوقىنى تارتىدىغان مەنزىرلەردۇر.
3)مەنزىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئاپتورنىڭ كەيپىياتىمۇ تەدىرىجى خوشاللىققا قاراپ ئۆزگەرگەن.
11.گۈل ناخشىسى
جىبران خىلىل جىبران
1.ئاپتورنىڭ ھاياتى ئىجادىي پائالىيتى توغرىسىدا:
جبران خىلىل جىبران (1883-1931) لىۋانلىق شائىر، رەسسام، خىرستىئان دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئەرەب. ئۇنىڭ «ياش ۋە گۈلگە»، «قۇم ۋە بۇزغۇن» قاتارلىق نەسىرى شېئىر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ بۇ نەسىرى شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى نەشىر قىلغان «ياش ۋە گۈلگە» ناملىق نەسىرلەر توپلىمىدىن ئېلىندى.
2. ئەسەر مەزمۇنە ھەققىدە: «گۈل ناخشىسى» ناملىق نەسىردە ئاپتۇر گۈلنى تەبىئەتنىڭ سۆزىگە، يۇلتۇزىغا، سوۋغاتقا ئوخشىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، جانلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈل تىلى بىلەن ئىنسانلارغا بولغان خىتابىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاپتور نەسىردە باغلانما تەسەۋۋۇر ئارقىلىق گۈلنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرىگەن. ئاپتور گۈلنى تەبىئەتكە، يۇلتۇزغا، سوۋغاتقا، ئېلىمىتلارنىڭ قىزىغا ئوخشىتىپ باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇ ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى گۈل ئارقىلىق جۇلالىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى ئاسىرىشى لازىملىقىدەك ئىدىيەنى ئالغا سۈرگەن. ئىنسانلارنى كەڭ قورساق بولۇشقا چاقىرغان.
3. نەسىرنىڭ ئاخىرىدا«ھالبۇكى بۇ پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى تېخى ئىنسانلار بىلىپ يەتكىنى يوق» دىگەن جۈملىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ بۇ يەردىكى« پەلسەپىۋى قائىدە» زادى قايسى قائىدە؟
بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ھاياتقا، تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتىغا كۈلۈپ باقمايدىغان، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمەيدىغان «مەنىۋىيىتى نامرات »كىشىلەرنى تەنقىد قىلغان.
بۇ يەردىكى« پەلسەپىۋى قائىدە»:« ھاياتلىقتا ئىنسان چۇقۇم بەھرىمەن بولۇپ ياشاش ھەم تەقدىم قىلىپ ياشاشنى بىلىش كېرەك. چۈنكى، دۇنيادىكى شەيئىلەر يىگانە ھالدا ماۋجۇت بولالمايدۇ . » دېگەندىن ئىبارەت.
13.بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ
لېف نىكولايىۋىچ تولىستوي
1.لېف نىكولايىۋىچ تولىستوي (1828-1910) روسىيىنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىسى. ئۇ 1828-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى روسىيىنىڭ تۇلا ئۆلكىسىدىكى ياسىنايا پوليانا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1910-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاستاپوۋو چوگزالىدا ۋاپات بولىدۇ.
2. ئەسەر مەزمۇنى:
بۇ ئەسەردە باخوم ئىسىملىك بىر دىھقاننىڭ يەرگە ئېرشىش تەشنالىقى ، يەرگە ئېرشىش جەريانىدىكى ئىنساپسىسزلىقى، داۋاملىق زورىيۋاتقان يەر ئىگىلەش ئارزۇسىنىڭ ئارقىسىدا باشقىرىتلارنىڭ ماكانىدا ھالاك بولۇشتەك ئاقىۋىتى تەسۋىرلەنگەن . ھەم كىشىلەرنى قانائەتچان بولۇشقا چاقىرغان.
3. باخوم قانداق ئادملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن قانداق ھەقىقەتنى چۈشەندىڭىز؟
بۇ ھېكايىدىكى باخۇم- نەپىسنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتكەن، نام-شۆھرەت، قۇرۇق ئابروي قوغلىشىپ ھالاك بولغان كىشىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنە بىر مەنىدىن ئېلپ ئىيتقاندا ئۇ تىنىم تاپماي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بولغان ئىسلاھاتچى، ئۇلۇغ دادا. ئەمما ئۇ نام-شۆھەرەت، نەپىسنىڭ كەينىگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كەتكەچكە ئاخىردا ھالاك بولغان.
4. ھېكايىدىكى ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالۋاستىنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئارزۇ-ئارمان ۋە رىقابەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ؟
ھېكايىدىكى ئالۋاستىنى ۋەسىۋەسىسى- ھەر قانداق ئادەمدە ياخشى تەرەپ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يامان تەرەپنىڭمۇ يوشۇرۇن بولىدىغانلىقى، شۈكۈر قانائەت بىلەن ئاچكۆزلىك بىر بىرىنىڭ سادىق ھەمراھى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.... چۈنكى، ئاچكۆزلىك، شۆھرەتپەرەسلىك، نەپسانىيەتچىلىك ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتكەندە مېھرى مۇھەببەت، قانائەتتىن، ھەمكارلىقتىن سۆز ئاچقىلىق بولمايدۇ. شۇڭا باخوم ئالۋاستىنىڭ ۋەسىۋەسىسىگە ئارزۇ ئارمان ۋە رىقابەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلمايدۇ.
