يېقىندا، 3D بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىدا بېسىپ چىقىرىلغان دۇنيادىكى تۇنجى ئاپتوموبىل ‹‹ StellaDi ›› نيۇيورك كوچىسىدا پەيدا بولدى. ئۇنى ياسىغان ‹‹ يەرلىك ئاپتوموبىل ›› شىركىتى كىشىلەرنى ھەيدەپ سىناپ بېقىشقا ئۈندىدى.
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئاپتوموبىلنى بېسىپ چىقىرىشقا پەقەت 44 سائەتلا كەتكەن بولۇپ ، ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي كاربون تالاسى ۋە پلاستىك (سۇلياۋ) ماتېرىيالدىن ياسالغان، پۈتۈن ئاپتوموبىلغا پەقەت 3500 دوللار قىممىتىدىكى 40 دانە زاپچاس ئىشلىتىلگەن. بۇ ئاپتوموبىلغا 3.5 سائەت توك قاچىلىنىپ، تەخمىنەن 100 كىلومېتىرغا يېقىن يول يۈرەلەيدىكەن ، سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 80 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن .
سىرتقى قۇرۇلمىسى جەھەتتە، ‹‹Stella Di››نىڭ سىرتقى قاپلىمىسى ئاق-قارا رەڭلىك خۇرۇم بولۇپ، ئومۇمىي كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئېنىق. ئۇ شەكىل جەھەتتە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، تەگلىكىمۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ئوخشاش ناھايىتى تۆۋەن. ئاپتوموبىلنىڭ يان تەرىپىدىكى 3D بېسىپ چىقىرىلغان قەۋەتلەر ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن سىلىقلانغان. ئاپتوموبىل كىشىگە سۇلياۋ ئاپتوموبىلدەك تەسىر بەرسىمۇ، بىراق يەنىلا ناھايىتى پۇختا.
ئاپتوموبىلنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسغا كەلسەك، ئۇنىڭغا بىر جۈپ ناھايىتى راھەت قىزىل رەڭلىك ئورۇندۇق سەپلەنگەن، ئىككى ئورۇندۇق ئارىسىغا ۋە ئالدىغا ھەقىقىي ئاپتوموبىللاردا بولىدىغان نەرسە قويۇش ئورنى ئاجرىتىلغان.
جۇڭگو كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت، كۆپ قىسىم مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئانا تىلىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، تىل بايلىقىنى ئاۋۇتقان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر تىل شۇ مىللەتنىڭ قويۇق تا...[详细]