3.ئاپتور ھېكايىدە يەنە باخومنىڭ باشقىرتلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە كۆرگەن چۈشىنى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ ۋە ئۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئىپادىلەشتىكى بىر ئۆزگىچىلىك. ئاپتور ھېكايە راۋاجىنىڭ ئالدىغا نېمە ئۈچۈن بۇ چۈشنى قىستۇرىدۇ؟ بۇ ئارقىلىق باخومنى نېمىگە دەۋەت قىلماقچى؟
باخۇمنىڭ كۆرگەن چۈشى يامانلىقنىڭ بىشارىتى . بۇ چۈشنى قىستۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەد باخۇمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئاچكۆزلىك، نەپسانىيەتچىلىك، شۆھرەتپەرەسلىك خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىش. بۇ ئارقىلىق باخۇمنى ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلىكتىن ، نەپسانىيەتچىلىكتىن ، شۆھرەتپەرەسلىكتىن قول ئۈزۈپ ئۆتكۈزىۋاتقان ياخشى كۈنلىرىگە شۈكىرى قانائەت قىلىشقا دەۋەت قىلماقچى .
14. ئاقچۇق سېيىدا
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
1.ئاپتور ھەققىدە: شائىر ئابدۇرېھىم تىلەشوف ئۆتكۈر 1923-يىلى قۇمۇلدا سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئاتاقلىق يازغۇچى،شائىر، شۇنىڭدەك تونۇلغان ئجتىمائى پەن ئالىمىدۇر. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەدەبى ئجادىيىتى 1939-يىلىدىن باشلانغان، 1985-يىلى تاللانغان شېئىر، داستان،نەسىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن«ئۆمۈرمەنزىللىرى»ناملىق توپلىمى نەشىر قىلىندى. 1984-يىلى تارىخى رومان «ئىز»، 1988-، 1994-يىلى «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى نەشىر قىلىندى.
2. ئەسەر مەزمۇنى: بۇ ئەسەردە « ئاقچۇق سېيىدا» ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق جەڭ تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، تۆمۈر خەلىپە باشچىللىقىدىكى زۇلۇمغا قارشى كۈچلەر بىلەن چىيەن دارىن، شامەخسۇت قاتارلىق خەلىقنى ئەزگۈچى كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى كۆرەشنى تىپىك مۇھىتقا قويۇپ ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق تۆمۈر خەلىپە باشچىللىقىدىكى زۇلۇمغا قارشى كۈچلەرنىڭ باتۇر ، قورىقىماس روھىنى، چىيەن دارىن، شامەخسۇت قاتارلىق خەلىقنى ئەزگۈچى كۈچلەرنىڭ قورقۇنچاق، ياۋۇز قىلمىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
3. تېكىستتىكى ئاساسلىق پېرسوناژلار كىملەر؟
جاۋاب: تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز پالگان، يۈەن داخۇا، شامەخسۇت ، چىيەن دارىن قاتارلىقلار.
4. ئەسەرنىڭ بېشىدا ئىككى پارچە ئېپىگىراف بېرىلگەن.ئۇنىڭ ئەسەر مەزمۇنى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ.
جاۋاب: تېكىستنىڭ بېشىدا ئىككى پارچە ئېپېگىراف بېرىلگەن. باشتىكىسى تۆمۈر خەلىپىگە ئوخشاش ئەزىمەتكە ئەگەشكەن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىغا قارىتىلغان. كېيىنكىسى يۈەن داخۇادەك خەلقنىڭ كۈچىگە سەل قارايدىغان، كۆرەڭ ھەم نادان ھۆكىمىرانلار سىنىپىنىڭ ئاخىرى خەلقنىڭ قۇدرىتى تەرىپىدىن مات بولىشىدەك ئاقىۋىتىگە ئىشارە قىلىنغان.
5. پىرسۇناژلار ھەققىدە تەھلىل:
بۇ پارچىدىكى پىرسۇناژلار تەبىئىي ھالدا ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن: بىرى، شامەخسۇت، چىيەن دارىن قاتارلىق ھۆكۈمرانلار گۇرۇپىسى، يەنە بىرى، تۆمۈر خەلىپە، خوجىنىياز پالگان قاتارلىق خەلق قوزغىلاڭچىلىرى گۇرۇپپىسى.
1) تۆمۈر خەلىپە،خوجىنىياز پالگان- ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەشكە ئاتلانغان، ئادالەت يولىدا ئۆلۈمدىن قورقىمايدىغان، ئۆزلىرىنى ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن بېغىشلىغان، ۋىجدانلىق، جاسارەتلىك، باتۇر، مەرد، پاراسەتلىك قوزغىلاڭ يىتەكچىلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
2) چىيەن دارىن، يۇەن داخۇا- شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قان- قەرزىگە بوغۇلغان، رەزىل جىنايەتلىرى چېكىدىن ئاشقان، ۋەھشى رەھىمسىز، ئاچكۆز، ھاكاۋۇر، قورقۇنچاق ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
دېكلىماتسىيە
دېكلىماتسىيە تىل-ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل.
دېكلىماتسىيەدە ئالدى بىلەن ئەسەردىكى سۆز جۈملىلەرنى چۈشەنگەن ئاساستا توغرا، ئۇرغۇلۇق ئوقۇش، قارىسىغىلا ئوقۇماسلىق لازىم. ئىككىنچىدىن، ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرىنىشى، مۇددىئاسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت قاتلىمى ۋە ھېسىيات تۈسىنى چوڭقۇر چۈشىنىۋېلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنپ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
دېكلاماتسىيەدە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك؟
1) دۇدۇقلىماي راۋان سۆزلەش، سۆزلەرنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، قوشۇپ قويماسلىق، مەزمۇننى توغرا تولۇق ئىپادىلەش
2)دىكتور-رىياسەتچىلەرگە خاس ھېسىيات بىلەن ئوقۇش ياكى سۆزلەش، چىراي ئىپاىسىدە مۇبالىغە ياكى چۆكۈرۈش ئىپادىلىنىپ قالماسلىق
3)سۆزلىگەندە سۆزلەرنىڭ ئېنىق، ئېغىز تىلىغا يېقىن بولۇشىغا، يۇمۇرلۇق، جانلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
★ دېكلاماتسىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئەدەبىياتچانلىقى، سەنئەتچانلىقى، ئورۇنداشچانلىقى
(زۆرۈر دەرىسىلىك 2)
1. كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى
نۇرمۇھەممەت توختى
★ ئىپىك نەسر- بۇ ئادەم ۋە ئىش ،ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەش ئاساس قىلىنغان نەسرىي ئەسەر بولۇپ،ماھىيەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەخس ،ۋەقەلەرنىڭ ئۆزگىرىش،راۋاجلىنىش جەريانىنى نۇقتىلىق ھالدا ئىپادىلەيدىغان بىر خىل شەكلدۇر.
1.ئاپتۇر ھەققىدە: نۇرمۇھەممەت توختى، 1949-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان، ئۇ 1984-يىلى «بويتاق ھەققىدە خاتىرلەر» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە كىرىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ «ئۇ دۇنيادىكى سوراق»، «شەھلا كۆز»، «قارلىغاچ ئۇۋا سالغان پىشايۋاندا»، «چۆل ئوغلى»، «كۈلۈپ كۆرگەنلەر ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلەر» قاتارلىق توپلاملىرى نەشىر قىلىندى.
2 . ئەسەرنىڭ مەزمۇنى: ئاپتور بۇ ئىپىك نەسردە چۈشىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھايات سەھنىسىدە ئەۋلادلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا كۈچلۈك رىقابەتكە ھەر ۋاقىت، ھەر دەقىقە دۇچ كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەربىر مىللەتنىڭ يىراق مۇساپىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا كۆزلىگەن پەللىگە پەقەت مىللىي خاسلىقنى ساقلاپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىقلا يېتىپ بارالايدىغانلىقى، يېتىپ بارغان دەقىقىلىرىدە ئوخشاشلىق بولسىمۇ، مىللىي ئەنئەنە بىلەن رىقابەت دۇنياسىدا ئۆز ـ ئۆزىنى ساقلايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
3 . ئەسىرىدىكى «ئالدىنقى پەللىدىن كەلگۈچى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قوللىرىمغا تۇتقۇزغاندا،مەن ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقاللىرىنى غۇۋا كۆرۈپ قالدىم»دېگەن جۈملىدە ئاپتور نېمە ئۈچۈن كۆرۈشنى «ئېنىق كۆردۈم» ياكى «كۆردۈم» دېمەستىن «غۇۋا كۆردۈم» دەپ يازىدۇ ؟
ئاپتور كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مەيدانىدىكى «مەن ئۇنىڭ يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاپئاق ساقاللىرىنى غۇۋا كۆرۈپ قالدىم » دېگەن جۈملە ئارقىلىق ناھايىتى يىراق ئۆتمۈشتىن باشلاپلا ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشقا كۈچلۈك رىقابەتنىڭ ھەم داۋاملاشتۇرۇشنىڭ داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. (ھەمدە، ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرسىدا ياتلىشىش، بىر- بىردىن ياتسىراش ئەھۋالى پەيدا بولۇپ قالغان. شۇڭا «مەن» بوۋاينىڭ ئاپپاق ساقىلىنى غۇۋا كۆرىدۇ.
★ «مەن چىمەن دوپپىنى نۆۋەتچىگە تۇتقۇزدۇم، قارىسام نۆۋەتچى مېنىڭ ئوغلۇم ئىكەن» مانا بۇ جۈملىدىن مىللىي ئەنئەنىنىڭ خاسلىقى زامانىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىنىۋاتقان كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي ئەۋلادلارنىڭ روناق تېپىشىنىڭ تىرەن، مەڭگۈ قۇرۇپ قالمايدىغان يىلتىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
★ «نېمىشقىدۇر ئىككى غېرىچچە ئۇزۇنلۇقتىكى كۈمۈشتەك ئاق ساقاللىرىنى سىيلاپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدۇم» مانا بۇ مۇشۇ نەسرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا «مەن» نىڭ چۈشتىن ئويغانغاندىن كېيىنكى رېئاللىقتىكى ھەرىكىتى. «مەن» شۇنىڭ ئۈچۈن مەمنۇن يولۇدىكى ۋارىسلىق قىلغۇچى ئوغلى بار.
★ «ئۇ ئاخىرقى پەللىنى كۆردى، ئوغلى دادىسىنىڭ قولىدىن چىمەن دوپپىنى ئېلىپ، باشقا رىقابەتچىلەر بىلەن پەللىگە قاراپ تەڭ چېپىپ كېتىۋاتىدۇ.» مانا بۇ زامانىۋىي مەدەنىيەت بىلەن مىللىي خاسلىقنى يۇغۇرۇپ زامانغا لايىق يېڭى مىللىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىشقا تولۇق شارائىت بار بولغانلىقىدۇر.
4..... مەن تولىمۇ ئۇزۇن يۈگۈردۈم. ھەيرانمەن، كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پەللىسى قىسقا بولىدىغان، ھەربىر پەللىدە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى تاپشۇرۋالىدىغان نۆۋەتچى كۈتۈپ تۇردىغان. ئالدىمدا بولسا مەنزىلمۇ، نۆۋەتچىمۇ كۆرۈنمەيتى ...
بۇ يەردىكى مۇساپە نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ئاپتۇر نىمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزۇن يۈگۈرسىمۇ مەنزىلگە يىتىپ بارالمايدۇ؟ (بۇ يەردىكى مۇساپە، ھاياتلىق مۇساپىسىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزنىڭ ھاياتلىقتىكى بۇرچىنى تېخى ئادا قىلىپ بولالمىغان.)
5. «مەن» يۈگۈرۈش جەريانىدامۇسابىقەداشلىرىنىڭ قولىدا نىمە بارلىقىنى كۆردى؟
ئالتۇندىن ياسالغان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكى، مىخانىزاتور مودىلى، كىتاب، ساز قاتارلىقلارنى كۆردى.
6. 1) نەسىردىكى سىمۋۇللۇق ئاتالغۇلارنىڭ مەنىلىرىنى قانداق چۈشنىسىز ؟
ئالتۇن كالتەك- ئەجدادتىن ئەۋلادقا قالغان بايلىقنى، مىخانىزاتور مودىلى- يۇقىرى پەن- تېخنىكنى، كىتاب- بىلىمنى، ساز- مىللىي سەنئەتنى كۆرسىتىدۇ.
2. مەن قولىدا نىمىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈردى؟ ئۇ نىمىگە سىمۋۇل قىلنىدۇ؟
(مەن قولىدا چىمەن دوپپىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈردى. چىمەن دوپپا دوسىتلققا، ئەنئەنىگە سىمۋۇل قىلىنغان.)
3) نىمە ئۈچۇن مۇسابىقىداشلارنىڭ ھەممىسى پەللىگە تەڭلا يېتىپ بارىدۇ ؟
(چۇنكى مۇسابىقىداشلارنىڭ ھەممىسى ئەجدادلارنىڭ ئەۋلاتلارغا قالدۇرغان مەدەنىي مىراسلارنى يەتكۇزگۈچىلەردۇر يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا ھايات مۇساپىسىدىكى رىقابەتتە يۈكسەك بۇرۇچ تۇيغۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تىنىمسىز ئەجىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نىشانى- پەللىسىگە يىتىپ بارالايدۇ،)
2.دېڭىز سەپىرى
تۈرگېنېف
1. ئاپتۇر ھەققىدە: تۈرگېنېف (1818-1883) رۇسىيە يازغۇچىسى، دراماتورگى ۋە شائىرى . «رودىن»، «ئانىلار ۋە بالىلار»،«ئاقسۆڭەك ئائىلىسى»،«ھارپا قاتارلىقلار» رومانلىرى بار.1883 -يىلى سېنتەبىردە پارىژدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
2. ئاساسىي مەزمۇنى :
بۇ نەسىردە « مەن » نىڭ غېرىبسىنىش ھېسىياتى، تەنھالىق تۇيغۇسى ھەمدە كۆڭۈل غەشلىكى بىلەن تولغان بىر قېتىملىق دېڭىز سەپىرى يېزىلغان. ئاپتور نەسىردە ئىخچام،ئوبرازلىق، شېئىرىي پۇرىقى تولىمۇ كۈچلۈك بەدىئىي تىل ئارقىلىق ھېس-تۇيغۇنى مۇھىت-مەنزىرگە سىڭدۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوبرازلىق كۆرۈنۈش، كارتىنىلارنىڭ ياردىمىدە «مەن» نىڭ روھىي دۇنياسىنى ئىنتايىن يارقىن نامايەن قىلىپ بەرگەن.
2. «مەن» بىلەن مايمۇننىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ شەكىللىشىنىگە سەۋەب بولغان ئامىللار؟
(1) «مەن»نى چىرمىۋالغان غېرىب، مىسكىنلىك ۋە تەنھالىق تۇيغۇسى. (2) مايمۇننىڭ تەشەببۇسكارلىقى (3) كېمە باشلىقىنىڭ بىپەرۋالىقى
3. ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەت توغرىسىدا نېمىلەرنى ھىس قىلدىڭىز؟
1.ئادەم بىلەن ئادەم ئۆز-ئارا چۈشىنىشكە، دوستانە مۇناسۋەتكە ۋە قىزغىن مۇئامىلىگە مۇھتاج.
2.ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسۋەتتىن ئېيتقاندا: تەبىئەت ئىنسانلارنىڭ ئانىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ مول نېمەتلىرى بىلەن ئىنساننىڭ ھاياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك مەۋجۇدات بىلەن ئىنسانلار ئوخشاشلا تەبىئەت ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى. شۇڭا ئىنسانلار بىلەن ئۇ مەۋجۈدات قېرىنداشلاردۇر. ئىنسانلار تەبىئەت بىلەنمۇ، ئۇ مەۋجۇدات بىلەنمۇ دۈشمەنلەشمەسلىكى، بەلكى دوستانە مۇناسۋەتتە بولۇشى كېرەك.
4. مېنىڭ بىر كۈنۈم
ئەخمەت ئىمىن
1. ئاپتۇر ھەققىدە: ئەخمەت ئىمىن1950-يىلى ئۈرۈمچىدە توغۇلغان. داڭلىق نەسىرچى، ئەدەبىي تەرجىمان.«قەلب ساداسى»،«باھار تىنىقى»،«جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى»ناملىق نەسىرلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. بۇ نەسىر ئۇنىڭ شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلغان«جۇلدۇر كېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى .
2. بۇ نەسىردە «مەن»نىڭ «يولدا»، «مەكتەپتە»، «ئۆيدە» ئۆتكەن بىر كۈنلۈك ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتۇر نەسىردە «مەن» نىڭ بىر كۈنلۈك قانداق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن؟
يولدا : « مەن » نىڭ چېچەن ، تېتىك ، جۇشقۇن، قىزىققاق ، ھېرىسمەن ھېسياتى ئىپادىلەنگەن.
مەكتەپتە:«مەن» نىڭ ئەدەپ-قائىدىلىك،ئىلىمخۇمار،تەسەۋۋۇرغا باي ھېسياتى ئىپادىلەنگەن.
ئۆيدە: « مەن » نىڭ ئىشچان، تىرىشچان، ئىرادىلىك ھېسياتى ئىپادىلەنگەن.
2) تۆۋەندىكى جۈملىلەرنىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسىنى ئېيتىپ بېرىڭ:
بىرىنچى، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىپ، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار بىلەن سىردىشىپ، قاراڭغۇ جاڭگالدىن ېىڭى يول ئېچىۋاتىمەن.
بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: ئىلىم-پەندە يېڭىلىق يارىتىش، ئىلىم دۇنياسىغا نامەلۇم سىرلارنى ئېچىش تولىمۇ جاپا مۇشەققەتلىك، ئەمما كۆڭۈللۈك بىر ئىش دېگەن مەنىدە.
ئىككىنچى، تۈۋى يۇمشىتىلىپ، ئوبدان ئوغۇتلانغان، تازا ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، سۇغۇرۇلغان يەرلەرگە تېرىلغان گۈل ئۇرۇقى تېزلا ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن بوران-چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
بۇ جۈملىنىڭ مەنىسى: «ئادەم كىچىكىدىنلا قەيسەر، چىداملىق ، ئىرادىلىك، جۈرئەتلىك بولمىسا، كىچىككىنە قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويۇۋەتسە چوڭ بولغاندا كىشلىك ھاياتنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا قىلچە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.» دىگەن مەنىدە.
ئۈچىنچى، بىلىمنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا يامىشىۋاتقىنىڭدا ئالدىڭغا قورقۇنچلۇق تاشلار سىرىلىپ چۈشۈپ تۇرىدۇ، سەللا بوش كەلسەڭ، تاش بىلەن قوشۇلۇپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىسەن.
«مەغلۇبىيەت ئالدىدا بەل قۇيىۋەتكەن ، ئۆزىنى يوقانقان ۋە ئۈمىدسىزلەنگەن كىشى مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالمايدۇ. » دىگەن مەنىدە.
مۇھاكىمىلىق نەسر
★مۇھاكىمىلىق نەسر-مۇھاكىمە ۋە باياننى ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلغان ھەم سىياسى خاراكتېرلىق ھەم ئەدەبىي خاراكتېرلىق نەسرلەرنى كۆرسىتىدۇ .بۇ خىل نەسرلەردە جانلىق ۋە ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر تىپىك شەخس ،ۋەقە ياكى مەلۇم كۆزقاراش ئۈستىدە مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ،ئىدىيە ئالغا سۈرىلىدۇ .مۇھاكىمىلىق نەسر-فېلياتون،نەسرىي ئەدەبىيات،ئەدەبىي خاتىرە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇھاكىمىلىق نەسردە تەبىئەت،جەمئىيەت،كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ھايات قانۇنيەتلىرى لىرىك،بەدىئىي يول بىلەن مۇلاھىزە قىلىنىپ مەلۇم پەلسەپەۋىي پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. ياكى مەلۇم بىر خىل كۆزقاراش بەدىئىي يول بىلەن مۇھاكىمە قىلىنىپ ئىسپاتلىنىدۇ.
9. «ئات» بىلەن «ئات مىنگەن كىشى»
ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن
1. ئاپتۇر ھەققىدە: ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا ئۇسسۇل سەنئىتى » ، « ئۇمۇمىي ئېستېتىكا » ، « فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىتېمىسى »، « قاتلاملىق ئېستېتىكا » ، « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى » ، « غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ، « ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى»، «‹قۇتادغۇبىلىك›خەزىنىسى» ،«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»، «ئائىلە» قاتارلىق 20 پارچە كىتابى نەشىر قىلىنغان.
2. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى: « ئات» بىلەن « ئات مىنگەن كىشى » ناملىق نەسىر پەلسەپۋىلىكى كۈچلۈك بولغان مۇھاكىملىق نەسىر بولۇپ ، نەسىردە روھ بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئوبرازلىق ھالدا ، سىمۋوللۇق مەنىلەر ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ ، ئىنسان تىنىنىڭ ھايۋانغا، يەنى «ئات » قا ئوخشايدىغانلىقى، ئىنسان روھىنىڭ، مەنۋىيتىنىڭ «ئات مىنگەن كىشى» گە ئوخشايدىغانلىقى، ئەگەر ئات مىنگەن كىشى ئاتنىڭ،يەنى جىسمىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن ، ماددىي ھۇزۇر ھالاۋەت ئۈچۈن ياشايدىغان بولۇپ قالسا، بۇنىڭ تولىمۇ چاكىنلىق بولۇپ قالىدىغانلىقى، ئەكىسچە ئاتنى ئات مىنگەن كىشى ئۆز ئىھتىياجىغا بوي سۇندۇرۇپ ، مەنىۋى جەھەتتە ، پەزىلەت جەھەتتە مۇكەممەللىك قوغلىشالايدىغان بولسا ، بۇنداق ھاياتنىڭ تاكاممۇللاشقان ، ئەھمىيەتلىك ھايات بولىدىغانلىقى چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق روشەن يۇرۇتۇلۇپ بىرىلگەن.
3.ئەسەردىكى «ئات» ۋە «ئات مىنگەن كىشى» نىمىگە سىمۋول قىلىنغان ؟
«ئات» ــــ ئىنساننىڭ جىسمىگە، تەنگە،
«ئات مىنگەن كىشى» ــــــــ ئىنساننىڭ روھىغا، مەنىۋىيتىگە سىمۋول قىلىنغان.
4.«ئەگەر ئات مىنگەن كىشى دانا بولسا ، ئاتنى كامالەتكە يىتەكلەيدۇ، نادان بولسا ئات ئۇنى ئوقۇرغا باشلايدۇ.» بۇ جۈملىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ؟
ئەگەر ئىنسان روھى،مەنىۋىي جەھەتتىن بۈيۈكلىككە يەتكەن بولسا يەنى غورور، ۋىجدان، ئىنساپ ، پەزىلەت جەھەتتە ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى مۇھىم دەپ بىلسە ، مۇنداق كىشى تەننىڭ ئىھتىياجىنى ئۆز ئەقلىگە بوي سۇندۇرالايدۇ، ئىسانىي كامىللىققا يىتىدۇ. ئەگەر كىشى ئىسانىي كامىللىقتىن خالىي بولسا، يەنى تەننىڭ راھىتى-ھاۋايى-ھەۋەس، ھۇزۇر ھالاۋەت، راھەت –پاراغەت غېمىدىلا ياشىسا بۇنداق كىشىنىڭ ھايۋان بىلەن پەرقى يوق دېمەكچى.
5. «ئۆزلۈك» ئاتالغۇسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ماھىيتىنى ئىگەللەش، بارلىىق نەپسى خاھىشىنى يېڭىپ روھى جەھەتتىكى ئۇلۇغلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش. بىر مىللەتكە نىسپەتەن مىللىي ئۆزلۈك بولسا ـــ «بىز كىم، نەدىن كەلدۇق، قانداق بولدۇق، نەگە بارىمىز؟ » دېگەندىن ئىبارەت.
10. «ھاياتقا مۇھاببەت»
ھاجى ئەخمەت كۆلتىكىن
1. ئاپتۇر ھەققىدە: ھاجى ئەخمەت كۆلتىكىن 1942-يىلى 9-ئايدا قەشقەردەتۇغۇلغان. «كۈلۈپ ياشايلى قىسمىتىمىزدىن»، «نۇزۇگۇم خاتىرىسىگە»، «چۈش»، «ئۇلۇغلايلى ئىنساننى»، «ئېتىقاد»، «ئۆزۈمگە سۇئال»، «شېئىر ۋە شائىر»،قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى شېئىرلارنى؛«كىتاب ھەققىدە باللادا»،«نۇزۇگۇم» قاتارلىق باللادىلارنى، «بۈركۈت ناخشىسى» قاتارلىق داستانلارنى ۋە نۇرغۇن روبائىيلارنى يازغان.«ئالتۇن ئاچقۇچ» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا» ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەسىرى، «ئۆچمەس يۇلتۇزلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «دېڭىز ئۈنچىلىرى» ناملىق مەخسۇس ئىلمىي ئەسىرى، «نۇرلۇق چولپان» ناملىق بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى توپلىمى، «قىيان»ناملىق پوۋېسىت،ھېكايىلەر،نەسىرلەر، دراما توپلىمى، «كىتاب ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت» ناملىق ئەدەبىي ماقىالىلەر توپلىمى،«سېھىرلىك ئالتۇن»ناملىق بالىلار ئۇقۇشلىقى، «شەپەق جۇلاسى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
2. ئەسەر مەزمۇنى: ئەسەرسە ئاپتۇر بىر ساتقۇن،نومۇسسىز مەھبۇس بىلەن يەنە بىر قەھرىمان، قەيسەر ئىنقىلاپچىنى قىياپەت، پىسخىك روھى ھالەت، تىل تەسۋىرلىرىدىن پايدىلنپ روشەن سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەت ، ئەركىنلىك، شان-شەرەپ ئۈستىگە قورۇلۇشى كېرەكلىكىنى، بۇلارنى بەدەل قىلىپ ھايات قېلىشنىڭ نومۇس ئېكەنلىكىنى ، ۋەتەننىڭ ئازادلىقى،خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بېغىشلانغان ھاياتنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى « مەڭگۈ ئۆلمەس ھايات » بولىدىغانلىقنى يەكۈنلەپ كۆرسىتىپ بەرگەن .
12.«ئىنساپ سودىگىرى»
مۇھەممەت ئابلىز بۆرىيار
1. ئەسەر مەزمۇنى: ئاپتۇر بۇ نەسىردە ئىنساپ ھەققىدە مۇاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق كىشىلەر ئۈچۈن « كۆز گۈھىرى» «يۈرەك پارىسى» سانىلدىغان ئىنساپنىڭ بەزى كىشىلەر تەرپىدىن «ئەرزىمەس»، « تاشلاندۇق»، « ئارتۇقچە يۈككە» ئايلىپ قېلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئېچىنىشىنى، نارازىلىقىنى ۋە تەنقىدىنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى ئەيىپلەيدۇ، شۇنداقلا ئىنساپتىن ئىبارەت ئىسىل ئەخلاق-پەزىلەتنىڭ ھەرقانداق ئادەمدە بولمىسا زادى بولمايدىغانلىقنى تەكىتلەپ، كىشىلەرنى ئىنساپلىق بولۇشقا چاقىرغان.
2. «مەن » نېمە ئۈچۈن ئىنساپ سودىگىرى بولۇش نىيتىگە كىلىدۇ؟
بۇ ئەسىردە مەن باش-ئايىغى يوق بۇ بازارغا مېھمان بولۇش نىيىتىدە كەلگەن بولسىمۇ،رەھىمسىز رېئاللىق ئۇنىڭ بۇ چۈشىنى بۇزۇۋېتىدۇ.چۈنكى ئادەملەرنىڭ ۋىجدان ،غورۇر،دىيانەت،ئىنسانىي خاراكتېر،ئىنساپ دېگەنلەرنى خالىغانچە ئاياق-ئاستى قىلىشى،سېتىشى «مەن» نى بىئارام قىلىدۇ.ھەمدە ئىنساپنىڭ تۈگەپ كېتىۋاتقانلىقىغا بولغان ئېچىنىش، ھەققانىيەت ئۈچۈن چۇقان سېلىش روھى «مەن»دە چاقناپ تۇرىدۇ.كىشىلەردىكى يۇقۇلۇپ كېتىۋاتقان ئىنساپنى قانداق قايتۇرۇپ ئەكىلىش ، كىشىلەرگە ئىنساپنى تونۇتۇش ئۈچۈن، كىشىلەرگە ئىنساپنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىنساپ سودىگىرى بولۇش نىيتىگە كىلىدۇ.
13.«مېنىڭ ئارزۇيۇم»
مارتىن لۇتېر كىڭ
1. ئاپتۇر ھەققىدە: دۇنيادىكى داڭلىق نۇتۇقلارنىڭ بىرى بولغان «مېنىڭ ئارزۇيۇم» نىڭ ئاپتورى مارتىن لۇتېر كىڭ ( 1929-1968) باستېر،ئامېرىكا نېگىرلار ھەرىكىتىنىڭ داھىسى.1964-يىلى نوبۇل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.1968-يىلى 3-ئايدا ئېرقىي ئايرىمىچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.1986-يىلى ئامېرىكا ھۆمۈىتى ھەر يىلى 1-ئاينىڭ ئۈچۈنچى دۈشەنبىسىنى مارتىن لۇتېر كىڭنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.
2. ئەسەر مەزمۇنى: مارتىن لۇتېر كىڭ بۇ مەشھۇر نۇتىقىنى 1963-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىككى يېرىم مىليون نېگىر ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىنىڭ ئالدىدا پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يۈزىسىدىن يىغىلىش قىلغاندا سۆزلىگەن. ئاپتور بۇ نۇتۇقىدا ئېرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئېرقىي كەمسىتىشكە قارىشى ئېرقىي باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاق تەنلىكەر بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ تېرىسىگە قاراپ ئەمەس،پەزىلىتىگە قاراپ باھالايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ھەمدە، مارتىن لۇتېر كىڭ تولۇپ تاشقان قايناق ھېسسىياتتا ئۆزىنىڭ باراۋەرلىك، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، ھۆرلۈك، ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ھەققىدىكى ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشلىرىنى ئىزھارقىلىغان.
3.«مېنىڭ ئارزۇيۇم» دىكى ئارزۇ قانداق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ؟
⑴ سىياسىي جەھەتتە: ئامېركىدىكى باشقا ئېرىقلارنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش ياشاش،ھۆرلۈك،بەخىت ئىزدەش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشى.
⑵ مەدەنىيەت جەھەتتە: ھۆرمەت، چۈشىنىشكە سازاۋەر بولۇشى،ئۆزلىرىنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش تەلىم-تەربىيە ئېلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ئېگە بولۇشى.
⑶ ئىقتىسادىي جەھەتتە: نىگىرلارنىڭمۇ ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاش ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
4.« ئامېرىكا بۇ مۇقەددەس بۇرۇچقا ھۆرمەت قىلماقتا يوق، ئەكىسچە‹مەبلەغ يىتىشمەيدۇ› دەپ تامغا بېسىلغان بىردانە قۇپقۇرۇق چەكنى نىگىرلارغا تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇ يەردىكى « قۇپقۇرۇق چەك» نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
« قۇپقۇرۇق چەك» بۇ يەردىكى ئەپچىل ئوخشىتىش. ئەسلىدە لىنكولىن « نېگىر قۇللارنى ئازاد قىلىش خىتابنامىسى » نى ئېلان قىلغاندىن ئىتبارەن نېگىرلار(نەزىرىيە جەھەتتە) قانۇن جەھەتتە ئاق تەنلىكلەرگە ئوخشاشلا ياشاش ھوقۇقى، بەخىت- سائادەتكە ئىنتىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندى،بىراق رېئاللىق كىشىنى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. بۇ بەئەينى قۇپقۇرۇق چەككە ئوخشاش ئاڭلىماققا يېقىملىق بولسىمۇ ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئەھمىيتى بولمايدۇ. ئامېركىغا ئوخشاش سودا جەمئىيتىدە قۇرۇق چەكنىڭ مەنىسى دەل ــــ ئېغىزدا بار ، ئەمەلدە يوق .
15. «يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ جوڭگوغا كىرىشى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر»
ياڭ جىنىڭ
1. ئاپتۇر ھەققىدە: ياڭ جىنىڭ 1957-يىلى لىچىڭداۋ بىلەن بىللە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،ئامېرىكا گراژدانلىقىدىكى جوڭگولۇق فىزىك. ئۇ بۇ نۇتۇقىنى 1993-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى خاربىندا سۆزلىگەن.
2. ئەسەر مەزمۇنى: بۇ نۇتۇقتا ئىلىم-پەننىڭ جۇڭگۇدىكى تەرەققىيات مۇساپىسى ئېنىق، پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلۇپ ، جۇڭگۇنىڭ قەدىمكى دەۋىرلەردىكى پەن – تېخنىكىسى ياۋروپانىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامانلاردا خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئارقىدا قالغانلىقى ، ئەمما 1950 –يىللىرىدىن باشلاپ ئۇچقاندەك تىز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، ئاپتۇرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىلىم-پەن تەرەققىياتىغا بولغان كۈچلۈك ئىشەنىچ تۇيغۇسى ئىپادىلەنگەن .
3.ئىلىم-پەننىڭ جۇڭگۇدىكى تەرەققىياتىنى نەچچە باسقۇچقا بۆلىمىز؟
بىرىنچى باسقۇچ: مىلادىيە 1400- يىلىدىن ئىلگىرىكى جۇڭگۇنىڭ تېخنىكىسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى.
ئىككىنچى باسقۇچ: 1440-1600-يىلغىچە بولغان 200 يىلدا جۇڭگۇنىڭ تېخنىكىسى بىر ئىزىدا توختاپ قالدى.
ئۈچىنچى باسقۇچ: 1840-يىلدىكى ئەپيۇن ئۇۇرشىدىن 1950-يىلغىچە بولغان ۋاقىت بىكىنمە ھالەتتىكى مەزگىل ئىدى.
تۆتىنچى باسقۇچ: 1950-يىلىدىن ھازىرغىچە جۇڭگۇنىڭ تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىل.